«مَتَى أَتَى بِكَ ٱلرَّبُّ إِلَهُكَ إِلَى ٱلْأَرْضِ ٱلَّتِي أَنْتَ دَاخِلٌ إِلَيْهَا لِتَمْتَلِكَهَا، وَطَرَدَ شُعُوبًا كَثِيرَةً مِنْ أَمَامِكَ: ٱلْحِثِّيِّينَ وَٱلْجِرْجَاشِيِّينَ وَٱلْأَمُورِيِّينَ وَٱلْكَنْعَانِيِّينَ وَٱلْفِرِزِّيِّينَ وَٱلْحِوِّيِّينَ وَٱلْيَبُوسِيِّينَ، سَبْعَ شُعُوبٍ أَكْثَرَ وَأَعْظَمَ مِنْكَ، | ١ 1 |
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ھازىر ئىگىلەشكە كېتىۋاتقان زېمىنغا باشلاپ كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئالدىڭدىن كۆپ يات ئەل-مىللەتلەرنى، يەنى ھىتتىيلار، گىرگاشىيلار، ئامورىيلار، قانائانىيلار، پەرىززىيلار، ھىۋىيلار، يەبۇسىيلارنى ــ سەندىن كۈچلۈك ئەل-مىللەتلەرنى ھەيدىۋېتىدۇ. |
وَدَفَعَهُمُ ٱلرَّبُّ إِلَهُكَ أَمَامَكَ، وَضَرَبْتَهُمْ، فَإِنَّكَ تُحَرِّمُهُمْ. لَا تَقْطَعْ لَهُمْ عَهْدًا، وَلَا تُشْفِقْ عَلَيْهِمْ، | ٢ 2 |
ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىڭدا ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرۇشى بىلەن سەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغىنىڭدا، سەن ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىڭ كېرەك؛ ئۇلار بىلەن ھېچ ئەھدە تۈزىشىڭگە ۋە ئۇلارغا ھېچ رەھىم قىلىشىڭغا بولمايدۇ. |
وَلَا تُصَاهِرْهُمْ. بِنْتَكَ لَا تُعْطِ لِٱبْنِهِ، وَبِنْتَهُ لَا تَأْخُذْ لِٱبْنِكَ. | ٣ 3 |
سېنىڭ ئۇلار بىلەن نىكاھلىشىشىڭغا بولمايدۇ؛ سەن قىزىڭنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بېرىشىڭگىمۇ ۋە ئۇلارنىڭ قىزىنى ئوغلۇڭغا ئېلىپ بېرىشىڭگىمۇ بولمايدۇ؛ |
لِأَنَّهُ يَرُدُّ ٱبْنَكَ مِنْ وَرَائِي فَيَعْبُدُ آلِهَةً أُخْرَى، فَيَحْمَى غَضَبُ ٱلرَّبِّ عَلَيْكُمْ وَيُهْلِكُكُمْ سَرِيعًا. | ٤ 4 |
چۈنكى ئۇلار ئوغلۇڭنى ماڭا ئەگىشىشتىن ئېزىقتۇرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئوغۇللىرىڭ باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنىدۇ؛ ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى سىلەرگە قوزغىلىپ، سىلەرنى تېزلا يوقىتىدۇ. |
وَلَكِنْ هَكَذَا تَفْعَلُونَ بِهِمْ: تَهْدِمُونَ مَذَابِحَهُمْ، وَتُكَسِّرُونَ أَنْصَابَهُمْ، وَتُقَطِّعُونَ سَوَارِيَهُمْ، وَتُحْرِقُونَ تَمَاثِيلَهُمْ بِٱلنَّارِ. | ٥ 5 |
سەن ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلغىنكى، ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى بۇزۇۋېتىڭلار، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى چېقىۋېتىڭلار، ئاشەراھ بۇتلىرىنى كېسىۋېتىڭلار ۋە ئويما بۇتلىرىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىڭلار؛ |
لِأَنَّكَ أَنْتَ شَعْبٌ مُقَدَّسٌ لِلرَّبِّ إِلَهِكَ. إِيَّاكَ قَدِ ٱخْتَارَ ٱلرَّبُّ إِلَهُكَ لِتَكُونَ لَهُ شَعْبًا أَخَصَّ مِنْ جَمِيعِ ٱلشُّعُوبِ ٱلَّذِينَ عَلَى وَجْهِ ٱلْأَرْضِ، | ٦ 6 |
چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا پاك-مۇقەددەس بىر خەلقتۇرسىلەر؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق باشقا خەلقلەردىن ئۈستۈن قىلىپ، ئۆزىگە خاس بىر خەلق بولۇشقا تاللىۋالغان. |
لَيْسَ مِنْ كَوْنِكُمْ أَكْثَرَ مِنْ سَائِرِ ٱلشُّعُوبِ، ٱلْتَصَقَ ٱلرَّبُّ بِكُمْ وَٱخْتَارَكُمْ، لِأَنَّكُمْ أَقَلُّ مِنْ سَائِرِ ٱلشُّعُوبِ. | ٧ 7 |
پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە مېھىر چۈشۈپ سىلەرنى تاللىۋالغىنى سىلەرنىڭ باشقا خەلقلەردىن كۆپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، ئەمەلىيەتتە سىلەر بارلىق خەلقلەر ئارىسىدا ئەڭ ئاز ئىدىڭلار، |
بَلْ مِنْ مَحَبَّةِ ٱلرَّبِّ إِيَّاكُمْ، وَحِفْظِهِ ٱلْقَسَمَ ٱلَّذِي أَقْسَمَ لِآبَائِكُمْ، أَخْرَجَكُمُ ٱلرَّبُّ بِيَدٍ شَدِيدَةٍ وَفَدَاكُمْ مِنْ بَيْتِ ٱلْعُبُودِيَّةِ مِنْ يَدِ فِرْعَوْنَ مَلِكِ مِصْرَ. | ٨ 8 |
پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى سۆيگىنى سەۋەبىدىن ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئالدىدا بەرگەن قەسىمىگە سادىق بولغانلىقى ئۈچۈن پەرۋەردىگار سىلەرنى كۈچلۈك قول بىلەن قۇتقۇزۇپ، ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ «قۇللۇق ماكانى»دىن، يەنى مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ قولىدىن چىقارغان. |
فَٱعْلَمْ أَنَّ ٱلرَّبَّ إِلَهَكَ هُوَ ٱللهُ، ٱلْإِلَهُ ٱلْأَمِينُ، ٱلْحَافِظُ ٱلْعَهْدَ وَٱلْإِحْسَانَ لِلَّذِينَ يُحِبُّونَهُ وَيَحْفَظُونَ وَصَايَاهُ إِلَى أَلْفِ جِيلٍ، | ٩ 9 |
شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ بەرھەق خۇدا، ۋەدىسىدە تۇرغۇچى تەڭرى ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار كېرەك؛ ئۇ ئۆزىنى سۆيۈپ، ئەمرلىرىنى تۇتقانلارغا مىڭ دەۋرگىچە ئۆزگەرمەس مېھىر كۆرسىتىپ ئەھدىسىدە تۇرغۇچىدۇر؛ |
وَٱلْمُجَازِي ٱلَّذِينَ يُبْغِضُونَهُ بِوُجُوهِهِمْ لِيُهْلِكَهُمْ. لَا يُمْهِلُ مَنْ يُبْغِضُهُ. بِوَجْهِهِ يُجَازِيهِ. | ١٠ 10 |
لېكىن ئۆزىگە ئۆچمەنلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز بېشىغا ئوچۇق-ئاشكارە چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى يوقىتىدۇ؛ ئۆزىگە ئۆچمەنلەرنىڭ ھەربىرىگە ئۆزى قىلغان ئىشلىرىنى ئۇلارنىڭ بېشىغا ئوچۇق-ئاشكارە قايتۇرۇشقا ھايال قىلمايدۇ. |
فَٱحْفَظِ ٱلْوَصَايَا وَٱلْفَرَائِضَ وَٱلْأَحْكَامَ ٱلَّتِي أَنَا أُوصِيكَ ٱلْيَوْمَ لِتَعْمَلَهَا. | ١١ 11 |
سىلەر مەن بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىغان ئەمر، بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى چىڭ تۇتۇڭلار. |
«وَمِنْ أَجْلِ أَنَّكُمْ تَسْمَعُونَ هَذِهِ ٱلْأَحْكَامَ وَتَحْفَظُونَ وَتَعْمَلُونَهَا، يَحْفَظُ لَكَ ٱلرَّبُّ إِلَهُكَ ٱلْعَهْدَ وَٱلْإِحْسَانَ ٱللَّذَيْنِ أَقْسَمَ لِآبَائِكَ، | ١٢ 12 |
چوقۇم شۇنداق بولىدۇكى، بۇ بەلگىلىمىلەرگە قۇلاق سېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىساڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان ئەھدە ۋە مېھىرنى سىلەرگە كۆرسىتىپ تۇرىدۇ؛ |
وَيُحِبُّكَ وَيُبَارِكُكَ وَيُكَثِّرُكَ وَيُبَارِكُ ثَمَرَةَ بَطْنِكَ وَثَمَرَةَ أَرْضِكَ: قَمْحَكَ وَخَمْرَكَ وَزَيْتَكَ وَنِتَاجَ بَقَرِكَ وَإِنَاثَ غَنَمِكَ، عَلَى ٱلْأَرْضِ ٱلَّتِي أَقْسَمَ لِآبَائِكَ أَنَّهُ يُعْطِيكَ إِيَّاهَا. | ١٣ 13 |
سېنى سۆيۈپ بەرىكەتلەپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم بىلەن ساڭا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىندا تۇرغۇزۇپ كۆپەيتىدۇ؛ شۇ يەردە پەرزەنتلىرىڭنى، يەر-تۇپرىقىڭدىكى مەھسۇلاتلارنى، بۇغدىيىڭنى، يېڭى شارابىڭنى، زەيتۇن مېيىڭنى، كالىلىرىڭنىڭ نەسلىنى ۋە قويلىرىڭنىڭ قوزىلىرىنى بەرىكەتلەپ كۆپەيتىدۇ. |
مُبَارَكًا تَكُونُ فَوْقَ جَمِيعِ ٱلشُّعُوبِ. لَا يَكُونُ عَقِيمٌ وَلَا عَاقِرٌ فِيكَ وَلَا فِي بَهَائِمِكَ. | ١٤ 14 |
سەن بارلىق ئەللەردىن زىيادە بەخت-بەرىكەت كۆرىسەن؛ ئاراڭدا، ئەر-ئايال ياكى مال-چارۋاڭ ئارىسىدا ھېچ تۇغماسلىق بولمايدۇ؛ |
وَيَرُدُّ ٱلرَّبُّ عَنْكَ كُلَّ مَرَضٍ، وَكُلَّ أَدْوَاءِ مِصْرَ ٱلرَّدِيئَةِ ٱلَّتِي عَرَفْتَهَا لَا يَضَعُهَا عَلَيْكَ، بَلْ يَجْعَلُهَا عَلَى كُلِّ مُبْغِضِيكَ. | ١٥ 15 |
پەرۋەردىگار سەندىن بارلىق كېسەللەرنى نېرى قىلىدۇ ۋە سەن ئۆزۈڭ كۆرگەن مىسىردىكى دەھشەتلىك ۋابالاردىن ھېچقايسىسىنى ئۈستۈڭگە سالمايدۇ، بەلكى ساڭا ئۆچ بولغانلارغا سالىدۇ. |
وَتَأْكُلُ كُلَّ ٱلشُّعُوبِ ٱلَّذِينَ ٱلرَّبُّ إِلَهُكَ يَدْفَعُ إِلَيْكَ. لَا تُشْفِقْ عَيْنَاكَ عَلَيْهِمْ وَلَا تَعْبُدْ آلِهَتَهُمْ، لِأَنَّ ذَلِكَ شَرَكٌ لَكَ. | ١٦ 16 |
سەن پەرۋەردىگار ساڭا تاپشۇرغان بارلىق خەلقلەرنى يوقىتىشىڭ كېرەك؛ سەن ئۇلارنى كۆرگەندە، ئۇلارغا ھېچ رەھىم قىلماسلىقىڭ كېرەك، سەن ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىغا كىرمەسلىكىڭ كېرەك؛ ئەگەر شۇنداق قىلساڭ، بۇ ئىش ساڭا قىلتاق بولىدۇ. |
إِنْ قُلْتَ فِي قَلْبِكَ: هَؤُلَاءِ ٱلشُّعُوبُ أَكْثَرُ مِنِّي. كَيْفَ أَقْدِرُ أَنْ أَطْرُدَهُمْ؟ | ١٧ 17 |
ئەگەر سەن كۆڭلۈڭدە: «بۇ ئەللەر مەندىن كۈچلۈك؛ مەن قانداق قىلىپ ئۇلارنى زېمىنىدىن قوغلىۋېتەلەيمەن؟» ــ دېسەڭ، |
فَلَا تَخَفْ مِنْهُمُ. ٱذْكُرْ مَا فَعَلَهُ ٱلرَّبُّ إِلَهُكَ بِفِرْعَوْنَ وَبِجَمِيعِ ٱلْمِصْرِيِّينَ. | ١٨ 18 |
ئۇلاردىن قورقما؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ پىرەۋن ھەم بارلىق مىسىرلىقلارنى قانداق قىلغانلىقىنى ئەسلىگىن، |
ٱلتَّجَارِبَ ٱلْعَظِيمَةَ ٱلَّتِي أَبْصَرَتْهَا عَيْنَاكَ، وَٱلْآيَاتِ وَٱلْعَجَائِبَ وَٱلْيَدَ ٱلشَّدِيدَةَ وَٱلذِّرَاعَ ٱلرَّفِيعَةَ ٱلَّتِي بِهَا أَخْرَجَكَ ٱلرَّبُّ إِلَهُكَ. هَكَذَا يَفْعَلُ ٱلرَّبُّ إِلَهُكَ بِجَمِيعِ ٱلشُّعُوبِ ٱلَّتِي أَنْتَ خَائِفٌ مِنْ وَجْهِهَا. | ١٩ 19 |
ــ يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى شۇ يەردىن چىقىرىش ئۈچۈن ۋاسىتە قىلغان، ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرگەن دەھشەتلىك ھۆكۈم-سىناقلار، مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەر، كۈچلۈك قول ۋە سوزۇلغان بىلەكنى مەھكەم ئېسىڭدە تۇت؛ پەرۋەردىگار سەن قورقۇۋاتقان بارلىق خەلقنىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. |
«وَٱلزَّنَابِيرُ أَيْضًا يُرْسِلُهَا ٱلرَّبُّ إِلَهُكَ عَلَيْهِمْ حَتَّى يَفْنَى ٱلْبَاقُونَ وَٱلْمُخْتَفُونَ مِنْ أَمَامِكَ. | ٢٠ 20 |
ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاكى ئۇلارنىڭ سەندىن يوشۇرۇنغان قالدۇقلىرى يوقىتىلغۇچە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سېرىق ھەرىلەرنى ئەۋەتىدۇ؛ |
لَا تَرْهَبْ وُجُوهَهُمْ، لِأَنَّ ٱلرَّبَّ إِلَهَكَ فِي وَسَطِكَ إِلَهٌ عَظِيمٌ وَمَخُوفٌ. | ٢١ 21 |
سەن ئۇلاردىن قورقماسلىقىڭ كېرەك؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئاراڭدىدۇر؛ ئۇ ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك بىر ئىلاھدۇر. |
وَلَكِنَّ ٱلرَّبَّ إِلَهَكَ يَطْرُدُ هَؤُلَاءِ ٱلشُّعُوبَ مِنْ أَمَامِكَ قَلِيلًا قَلِيلًا. لَا تَسْتَطِيعُ أَنْ تُفْنِيَهُمْ سَرِيعًا، لِئَلَّا تَكْثُرَ عَلَيْكَ وُحُوشُ ٱلْبَرِّيَّةِ. | ٢٢ 22 |
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ شۇ ئەللەرنى ئالدىڭدىن پەيدىنپەي ھەيدەيدۇ؛ سەن ئۇلارنى بىراقلا يوقىتىۋېتەلمەيسەن؛ بىراقلا يوقىتىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، دالادىكى ھايۋانلار كۆپىيىپ، ئۈستۈڭگە باستۇرۇپ كېلىشى مۇمكىن. |
وَيَدْفَعُهُمُ ٱلرَّبُّ إِلَهُكَ أَمَامَكَ وَيُوقِعُ بِهِمِ ٱضْطِرَابًا عَظِيمًا حَتَّى يَفْنَوْا. | ٢٣ 23 |
لېكىن ئالدىڭغا ئىلگىرىلەپ ماڭغىنىڭدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرىدۇ ۋە ئۇلارنى پاراكەندە قىلىپ، يوقىتىلغۇچە دەككە-دۈككىگە سالىدۇ. |
وَيَدْفَعُ مُلُوكَهُمْ إِلَى يَدِكَ، فَتَمْحُو ٱسْمَهُمْ مِنْ تَحْتِ ٱلسَّمَاءِ. لَا يَقِفُ إِنْسَانٌ فِي وَجْهِكَ حَتَّى تُفْنِيَهُمْ. | ٢٤ 24 |
ئۇ ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قولۇڭغا تاپشۇرىدۇ، سەن ئۇلارنىڭ ناملىرىنىمۇ ئاسمان ئاستىدىن يوق قىلىسەن؛ ئۇلارنى يوقاتقۇچە ھېچبىر ئادەم ئالدىڭدا تۇرالمايدۇ. |
وَتَمَاثِيلَ آلِهَتِهِمْ تُحْرِقُونَ بِٱلنَّارِ. لَا تَشْتَهِ فِضَّةً وَلَا ذَهَبًا مِمَّا عَلَيْهَا لِتَأْخُذَ لَكَ، لِئَلَّا تُصَادَ بِهِ لِأَنَّهُ رِجْسٌ عِنْدَ ٱلرَّبِّ إِلَهِكَ. | ٢٥ 25 |
سىلەر ئۇلارنىڭ ئويما بۇتىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىڭلار؛ كۆز قىرىڭلارنى شۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشكە سالماڭلار، ئۇلارنى ئالماڭلار؛ بولمىسا ئۇ سىلەرگە قىلتاق بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك بىر نەرسىدۇر. |
وَلَا تُدْخِلْ رِجْسًا إِلَى بَيْتِكَ لِئَلَّا تَكُونَ مُحَرَّمًا مِثْلَهُ. تَسْتَقْبِحُهُ وَتَكْرَهُهُ لِأَنَّهُ مُحَرَّمٌ. | ٢٦ 26 |
سەن ھېچقانداق يىرگىنچلىك نەرسىنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ كەلمە؛ بولمىسا سەن ئۇنىڭغا ئوخشاش لەنەتلىك نەرسە بولۇپ قالىسەن؛ سەن ئۇنىڭدىن قاتتىق يىرگەن، ئۇنىڭغا مۇتلەق نەپرەتلەن؛ چۈنكى ئۇ لەنەتلىك بىر نەرسىدۇر. |