اَلشَّيْخُ، إِلَى كِيرِيَّةَ ٱلْمُخْتَارَةِ، وَإِلَى أَوْلَادِهَا ٱلَّذِينَ أَنَا أُحِبُّهُمْ بِٱلْحَقِّ، وَلَسْتُ أَنَا فَقَطْ، بَلْ أَيْضًا جَمِيعُ ٱلَّذِينَ قَدْ عَرَفُوا ٱلْحَقَّ. | ١ 1 |
مِنْ أَجْلِ ٱلْحَقِّ ٱلَّذِي يَثْبُتُ فِينَا وَسَيَكُونُ مَعَنَا إِلَى ٱلْأَبَدِ: (aiōn g165) | ٢ 2 |
مەنكى ئاقساقالدىن [خۇدا تەرىپىدىن] تاللانغان خانىمغا ۋە ئۇنىڭ ئەزىز بالىلىرىغا سالام! مەن سىلەرنى ھەقىقەتتە سۆيىمەن ۋە يالغۇز مەنلا ئەمەس، يەنە ھەقىقەتنى تونۇغانلارنىڭ ھەممىسى بىزدە ياشاۋاتقان ۋە شۇنداقلا ئەبەدگىچە بىزگە يار بولىدىغان ھەقىقەتنى دەپ سىلەرنى سۆيىدۇ. (aiōn g165) |
تَكُونُ مَعَكُمْ نِعْمَةٌ وَرَحْمَةٌ وَسَلَامٌ مِنَ ٱللهِ ٱلْآبِ وَمِنَ ٱلرَّبِّ يَسُوعَ ٱلْمَسِيحِ، ٱبْنِ ٱلْآبِ بِٱلْحَقِّ وَٱلْمَحَبَّةِ. | ٣ 3 |
خۇدائاتىدىن ۋە ئاتىنىڭ ئوغلى رەب ئەيسا مەسىھدىن شاپائەت، رەھىم-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە ھەقىقەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە بولغاي! |
فَرِحْتُ جِدًّا لِأَنِّي وَجَدْتُ مِنْ أَوْلَادِكِ بَعْضًا سَالِكِينَ فِي ٱلْحَقِّ، كَمَا أَخَذْنَا وَصِيَّةً مِنَ ٱلْآبِ. | ٤ 4 |
بالىلىرىڭنىڭ ئارىسىدا بىز ئاتىدىن ئەمر تاپشۇرۇۋالغاندەك ھەقىقەتتە ماڭغانلارنى كۆرگىنىم ئۈچۈن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم. |
وَٱلْآنَ أَطْلُبُ مِنْكِ يَا كِيرِيَّةُ، لَا كَأَنِّي أَكْتُبُ إِلَيْكِ وَصِيَّةً جَدِيدَةً، بَلِ ٱلَّتِي كَانَتْ عِنْدَنَا مِنَ ٱلْبَدْءِ: أَنْ يُحِبَّ بَعْضُنَا بَعْضًا. | ٥ 5 |
ئەمدى، ھۆرمەتلىك خانىم، مەن سەندىن بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى، دەپ ئۆتۈنىمەن. مېنىڭ ساڭا يېزىپ ئۆتۈنگىنىم يېڭى بىر ئەمر ئەمەس، بەلكى دەسلەپتىن تارتىپ بىزدە بار ئەمردۇر |
وَهَذِهِ هِيَ ٱلْمَحَبَّةُ: أَنْ نَسْلُكَ بِحَسَبِ وَصَايَاهُ. هَذِهِ هِيَ ٱلْوَصِيَّةُ: كَمَا سَمِعْتُمْ مِنَ ٱلْبَدْءِ أَنْ تَسْلُكُوا فِيهَا. | ٦ 6 |
(مېھىر-مۇھەببەت شۇكى، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ مېڭىشتۇر). مانا بۇ ئەمر سىلەر بۇرۇندىن تارتىپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقاندەك، ئۇنىڭدا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە تاپىلانغاندۇر. |
لِأَنَّهُ قَدْ دَخَلَ إِلَى ٱلْعَالَمِ مُضِلُّونَ كَثِيرُونَ، لَا يَعْتَرِفُونَ بِيَسُوعَ ٱلْمَسِيحِ آتِيًا فِي ٱلْجَسَدِ. هَذَا هُوَ ٱلْمُضِلُّ، وَٱلضِّدُّ لِلْمَسِيحِ. | ٧ 7 |
چۈنكى نۇرغۇن ئالدامچىلار دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا چىقتى. ئۇلار ئەيسانىڭ دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇنداقلار دەل ئالدامچى ۋە دەججالدۇر. |
ٱنْظُرُوا إِلَى أَنْفُسِكُمْ لِئَلَّا نُضَيِّعَ مَا عَمِلْنَاهُ، بَلْ نَنَالَ أَجْرًا تَامًّا. | ٨ 8 |
بىز ۋە ئۆزۈڭلار سىڭدۈرگەن ئەجىرنى يوقىتىپ قويماي، بەلكى تولۇق ئىنئامغا ئىگە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار. |
كُلُّ مَنْ تَعَدَّى وَلَمْ يَثْبُتْ فِي تَعْلِيمِ ٱلْمَسِيحِ فَلَيْسَ لَهُ ٱللهُ. وَمَنْ يَثْبُتْ فِي تَعْلِيمِ ٱلْمَسِيحِ فَهَذَا لَهُ ٱلْآبُ وَٱلِٱبْنُ جَمِيعًا. | ٩ 9 |
كىمكى مەسىھنىڭ تەلىمىدىن ھالقىپ چىقىپ، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرمىسا، خۇدا ئۇنىڭغا ئىگە بولمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ تەلىمىدە چىڭ تۇرغۇچى بولسا، ئاتا ھەم ئوغۇل ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ. |
إِنْ كَانَ أَحَدٌ يَأْتِيكُمْ، وَلَا يَجِيءُ بِهَذَا ٱلتَّعْلِيمِ، فَلَا تَقْبَلُوهُ فِي ٱلْبَيْتِ، وَلَا تَقُولُوا لَهُ سَلَامٌ. | ١٠ 10 |
ئەگەر بىرسى ئۇنىڭ تەلىمىنى ئېلىپ كەلمەي سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كەلسە، ئۇنى ئۆيۈڭلارغا باشلىماڭلار ھەم ئۇنىڭغا سالاممۇ بەرمەڭلار. |
لِأَنَّ مَنْ يُسَلِّمُ عَلَيْهِ يَشْتَرِكُ فِي أَعْمَالِهِ ٱلشِّرِّيرَةِ. | ١١ 11 |
چۈنكى ئۇنداق ئادەمگە سالام بەرگەن كىشى ئۇنىڭ رەزىل ئەمەللىرىگە شېرىك بولغۇچىدۇر. |
إِذْ كَانَ لِي كَثِيرٌ لِأَكْتُبَ إِلَيْكُمْ، لَمْ أُرِدْ أَنْ يَكُونَ بِوَرَقٍ وَحِبْرٍ، لِأَنِّي أَرْجُو أَنْ آتِيَ إِلَيْكُمْ وَأَتَكَلَّمَ فَمًا لِفَمٍ، لِكَيْ يَكُونَ فَرَحُنَا كَامِلًا. | ١٢ 12 |
سىلەرگە پۈتىدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى؛ لېكىن قەغەز بىلەن سىياھنى ئىشلەتكەندىن كۆرە، خۇشاللىقىمىزنىڭ تولۇپ تېشىشى ئۈچۈن يېنىڭلارغا بېرىپ دىدار كۆرۈشۈپ سۆزلىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن. |
يُسَلِّمُ عَلَيْكِ أَوْلَادُ أُخْتِكِ ٱلْمُخْتَارَةِ. آمِينَ. | ١٣ 13 |
خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ھەدەڭنىڭ بالىلىرىدىن ساڭا سالام! |