بُولُسُ، رَسُولُ يَسُوعَ ٱلْمَسِيحِ بِمَشِيئَةِ ٱللهِ، وَتِيمُوثَاوُسُ ٱلْأَخُ، | ١ 1 |
خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن مەسىھ ئەيسانىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن ۋە قېرىنداش تىموتىيدىن، كولوسسى شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان مۇقەددەس بەندىلەرگە، يەنى سادىق قېرىنداشلارغا سالام! خۇدا ئاتىمىزدىن مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە بولغاي! |
إِلَى ٱلْقِدِّيسِينَ فِي كُولُوسِّي، وَٱلْإِخْوَةِ ٱلْمُؤْمِنِينَ فِي ٱلْمَسِيحِ: نِعْمَةٌ لَكُمْ وَسَلَامٌ مِنَ ٱللهِ أَبِينَا وَٱلرَّبِّ يَسُوعَ ٱلْمَسِيحِ. | ٢ 2 |
نَشْكُرُ ٱللهَ وَأَبَا رَبِّنَا يَسُوعَ ٱلْمَسِيحِ كُلَّ حِينٍ، مُصَلِّينَ لِأَجْلِكُمْ، | ٣ 3 |
بىز مەسىھ ئەيساغا باغلىغان ئېتىقادىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە باغلىغان مۇھەببىتىڭلار توغرۇلۇق ئاڭلىغاندىن كېيىن، سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلغىنىمىزدا سىلەر ئۈچۈن ئەرشلەردە ساقلاقلىق ئۈمىد تۈپەيلىدىن رەب ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدا-ئاتىسىغا ئۈزلۈكسىز رەھمەت ئېيتىمىز؛ |
إِذْ سَمِعْنَا إِيمَانَكُمْ بِٱلْمَسِيحِ يَسُوعَ، وَمَحَبَّتَكُمْ لِجَمِيعِ ٱلْقِدِّيسِينَ، | ٤ 4 |
مِنْ أَجْلِ ٱلرَّجَاءِ ٱلْمَوْضُوعِ لَكُمْ فِي ٱلسَّمَاوَاتِ، ٱلَّذِي سَمِعْتُمْ بِهِ قَبْلًا فِي كَلِمَةِ حَقِّ ٱلْإِنْجِيلِ، | ٥ 5 |
سىلەر ئىلگىرى بۇ ئۈمىد توغرىسىدا خۇش خەۋەردىكى ھەقىقەت سۆزلىرى ئارقىلىق ئاڭلىغانسىلەر؛ |
ٱلَّذِي قَدْ حَضَرَ إِلَيْكُمْ كَمَا فِي كُلِّ ٱلْعَالَمِ أَيْضًا، وَهُوَ مُثْمِرٌ كَمَا فِيكُمْ أَيْضًا مُنْذُ يَوْمَ سَمِعْتُمْ وَعَرَفْتُمْ نِعْمَةَ ٱللهِ بِٱلْحَقِيقَةِ. | ٦ 6 |
بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل جاھانغا يېتىپ كېلىپ مېۋە بېرىپ ئاۋۇماقتا، شۇنداقلا سىلەرگىمۇ يېتىپ كېلىپ، سىلەر ئۇنى ئاڭلاپ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى ھەقىقەتەن بىلىپ يەتكەن بىرىنچى كۈندىن باشلاپ ئۇ سىلەردىمۇ مېۋە بېرىپ ئاۋۇپ بارماقتا؛ |
كَمَا تَعَلَّمْتُمْ أَيْضًا مِنْ أَبَفْرَاسَ ٱلْعَبْدِ ٱلْحَبِيبِ مَعَنَا، ٱلَّذِي هُوَ خَادِمٌ أَمِينٌ لِلْمَسِيحِ لِأَجْلِكُمُ، | ٧ 7 |
سىلەر خۇش خەۋەرنى سۆيۈملۈك ئىشدىشىمىز ئەپافراستىن ئۆگەنگەنسىلەر؛ ئۇ ياردىمىزدە مەسىھنىڭ سادىق خىزمەتچىسىدۇر؛ |
ٱلَّذِي أَخْبَرَنَا أَيْضًا بِمَحَبَّتِكُمْ فِي ٱلرُّوحِ. | ٨ 8 |
ئۇ بىزگە سىلەرنىڭ روھتا بولغان مۇھەببىتىڭلارنى ئايان قىلدى. |
مِنْ أَجْلِ ذَلِكَ نَحْنُ أَيْضًا، مُنْذُ يَوْمَ سَمِعْنَا، لَمْ نَزَلْ مُصَلِّينَ وَطَالِبِينَ لِأَجْلِكُمْ أَنْ تَمْتَلِئُوا مِنْ مَعْرِفَةِ مَشِيئَتِهِ، فِي كُلِّ حِكْمَةٍ وَفَهْمٍ رُوحِيٍّ، | ٩ 9 |
بۇ سەۋەبتىن بىزمۇ بۇنىڭ توغرىسىدا ئاڭلىغان كۈندىن باشلاپ سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىپ ئىلتىجا قىلىشنى توختاتمىدۇق؛ تىلەيدىغىنىمىز شۇكى، خۇدانىڭ ئىرادىسى ھەرتەرەپلىك دانالىق ۋە روھىي يورۇتۇلۇش بىلەن سىلەردە تولۇق بىلدۈرۈلسۇن. |
لِتَسْلُكُوا كَمَا يَحِقُّ لِلرَّبِّ، فِي كُلِّ رِضًى، مُثْمِرِينَ فِي كُلِّ عَمَلٍ صَالِحٍ، وَنَامِينَ فِي مَعْرِفَةِ ٱللهِ، | ١٠ 10 |
شۇنداق بولغاندا سىلەر رەبگە لايىق ھالدا ھەرتەرەپتە خۇدانى خۇرسەن قىلىپ، ھەرقانداق گۈزەل ئىشلاردا مېۋە بەرگەندە، خۇدانى ھەقىقىي بىلىشىڭلار ئارقىلىق ئۆسۈپ يېتىلىسىلەر؛ |
مُتَقَوِّينَ بِكُلِّ قُوَّةٍ بِحَسَبِ قُدْرَةِ مَجْدِهِ، لِكُلِّ صَبْرٍ وَطُولِ أَنَاةٍ بِفَرَحٍ، | ١١ 11 |
بىزنى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ يورۇقلۇقتا بولغان مىراسىغا مۇيەسسەر بولۇشقا لايىق قىلغان ئاتىغا تەشەككۈر ئېيتىپ، ئۇنىڭ شان-شەرەپلىك قۇدرىتى بويىچە ھەرتەرەپلىك كۈچ بىلەن ھەر ئىشلاردا شادلىققا تولۇپ چىداملىق ۋە سەۋر-تاقەتلىك بولۇشقا كۈچلەندۈرۈلىسىلەر. |
شَاكِرِينَ ٱلْآبَ ٱلَّذِي أَهَّلَنَا لِشَرِكَةِ مِيرَاثِ ٱلْقِدِّيسِينَ فِي ٱلنُّورِ، | ١٢ 12 |
ٱلَّذِي أَنْقَذَنَا مِنْ سُلْطَانِ ٱلظُّلْمَةِ، وَنَقَلَنَا إِلَى مَلَكُوتِ ٱبْنِ مَحَبَّتِهِ، | ١٣ 13 |
ئۇ بىزنى قاراڭغۇلۇقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد قىلىپ، سۆيگەن ئوغلىنىڭ پادىشاھلىقىغا يۆتكەپ قويدى؛ |
ٱلَّذِي لَنَا فِيهِ ٱلْفِدَاءُ، بِدَمِهِ غُفْرَانُ ٱلْخَطَايَا. | ١٤ 14 |
ئۇنىڭدا ھۆرلۈك-ئازادلىققا، يەنى گۇناھلىرىمىزدىن كەچۈرۈمگە مۇيەسسەر بولدۇق. |
ٱلَّذِي هُوَ صُورَةُ ٱللهِ غَيْرِ ٱلْمَنْظُورِ، بِكْرُ كُلِّ خَلِيقَةٍ. | ١٥ 15 |
ئۇ بولسا كۆرۈنمەس خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازىدۇر، پۈتكۈل كائىناتتىكى تۇنجىدۇر؛ |
فَإِنَّهُ فِيهِ خُلِقَ ٱلْكُلُّ: مَا في ٱلسَّمَاوَاتِ وَمَا عَلَى ٱلْأَرْضِ، مَا يُرَى وَمَا لَا يُرَى، سَوَاءٌ كَانَ عُرُوشًا أَمْ سِيَادَاتٍ أَمْ رِيَاسَاتٍ أَمْ سَلَاطِينَ. ٱلْكُلُّ بِهِ وَلَهُ قَدْ خُلِقَ. | ١٦ 16 |
چۈنكى ئۇنىڭدا بارلىق مەۋجۇداتلار، ئاسماندىكى بولسۇن، زېمىندىكى بولسۇن، كۆرۈنىدىغان بولسۇن، كۆرۈنمەس بولسۇن، مەيلى تەختلەر، خوجايىنلار، ھۆكۈمرانلىقلار، ھوقۇقدارلار بولسۇن، بارلىق ھەممە ئۇنىڭ تەرىپىدىن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. |
ٱلَّذِي هُوَ قَبْلَ كُلِّ شَيْءٍ، وَفِيهِ يَقُومُ ٱلْكُلُّ، | ١٧ 17 |
ئۇ ھەممىدىن بۇرۇندۇر، ۋە ھەممە مەۋجۇداتلار ئۇنىڭدا بىر-بىرىگە باغلىنىپ تۇرماقتا؛ |
وَهُوَ رَأْسُ ٱلْجَسَدِ: ٱلْكَنِيسَةِ. ٱلَّذِي هُوَ ٱلْبَدَاءَةُ، بِكْرٌ مِنَ ٱلْأَمْوَاتِ، لِكَيْ يَكُونَ هُوَ مُتَقَدِّمًا فِي كُلِّ شَيْءٍ. | ١٨ 18 |
ئۇ يەنە تەننىڭ، يەنى جامائەتنىڭ بېشىدۇر؛ ئۇ باشلىنىشتۇر، ئۆلگەنلەردىن تۇنجى بولۇپ تىرىلگۈچىدۇر؛ بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئۇنىڭ پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئىچىدە ھەر جەھەتتىن ئەڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشى ئۈچۈندۇر. |
لِأَنَّهُ فِيهِ سُرَّ أَنْ يَحِلَّ كُلُّ ٱلْمِلْءِ، | ١٩ 19 |
چۈنكى خۇدا ئۆزىنىڭ مۇكەممەل جەۋھىرىنى ئۇنىڭدا تۇرغۇزۇشقا، |
وَأَنْ يُصَالِحَ بِهِ ٱلْكُلَّ لِنَفْسِهِ، عَامِلًا ٱلصُّلْحَ بِدَمِ صَلِيبِهِ، بِوَاسِطَتِهِ، سَوَاءٌ كَانَ: مَا عَلَى ٱلْأَرْضِ، أَمْ مَا فِي ٱلسَّمَاوَاتِ. | ٢٠ 20 |
ۋە ئۇنىڭ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۆزى بىلەن ئەپلەشتۈرۈشكە لايىق كۆرگەنىدى، يەنى، ئۇنىڭ كرېستتە تۆكۈلگەن قېنى ئارقىلىق ئىناقلىق ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ــ ئۇ ئارقىلىق مەيلى زېمىندا بولسۇن، ئەرشلەردە بولسۇن بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۆزى بىلەن ئەپلەشتۈرۈشكە لايىق كۆرگەنىدى؛ |
وَأَنْتُمُ ٱلَّذِينَ كُنْتُمْ قَبْلًا أَجْنَبِيِّينَ وَأَعْدَاءً فِي ٱلْفِكْرِ، فِي ٱلْأَعْمَالِ ٱلشِّرِّيرَةِ، قَدْ صَالَحَكُمُ ٱلْآنَ | ٢١ 21 |
ۋە ئەسلىدە رەزىل ئەمەللىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئۆزىگە يات قىلىنغان، كۆڭلۈڭلاردا دۈشمەنلىك بولغان سىلەرنىمۇ، ئۇ ئۆز ئەتلىك تېنىدە ئۆلۈم ئارقىلىق ئۆزىگە پاك-مۇقەددەس، ئەيىبسىز ۋە داغسىز ھازىر قىلىش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن ئەپ قىلغان |
فِي جِسْمِ بَشَرِيَّتِهِ بِٱلْمَوْتِ، لِيُحْضِرَكُمْ قِدِّيسِينَ وَبِلَا لَوْمٍ وَلَا شَكْوَى أَمَامَهُ، | ٢٢ 22 |
إِنْ ثَبَتُّمْ عَلَى ٱلْإِيمَانِ، مُتَأَسِّسِينَ وَرَاسِخِينَ وَغَيْرَ مُنْتَقِلِينَ عَنْ رَجَاءِ ٱلْإِنْجِيلِ، ٱلَّذِي سَمِعْتُمُوهُ، ٱلْمَكْرُوزِ بِهِ فِي كُلِّ ٱلْخَلِيقَةِ ٱلَّتِي تَحْتَ ٱلسَّمَاءِ، ٱلَّذِي صِرْتُ أَنَا بُولُسَ خَادِمًا لَهُ. | ٢٣ 23 |
(ئەگەر سىلەر ئېتىقادتا ئۇل سېلىنىپ مۇستەھكەم تۇرۇپ، خۇش خەۋەردىكى ئۈمىدتىن نېرى قىلىنمىساڭلار)؛ بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدىكى كائىناتتا جاكارلانغان؛ مەنكى پاۋلۇس ئۇنىڭغا خىزمەتچى قىلىندىم. |
ٱلَّذِي ٱلْآنَ أَفْرَحُ فِي آلَامِي لِأَجْلِكُمْ، وَأُكَمِّلُ نَقَائِصَ شَدَائِدِ ٱلْمَسِيحِ فِي جِسْمِي لِأَجْلِ جَسَدِهِ، ٱلَّذِي هُوَ ٱلْكَنِيسَةُ، | ٢٤ 24 |
ئەمدى مەن سىلەر ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىم ئۈچۈن شادلىنىمەن، ۋە شۇنىڭدەك مەسىھنىڭ جاپالىرىدا كەم بولغانلىرىنى ئۆز ئەتلىرىمدە ئۇنىڭ تېنى، يەنى جامائەت ئۈچۈن تولۇقلايمەن؛ |
ٱلَّتِي صِرْتُ أَنَا خَادِمًا لَهَا، حَسَبَ تَدْبِيرِ ٱللهِ ٱلْمُعْطَى لِي لِأَجْلِكُمْ، لِتَتْمِيمِ كَلِمَةِ ٱللهِ. | ٢٥ 25 |
مەن [جامائەت] ئۈچۈن خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ماڭا سىلەرنى دەپ تاپشۇرغان غوجىدارلىقى بويىچە خىزمەتچى قىلىندىم؛ |
ٱلسِّرِّ ٱلْمَكْتُومِ مُنْذُ ٱلدُّهُورِ وَمُنْذُ ٱلْأَجْيَالِ، لَكِنَّهُ ٱلْآنَ قَدْ أُظْهِرَ لِقِدِّيسِيهِ، (aiōn g165) | ٢٦ 26 |
بۇ سۆز-كالامىدىكى سىر بارلىق ئەسىرلەردىن ۋە دەۋرلەردىن يوشۇرۇن تۇتۇلغان، ئەمما ھازىر مۇقەددەس بەندىلىرىگە ئاشكارىلاندى؛ (aiōn g165) |
ٱلَّذِينَ أَرَادَ ٱللهُ أَنْ يُعَرِّفَهُمْ مَا هُوَ غِنَى مَجْدِ هَذَا ٱلسِّرِّ فِي ٱلْأُمَمِ، ٱلَّذِي هُوَ ٱلْمَسِيحُ فِيكُمْ رَجَاءُ ٱلْمَجْدِ. | ٢٧ 27 |
چۈنكى خۇدا ئۇلارغا ئەللەر ئارىسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتقان بۇ سىرنىڭ شەرەپلىك بايلىقلىرىنى بىلدۈرۈشنى خالىدى؛ بۇ سىر بولسا شان-شەرەپكە ئېلىپ بارغۇچى ئۈمىد بولغان، سىلەردە تۇرۇۋاتقان مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر. |
ٱلَّذِي نُنَادِي بِهِ مُنْذِرِينَ كُلَّ إِنْسَانٍ، وَمُعَلِّمِينَ كُلَّ إِنْسَانٍ، بِكُلِّ حِكْمَةٍ، لِكَيْ نُحْضِرَ كُلَّ إِنْسَانٍ كَامِلًا فِي ٱلْمَسِيحِ يَسُوعَ. | ٢٨ 28 |
بىز ئۇنى جاكارلايمىز، ھەربىر ئادەمنى مەسىھدە كامالەتكە يەتكەن ھالدا خۇدا ئالدىدا ھازىر قىلىش ئۈچۈن بارلىق دانالىق بىلەن ھەربىر ئادەمگە جېكىلەيمىز، ھەربىر ئادەمگە تەلىم بېرىمىز. |
ٱلْأَمْرُ ٱلَّذِي لِأَجْلِهِ أَتْعَبُ أَيْضًا مُجَاهِدًا، بِحَسَبِ عَمَلِهِ ٱلَّذِي يَعْمَلُ فِيَّ بِقُوَّةٍ. | ٢٩ 29 |
مەن شۇنىڭغا ئىنتىلىپ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدۇمدا ئىشلىگىنى بويىچە كۈرەش قىلىپ جاپا تارتىمەن؛ ئۇنىڭ ۋۇجۇدۇمدا ئىشلىگىنى دەرۋەقە تولىمۇ زوردۇر. |