وَدَعَا أَلِيشَعُ ٱلنَّبِيُّ وَاحِدًا مِنْ بَنِي ٱلْأَنْبِيَاءِ وَقَالَ لَهُ: «شُدَّ حَقَوَيْكَ وَخُذْ قِنِّينَةَ ٱلدُّهْنِ هَذِهِ بِيَدِكَ، وَٱذْهَبْ إِلَى رَامُوتِ جِلْعَادَ. | ١ 1 |
ئېلىشا پەيغەمبەر پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: ــ «بېلىڭنى باغلاپ بۇ ماي قاچىسىنى قولۇڭغا ئېلىپ، گىلېئادتىكى راموتقا بارغىن. |
وَإِذَا وَصَلْتَ إِلَى هُنَاكَ فَٱنْظُرْ هُنَاكَ يَاهُوَ بْنَ يَهُوشَافَاطَ بْنَ نِمْشِي، وَٱدْخُلْ وَأَقِمْهُ مِنْ وَسْطِ إِخْوَتِهِ، وَٱدْخُلْ بِهِ إِلَى مُخْدَعٍ دَاخِلَ مُخْدَعٍ. | ٢ 2 |
ئۇ يەرگە بارغاندا نىمشىنىڭ نەۋرىسى، يەھوشافاتنىڭ ئوغلى يەھۇنى تېپىپ، ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنى ئۆز بۇرادەرلىرى ئارىسىدىن ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ، ئىچكىرىكى ئۆيگە باشلاپ كىر. |
ثُمَّ خُذْ قِنِّينَةَ ٱلدُّهْنِ وَصُبَّ عَلَى رَأْسِهِ وَقُلْ: هَكَذَا قَالَ ٱلرَّبُّ: قَدْ مَسَحْتُكَ مَلِكًا عَلَى إِسْرَائِيلَ. ثُمَّ ٱفْتَحِ ٱلْبَابَ وَٱهْرُبْ وَلَا تَنْتَظِرْ». | ٣ 3 |
ئاندىن قاچىدىكى ماينى بېشىغا قۇيۇپ: پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن سېنى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلدىم، دېگىن؛ شۇنى دەپ بولۇپلا ئىشىكنى ئېچىپ، قېچىپ چىققىن، ھايال بولما» ــ دېدى. |
فَٱنْطَلَقَ ٱلْغُلَامُ، أَيِ ٱلْغُلَامُ ٱلنَّبِيُّ إِلَى رَامُوتِ جِلْعَادَ | ٤ 4 |
شۇنىڭ بىلەن شۇ ياش پەيغەمبەر يىگىت گىلېئادتىكى راموتقا باردى. |
وَدَخَلَ وَإِذَا قُوَّادُ ٱلْجَيْشِ جُلُوسٌ. فَقَالَ: «لِي كَلَامٌ مَعَكَ يَا قَائِدُ». فَقَالَ يَاهُو: «مَعَ مَنْ مِنَّا كُلِّنَا؟». فَقَالَ: «مَعَكَ أَيُّهَا ٱلْقَائِدُ». | ٥ 5 |
ئۇ يەرگە كەلگەندە، مانا، قوشۇننىڭ سەردارلىرى ئۇ يەردە ئولتۇراتتى. ئۇ: ــ ئى سەردار، ساڭا بىر سۆزۈم بار، دېدى. يەھۇ: ــ قايسىمىزغا؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ساڭا، ئى سەردار، دېدى. |
فَقَامَ وَدَخَلَ ٱلْبَيْتَ، فَصَبَّ ٱلدُّهْنَ عَلَى رَأْسِهِ وَقَالَ لَهُ: «هَكَذَا قَالَ ٱلرَّبُّ إِلَهُ إِسْرَائِيلَ: قَدْ مَسَحْتُكَ مَلِكًا عَلَى شَعْبِ ٱلرَّبِّ إِسْرَائِيلَ، | ٦ 6 |
ئۇ قوپۇپ ئۆيگە كىردى. يىگىت بېشىغا ماينى قۇيۇپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن سېنى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىگە، يەنى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلدىم. |
فَتَضْرِبُ بَيْتَ أَخْآبَ سَيِّدِكَ. وَأَنْتَقِمُ لِدِمَاءِ عَبِيدِيَ ٱلْأَنْبِيَاءِ، وَدِمَاءِ جَمِيعِ عَبِيدِ ٱلرَّبِّ مِنْ يَدِ إِيزَابَلَ. | ٧ 7 |
سەن ئۆز غوجاڭ ئاھابنىڭ جەمەتىنى يوقىتىسەن؛ چۈنكى ئۆز قۇللىرىم پەيغەمبەرلەرنىڭ قېنى ئۈچۈن ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە قۇللىرىنىڭ قېنى ئۈچۈن يىزەبەلدىن ئىنتىقام ئالاي. |
فَيَبِيدُ كُلُّ بَيْتِ أَخْآبَ، وَأَسْتَأْصِلُ لِأَخْآبَ كُلَّ بَائِلٍ بِحَائِطٍ وَمَحْجُوزٍ وَمُطْلَقٍ فِي إِسْرَائِيلَ. | ٨ 8 |
ئاھابنىڭ پۈتكۈل جەمەتى يوقىلىدۇ؛ ئاھابنىڭ جەمەتىدىن ئىسرائىلدىكى ھەممە ئەركەكلەرنى ھەتتا ئاجىز ياكى مېيىپ بولسۇن ھەممىسىنى ھالاك قىلىمەن. |
وَأَجْعَلُ بَيْتَ أَخْآبَ كَبَيْتِ يَرُبْعَامَ بْنِ نَبَاطَ، وَكَبَيْتِ بَعْشَا بْنِ أَخِيَّا. | ٩ 9 |
مەن ئاھابنىڭ جەمەتىنى نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ جەمەتىدەك ۋە ئاخىياھنىڭ ئوغلى بائاشانىڭ جەمەتىدەك يوق قىلىمەن. |
وَتَأْكُلُ ٱلْكِلَابُ إِيزَابَلَ فِي حَقْلِ يَزْرَعِيلَ وَلَيْسَ مَنْ يَدْفِنُهَا». ثُمَّ فَتَحَ ٱلْبَابَ وَهَرَبَ. | ١٠ 10 |
ئىتلار يىزەبەلنى يىزرەئەلدىكى شۇ پارچە يەردە يەيدۇ. ھېچكىم ئۇنى دەپنە قىلمايدۇ». شۇنى دەپ بولۇپلا يىگىت ئىشىكنى ئېچىپ قېچىپ كەتتى. |
وَأَمَّا يَاهُو فَخَرَجَ إِلَى عَبِيدِ سَيِّدِهِ، فَقِيلَ لَهُ: «أَسَلَامٌ؟ لِمَاذَا جَاءَ هَذَا ٱلْمَجْنُونُ إِلَيْكَ؟» فَقَالَ لَهُمْ: «أَنْتُمْ تَعْرِفُونَ ٱلرَّجُلَ وَكَلَامَهُ». | ١١ 11 |
يەھۇ ئۆز غوجىسىنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ قېشىغا يېنىپ چىققاندا، ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟ بۇ تەلۋە سېنى نېمە ئىش بىلەن ئىزدەپ كەپتۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇلارغا: سىلەر شۇ كىشى ۋە ئۇنىڭ سەپسەتەلىرىنى بىلىسىلەر، ــ دېدى. |
فَقَالُوا: «كَذِبٌ. فَأَخْبِرْنَا». فَقَالَ: «بِكَذَا وَكَذَا كَلَّمَنِي قَائِلًا: هَكَذَا قَالَ ٱلرَّبُّ: قَدْ مَسَحْتُكَ مَلِكًا عَلَى إِسْرَائِيلَ». | ١٢ 12 |
ئۇلار: يالغان ئېيتما! بىزگە دەپ بەرگىنە! دېۋىدى، ئۇ: ــ ئۇ ماڭا مۇنداق-مۇنداق دەپ، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلدىم» دەپ ئېيتتى ــ دېدى. |
فَبَادَرَ كُلُّ وَاحِدٍ وَأَخَذَ ثَوْبَهُ وَوَضَعَهُ تَحْتَهُ عَلَى ٱلدَّرَجِ نَفْسِهِ، وَضَرَبُوا بِٱلْبُوقِ وَقَالُوا: «قَدْ مَلَكَ يَاهُو». | ١٣ 13 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى تونلىرىنى سېلىپ، پەلەمپەيدە يېيىپ ئۇنىڭغا پايانداز قىلدى. ئۇلار كاناي چېلىپ: «يەھۇ پادىشاھ بولدى!» دەپ جاكارلاشتى. |
وَعَصَى يَاهُو بْنُ يَهُوشَافَاطَ بْنِ نِمْشِي عَلَى يُورَامَ. وَكَانَ يُورَامُ يُحَافِظُ عَلَى رَامُوتِ جِلْعَادَ هُوَ وَكُلُّ إِسْرَائِيلَ مِنْ حَزَائِيلَ مَلِكِ أَرَامَ. | ١٤ 14 |
شۇنىڭ بىلەن نىمشىنىڭ نەۋرىسى، يەھوشافاتنىڭ ئوغلى يەھۇ يورامنى قەستلىمەكچى بولدى. ئۇ ۋاقىتتا يورام بىلەن بارلىق ئىسرائىللار گىلېئادتىكى راموتتا تۇرۇپ، ئۇ جاينى سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەلنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇھاپىزەت قىلىۋاتاتتى. |
وَرَجَعَ يَهُورَامُ ٱلْمَلِكُ لِكَيْ يَبْرَأَ فِي يَزْرَعِيلَ مِنَ ٱلْجُرُوحِ ٱلَّتِي ضَرَبَهُ بِهَا ٱلْأَرَامِيُّونَ حِينَ قَاتَلَ حَزَائِيلَ مَلِكَ أَرَامَ. فَقَالَ يَاهُو: «إِنْ كَانَ فِي أَنْفُسِكُمْ، لَا يَخْرُجْ مُنْهَزِمٌ مِنَ ٱلْمَدِينَةِ لِكَيْ يَنْطَلِقَ فَيُخْبِرَ فِي يَزْرَعِيلَ». | ١٥ 15 |
ئەمدى يورام پادىشاھ سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەل بىلەن سوقۇشقاندا سۇرىيلەردىن يېگەن زەخمىدىن ساقىيىش ئۈچۈن يىزرەئەلگە يېنىپ كەلگەنىدى. يەھۇ بولسا [ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرگە]: سىلەرگە لايىق كۆرۈنسە، يىزرەئەلگە بېرىپ خەۋەر بەرگۈدەك ھېچكىمنى شەھەردىن قاچۇرماڭلار، دېگەنىدى. |
وَرَكِبَ يَاهُو وَذَهَبَ إِلَى يَزْرَعِيلَ، لِأَنَّ يُورَامَ كَانَ مُضْطَجِعًا هُنَاكَ. وَنَزَلَ أَخَزْيَا مَلِكُ يَهُوذَا لِيَرَى يُورَامَ. | ١٦ 16 |
يەھۇ بىر جەڭ ھارۋىسىنى ھەيدەپ يىزرەئەلگە باردى، چۈنكى يورام ئۇ يەردە كېسەل بىلەن ياتقانىدى (يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھازىيا يورامنى يوقلىغىلى چۈشۈپ كەلگەنىدى). |
وَكَانَ ٱلرَّقِيبُ وَاقِفًا عَلَى ٱلْبُرْجِ فِي يَزْرَعِيلَ، فَرَأَى جَمَاعَةَ يَاهُو عِنْدَ إِقْبَالِهِ، فَقَالَ: «إِنِّي أَرَى جَمَاعَةً». فَقَالَ يَهُورَامُ: «خُذْ فَارِسًا وَأَرْسِلْهُ لِلِقَائِهِمْ، فَيَقُولَ: أَسَلَامٌ؟» | ١٧ 17 |
ئەمدى كۆزەتچى يىزرەئەلنىڭ مۇنارىدا تۇرۇپ، يەھۇ قاتارلىق بىر توپ ئادەملەرنى كۆردى. ئۇ: «بىر توپ ئادەملەرنى كۆردۇم» دېدى. يورام: بىر ئاتلىق كىشىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىڭلار، ئۇ ئۇلاردىن: ــ ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟ ــ دەپ سورىسۇن، دېدى. |
فَذَهَبَ رَاكِبُ ٱلْفَرَسِ لِلِقَائِهِ وَقَالَ: «هَكَذَا يَقُولُ ٱلْمَلِكُ: أَسَلَامٌ؟» فَقَالَ يَاهُو: «مَا لَكَ وَلِلسَّلَامِ؟ دُرْ إِلَى وَرَائِي». فَأَخْبَرَ ٱلرَّقِيبُ قَائِلًا: «قَدْ وَصَلَ ٱلرَّسُولُ إِلَيْهِمْ وَلَمْ يَرْجِعْ». | ١٨ 18 |
شۇنىڭ بىلەن ئاتلىق بىر كىشى ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ــ پادىشاھ، ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ، دەپ سورىدى، دېدى. يەھۇ: ــ تىنچلىقمۇ، ئەمەسمۇ، بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ؟ بۇرۇلۇپ مېنىڭ كەينىمدىن ماڭ، ــ دېدى. كۆزەتچى [پادىشاھقا] خەۋەر بېرىپ: ــ خەۋەرچى ئۇلارنىڭ قېشىغا باردى، لېكىن قايتىپ كەلمىدى» ــ دېدى. |
فَأَرْسَلَ رَاكِبَ فَرَسٍ ثَانِيًا، فَلَمَّا وَصَلَ إِلَيْهِمْ قَالَ: «هَكَذَا يَقُولُ ٱلْمَلِكُ: أَسَلَامٌ؟» فَقَالَ يَاهُو: «مَا لَكَ وَلِلسَّلَامِ؟ دُرْ إِلَى وَرَائِي». | ١٩ 19 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە بىر ئاتلىق كىشىنى ماڭدۇردى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ــ پادىشاھ، ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ، دەپ سورىدى، دېدى. يەھۇ: ــ تىنچلىقمۇ، ئەمەسمۇ، بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ؟ بۇرۇلۇپ مېنىڭ كەينىمدىن ماڭ، دېدى. |
فَأَخْبَرَ ٱلرَّقِيبُ قَائِلًا: «قَدْ وَصَلَ إِلَيْهِمْ وَلَمْ يَرْجِعْ. وَٱلسَّوْقُ كَسَوْقِ يَاهُوَ بْنِ نِمْشِي، لِأَنَّهُ يَسُوقُ بِجُنُونٍ». | ٢٠ 20 |
كۆزەتچى [پادىشاھقا] خەۋەر بېرىپ: ــ خەۋەرچى ئۇلارنىڭ قېشىغا باردى، لېكىن قايتىپ كەلمىدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ ھارۋا ھەيدىشى نىمشىنىڭ ئوغلى يەھۇنىڭ ھەيدىشىدەك ئىكەن، چۈنكى ئۇ تەلۋىلەرچە ھەيدەيدۇ، دېدى. |
فَقَالَ يَهُورَامُ: «ٱشْدُدْ». فَشُدَّتْ مَرْكَبَتُهُ، وَخَرَجَ يَهُورَامُ مَلِكُ إِسْرَائِيلَ وَأَخَزْيَا مَلِكُ يَهُوذَا، كُلُّ وَاحِدٍ فِي مَرْكَبَتِهِ، خَرَجَا لِلِقَاءِ يَاهُو. فَصَادَفَاهُ عِنْدَ حَقْلَةِ نَابُوتَ ٱلْيَزْرَعِيلِيِّ. | ٢١ 21 |
يورام: ــ ھارۋىنى قېتىڭلار، دەپ بۇيرۇۋىدى، ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىسىنى قېتىپ تەييارلىدى. ئاندىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يورام بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھازىيا، ھەربىرى ئۆز جەڭ ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ، يەھۇنىڭ ئالدىغا بېرىشقا چىقتى؛ ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ئېتىزلىقىدا ئۇچراشتى. |
فَلَمَّا رَأَى يَهُورَامُ يَاهُوَ قَالَ: «أَسَلَامٌ يَا يَاهُو؟» فَقَالَ: «أَيُّ سَلَامٍ مَا دَامَ زِنَى إِيزَابَلَ أُمِّكَ وَسِحْرُهَا ٱلْكَثِيرُ؟» | ٢٢ 22 |
يورام يەھۇنى كۆرگەندە، «ئى يەھۇ، ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ئاناڭ يىزەبەلنىڭ قىلغان بۇزۇقچىلىقلىرى ۋە جادۇگەرلىكى شۇنچە جىق تۇرسا، قانداقمۇ تىنچلىق بولىدۇ؟! ــ دېدى. |
فَرَدَّ يَهُورَامُ يَدَيْهِ وَهَرَبَ، وَقَالَ لِأَخَزْيَا: «خِيَانَةً يَا أَخَزْيَا!» | ٢٣ 23 |
شۇنىڭ بىلەن يورام ھارۋىنى ياندۇرۇپ ئاھازىياغا: «ئى ئاھازىيا، ئاسىيلىق!» دەپ ۋارقىراپ بەدەر قاچتى. |
فَقَبَضَ يَاهُو بِيَدِهِ عَلَى ٱلْقَوْسِ وَضَرَبَ يَهُورَامَ بَيْنَ ذِرَاعَيْهِ، فَخَرَجَ ٱلسَّهْمُ مِنْ قَلْبِهِ فَسَقَطَ فِي مَرْكَبَتِهِ. | ٢٤ 24 |
يەھۇ ئوقياسىنى قولىغا ئېلىپ، ئوق سېلىپ يورامنىڭ [كەينى تەرىپىدىن] ئۇنىڭ ئىككى مۈرىسىنىڭ ئارىلىقىدىن ئاتتى. يا ئوقى ئۇنىڭ يۈرىكىدىن تېشىپ چىقتى ۋە ئۇ ئۆز ھارۋىسىغا يىقىلىپ چۈشتى. |
وَقَالَ لِبِدْقَرَ ثَالِثِهِ: «ٱرْفَعْهُ وَأَلْقِهِ فِي حِصَّةِ حَقْلِ نَابُوتَ ٱلْيَزْرَعِيلِيِّ. وَٱذْكُرْ كَيْفَ إِذْ رَكِبْتُ أَنَا وَإِيَّاكَ مَعًا وَرَاءَ أَخْآبَ أَبِيهِ، جَعَلَ ٱلرَّبُّ عَلَيْهِ هَذَا ٱلْحِمْلَ. | ٢٥ 25 |
يەھۇ ئۆز يېنىدىكى ئەمەلدارى بىدكارغا: ئۇنى ئېلىپ يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ئېتىزلىقىغا تاشلىغىن. يادىڭدا بولسۇنكى، مەن بىلەن سەن ئۇنىڭ ئاتىسى ئاھابنىڭ كەينىدىن بىللە ماڭغاندا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ توغرىسىدا مۇنداق بىر ھۆكۈم-ۋەھىينى ئېيتقان: ــ |
أَلَمْ أَرَ أَمْسًا دَمَ نَابُوتَ وَدِمَاءَ بَنِيهِ يَقُولُ ٱلرَّبُّ، فَأُجَازِيكَ فِي هَذِهِ ٱلْحَقْلَةِ يَقُولُ ٱلرَّبُّ. فَٱلْآنَ ٱرْفَعْهُ وَأَلْقِهِ فِي ٱلْحَقْلَةِ حَسَبَ قَوْلِ ٱلرَّبِّ». | ٢٦ 26 |
«مەن تۈنۈگۈن نابوتنىڭ قېنى بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قېنىنى كۆردۈم، دەيدۇ پەرۋەردىگار: مانا بۇ [قان قەرزىنى] دەل بۇ ئېتىزلىقتا ساڭا ياندۇرىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار». ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ شۇ سۆزى بويىچە، ئۇنى ئېلىپ شۇ يەرگە تاشلىغىن، ــ دېدى. |
وَلَمَّا رَأَى ذَلِكَ أَخَزْيَا مَلِكُ يَهُوذَا هَرَبَ فِي طَرِيقِ بَيْتِ ٱلْبُسْتَانِ، فَطَارَدَهُ يَاهُو وَقَالَ: «ٱضْرِبُوهُ». فَضَرَبُوهُ أَيْضًا فِي ٱلْمَرْكَبَةِ فِي عَقَبَةِ جُورَ ٱلَّتِي عِنْدَ يِبْلَعَامَ. فَهَرَبَ إِلَى مَجِدُّو وَمَاتَ هُنَاكَ. | ٢٧ 27 |
يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھازىيا بۇنى كۆرگەندە «باغدىكى راۋاق يولى» بىلەن قاچتى. لېكىن يەھۇ ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ: «ئۇنى ئېتىڭلار!» دەپ بۇيرۇۋىدى، ئۇلار ئۇنى ئىبلېئامنىڭ يېنىدا، گۇر ئېگىزلىكىگە چىققان يولدا ئاتتى. ئۇ مەگىددوغىچە قېچىپ ئۇ يەردە ئۆلدى. |
فَأَرْكَبَهُ عَبِيدُهُ إِلَى أُورُشَلِيمَ وَدَفَنُوهُ فِي قَبْرِهِ مَعَ آبَائِهِ فِي مَدِينَةِ دَاوُدَ. | ٢٨ 28 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ جەسىتىنى جەڭ ھارۋىسىغا سېلىپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ بېرىپ، «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا ئۆز قەبرىسىدە دەپنە قىلدى |
فِي ٱلسَّنَةِ ٱلْحَادِيَةَ عَشْرَةَ لِيُورَامَ بْنِ أَخْآبَ، مَلَكَ أَخَزْيَا عَلَى يَهُوذَا. | ٢٩ 29 |
(ئاھابنىڭ ئوغلى يورامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بىرىنچى يىلىدا ئاھازىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولغانىدى). |
فَجَاءَ يَاهُو إِلَى يَزْرَعِيلَ. وَلَمَّا سَمِعَتْ إِيزَابَلُ كَحَّلَتْ بِٱلْأُثْمُدِ عَيْنَيْهَا، وَزَيَّنَتْ رَأْسَهَا وَتَطَلَّعَتْ مِنْ كَوَّةٍ. | ٣٠ 30 |
يەھۇ ئەمدى يىزرەئەلگە كەلدى، يىزەبەل شۇنى ئاڭلاپ كۆزلىرىگە سۈرمە سۈرۈپ، چاچلىرىنى تاراپ، دېرىزىدىن قاراپ تۇراتتى. |
وَعِنْدَ دُخُولِ يَاهُو ٱلْبَابَ قَالَتْ: «أَسَلَامٌ لِزِمْرِي قَاتِلِ سَيِّدِهِ؟» | ٣١ 31 |
يەھۇ دەرۋازىدىن كىرگەندە ئۇ ئۇنىڭغا: ئى زىمرى، ئۆز غوجاڭنىڭ قاتىلى، ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. |
فَرَفَعَ وَجْهَهُ نَحْوَ ٱلْكَوَّةِ وَقَالَ: «مَنْ مَعِي؟ مَنْ؟» فَأَشْرَفَ عَلَيْهِ ٱثْنَانِ أَوْ ثَلَاثَةٌ مِنَ ٱلْخِصْيَانِ. | ٣٢ 32 |
يەھۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، دېرىزىگە قاراپ تۇرۇپ: ــ مەن تەرەپتە تۇرىدىغان كىم بار؟ دەپ سورىۋىدى، ئىككى-ئۈچ ئاغۋات دېرىزىدىن ئۇنىڭغا قارىدى. |
فَقَالَ: «ٱطْرَحُوهَا». فَطَرَحُوهَا، فَسَالَ مِنْ دَمِهَا عَلَى ٱلْحَائِطِ وَعَلَى ٱلْخَيْلِ فَدَاسَهَا. | ٣٣ 33 |
ئۇ: شۇ ئايالنى تۆۋەنگە تاشلاڭلار، دېيىشىگىلا، ئۇلار ئۇنى تۆۋەنگە تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قېنى ھەم تامغا ھەم ئاتلارغا چېچىلدى. ئۇ ئۇنى ئاتلىرىغا دەسسىتىپ ئۈستىدىن ئۆتۈپ كەتتى. |
وَدَخَلَ وَأَكَلَ وَشَرِبَ ثُمَّ قَالَ: «ٱفْتَقِدُوا هَذِهِ ٱلْمَلْعُونَةَ وَٱدْفِنُوهَا، لِأَنَّهَا بِنْتُ مَلِكٍ». | ٣٤ 34 |
ئاندىن ئۇ ئۆيگە كىرىپ يەپ-ئىچكەندىن كېيىن: بۇ لەنىتى ئايالنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنى دەپنە قىلىڭلار. چۈنكى نېمىلا بولمىسۇن ئۇ پادىشاھنىڭ مەلىكىسىدۇر، دېدى. |
وَلَمَّا مَضَوْا لِيَدْفِنُوهَا، لَمْ يَجِدُوا مِنْهَا إِلَّا ٱلْجُمْجُمَةَ وَٱلرِّجْلَيْنِ وَكَفَّيِ ٱلْيَدَيْنِ. | ٣٥ 35 |
لېكىن ئۇلار ئۇنى دەپنە قىلىۋېتەيلى دەپ بېرىۋىدى، ئۇنىڭ باش سۆڭىكى، ئاياغلىرى ۋە قولىنىڭ ئالقىنىدىن باشقا ھېچ يېرىنى تاپالمىدى. |
فَرَجَعُوا وَأَخْبَرُوهُ، فَقَالَ: «إِنَّهُ كَلَامُ ٱلرَّبِّ ٱلَّذِي تَكَلَّمَ بِهِ عَنْ يَدِ عَبْدِهِ إِيلِيَّا ٱلتِّشْبِيِّ قَائِلًا: فِي حَقْلِ يَزْرَعِيلَ تَأْكُلُ ٱلْكِلَابُ لَحْمَ إِيزَابَلَ. | ٣٦ 36 |
ئۇلار يېنىپ كېلىپ بۇ خەۋەرنى ئۇنىڭغا دېگەندە ئۇ: ــ بۇ ئىش پەرۋەردىگار ئۆز قۇلى تىشبىلىق ئىلىياس ئارقىلىق ئېيتقان مۇنۇ سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدۇر: ــ «ئىتلار يىزرەئەلدىكى شۇ پارچە يەردە يىزەبەلنىڭ گۆشىنى يەيدۇ. |
وَتَكُونُ جُثَّةُ إِيزَابَلَ كَدِمْنَةٍ عَلَى وَجْهِ ٱلْحَقْلِ فِي قِسْمِ يَزْرَعِيلَ حَتَّى لَا يَقُولُوا: هَذِهِ إِيزَابَلُ». | ٣٧ 37 |
يىزەبەلنىڭ ئۆلۈكى سىرتتا، يىزرەئەلدىكى شۇ پارچە يەردە قىغدەك يېيىلىپ كېتىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم: «ئۇ يىزەبەل ئىكەن» دېيەلمەيدۇ» ــ دېدى. |