وَكَانَ تَابُوتُ ٱللهِ فِي بِلَادِ ٱلْفِلِسْطِينِيِّينَ سَبْعَةَ أَشْهُرٍ. | ١ 1 |
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى فىلىستىيلەرنىڭ يۇرتىدا يەتتە ئاي تۇردى. |
فَدَعَا ٱلْفِلِسْطِينِيُّونَ ٱلْكَهَنَةَ وَٱلْعَرَّافِينَ قَائِلِينَ: «مَاذَا نَعْمَلُ بِتَابُوتِ ٱلرَّبِّ؟ أَخْبِرُونَا بِمَاذَا نُرْسِلُهُ إِلَى مَكَانِهِ». | ٢ 2 |
فىلىستىيلەر كاھىنلار بىلەن پالچىلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قانداق قىلىمىز؟ ئۇنى قانداق قىلىپ ئۆز جايىغا ئەۋەتەلەيمىز؟ يول كۆرسىتىڭلار، دېدى. |
فَقَالُوا: «إِذَا أَرْسَلْتُمْ تَابُوتَ إِلَهِ إِسْرَائِيلَ، فَلَا تُرْسِلُوهُ فَارِغًا، بَلْ رُدُّوا لَهُ قُرْبَانَ إِثْمٍ. حِينَئِذٍ تَشْفَوْنَ وَيُعْلَمُ عِنْدَكُمْ لِمَاذَا لَا تَرْتَفِعُ يَدُهُ عَنْكُمْ». | ٣ 3 |
ئۇلار: ــ ئەگەر ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قايتۇرۇپ ئەۋەتسەڭلار، قۇرۇق ئەۋەتمەڭلار، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ بىلەن بىر «ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى»نى بىرگە ئەۋەتىشىڭلار زۆرۈردۇر، دېدى. شۇنداق قىلغاندا شىپا تاپىسىلەر، شۇنداقلا ئۇنىڭ قولىنىڭ نېمە ئۈچۈن سىلەردىن ئايرىلمىغانلىقىنى بىلىسىلەر، دېدى. |
فَقَالُوا: «وَمَا هُوَ قُرْبَانُ ٱلْإِثْمِ ٱلَّذِي نَرُدُّهُ لَهُ؟» فَقَالُوا: «حَسَبَ عَدَدِ أَقْطَابِ ٱلْفِلِسْطِينِيِّينَ: خَمْسَةَ بَوَاسِيرَ مِنْ ذَهَبٍ، وَخَمْسَةَ فِيرَانٍ مِنْ ذَهَبٍ. لِأَنَّ ٱلضَّرْبَةَ وَاحِدَةٌ عَلَيْكُمْ جَمِيعًا وَعَلَى أَقْطَابِكُمْ. | ٤ 4 |
ئۇلار: ــ بىز نېمىنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ ئەۋەتىمىز؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ فىلىستىيلەرنىڭ غوجىلىرىنىڭ سانى بەش؛ شۇڭا بەش ئالتۇن ھۈررەك ۋە بەش ئالتۇن چاشقان ياساپ ئەۋەتىڭلار؛ چۈنكى سىلەرگە ۋە غوجاڭلارغا ئوخشاشلا بالا-قازا چۈشتى. |
وَٱصْنَعُوا تَمَاثِيلَ بَوَاسِيرِكُمْ وَتَمَاثِيلَ فِيرَانِكُمُ ٱلَّتِي تُفْسِدُ ٱلْأَرْضَ، وَأَعْطُوا إِلَهَ إِسْرَائِيلَ مَجْدًا لَعَلَّهُ يُخَفِّفُ يَدَهُ عَنْكُمْ وَعَنْ آلِهَتِكُمْ وَعَنْ أَرْضِكُمْ. | ٥ 5 |
ھۈررەكلىرىڭلارنىڭ شەكلىنى ۋە زېمىنىڭلارنى ۋەيران قىلىدىغان چاشقانلارنىڭ شەكلىنى نەقىش قىلىپ ياساپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەلكىم سىلەرنىڭ، ئىلاھلىرىمىزنىڭ ۋە زېمىنىڭلارنىڭ ئۈستىنى باسقان قولىنى يېنىكلىتەرمىكىن: ــ |
وَلِمَاذَا تُغْلِظُونَ قُلُوبَكُمْ كَمَا أَغْلَظَ ٱلْمِصْرِيُّونَ وَفِرْعَوْنُ قُلُوبَهُمْ؟ أَلَيْسَ عَلَى مَا فَعَلَ بِهِمْ أَطْلَقُوهُمْ فَذَهَبُوا؟ | ٦ 6 |
مىسىرلىقلار بىلەن پىرەۋن ئۆز كۆڭۈللىرىنى قاتتىق قىلغاندەك سىلەرمۇ نېمىشقا ئۆز كۆڭلۈڭلارنى قاتتىق قىلىسىلەر؟ ئۇ مىسىرلىقلارغا زور قاتتىق قوللۇق كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئىسرائىللارنى قويۇپ بەرمىدىمۇ، ئۇلار شۇنىڭ بىلەن قايتىپ كەلمىدىمۇ؟ |
فَٱلْآنَ خُذُوا وَٱعْمَلُوا عَجَلَةً وَاحِدَةً جَدِيدَةً وَبَقَرَتَيْنِ مُرْضِعَتَيْنِ لَمْ يَعْلُهُمَا نِيرٌ، وَٱرْبِطُوا ٱلْبَقَرَتَيْنِ إِلَى ٱلْعَجَلَةِ، وَأَرْجِعُوا وَلَدَيْهِمَا عَنْهُمَا إِلَى ٱلْبَيْتِ. | ٧ 7 |
ئەمدى يېڭى بىر ھارۋا ياساپ، تېخى بويۇنتۇرۇققا كۆندۈرۈلمىگەن موزايلىق ئىككى ئىنەكنى ھارۋىغا قوشۇڭلار؛ ئۇلاردىن موزايلىرىنى ئايرىپ، ئۆيدە ئېلىپ قېلىڭلار؛ |
وَخُذُوا تَابُوتَ ٱلرَّبِّ وَٱجْعَلُوهُ عَلَى ٱلْعَجَلَةِ، وَضَعُوا أَمْتِعَةَ ٱلذَّهَبِ ٱلَّتِي تَرُدُّونَهَا لَهُ قُرْبَانَ إِثْمٍ فِي صُنْدُوقٍ بِجَانِبِهِ وَأَطْلِقُوهُ فَيَذْهَبَ. | ٨ 8 |
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ھارۋىغا سېلىڭلار؛ ۋە ئۇنىڭغا ئەۋەتىدىغان ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىدىغان ئالتۇن بۇيۇملارنى بىر قاپقا سېلىپ ساندۇققا يانداپ قويۇڭلار ۋە ساندۇقنى شۇ پېتى ماڭدۇرۇڭلار؛ |
وَٱنْظُرُوا، فَإِنْ صَعِدَ فِي طَرِيقِ تُخْمِهِ إِلَى بَيْتَشَمْسَ فَإِنَّهُ هُوَ ٱلَّذِي فَعَلَ بِنَا هَذَا ٱلشَّرَّ ٱلْعَظِيمَ. وَإِلَّا فَنَعْلَمُ أَنْ يَدَهُ لَمْ تَضْرِبْنَا. كَانَ ذَلِكَ عَلَيْنَا عَرَضًا». | ٩ 9 |
ئاندىن قاراپ تۇرۇڭلار. ئەگەر ھارۋا ئىسرائىل چېگرىسىدىكى يول بىلەن بەيت-شەمەشكە ماڭسا، بىزگە كەلگەن شۇ چوڭ بالا-قازانى چۈشۈرگۈچىنىڭ ئۆزى پەرۋەردىگار بولىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، بىزنى ئۇرغان ئۇنىڭ قولى ئەمەس، بەلكى بىزگە چۈشكەن تاسادىپىلىق بولىدۇ، خالاس، دېيىشتى. |
فَفَعَلَ ٱلرِّجَالُ كَذَلِكَ، وَأَخَذُوا بَقَرَتَيْنِ مُرْضِعَتَيْنِ وَرَبَطُوهُمَا إِلَى ٱلْعَجَلَةِ، وَحَبَسُوا وَلَدَيْهِمَا فِي ٱلْبَيْتِ، | ١٠ 10 |
شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەر شۇنداق قىلدى. ئۇلار موزايلىق ئىككى ئىنەكنى ھارۋىغا قوشۇپ، موزايلىرىنى ئۆيدە سولاپ قويۇپ، |
وَوَضَعُوا تَابُوتَ ٱلرَّبِّ عَلَى ٱلْعَجَلَةِ مَعَ ٱلصُّنْدُوقِ وَفِيرَانِ ٱلذَّهَبِ وَتَمَاثِيلِ بَوَاسِيرِهِمْ. | ١١ 11 |
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ھارۋىغا سېلىپ، ئالتۇن چاشقان ۋە قۇيما ھۈررەكلەر قاچىلانغان قاپنى ئۇنىڭغا يانداپ قويدى. |
فَٱسْتَقَامَتِ ٱلْبَقَرَتَانِ فِي ٱلطَّرِيقِ إِلَى طَرِيقِ بَيْتَشَمْسَ، وَكَانَتَا تَسِيرَانِ فِي سِكَّةٍ وَاحِدَةٍ وَتَجْأَرَانِ، وَلَمْ تَمِيلَا يَمِينًا وَلَا شِمَالًا، وَأَقْطَابُ ٱلْفِلِسْطِينِيِّينَ يَسِيرُونَ وَرَاءَهُمَا إِلَى تُخْمِ بَيْتَشَمْسَ. | ١٢ 12 |
ئىنەكلەر بەيت-شەمەشكە بارىدىغان يول بىلەن ئۇدۇل يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار كۆتۈرۈلگەن يول بىلەن ماڭغاچ مۆرەيتتى، يا ئوڭ تەرەپكە يا سول تەرەپكە قېيىپ كەتمىدى. فىلىستىيلەرنىڭ غوجىلىرى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن بەيت-شەمەشنىڭ چېگرىسىغىچە باردى. |
وَكَانَ أَهْلُ بَيْتَشَمْسَ يَحْصُدُونَ حَصَادَ ٱلْحِنْطَةِ فِي ٱلْوَادِي، فَرَفَعُوا أَعْيُنَهُمْ وَرَأَوْا ٱلتَّابُوتَ وَفَرِحُوا بِرُؤْيَتِهِ. | ١٣ 13 |
بەيت-شەمەشتىكىلەر جىلغىدا بۇغداي ئورۇۋاتاتتى، ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرۈپ ئەھدە ساندۇقىنى كۆرۈپ خۇش بولۇشتى. |
فَأَتَتِ ٱلْعَجَلَةُ إِلَى حَقْلِ يَهُوشَعَ ٱلْبَيْتَشَمْسِيِّ وَوَقَفَتْ هُنَاكَ. وَهُنَاكَ حَجَرٌ كَبِيرٌ. فَشَقَّقُوا خَشَبَ ٱلْعَجَلَةِ وَأَصْعَدُوا ٱلْبَقَرَتَيْنِ مُحْرَقَةً لِلرَّبِّ. | ١٤ 14 |
ھارۋا بەيت-شەمەشلىك يەشۇئانىڭ ئېتىزلىقىغا كېلىپ، ئۇ يەردىكى بىر چوڭ تاشنىڭ يېنىدا توختاپ قالدى. ئۇلار ھارۋىنى چېقىپ، ئىككى ئىنەكنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. |
فَأَنْزَلَ ٱللَّاوِيُّونَ تَابُوتَ ٱلرَّبِّ وَٱلصُّنْدُوقَ ٱلَّذِي مَعَهُ ٱلَّذِي فِيهِ أَمْتِعَةُ ٱلذَّهَبِ وَوَضَعُوهُمَا عَلَى ٱلْحَجَرِ ٱلْكَبِيرِ. وَأَصْعَدَ أَهْلُ بَيْتَشَمْسَ مُحْرَقَاتٍ وَذَبَحُوا ذَبَائِحَ فِي ذَلِكَ ٱلْيَوْمِ لِلرَّبِّ. | ١٥ 15 |
لاۋىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئالتۇن بۇيۇملار بار قاپنى چۈشۈرۈپ چوڭ تاشنىڭ ئۈستىگە قويدى. شۇ كۈنى بەيت-شەمەشتىكىلەر پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى قىلدى. |
فَرَأَى أَقْطَابُ ٱلْفِلِسْطِينِيِّينَ ٱلْخَمْسَةُ وَرَجَعُوا إِلَى عَقْرُونَ فِي ذَلِكَ ٱلْيَوْمِ. | ١٦ 16 |
فىلىستىيلەرنىڭ بەش غوجىسى بۇلارنى كۆرۈپ شۇ كۈنى ئەكرونغا قايتىپ كەتتى. |
وَهَذِهِ هِيَ بَوَاسِيرُ ٱلذَّهَبِ ٱلَّتِي رَدَّهَا ٱلْفِلِسْطِينِيُّونَ قُرْبَانَ إِثْمٍ لِلرَّبِّ: وَاحِدٌ لِأَشْدُودَ، وَوَاحِدٌ لِغَزَّةَ، وَوَاحِدٌ لِأَشْقَلُونَ، وَوَاحِدٌ لِجَتَّ، وَوَاحِدٌ لِعَقْرُونَ. | ١٧ 17 |
فىلىستىيلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ بەرگەن ئالتۇن ھۈررىكى: ــ ئاشدود ئۈچۈن بىر، گازا ئۈچۈن بىر، ئاشكېلون ئۈچۈن بىر، گات ئۈچۈن بىر ۋە ئەكرون ئۈچۈن بىر ئىدى. |
وَفِيرَانُ ٱلذَّهَبِ بِعَدَدِ جَمِيعِ مُدُنِ ٱلْفِلِسْطِينِيِّينَ لِلْخَمْسَةِ ٱلْأَقْطَابِ مِنَ ٱلْمَدِينَةِ ٱلْمُحَصَّنَةِ إِلَى قَرْيَةِ ٱلصَّحْرَاءِ. وَشَاهِدٌ هُوَ ٱلْحَجَرُ ٱلْكَبِيرُ ٱلَّذِي وَضَعُوا عَلَيْهِ تَابُوتَ ٱلرَّبِّ. هُوَ إِلَى هَذَا ٱلْيَوْمِ فِي حَقْلِ يَهُوشَعَ ٱلْبَيْتِشَمْسِيِّ. | ١٨ 18 |
ئالتۇن چاشقانلارنىڭ سانى بولسا فىلىستىيلەرنىڭ بەش غوجىسىغا تەۋە بارلىق شەھەرنىڭ سانى بىلەن باراۋەر ئىدى. بۇ شەھەرلەر سېپىللىق شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق سەھرا-كەنتلەرنى، شۇنداقلا ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قويغان چوڭ چىمەنزارغىچە ھەممە جاينى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ چىمەنزار ھازىرمۇ بەيت-شەمەشلىك يەشۇئانىڭ ئېتىزلىقىدا بار. |
وَضَرَبَ أَهْلَ بَيْتَشَمْسَ لِأَنَّهُمْ نَظَرُوا إِلَى تَابُوتِ ٱلرَّبِّ. وَضَرَبَ مِنَ ٱلشَّعْبِ خَمْسِينَ أَلْفَ رَجُلٍ وَسَبْعِينَ رَجُلًا. فَنَاحَ ٱلشَّعْبُ لِأَنَّ ٱلرَّبَّ ضَرَبَ ٱلشَّعْبَ ضَرْبَةً عَظِيمَةً. | ١٩ 19 |
ئەمما بەيت-شەمەشتىكىلەر ئۆز مەيلىچە ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىگە قارىغىنى ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇلاردىن يەتمىش ئادەمنى، جۈملىدىن چوڭلاردىن ئەللىكنى ئۇردى. پەرۋەردىگار خەلقنى مۇنداق قاتتىق ئۇرغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن خەلق ماتەم تۇتتى. |
وَقَالَ أَهْلُ بَيْتَشَمْسَ: «مَنْ يَقْدِرُ أَنْ يَقِفَ أَمَامَ ٱلرَّبِّ ٱلْإِلَهِ ٱلْقُدُّوسِ هَذَا؟ وَإِلَى مَنْ يَصْعَدُ عَنَّا؟» | ٢٠ 20 |
بەيت-شەمەشتىكىلەر: ــ بۇ مۇقەددەس خۇدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كىم ئۆرە تۇرالايدۇ؟ ئەھدە ساندۇقى بىزنىڭ بۇ يەردىن كىمنىڭ قېشىغا ئاپىرىلىشى كېرەك؟ ــ دېدى. |
وَأَرْسَلُوا رُسُلًا إِلَى سُكَّانِ قَرْيَةِ يَعَارِيمَ قَائِلِينَ: «قَدْ رَدَّ ٱلْفِلِسْطِينِيُّونَ تَابُوتَ ٱلرَّبِّ، فَٱنْزِلُوا وَأَصْعِدُوهُ إِلَيْكُمْ». | ٢١ 21 |
ئاندىن ئۇلار كىرىئات-يېئارىمدىكىلەرگە ئەلچىلەرنى ئەۋىتىپ: ــ فىلىستىيلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قايتۇرۇپ بەردى. بۇ يەرگە كېلىپ ئۇنى ئۆزۈڭلارغا ئېلىپ كېتىڭلار، دېدى. |