وَكَانَ نُعْمَانُ رَئِيسُ جَيْشِ مَلِكِ أَرَامَ رَجُلًا عَظِيمًا عِنْدَ سَيِّدِهِ مَرْفُوعَ ٱلْوَجْهِ، لِأَنَّهُ عَنْ يَدِهِ أَعْطَى ٱلرَّبُّ خَلَاصًا لِأَرَامَ. وَكَانَ ٱلرَّجُلُ جَبَّارَ بَأْسٍ، أَبْرَصَ. | ١ 1 |
سۇرىيە پادىشاھىنىڭ قوشۇن سەردارى نائامان ئۆز غوجىسىنىڭ ئالدىدا تولىمۇ قەدىرلەندى ۋە ئىززەتلەندى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق سۇرىيەگە نۇسرەتلەر بەرگەنىدى. ئۇ باتۇر جەڭچى بولغىنى بىلەن، لېكىن ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانىدى. |
وَكَانَ ٱلْأَرَامِيُّونَ قَدْ خَرَجُوا غُزَاةً فَسَبَوْا مِنْ أَرْضِ إِسْرَائِيلَ فَتَاةً صَغِيرَةً، فَكَانَتْ بَيْنَ يَدَيِ ٱمْرَأَةِ نُعْمَانَ. | ٢ 2 |
ئەمدى سۇرىيلەر توپ-توپ بولۇپ، بۇلاڭچىلىققا چىقىپ ئىسرائىلدىن بىر كىچىك قىزنى تۇتۇپ كەلگەنىدى؛ بۇ قىز نائاماننىڭ ئايالىنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. |
فَقَالَتْ لِمَوْلَاتِهَا: «يَا لَيْتَ سَيِّدِي أَمَامَ ٱلنَّبِيِّ ٱلَّذِي فِي ٱلسَّامِرَةِ، فَإِنَّهُ كَانَ يَشْفِيهِ مِنْ بَرَصِهِ». | ٣ 3 |
ئۇ خانىمغا: كاشكى، مېنىڭ غوجام سامارىيەدىكى پەيغەمبەرنىڭ قېشىدا بولسىدى! ئۇ ئۇنى ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايتاتتى، دېدى. |
فَدَخَلَ وَأَخْبَرَ سَيِّدَهُ قَائِلًا: «كَذَا وَكَذَا قَالَتِ ٱلْجَارِيَةُ ٱلَّتِي مِنْ أَرْضِ إِسْرَائِيلَ». | ٤ 4 |
نائامان بېرىپ خوجىسىغا: ــ ئىسرائىلنىڭ يۇرتىدىن بولغان كىچىك قىز مۇنداق-مۇنداق ئېيتتى، دېدى. |
فَقَالَ مَلِكُ أَرَامَ: «ٱنْطَلِقْ ذَاهِبًا، فَأُرْسِلَ كِتَابًا إِلَى مَلِكِ إِسْرَائِيلَ». فَذَهَبَ وَأَخَذَ بِيَدِهِ عَشَرَ وَزَنَاتٍ مِنَ ٱلْفِضَّةِ، وَسِتَّةَ آلَافِ شَاقِلٍ مِنَ ٱلذَّهَبِ، وَعَشَرَ حُلَلٍ مِنَ ٱلثِّيَابِ. | ٥ 5 |
سۇرىيە پادىشاھى: ياخشى! سەن بارغىن، مەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا بىر مەكتۇپ ئەۋەتىمەن، دېدى. نائامان ئون تالانت كۈمۈش بىلەن ئالتە مىڭ شەكەل ئالتۇن ۋە ھەم ئون كىشىلىك كىيىمنى ئېلىپ ئىسرائىلغا باردى. |
وَأَتَى بِٱلْكِتَابِ إِلَى مَلِكِ إِسْرَائِيلَ يَقُولُ فِيهِ: «فَٱلْآنَ عِنْدَ وُصُولِ هَذَا ٱلْكِتَابِ إِلَيْكَ، هُوَذَا قَدْ أَرْسَلْتُ إِلَيْكَ نُعْمَانَ عَبْدِي فَٱشْفِهِ مِنْ بَرَصِهِ». | ٦ 6 |
ئۇ مەكتۇپنى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا ئاپىرىپ تاپشۇرۇپ بەردى. مەكتۇپتا: ــ «بۇ مەكتۇپ ساڭا يەتكەندە بىلگەيسەنكى، مەن ئۆز خىزمەتكارىم نائاماننى سېنىڭ قېشىڭغا ماڭدۇردۇم. سەن ئۇنى ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايتقايسەن»، دەپ پۈتۈلگەنىدى. |
فَلَمَّا قَرَأَ مَلِكُ إِسْرَائِيلَ ٱلْكِتَابَ مَزَّقَ ثِيَابَهُ وَقَالَ: «هَلْ أَنَا ٱللهُ لِكَيْ أُمِيتَ وَأُحْيِيَ، حَتَّى إِنَّ هَذَا يُرْسِلُ إِلَيَّ أَنْ أَشْفِيَ رَجُلًا مِنْ بَرَصِهِ؟ فَٱعْلَمُوا وَٱنْظُرُوا أَنَّهُ إِنَّمَا يَتَعَرَّضُ لِي». | ٧ 7 |
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى خەتنى ئوقۇپ بولۇپ، ئۆز كىيىملىرىنى يىرتىپ-يىرتىۋەتتى ۋە: ــ مەن خۇدامۇ؟ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ ھەم تىرىلدۈرەلەيمەنمۇ؟ نېمىشقا ئۇ كىشى: ــ بۇ ئادەمنى ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايتقىن، دەپ ھاۋالە قىلىدۇ؟ قېنى، ئويلىنىپ كۆرۈڭلار، ئۇ دەرۋەقە مەن بىلەن جەڭ قىلغىلى باھانە ئىزدەيدۇ، دېدى. |
وَلَمَّا سَمِعَ أَلِيشَعُ رَجُلُ ٱللهِ أَنَّ مَلِكَ إِسْرَائِيلَ قَدْ مَزَّقَ ثِيَابَهُ، أَرْسَلَ إِلَى ٱلْمَلِكِ يَقُولُ: «لِمَاذَا مَزَّقْتَ ثِيَابَكَ؟ لِيَأْتِ إِلَيَّ فَيَعْلَمَ أَنَّهُ يُوجَدُ نَبِيٌّ فِي إِسْرَائِيلَ». | ٨ 8 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، خۇدانىڭ ئادىمى ئېلىشا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ ئۆز كىيىملىرىنى يىرتقىنىنى ئاڭلىغاندا، پادىشاھقا ئادەم ئەۋىتىپ: نېمىشقا ئۆز كىيىملىرىڭنى يىرتتىڭ؟ ئۇ كىشى ھازىر بۇ يەرگە كەلسۇن، ئاندىن ئۇ ئىسرائىلدا بىر پەيغەمبەر بار ئىكەن دەپ بىلىدۇ، دېدى. |
فَجَاءَ نُعْمَانُ بِخَيْلِهِ وَمَرْكَبَاتِهِ وَوَقَفَ عِنْدَ بَابِ بَيْتِ أَلِيشَعَ. | ٩ 9 |
نائامان ئاتلىرى ۋە جەڭ ھارۋىسى بىلەن كېلىپ، ئېلىشانىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا توختىدى. |
فَأَرْسَلَ إِلَيْهِ أَلِيشَعُ رَسُولًا يَقُولُ: «ٱذْهَبْ وَٱغْتَسِلْ سَبْعَ مَرَّاتٍ فِي ٱلْأُرْدُنِّ، فَيَرْجِعَ لَحْمُكَ إِلَيْكَ وَتَطْهُرَ». | ١٠ 10 |
ئېلىشا بىر خەۋەرچىنى ماڭدۇرۇپ نائامانغا: ــ بېرىپ ئىئوردان دەرياسىدا يەتتە قېتىم يۇيۇنۇپ كەلگىن؛ شۇنداق قىلساڭ ئەتلىرىڭ ئەسلىگە كېلىپ پاكىز بولىسەن، دېدى. |
فَغَضِبَ نُعْمَانُ وَمَضَى وَقَالَ: «هُوَذَا قُلْتُ إِنَّهُ يَخْرُجُ إِلَيَّ، وَيَقِفُ وَيَدْعُو بِٱسْمِ ٱلرَّبِّ إِلَهِهِ، وَيُرَدِّدُ يَدَهُ فَوْقَ ٱلْمَوْضِعِ فَيُشْفِي ٱلْأَبْرَصَ. | ١١ 11 |
لېكىن نائامان ئاچچىقلىنىپ يېنىپ كېلىپ: ــ مانا، ئۇ چوقۇم چىقىپ، مېنىڭ بىلەن كۆرىشىدۇ، ئۆرە تۇرۇپ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ، [يارا] جاينىڭ ئۈستىدە قولىنى سىلكىپ، ماخاۋ كېسىلىنى ساقايتىدۇ، دەپ ئويلاپ كەلگەنىدىم. |
أَلَيْسَ أَبَانَةُ وَفَرْفَرُ نَهْرَا دِمَشْقَ أَحْسَنَ مِنْ جَمِيعِ مِيَاهِ إِسْرَائِيلَ؟ أَمَا كُنْتُ أَغْتَسِلُ بِهِمَا فَأَطْهُرَ؟» وَرَجَعَ وَمَضَى بِغَيْظٍ. | ١٢ 12 |
دەمەشقنىڭ دەريالىرى، يەنى ئابارنا بىلەن فارپار [دەرياسىنىڭ سۇلىرى] ئىسرائىلنىڭ ھەممە سۇلىرىدىن ياخشى ئەمەسمۇ؟ مەن ئۇلاردا يۇيۇنسام پاكىز بولمامدىم؟ ــ دېدى. ئۇ قاتتىق غەزەپلىنىپ بۇرۇلۇپ يولغا چىقتى. |
فَتَقَدَّمَ عَبِيدُهُ وَكَلَّمُوهُ وَقَالُوا: «يَا أَبَانَا، لَوْ قَالَ لَكَ ٱلنَّبِيُّ أَمْرًا عَظِيمًا، أَمَا كُنْتَ تَعْمَلُهُ؟ فَكَمْ بِٱلْحَرِيِّ إِذَا قَالَ لَكَ: ٱغْتَسِلْ وَٱطْهُرْ؟». | ١٣ 13 |
لېكىن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ ئى ئاتام، ئەگەر پەيغەمبەر سىلىگە ئېغىر بىر ئىشنى تاپىلىغان بولسا، قىلماسمىدىلا؟ ئۇنداق بولغان يەردە، ئۇ سىلىگە سۇغا چۈشۈپ يۇيۇنۇپ، پاكىز بولىسىلا، دېگەن بولسا شۇنداق قىلماملا؟ ــ دېيىشتى. |
فَنَزَلَ وَغَطَسَ فِي ٱلْأُرْدُنِّ سَبْعَ مَرَّاتٍ، حَسَبَ قَوْلِ رَجُلِ ٱللهِ، فَرَجَعَ لَحْمُهُ كَلَحْمِ صَبِيٍّ صَغِيرٍ وَطَهُرَ. | ١٤ 14 |
شۇڭا ئۇ چۈشۈپ، خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ سۆزىگە بىنائەن ئىئوردان دەرياسىدا يەتتە قېتىم چۆمۈلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئېتى پاكلىنىپ، كىچىك بالىنىڭ ئېتىدەك بولۇپ ساقايدى. |
فَرَجَعَ إِلَى رَجُلِ ٱللهِ هُوَ وَكُلُّ جَيْشِهِ وَدَخَلَ وَوَقَفَ أَمَامَهُ وَقَالَ: «هُوَذَا قَدْ عَرَفْتُ أَنَّهُ لَيْسَ إِلَهٌ فِي كُلِّ ٱلْأَرْضِ إِلَّا فِي إِسْرَائِيلَ، وَٱلْآنَ فَخُذْ بَرَكَةً مِنْ عَبْدِكَ». | ١٥ 15 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بارلىق ھەمراھلىرى بىلەن خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ قېشىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: ــ مانا ئەمدى پۈتكۈل يەر يۈزىدە ئىسرائىلدىن باشقا يەردە خۇدا يوق ئىكەن، دەپ بىلىپ يەتتىم؛ ئەمدى ھازىر، ئۆز كەمىنەڭدىن بىر سوۋغاتنى قوبۇل قىلغىن، دېدى. |
فَقَالَ: «حَيٌّ هُوَ ٱلرَّبُّ ٱلَّذِي أَنَا وَاقِفٌ أَمَامَهُ، إِنِّي لَا آخُذُ». وَأَلَحَّ عَلَيْهِ أَنْ يَأْخُذَ فَأَبَى. | ١٦ 16 |
لېكىن ئېلىشا: مەن خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھېچ نېمىنى قوبۇل قىلماسمەن، دېدى. [نائامان] تولا چىڭ تۇرۇۋالسىمۇ، ھېچ قوبۇل قىلمىدى. |
فَقَالَ نُعْمَانُ: «أَمَا يُعْطَى لِعَبْدِكَ حِمْلُ بَغْلَيْنِ مِنَ ٱلتُّرَابِ، لِأَنَّهُ لَا يُقَرِّبُ بَعْدُ عَبْدُكَ مُحْرَقَةً وَلَا ذَبِيحَةً لِآلِهَةٍ أُخْرَى بَلْ لِلرَّبِّ. | ١٧ 17 |
ئاندىن نائامان مۇنداق دېدى: ــ ئەگەر قوبۇل قىلمىساڭ، كەمىنەڭگە توپىدىن ئىككى قېچىر يۈك بېرىلسۇن؛ چۈنكى كەمىنەڭ بۇندىن كېيىن پەرۋەردىگاردىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھلارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى ئىناقلىق قۇربانلىقىنى كەلتۈمەيدۇ. |
عَنْ هَذَا ٱلْأَمْرِ يَصْفَحُ ٱلرَّبُّ لِعَبْدِكَ: عِنْدَ دُخُولِ سَيِّدِي إِلَى بَيْتِ رِمُّونَ لِيَسْجُدَ هُنَاكَ، وَيَسْتَنِدُ عَلَى يَدِي فَأَسْجُدُ فِي بَيْتِ رِمُّونَ، فَعِنْدَ سُجُودِي فِي بَيْتِ رِمُّونَ يَصْفَحُ ٱلرَّبُّ لِعَبْدِكَ عَنْ هَذَا ٱلْأَمْرِ». | ١٨ 18 |
لېكىن پەرۋەردىگار كەمىنەڭنىڭ شۇ بىر ئىشىنى كەچۈرۈم قىلغاي: غوجامنىڭ ئۆزى رىمموننىڭ بۇتخانىسىغا سەجدە قىلماق ئۈچۈن كىرگەندە، مېنىڭ قولۇمغا يۆلەنسە مەن رىمموننىڭ بۇتخانىسىدا تىز پۈكسەم، مۇشۇ ئامالسىز تىز پۈككىنىم ئۈچۈن پەرۋەردىگار مەن كەمىنەڭنى كەچۈرگەي، دېدى. |
فَقَالَ لَهُ: «ٱمْضِ بِسَلَامٍ». وَلَمَّا مَضَى مِنْ عِنْدِهِ مَسَافَةً مِنَ ٱلْأَرْضِ، | ١٩ 19 |
ئېلىشا ئۇنىڭغا: ــ سەن ئامان-خاتىرجەملىتكە كەتكىن، دېدى. ئۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ئازغىنە يول ماڭدى. |
قَالَ جِيحْزِي غُلَامُ أَلِيشَعَ رَجُلِ ٱللهِ: «هُوَذَا سَيِّدِي قَدِ ٱمْتَنَعَ عَنْ أَنْ يَأْخُذَ مِنْ يَدِ نُعْمَانَ ٱلْأَرَامِيِّ هَذَا مَا أَحْضَرَهُ. حَيٌّ هُوَ ٱلرَّبُّ، إِنِّي أَجْرِي وَرَاءَهُ وَآخُذُ مِنْهُ شَيْئًا». | ٢٠ 20 |
لېكىن خۇدانىڭ ئادىمى ئېلىشانىڭ خىزمەتكارى گەھازى كۆڭلىدە: ــ مانا، ئۇ سۇرىيەلىك نائامان ئېلىپ كەلگەن نەرسىلىرىدىن غوجام ھېچنېمىنى ئالماي، ئۇنى بىكار كەتكۈزۈۋېتىپتۇ. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن ئازراق بىر نەرسە ئالاي، دەپ ئويلىدى. |
فَسَارَ جِيحْزِي وَرَاءَ نُعْمَانَ. وَلَمَّا رَآهُ نُعْمَانُ رَاكِضًا وَرَاءَهُ نَزَلَ عَنِ ٱلْمَرْكَبَةِ لِلِقَائِهِ وَقَالَ: «أَسَلَامٌ؟». | ٢١ 21 |
شۇنى دەپ گەھازى نائاماننىڭ كەينىدىن باردى. نائامان بىر كىمنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ھارۋىسىدىن چۈشۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. |
فَقَالَ: «سَلَامٌ. إِنَّ سَيِّدِي قَدْ أَرْسَلَنِي قَائِلًا: هُوَذَا فِي هَذَا ٱلْوَقْتِ قَدْ جَاءَ إِلَيَّ غُلَامَانِ مِنْ جَبَلِ أَفْرَايِمَ مِنْ بَنِي ٱلْأَنْبِيَاءِ، فَأَعْطِهِمَا وَزْنَةَ فِضَّةٍ وَحُلَّتَيْ ثِيَابٍ». | ٢٢ 22 |
ئۇ: ــ تىنچلىق، ــ دېدى، ــ ئەمما غوجام مېنى ماڭدۇرۇپ: مانا ئەمدى ئەفرائىم تاغلىقىدىن پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئىككى يىگىت قېشىمغا كەلدى. بۇلارغا بىر تالانت كۈمۈش بىلەن ئىككى كىشلىك كىيىم بەرسىلە، دەپ ئېيتتى، ــ دېدى. |
فَقَالَ نُعْمَانُ: «ٱقْبَلْ وَخُذْ وَزْنَتَيْنِ». وَأَلَحَّ عَلَيْهِ، وَصَرَّ وَزْنَتَيْ فِضَّةٍ فِي كِيسَيْنِ، وَحُلَّتَيِ ٱلثِّيَابِ، وَدَفَعَهَا لِغُلَامَيْهِ فَحَمَلَاهَا قُدَّامَهُ. | ٢٣ 23 |
نائامان: ــ ئىككى تالانت كۈمۈشنى قوبۇل قىلغىن، دەپ ئۇنى زورلاپ ئىككى تالانت كۈمۈشنى ئىككى خالتىغا چېگىپ، ئىككى كىشىلىك كىيىمنى چىقىرىپ بەردى. بۇلارنى نائامان غۇلاملىرىدىن ئىككى يىگىتكە يۈدكۈزدى؛ ئۇلار گەھازىنىڭ ئالدىدا بۇلارنى كۆتۈرۈپ ماڭدى. |
وَلَمَّا وَصَلَ إِلَى ٱلْأَكَمَةِ أَخَذَهَا مِنْ أَيْدِيهِمَا وَأَوْدَعَهَا فِي ٱلْبَيْتِ وَأَطْلَقَ ٱلرَّجُلَيْنِ فَٱنْطَلَقَا. | ٢٤ 24 |
ئۇ تۇرغان دۆڭگە يەتكەندە بۇلارنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن ئېلىپ ئۆيىگە تىقىپ قويدى؛ ئاندىن بۇ ئادەملەرنى كەتكۈزۈۋەتتى. |
وَأَمَّا هُوَ فَدَخَلَ وَوَقَفَ أَمَامَ سَيِّدِهِ. فَقَالَ لَهُ أَلِيشَعُ: «مِنْ أَيْنَ يَاجِيحْزِي؟» فَقَالَ: «لَمْ يَذْهَبْ عَبْدُكَ إِلَى هُنَا أَوْ هُنَاكَ». | ٢٥ 25 |
ئاندىن ئۇ غوجىسىنىڭ ئالدىغا كىرىپ تۇردى. ئېلىشا ئۇنىڭدىن: ــ ئى گەھازى، نەگە بېرىپ كەلدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: قۇلۇڭ ھېچيەرگە بارمىدى، ــ دېدى. |
فَقَالَ لَهُ: «أَلَمْ يَذْهَبْ قَلْبِي حِينَ رَجَعَ ٱلرَّجُلُ مِنْ مَرْكَبَتِهِ لِلِقَائِكَ؟ أَهُوَ وَقْتٌ لِأَخْذِ ٱلْفِضَّةِ وَلِأَخْذِ ثِيَابٍ وَزَيْتُونٍ وَكُرُومٍ وَغَنَمٍ وَبَقَرٍ وَعَبِيدٍ وَجَوَارٍ؟ | ٢٦ 26 |
ئېلىشا ئۇنىڭغا: ــ مەلۇم بىر كىشى ھارۋىسىدىن چۈشۈپ، كەينىگە يېنىپ، سېنىڭ ئالدىڭغا كەلگەندە، مېنىڭ روھىم شۇ چاغدا سېنىڭ بىلەن بىرگە بارغان ئەمەسمۇ؟ بۇ كىشىلەر كۈمۈش بىلەن كىيىم، زەيتۇن باغلىرى بىلەن ئۈزۈمزارلار، قوي بىلەن كالا، مالايلار بىلەن كېنىزەكلەرنى قوبۇل قىلىدىغان ۋاقىتمۇ؟ |
فَبَرَصُ نُعْمَانَ يَلْصَقُ بِكَ وَبِنَسْلِكَ إِلَى ٱلْأَبَدِ». فَخَرَجَ مِنْ أَمَامِهِ أَبْرَصَ كَٱلثَّلْجِ. | ٢٧ 27 |
لېكىن ھازىر نائاماننىڭ ماخاۋ كېسىلى ساڭا ھەم نەسلىڭگە مەڭگۈگە چاپلىشىدۇ، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېلىشانىڭ قېشىدىن چىققاندا قاردەك ئاق بولۇپ قالدى. |