ثُمَّ نُعَرِّفُكُمْ أَيُّهَا ٱلْإِخْوَةُ نِعْمَةَ ٱللهِ ٱلْمُعْطَاةَ فِي كَنَائِسِ مَكِدُونِيَّةَ، | ١ 1 |
ئەمما، ئى قېرىنداشلار، بىز سىلەرگە خۇدانىڭ ماكېدونىيەدىكى جامائەتلەرگە بېغىشلىغان مېھىر-شەپقىتىنى ئايان قىلماقچىمىز؛ |
أَنَّهُ فِي ٱخْتِبَارِ ضِيقَةٍ شَدِيدَةٍ فَاضَ وُفُورُ فَرَحِهِمْ وَفَقْرِهِمِ ٱلْعَمِيقِ لِغِنَى سَخَائِهِمْ، | ٢ 2 |
ئۇلار زور ئېغىر جاپا-مۇشەققەتتە سىنالغىنىدا، قاتتىق نامرات ئەھۋالدا ئېشىپ تاشقان شادلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوچۇق قوللۇقىنىڭ بايلىقى ئۇرغۇپ چىقتى؛ |
لِأَنَّهُمْ أَعْطَوْا حَسَبَ ٱلطَّاقَةِ، أَنَا أَشْهَدُ، وَفَوْقَ ٱلطَّاقَةِ، مِنْ تِلْقَاءِ أَنْفُسِهِمْ، | ٣ 3 |
چۈنكى ئۇلارنىڭ كۈچىنىڭ بارىچە، ھەتتا كۈچىدىن ئارتۇق خەير-ساخاۋەت قىلغانلىقىغا ئۆزۈم گۇۋاھ. ئۇلار ئىختىيارى بىلەن شۇنداق قىلىپ، |
مُلْتَمِسِينَ مِنَّا، بِطِلْبَةٍ كَثِيرَةٍ، أَنْ نَقْبَلَ ٱلنِّعْمَةَ وَشَرِكَةَ ٱلْخِدْمَةِ ٱلَّتِي لِلْقِدِّيسِينَ. | ٤ 4 |
بىزدىن مۇقەددەس بەندىلەرگە شۇ ياردەمدە بولۇشنىڭ بەختىگە ۋە شېرىكلىكىگە مۇيەسسەر بولۇشنى قاتتىق ئۆتۈندى؛ |
وَلَيْسَ كَمَا رَجَوْنَا، بَلْ أَعْطَوْا أَنْفُسَهُمْ أَوَّلًا لِلرَّبِّ، وَلَنَا، بِمَشِيئَةِ ٱللهِ. | ٥ 5 |
شۇنداق قىلىپ، ئۇلار كۈتكىنىمىزدەك ئەمەس، ئۈمىد قىلغىنىمىزدىن ئېشىپ ئۆزلىرىنى ئاۋۋال رەبگە، ئاندىن خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بىزگىمۇ بېغىشلىدى؛ |
حَتَّى إِنَّنَا طَلَبْنَا مِنْ تِيطُسَ أَنَّهُ كَمَا سَبَقَ فَٱبْتَدَأَ، كَذَلِكَ يُتَمِّمُ لَكُمْ هَذِهِ ٱلنِّعْمَةَ أَيْضًا. | ٦ 6 |
شۇڭا، تىتۇس سىلەردە [بۇ] مېھرىبانلىقنى باشلىغانىكەن، بىز تىتۇستىن سىلەرنى بۇنىڭغا نېسىپداش قىلىپ ئۇنى ئادا قىلىشقا ئۆتۈندۇق. |
لَكِنْ كَمَا تَزْدَادُونَ فِي كُلِّ شَيْءٍ: فِي ٱلْإِيمَانِ وَٱلْكَلَامِ وَٱلْعِلْمِ وَكُلِّ ٱجْتِهَادٍ وَمَحَبَّتِكُمْ لَنَا، لَيْتَكُمْ تَزْدَادُونَ فِي هَذِهِ ٱلنِّعْمَةِ أَيْضًا. | ٧ 7 |
ئەمما سىلەر ھەر تەرەپتە، يەنى ئىشەنچتە، سۆزدە، بىلىمدە، تولۇق ئەستايىدىللىقتا ھەم بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلاردا ئەۋزەل بولغىنىڭلاردەك، مۇشۇ مېھىرلىك ئىشتىمۇ ئۆزۈڭلارنى ئەۋزەل كۆرسىتىڭلار. |
لَسْتُ أَقُولُ عَلَى سَبِيلِ ٱلْأَمْرِ، بَلْ بِٱجْتِهَادِ آخَرِينَ، مُخْتَبِرًا إِخْلَاصَ مَحَبَّتِكُمْ أَيْضًا. | ٨ 8 |
مەن بۇ گەپ بىلەن سىلەرگە بۇيرۇق قىلماقچى ئەمەسمەن، بەلكى باشقىلارنىڭ قىزغىنلىقى ئارقىلىق مۇھەببىتىڭلارنىڭ ھەقىقىيلىكىنى ئىسپاتلىماقچىمەن. |
فَإِنَّكُمْ تَعْرِفُونَ نِعْمَةَ رَبِّنَا يَسُوعَ ٱلْمَسِيحِ، أَنَّهُ مِنْ أَجْلِكُمُ ٱفْتَقَرَ وَهُوَ غَنِيٌّ، لِكَيْ تَسْتَغْنُوا أَنْتُمْ بِفَقْرِهِ. | ٩ 9 |
چۈنكى سىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بىلىسىلەر ــ گەرچە ئۇ باي بولسىمۇ، سىلەرنى دەپ يوقسۇل بولدىكى، سىلەر ئۇنىڭ يوقسۇللۇقى ئارقىلىق بېيىتىلىسىلەر. |
أُعْطِي رَأْيًا فِي هَذَا أَيْضًا، لِأَنَّ هَذَا يَنْفَعُكُمْ أَنْتُمُ ٱلَّذِينَ سَبَقْتُمْ فَٱبْتَدَأْتُمْ مُنْذُ ٱلْعَامِ ٱلْمَاضِي، لَيْسَ أَنْ تَفْعَلُوا فَقَطْ بَلْ أَنْ تُرِيدُوا أَيْضًا. | ١٠ 10 |
مەن بۇ توغرۇلۇق پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن ــ بۇ سىلەرگە پايدىلىق، چۈنكى سىلەر ئالدىنقى يىلىلا ئىئانە قىلىشتا ۋە شۇنىڭغا ئىرادە باغلاشتا ياخشى باشلىدىڭلار. |
وَلَكِنِ ٱلْآنَ تَمِّمُوا ٱلْعَمَلَ أَيْضًا، حَتَّى إِنَّهُ كَمَا أَنَّ ٱلنَّشَاطَ لِلْإِرَادَةِ، كَذَلِكَ يَكُونُ ٱلتَّتْمِيمُ أَيْضًا حَسَبَ مَا لَكُمْ. | ١١ 11 |
ئەمدى ھازىر ئۇنى ئادا قىلىڭلار؛ قىزغىن ئىرادە باغلىغىنىڭلاردەك، بار دۇنيايىڭلار بىلەن شۇ ئىشقا ئەمەل قىلىڭلار. |
لِأَنَّهُ إِنْ كَانَ ٱلنَّشَاطُ مَوْجُودًا فَهُوَ مَقْبُولٌ عَلَى حَسَبِ مَا لِلْإِنْسَانِ، لَا عَلَى حَسَبِ مَا لَيْسَ لَهُ. | ١٢ 12 |
چۈنكى [خەير-ساخاۋەتكە] بەل باغلىغۇچىغا نىسبەتەن، سوۋغىنىڭ خۇداغا يارىغۇدەك بولۇشى قولىدا يوققا ئەمەس، بەلكى قولىدا بارىغا باغلىقتۇر. |
فَإِنَّهُ لَيْسَ لِكَيْ يَكُونَ لِلْآخَرِينَ رَاحَةٌ وَلَكُمْ ضِيقٌ، | ١٣ 13 |
چۈنكى بۇ باشقىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىمەن دەپ، ئۆزۈڭلارنى قىيناڭلار دېگىنىم ئەمەس، |
بَلْ بِحَسَبِ ٱلْمُسَاوَاةِ. لِكَيْ تَكُونَ فِي هَذَا ٱلْوَقْتِ فُضَالَتُكُمْ لِإِعْوَازِهِمْ، كَيْ تَصِيرَ فُضَالَتُهُمْ لِإِعْوَازِكُمْ، حَتَّى تَحْصُلَ ٱلْمُسَاوَاةُ. | ١٤ 14 |
سىلەردە ئارتۇق بولغىنى ھازىرچە ئۇلارنىڭ كەم يېرىنى تولدۇرغىنىدەك، [كۈنلەرنىڭ بىرىدە] ئۇلاردا ئارتۇق بولغىنى سىلەرنىڭ كەم يېرىڭلارنى تولدۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن تەڭلىشىدۇ. |
كَمَا هُوَ مَكْتُوبٌ: «ٱلَّذِي جَمَعَ كَثِيرًا لَمْ يُفْضِلْ، وَٱلَّذِي جَمَعَ قَلِيلًا لَمْ يُنْقِصْ». | ١٥ 15 |
خۇددى [مۇقەددەس يازمىلاردا]: «كۆپ يىغقانلارنىڭكىدىن ئېشىپ قالمىدى، ئاز يىغقانلارنىڭمۇ كەملىك قىلمىدى» دەپ يېزىلغاندەك بولغاي. |
وَلَكِنْ شُكْرًا لِلهِ ٱلَّذِي جَعَلَ هَذَا ٱلِٱجْتِهَادَ عَيْنَهُ لِأَجْلِكُمْ فِي قَلْبِ تِيطُسَ، | ١٦ 16 |
ئەمما تىتۇسنىڭ قەلبىگە سىلەرگە بولغان كۆيۈمۈمگە ئوخشاش كۆيۈمنى سالغان خۇداغا تەشەككۈرلەر بولغاي؛ |
لِأَنَّهُ قَبِلَ ٱلطِّلْبَةَ. وَإِذْ كَانَ أَكْثَرَ ٱجْتِهَادًا، مَضَى إِلَيْكُمْ مِنْ تِلْقَاءِ نَفْسِهِ. | ١٧ 17 |
چۈنكى ئۇ دەرھەقىقەت بىزنىڭ ئىلتىماسىمىزنى قوبۇل قىلغىنى بىلەن، ئۆزىنىڭ سىلەرگە كۈچلۈك كۆيۈمى بولغاچقا، ئۇ ئۆزلۈكىدىن يېنىڭلارغا باردى؛ |
وَأَرْسَلْنَا مَعَهُ ٱلْأَخَ ٱلَّذِي مَدْحُهُ فِي ٱلْإِنْجِيلِ فِي جَمِيعِ ٱلْكَنَائِسِ. | ١٨ 18 |
ئەمما بىز ئۇنىڭغا بارلىق جامائەتلەر ئارىسىدا خۇش خەۋەر خىزمىتىدە تەرىپلەنگەن قېرىنداشنى ھەمراھ قىلىپ ئەۋەتتۇق؛ |
وَلَيْسَ ذَلِكَ فَقَطْ، بَلْ هُوَ مُنْتَخَبٌ أَيْضًا مِنَ ٱلْكَنَائِسِ رَفِيقًا لَنَا فِي ٱلسَّفَرِ، مَعَ هَذِهِ ٱلنِّعْمَةِ ٱلْمَخْدُومَةِ مِنَّا لِمَجْدِ ذَاتِ ٱلرَّبِّ ٱلْوَاحِدِ، وَلِنَشَاطِكُمْ. | ١٩ 19 |
شۇنىڭدەك ئۇ پەقەت شۇ تەرەپتىلا ئەمەس، بەلكى جامائەتلەر تەرىپىدىن بۇ خەيرلىك ئىشتا بىزگە ھەمسەپەر بولۇشقا تاللىۋېلىنغانىدى. ئەمدى بىز بۇ خەير-ساخاۋەتنى بولسا، رەبنىڭ شان-شەرىپىنى ھەم ياردەمدىكى قىزغىنلىقىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇنى يەتكۈزۈش خىزمىتىدە بولىمىز؛ |
مُتَجَنِّبِينَ هَذَا أَنْ يَلُومَنَا أَحَدٌ فِي جَسَامَةِ هَذِهِ ٱلْمَخْدُومَةِ مِنَّا. | ٢٠ 20 |
شۇنداق قىلىپ بىز بۇ مول سوۋغىنى مەسئۇل بولۇپ يەتكۈزۈشتە ھەرقانداق ئادەمنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن تۆھمەت قىلماسلىقى ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىمىز. |
مُعْتَنِينَ بِأُمُورٍ حَسَنَةٍ، لَيْسَ قُدَّامَ ٱلرَّبِّ فَقَطْ، بَلْ قُدَّامَ ٱلنَّاسِ أَيْضًا. | ٢١ 21 |
چۈنكى بىز پەقەت رەبنىڭ ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ كۆز ئالدىدىمۇ ئىشىمىزنى دۇرۇس قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز. |
وَأَرْسَلْنَا مَعَهُمَا أَخَانَا، ٱلَّذِي ٱخْتَبَرْنَا مِرَارًا فِي أُمُورٍ كَثِيرَةٍ أَنَّهُ مُجْتَهِدٌ، وَلَكِنَّهُ ٱلْآنَ أَشَدُّ ٱجْتِهَادًا كَثِيرًا بِٱلثِّقَةِ ٱلْكَثِيرَةِ بِكُمْ. | ٢٢ 22 |
بىز يەنە ئۇلار بىلەن بىللە كۆپ ئىشلاردا ئىنتايىن ئەستايىدىللىقى نۇرغۇن قېتىم ئىسپاتلانغان قېرىنداشنى ئەۋەتمەكچىمىز؛ ھازىر ئۇنىڭ سىلەرگە باغلىغان زور ئىشەنچى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ ئىنتايىن ئەستايىدىللىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى. |
أَمَّا مِنْ جِهَةِ تِيطُسَ فَهُوَ شَرِيكٌ لِي وَعَامِلٌ مَعِي لِأَجْلِكُمْ. وَأَمَّا أَخَوَانَا فَهُمَا رَسُولَا ٱلْكَنَائِسِ، وَمَجْدُ ٱلْمَسِيحِ. | ٢٣ 23 |
تىتۇس توغرۇلۇق سوئاللار بولسا ئۇ مېنىڭ ھەمراھىم ۋە خىزمىتىڭلاردا بولغان ھەمكارىمدۇر؛ باشقا ئىككى قېرىندىشىمىز بولسا، ئۇلار جامائەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى، مەسىھنىڭ شان-شەرىپىدۇر. |
فَبَيِّنُوا لَهُمْ، وَقُدَّامَ ٱلْكَنَائِسِ، بَيِّنَةَ مَحَبَّتِكُمْ، وَٱفْتِخَارِنَا مِنْ جِهَتِكُمْ. | ٢٤ 24 |
شۇڭا، جامائەتلەرنىڭ كۆز ئالدىدا مۇھەببىتىڭلارنىڭ ئىسپاتىنى، شۇنداقلا بىزنىڭ سىلەردىن پەخىرلىنىشلىرىمىزنىڭ بىكار ئەمەسلىكىنى ئۇلارغا كۆرسىتىڭلار. |