بُولُسُ، رَسُولُ يَسُوعَ ٱلْمَسِيحِ بِمَشِيئَةِ ٱللهِ، لِأَجْلِ وَعْدِ ٱلْحَيَاةِ ٱلَّتِي فِي يَسُوعَ ٱلْمَسِيحِ. | ١ 1 |
مەسىھ ئەيسادا ۋەدە قىلىنغان ھاياتنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن سۆيۈملۈك بالام تىموتىيغا سالام: خۇدائاتىمىزدىن ۋە رەببىمىز مەسىھ ئەيسادىن ساڭا مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! |
إِلَى تِيمُوثَاوُسَ ٱلِٱبْنِ ٱلْحَبِيبِ: نِعْمَةٌ وَرَحْمَةٌ وَسَلَامٌ مِنَ ٱللهِ ٱلْآبِ وَٱلْمَسِيحِ يَسُوعَ رَبِّنَا. | ٢ 2 |
إِنِّي أَشْكُرُ ٱللهَ ٱلَّذِي أَعْبُدُهُ مِنْ أَجْدَادِي بِضَمِيرٍ طَاهِرٍ، كَمَا أَذْكُرُكَ بِلَا ٱنْقِطَاعٍ فِي طِلْبَاتِي لَيْلًا وَنَهَارًا، | ٣ 3 |
مەن ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ ئىزىنى بېسىپ ساپ ۋىجدانىم بىلەن خىزمىتىنى قىلىۋاتقان خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىمەن، چۈنكى كېچە-كۈندۈز دۇئالىرىمدا سېنى توختاۋسىز ئەسلەپ تۇرىمەن؛ |
مُشْتَاقًا أَنْ أَرَاكَ، ذَاكِرًا دُمُوعَكَ لِكَيْ أَمْتَلِئَ فَرَحًا، | ٤ 4 |
كۆز ياشلىرىڭنى ئەسلىگىنىمدە، شادلىققا چۆمۈشۈم ئۈچۈن سەن بىلەن يەنە دىدارلىشىشقا قاتتىق تەلپۈنۈپ يۈرمەكتىمەن؛ |
إِذْ أَتَذَكَّرُ ٱلْإِيمَانَ ٱلْعَدِيمَ ٱلرِّيَاءِ ٱلَّذِي فِيكَ، ٱلَّذِي سَكَنَ أَوَّلًا فِي جَدَّتِكَ لَوْئِيسَ وَأُمِّكَ أَفْنِيكِي، وَلَكِنِّي مُوقِنٌ أَنَّهُ فِيكَ أَيْضًا. | ٥ 5 |
چۈنكى سېنىڭدە بولغان ساختىلىقسىز ئېتىقاد ئېسىمدىن چىقمايدۇ. بۇ ئېتىقاد ئەڭ ئاۋۋال موماڭ لوئىستا، ئاندىن ئاناڭ ئەۋنىكىدە بار بولغان، ئەمدى ھازىر سەندىمۇ بار ئىكەن دەپ خاتىرجەمدۇرمەن. |
فَلِهَذَا ٱلسَّبَبِ أُذَكِّرُكَ أَنْ تُضْرِمَ أَيْضًا مَوْهِبَةَ ٱللهِ ٱلَّتِي فِيكَ بِوَضْعِ يَدَيَّ، | ٦ 6 |
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن شۇنى قايتىدىن ساڭا ئەسلىتىمەنكى، قوللىرىمنى ئۇچاڭغا قويۇشۇم بىلەن سەندە بولغان، [خۇدا] ساڭا تەقدىم قىلغان ئىلتىپاتنى قايتىدىن يالقۇنلىتىپ جارى قىلغىن. |
لِأَنَّ ٱللهَ لَمْ يُعْطِنَا رُوحَ ٱلْفَشَلِ، بَلْ رُوحَ ٱلْقُوَّةِ وَٱلْمَحَبَّةِ وَٱلنُّصْحِ. | ٧ 7 |
چۈنكى خۇدا بىزگە قورقۇنچاقلىقنىڭ روھىنى ئەمەس، بەلكى بىزگە كۈچ-قۇدرەتنىڭ، مېھرى-مۇھەببەتنىڭ ۋە سالماقلىقنىڭ روھىنى تەقدىم قىلدى. |
فَلَا تَخْجَلْ بِشَهَادَةِ رَبِّنَا، وَلَا بِي أَنَا أَسِيرَهُ، بَلِ ٱشْتَرِكْ فِي ٱحْتِمَالِ ٱلْمَشَقَّاتِ لِأَجْلِ ٱلْإِنْجِيلِ بِحَسَبِ قُوَّةِ ٱللهِ، | ٨ 8 |
شۇڭا رەببىمىز ھەققىدىكى خەۋەر-گۇۋاھلىقتىن، ياكى ئۇنىڭ مەھبۇسى بولغان مەندىن نومۇس قىلما. ئەكسىچە، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خۇش خەۋەرنى جاكارلاش يولىدىكى خارلىق-مۇشەققەتنى ئۆز ھەسسەڭ بويىچە ئورتاق تارتقىن؛ |
ٱلَّذِي خَلَّصَنَا وَدَعَانَا دَعْوَةً مُقَدَّسَةً، لَا بِمُقْتَضَى أَعْمَالِنَا، بَلْ بِمُقْتَضَى ٱلْقَصْدِ وَٱلنِّعْمَةِ ٱلَّتِي أُعْطِيَتْ لَنَا فِي ٱلْمَسِيحِ يَسُوعَ قَبْلَ ٱلْأَزْمِنَةِ ٱلْأَزَلِيَّةِ، (aiōnios g166) | ٩ 9 |
خۇدا بىزنى ئۆز ئەمەللىرىمىزگە ئاساسەن ئەمەس، بەلكى ئۆز مۇددىئاسى ۋە مېھىر-شەپقىتىگە ئاساسەن قۇتقۇزۇپ، پاك-مۇقەددەس چاقىرىقى بىلەن چاقىردى؛ ئۇنىڭ بۇ مېھىر-شەپقىتى ھەممە دەۋر-زامانلاردىن ئىلگىرىلا مەسىھ ئەيسادا بىزگە بېغىشلانغاندۇر؛ (aiōnios g166) |
وَإِنَّمَا أُظْهِرَتِ ٱلْآنَ بِظُهُورِ مُخَلِّصِنَا يَسُوعَ ٱلْمَسِيحِ، ٱلَّذِي أَبْطَلَ ٱلْمَوْتَ وَأَنَارَ ٱلْحَيَاةَ وَٱلْخُلُودَ بِوَاسِطَةِ ٱلْإِنْجِيلِ. | ١٠ 10 |
لېكىن بۇ مېھىر-شەپقەت قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كېلىشى بىلەن ھازىر ئايان بولدى؛ ئۇ ئۆلۈمنى بىكار قىلىۋېتىپ، خۇش خەۋەر ئارقىلىق ھاياتلىق ۋە چىرىماسلىقنى يورۇقلۇقتا ئايان قىلدى. |
ٱلَّذِي جُعِلْتُ أَنَا لَهُ كَارِزًا وَرَسُولًا وَمُعَلِّمًا لِلْأُمَمِ. | ١١ 11 |
مەن بولسام ئەللەرگە بۇ خۇش خەۋەرنىڭ جاكارچىسى، روسۇلى ۋە تەلىم بەرگۈچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. |
لِهَذَا ٱلسَّبَبِ أَحْتَمِلُ هَذِهِ ٱلْأُمُورَ أَيْضًا. لَكِنَّنِي لَسْتُ أَخْجَلُ، لِأَنَّنِي عَالِمٌ بِمَنْ آمَنْتُ، وَمُوقِنٌ أَنَّهُ قَادِرٌ أَنْ يَحْفَظَ وَدِيعَتِي إِلَى ذَلِكَ ٱلْيَوْمِ. | ١٢ 12 |
مەن شۇ سەۋەبتىن ھازىرقى بۇ خارلىق-مۇشەققەتلەرنى تارتماقتىمەن. لېكىن بۇنىڭدىن نومۇس قىلمايمەن؛ چۈنكى مەن كىمگە ئېتىقاد قىلغانلىقىمنى بىلىمەن ھەمدە ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ئامانىتىنى شۇ كۈنگىچە ساقلىيالايدىغانلىقىغا قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈلدۇم. |
تَمَسَّكْ بِصُورَةِ ٱلْكَلَامِ ٱلصَّحِيحِ ٱلَّذِي سَمِعْتَهُ مِنِّي، فِي ٱلْإِيمَانِ وَٱلْمَحَبَّةِ ٱلَّتِي فِي ٱلْمَسِيحِ يَسُوعَ. | ١٣ 13 |
مەندىن ئاڭلىغان ساغلام تەلىم سۆزلىرىنىڭ نەمۇنىلىك بىر ئۈزۈندىسىنى ساقلاپ، مەسىھ ئەيسادا بولغان مۇھەببەت ۋە ئېتىقاد بىلەن چىڭ تۇتقىن؛ |
اِحْفَظِ ٱلْوَدِيعَةَ ٱلصَّالِحَةَ بِٱلرُّوحِ ٱلْقُدُسِ ٱلسَّاكِنِ فِينَا. | ١٤ 14 |
بىزدە ماكانلاشقان مۇقەددەس روھقا تايىنىپ ساڭا تاپشۇرۇلغان شۇ گۈزەل ئامانەتنى ساقلا. |
أَنْتَ تَعْلَمُ هَذَا أَنَّ جَمِيعَ ٱلَّذِينَ فِي أَسِيَّا ٱرْتَدُّوا عَنِّي، ٱلَّذِينَ مِنْهُمْ فِيجَلُّسُ وَهَرْمُوجَانِسُ. | ١٥ 15 |
سەن بىلگىنىڭدەك، ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى [ئېتىقادچىلارنىڭ] ھەممىسى [دېگۈدەك] مەندىن يۈز ئۆرىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا فىگېلۇس ۋە خېرموگېنېسمۇ بار. |
لِيُعْطِ ٱلرَّبُّ رَحْمَةً لِبَيْتِ أُنِيسِيفُورُسَ، لِأَنَّهُ مِرَارًا كَثِيرَةً أَرَاحَنِي وَلَمْ يَخْجَلْ بِسِلْسِلَتِي، | ١٦ 16 |
رەب ئونېسىفورنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىگە رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەي. چۈنكى ئۇ مېنىڭ مەھبۇس بولغانلىقىمدىن ھېچ نومۇس قىلماي كۆپ قېتىم مېنى يوقلاپ سۆيۈندۈردى. |
بَلْ لَمَّا كَانَ فِي رُومِيَةَ، طَلَبَنِي بِأَوْفَرِ ٱجْتِهَادٍ فَوَجَدَنِي. | ١٧ 17 |
ئۇ رىم شەھىرىگە كەلگىنىدە مېنى تاپقۇچە كۆپ ئىزدەپ ئاۋارە بولۇپتۇ. |
لِيُعْطِهِ ٱلرَّبُّ أَنْ يَجِدَ رَحْمَةً مِنَ ٱلرَّبِّ فِي ذَلِكَ ٱلْيَوْمِ. وَكُلُّ مَا كَانَ يَخْدِمُ فِي أَفَسُسَ أَنْتَ تَعْرِفُهُ جَيِّدًا. | ١٨ 18 |
رەب شۇ كۈنىدە ئۇنى ئۆزىدىن رەھىم-شەپقەتكە مۇيەسسەر قىلغاي؛ ئۇنىڭ ئەفەسۇس شەھىرىدە ماڭا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىسەن. |