لَيْتَكُمْ تَحْتَمِلُونَ غَبَاوَتِي قَلِيلًا! بَلْ أَنْتُمْ مُحْتَمِلِيَّ. | ١ 1 |
[ماختانغان] بۇ ئازغىنە ئەخمەقلىكىمغا سەۋرچان بولغايسىلەر! ئەمدى سىلەر ماڭا سەۋرىچانلىق قىلىپ كېلىۋاتىسىلەر. |
فَإِنِّي أَغَارُ عَلَيْكُمْ غَيْرَةَ ٱللهِ، لِأَنِّي خَطَبْتُكُمْ لِرَجُلٍ وَاحِدٍ، لِأُقَدِّمَ عَذْرَاءَ عَفِيفَةً لِلْمَسِيحِ. | ٢ 2 |
چۈنكى مەن خۇدادىن كەلگەن ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن سىلەرنى [ئازدۇرۇشلاردىن] ھەسەت قىلىمەن؛ چۈنكى قىزنى بىر ئەرگىلا ياتلىق قىلغاندەك، مەن سىلەرنى مەسىھكىلا پاك قىز سۈپىتىدە ھازىر بولۇشقا ۋەدىلەشتۈرگەنمەن. |
وَلَكِنَّنِي أَخَافُ أَنَّهُ كَمَا خَدَعَتِ ٱلْحَيَّةُ حَوَّاءَ بِمَكْرِهَا، هَكَذَا تُفْسَدُ أَذْهَانُكُمْ عَنِ ٱلْبَسَاطَةِ ٱلَّتِي فِي ٱلْمَسِيحِ. | ٣ 3 |
ئەمما يىلان ھاۋائانىمىزنى ھىيلىگەرلىكى بىلەن ئازدۇرغاندەك، ئوي-كۆڭلۈڭلار مەسىھكە باغلانغان سەمىمىي، ساپ ۋاپالىقتىن ئېزىپ بۇلغىنىشى مۇمكىن دەپ ئەنسىرەيمەن. |
فَإِنَّهُ إِنْ كَانَ ٱلْآتِي يَكْرِزُ بِيَسُوعَ آخَرَ لَمْ نَكْرِزْ بِهِ، أَوْ كُنْتُمْ تَأْخُذُونَ رُوحًا آخَرَ لَمْ تَأْخُذُوهُ، أَوْ إِنْجِيلًا آخَرَ لَمْ تَقْبَلُوهُ، فَحَسَنًا كُنْتُمْ تَحْتَمِلُونَ! | ٤ 4 |
چۈنكى بىرسى كېلىپ بىز سىلەرگە ھېچ جاكارلاپ باقمىغان باشقا بىر ئەيسانى جاكارلىسا، ياكى قەلبىڭلاردىن ئورۇن بەرگەن روھنىڭ ئورنىغا باشقا بىر روھقا ئورۇن بەرسەڭلار ۋە سىلەر قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردىن باشقا بىر «خۇش خەۋەر»نى قوبۇل قىلساڭلار، سىلەر بۇ ئىشلارغا ئاجايىب سەۋر-تاقەت بىلەن ئۆتۈۋېرىشىڭلار مۇمكىن! |
لِأَنِّي أَحْسِبُ أَنِّي لَمْ أَنْقُصْ شَيْئًا عَنْ فَائِقِي ٱلرُّسُلِ. | ٥ 5 |
ھالبۇكى، مەن ئۆزۈمنى ھەرقانداق ئىشتا ئاشۇ «قالتىس ئۇلۇغ روسۇللار»دىن كەم سانىمايمەن! |
وَإِنْ كُنْتُ عَامِّيًّا فِي ٱلْكَلَامِ، فَلَسْتُ فِي ٱلْعِلْمِ، بَلْ نَحْنُ فِي كُلِّ شَيْءٍ ظَاهِرُونَ لَكُمْ بَيْنَ ٱلْجَمِيعِ. | ٦ 6 |
گەرچە مېنىڭ گەپ-سۆزلىرىم ئاددىي بولسىمۇ، بىلىم جەھەتتە مەن ئۇنداق ئەمەس؛ بىز قىلىۋاتقان ھەربىر ئەمەللىرىمىزدە بۇنى سىلەرگە ھەر جەھەتتىن ئىسپاتلاپ روشەن قىلدۇق. |
أَمْ أَخْطَأْتُ خَطِيَّةً إِذْ أَذْلَلْتُ نَفْسِي كَيْ تَرْتَفِعُوا أَنْتُمْ، لِأَنِّي بَشَّرْتُكُمْ مَجَّانًا بِإِنْجِيلِ ٱللهِ؟ | ٧ 7 |
ئەمدى مەن سىلەرنى كۆتۈرۈلسۇن دەپ ئۆزۈمنى تۆۋەن تۇتۇپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى ھەق تەلەپ قىلماي جاكارلاپ گۇناھ قىلدىممۇ؟ |
سَلَبْتُ كَنَائِسَ أُخْرَى آخِذًا أُجْرَةً لِأَجْلِ خِدْمَتِكُمْ، وَإِذْ كُنْتُ حَاضِرًا عِنْدَكُمْ وَٱحْتَجْتُ، لَمْ أُثَقِّلْ عَلَى أَحَدٍ. | ٨ 8 |
مەن سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولۇشقا باشقا جامائەتلەردىن بۇلاپ-تالاپ، ئۇلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلدىم. |
لِأَنَّ ٱحْتِيَاجِي سَدَّهُ ٱلْإِخْوَةُ ٱلَّذِينَ أَتَوْا مِنْ مَكِدُونِيَّةَ. وَفِي كُلِّ شَيْءٍ حَفِظْتُ نَفْسِي غَيْرَ ثَقِيلٍ عَلَيْكُمْ، وَسَأَحْفَظُهَا. | ٩ 9 |
سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقىتلىرىمدا، ھاجەتمەن بولغان بولساممۇ، مەن ھېچكىمگە ئېغىرىمنى سالغان ئەمەس (چۈنكى ماكېدونىيەدىن كەلگەن قېرىنداشلار مېنىڭ كەم-كۈتەمنى تولۇقلاپ بەردى)؛ ھەرقانداق ئىشتا ئۆزۈمنى سىلەرگە يۈك بولۇپ قېلىشتىن ساقلاپ كەلدىم ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمەن. |
حَقُّ ٱلْمَسِيحِ فِيَّ. إِنَّ هَذَا ٱلِٱفْتِخَارَ لَا يُسَدُّ عَنِّي فِي أَقَالِيمِ أَخَائِيَةَ. | ١٠ 10 |
مەسىھنىڭ ھەقىقىتى مەندە راست بولغاندەك، ئاقايا يۇرتلىرىدا ھېچكىممۇ مېنى مۇشۇ ماختىنىشتىن توسۇمايدۇ! |
لِمَاذَا؟ أَلِأَنِّي لَا أُحِبُّكُمْ؟ ٱللهُ يَعْلَمُ. | ١١ 11 |
نېمە ئۈچۈن؟ سىلەرنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىم ئۈچۈنمۇ؟! خۇدا بىلىدۇ! |
وَلَكِنْ مَا أَفْعَلُهُ سَأَفْعَلُهُ لِأَقْطَعَ فُرْصَةَ ٱلَّذِينَ يُرِيدُونَ فُرْصَةً كَيْ يُوجَدُوا كَمَا نَحْنُ أَيْضًا فِي مَا يَفْتَخِرُونَ بِهِ. | ١٢ 12 |
لېكىن [بىزگە ئوخشاش ھېسابلىنىش] پۇرسىتىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ پۇرسىتىنى مەھرۇم قىلىش ئۈچۈن، شۇنىڭدەك ئۇلار ماختىنىدىغان ئىشلاردا ھەقىقەتەن بىزگە ئوخشاش بولسۇن دەپ، مەن نېمە قىلىۋاتقان بولسام شۇنى قىلىۋېرىمەن. |
لِأَنَّ مِثْلَ هَؤُلَاءِ هُمْ رُسُلٌ كَذَبَةٌ، فَعَلَةٌ مَاكِرُونَ، مُغَيِّرُونَ شَكْلَهُمْ إِلَى شِبْهِ رُسُلِ ٱلْمَسِيحِ. | ١٣ 13 |
چۈنكى بۇنداق كىشىلەر ساختا روسۇللار، ئالدامچى خىزمەتكارلار، مەسىھنىڭ روسۇللىرىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالغانلاردۇر. |
وَلَا عَجَبَ. لِأَنَّ ٱلشَّيْطَانَ نَفْسَهُ يُغَيِّرُ شَكْلَهُ إِلَى شِبْهِ مَلَاكِ نُورٍ! | ١٤ 14 |
بۇ ئىش ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، چۈنكى شەيتان ئۆزىمۇ نۇرلۇق بىر پەرىشتىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ. |
فَلَيْسَ عَظِيمًا إِنْ كَانَ خُدَّامُهُ أَيْضًا يُغَيِّرُونَ شَكْلَهُمْ كَخُدَّامٍ لِلْبِرِّ. ٱلَّذِينَ نِهَايَتُهُمْ تَكُونُ حَسَبَ أَعْمَالِهِمْ. | ١٥ 15 |
شۇڭا ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭمۇ ئۆزلىرىنى ھەققانىيلىقنىڭ خىزمەتچىلىرى قىياپىتىگە كىرگۈزىۋېلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس؛ لېكىن ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىگەنلىرىگە لايىق بولىدۇ. |
أَقُولُ أَيْضًا: لَا يَظُنَّ أَحَدٌ أَنِّي غَبِيٌّ. وَإِلَّا فَٱقْبَلُونِي وَلَوْ كَغَبِيٍّ، لِأَفْتَخِرَ أَنَا أَيْضًا قَلِيلًا. | ١٦ 16 |
يەنە شۇنى ئېيتىمەنكى، ھېچكىم مېنى ئەخمەق دەپ ھېسابلىمىسۇن؛ ھەتتا ئەگەر مېنى شۇنداق دەپ قارىساڭلارمۇ، ئەمدى مەندەك ئەخمەقنى سەۋر قىلىپ قوبۇل قىلغايسىلەر، شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈممۇ ئازغىنە ماختىنىۋالاي. |
ٱلَّذِي أَتَكَلَّمُ بِهِ لَسْتُ أَتَكَلَّمُ بِهِ بِحَسَبِ ٱلرَّبِّ، بَلْ كَأَنَّهُ فِي غَبَاوَةٍ، فِي جَسَارَةِ ٱلِٱفْتِخَارِ هَذِهِ. | ١٧ 17 |
مېنىڭ ھازىر بۇلارنى سۆزلىشىم رەب تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ ئەخمەقلەرچە يۈرەكلىك پو ئېتىپ ماختىنىشىم، خالاس. |
بِمَا أَنَّ كَثِيرِينَ يَفْتَخِرُونَ حَسَبَ ٱلْجَسَدِ، أَفْتَخِرُ أَنَا أَيْضًا. | ١٨ 18 |
نۇرغۇن ئادەملەر ئىنسانلارچە پو ئېتىپ ماختانغاندىكىن، مەنمۇ ماختىنىپ باقاي. |
فَإِنَّكُمْ بِسُرُورٍ تَحْتَمِلُونَ ٱلْأَغْبِيَاءَ، إِذْ أَنْتُمْ عُقَلَاءُ! | ١٩ 19 |
چۈنكى ئۆزۈڭلار شۇنچە دانا بولغاندىن كېيىن، سىلەر ئەخمەقلەرگە سەۋر-تاقەت قىلىشقا رازى بولىسىلەر! |
لِأَنَّكُمْ تَحْتَمِلُونَ: إِنْ كَانَ أَحَدٌ يَسْتَعْبِدُكُمْ! إِنْ كَانَ أَحَدٌ يَأْكُلُكُمْ! إِنْ كَانَ أَحَدٌ يَأْخُذُكُمْ! إِنْ كَانَ أَحَدٌ يَرْتَفِعُ! إِنْ كَانَ أَحَدٌ يَضْرِبُكُمْ عَلَى وُجُوهِكُمْ! | ٢٠ 20 |
مەسىلەن بىرسى سىلەرنى قۇل قىلىۋالسا، بىرسى سىلەرنى يۇتۇۋالسا، بىرسى سىلەردىن نەپ ئالسا، بىرسى ئالدىڭلاردا چوڭچىلىق قىلسا ياكى يۈزۈڭلارغا كاچات سالسا، سىلەر ئۇنىڭغا يول قويىسىلەر. |
عَلَى سَبِيلِ ٱلْهَوَانِ أَقُولُ: كَيْفَ أَنَّنَا كُنَّا ضُعَفَاءَ! وَلَكِنَّ ٱلَّذِي يَجْتَرِئُ فِيهِ أَحَدٌ، أَقُولُ فِي غَبَاوَةٍ: أَنَا أَيْضًا أَجْتَرِئُ فِيهِ. | ٢١ 21 |
ئەپسۇس، نومۇس قىلىپ ئېيتىمەنكى، بىز ئۇنداق ئىشلارغا ئاجىزلىق قىلدۇق! ئەمما ئۇلار بىرەر ئىشتا ماختىنىشقا پېتىنغان يەردە (ئەخمەقلەرچە سۆزلەۋاتىمەن!) مەنمۇ شۇ ئىشتا [ماختىنىشقا] پېتىنىمەن. |
أَهُمْ عِبْرَانِيُّونَ؟ فَأَنَا أَيْضًا. أَهُمْ إِسْرَائِيلِيُّونَ؟ فَأَنَا أَيْضًا. أَهُمْ نَسْلُ إِبْرَاهِيمَ؟ فَأَنَا أَيْضًا. | ٢٢ 22 |
ئۇلار ئىبرانىيلارمۇ؟ مەنمۇ شۇنداق. ئۇلار ئىسرائىللارمۇ؟ مەنمۇ شۇنداق. ئۇلار ئىبراھىمنىڭ نەسلىمۇ؟ مەنمۇ شۇنداق. |
أَهُمْ خُدَّامُ ٱلْمَسِيحِ؟ أَقُولُ كَمُخْتَلِّ ٱلْعَقْلِ، فَأَنَا أَفْضَلُ: فِي ٱلْأَتْعَابِ أَكْثَرُ، فِي ٱلضَّرَبَاتِ أَوْفَرُ، فِي ٱلسُّجُونِ أَكْثَرُ، فِي ٱلْمِيتَاتِ مِرَارًا كَثِيرَةً. | ٢٣ 23 |
ئۇلار مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ؟ (مەن ئەقىلدىن ئازغانلاردەك سۆزلەۋاتىمەن!)؛ مەن تېخىمۇ شۇنداق؛ زىيادە كۆپ زورۇقۇپ ئىشلىدىم، ئىنتايىن كۆپ دەررىلەندىم، ئىنتايىن كۆپ قېتىم قامالدىم، كۆپ قېتىم ئۆلۈم خەۋپلىرىگە دۇچ كەلدىم؛ |
مِنَ ٱلْيَهُودِ خَمْسَ مَرَّاتٍ قَبِلْتُ أَرْبَعِينَ جَلْدَةً إِلَّا وَاحِدَةً. | ٢٤ 24 |
يەھۇدىيلارنىڭ «بىر كەم قىرىق قامچا» جازاسىغا بەش قېتىم تارتىلدىم، |
ثَلَاثَ مَرَّاتٍ ضُرِبْتُ بِٱلْعِصِيِّ، مَرَّةً رُجِمْتُ، ثَلَاثَ مَرَّاتٍ ٱنْكَسَرَتْ بِيَ ٱلسَّفِينَةُ، لَيْلًا وَنَهَارًا قَضَّيْتُ فِي ٱلْعُمْقِ. | ٢٥ 25 |
ئۈچ قېتىم تىكەنلىك قامچا جازاسىنى يېدىم، بىر قېتىم چالما-كېسەك قىلىندىم، ئۈچ قېتىم كېمە ھادىسىسىگە ئۇچرىدىم، بىر كېچە-كۈندۈزنى دېڭىزدا ئۆتكۈزدۈم. |
بِأَسْفَارٍ مِرَارًا كَثِيرَةً، بِأَخْطَارِ سُيُولٍ، بِأَخْطَارِ لُصُوصٍ، بِأَخْطَارٍ مِنْ جِنْسِي، بِأَخْطَارٍ مِنَ ٱلْأُمَمِ، بِأَخْطَارٍ فِي ٱلْمَدِينَةِ، بِأَخْطَارٍ فِي ٱلْبَرِّيَّةِ، بِأَخْطَارٍ فِي ٱلْبَحْرِ، بِأَخْطَارٍ مِنْ إِخْوَةٍ كَذَبَةٍ. | ٢٦ 26 |
دائىم سەپەرلەردە بولىمەن؛ دەريالارنىڭ خەۋپلىرىنى، قاراقچىلارنىڭ خەۋپلىرىنى، يۇرتداشلىرىمنىڭ خەۋپلىرىنى، يات ئەللىكلەرنىڭ خەۋپلىرىنى، شەھەرنىڭ خەۋپىنى، باياۋاننىڭ خەۋپلىرىنى، دېڭىزنىڭ خەۋپلىرىنى، ساختا قېرىنداشلار ئارىسىدىكى خەۋپلىرىنى باشتىن كەچۈردۈم؛ |
فِي تَعَبٍ وَكَدٍّ، فِي أَسْهَارٍ مِرَارًا كَثِيرَةً، فِي جُوعٍ وَعَطَشٍ، فِي أَصْوَامٍ مِرَارًا كَثِيرَةً، فِي بَرْدٍ وَعُرْيٍ. | ٢٧ 27 |
ئەمگەكلەر ۋە جاپا ئىشلاردا زورۇقۇپ، پات-پات تۈنەكلەردە، ئاچلىقتا ۋە ئۇسسۇزلۇقتا، دائىم روزا تۇتۇشلاردا، سوغۇقلاردا ۋە يېلىڭ-يالىڭاچلىقتا يۈرۈپ كەلدىم. |
عَدَا مَا هُوَ دُونَ ذَلِكَ: ٱلتَّرَاكُمُ عَلَيَّ كُلَّ يَوْمٍ، ٱلِٱهْتِمَامُ بِجَمِيعِ ٱلْكَنَائِسِ. | ٢٨ 28 |
بۇ سىرتتىكى ئىشلاردىن باشقا، ئىچ-باغرىمدا بارلىق جامائەتلەر ئۈچۈن ھەر كۈنى ئۈستۈمنى بېسىپ كېلىۋاتقان غەملەرنى يەۋاتىمەن. |
مَنْ يَضْعُفُ وَأَنَا لَا أَضْعُفُ؟ مَنْ يَعْثُرُ وَأَنَا لَا أَلْتَهِبُ؟ | ٢٩ 29 |
ھەركىم ئاجىزلىسا، مەن ئاجىزلىمىدىممۇ؟ ھەركىم ئېزىپ پۇتلاشقان بولسا، مەن ئۆرتەنمىدىممۇ؟! |
إِنْ كَانَ يَجِبُ ٱلِٱفْتِخَارُ، فَسَأَفْتَخِرُ بِأُمُورِ ضَعْفِي. | ٣٠ 30 |
ئەمدى ئەگەر ماختىنىشىم زۆرۈر بولسا، ئۆز ئاجىزلىقىمنى كۆرسىتىدىغان ئىشلار بىلەن ماختىنىمەن. |
ٱللهُ أَبُو رَبِّنَا يَسُوعَ ٱلْمَسِيحِ، ٱلَّذِي هُوَ مُبَارَكٌ إِلَى ٱلْأَبَدِ، يَعْلَمُ أَنِّي لَسْتُ أَكْذِبُ. (aiōn g165) | ٣١ 31 |
رەب ئەيسانىڭ خۇدا-ئاتىسى، مەڭگۈ تەشەككۈر-مەدھىيىلەرگە لايىق بولغۇچىغا ئايانكى، مەن يالغان ئېيتمىدىم. (aiōn g165) |
فِي دِمَشْقَ، وَالِي ٱلْحَارِثِ ٱلْمَلِكِ كَانَ يَحْرُسُ مَدِينَةَ ٱلدِّمَشْقِيِّينَ، يُرِيدُ أَنْ يُمْسِكَنِي، | ٣٢ 32 |
دەمەشق شەھىرىدە پادىشاھ ئارېتاسنىڭ قول ئاستىدىكى ۋالىي مېنى تۇتۇش ئۈچۈن، پۈتۈن دەمەشق شەھىرىنى قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئالغانىدى. |
فَتَدَلَّيْتُ مِنْ طَاقَةٍ فِي زَنْبِيلٍ مِنَ ٱلسُّورِ، وَنَجَوْتُ مِنْ يَدَيْهِ. | ٣٣ 33 |
لېكىن مەن سېپىلدىكى بىر كاماردىن سېۋەت بىلەن پەسكە چۈشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ قاچتىم. |