وَلَمَّا جَاءَ دَاوُدُ وَرِجَالُهُ إِلَى صِقْلَغَ فِي ٱلْيَوْمِ ٱلثَّالِثِ، كَانَ ٱلْعَمَالِقَةُ قَدْ غَزَوْا ٱلْجَنُوبَ وَصِقْلَغَ، وَضَرَبُوا صِقْلَغَ وَأَحْرَقُوهَا بِٱلنَّارِ، | ١ 1 |
شۇنداق بولدىكى، داۋۇت ۋە ئادەملىرى ئۈچىنچى كۈنى زىكلاگقا يېتىپ كەلدى؛ مانا، ئامالەكلەر جەنۇب تەرەپكە ۋە زىكلاگقا ھۇجۇم قىلىپ، زىكلاگنى ۋەيران قىلىپ ئوت قويۇپ كۆيدۈرگەنىدى. |
وَسَبَوْا ٱلنِّسَاءَ ٱللَّوَاتِي فِيهَا. لَمْ يَقْتُلُوا أَحَدًا لَا صَغِيرًا وَلَا كَبِيرًا، بَلْ سَاقُوهُمْ وَمَضَوْا فِي طَرِيقِهِمْ. | ٢ 2 |
ئۇلار شەھەردىكى قىز-ئاياللارنى، چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەسىرگە ئالدى. ئۇلاردىن ھېچكىمنى ئۆلتۈرمەي، ھەممىسىنى ئېلىپ، يولىغا چىققانىدى. |
فَدَخَلَ دَاوُدُ وَرِجَالُهُ ٱلْمَدِينَةَ وَإِذَا هِيَ مُحْرَقَةٌ بِٱلنَّارِ، وَنِسَاؤُهُمْ وَبَنُوهُمْ وَبَنَاتُهُمْ قَدْ سُبُوا. | ٣ 3 |
داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن شەھەرگە كەلگەندە، مانا، شەھەر ئاللىقاچان كۆيۈپ تۈگىگەنىدى؛ ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە ئوغۇل-قىزلىرى ئەسىرگە ئېلىنغانىدى. |
فَرَفَعَ دَاوُدُ وَٱلشَّعْبُ ٱلَّذِينَ مَعَهُ أَصْوَاتَهُمْ وَبَكَوْا حَتَّى لَمْ تَبْقَ لَهُمْ قُوَّةٌ لِلْبُكَاءِ. | ٤ 4 |
ئەمدى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان خەلق قاتتىق يىغا-زار كۆتۈرۈشتى، تاكى ماغدۇرى قالمىغۇچە يىغلاشتى. |
وَسُبِيَتِ ٱمْرَأَتَا دَاوُدَ: أَخِينُوعَمُ ٱلْيَزْرَعِيلِيَّةُ وَأَبِيجَايِلُ ٱمْرَأَةُ نَابَالَ ٱلْكَرْمَلِيِّ. | ٥ 5 |
داۋۇتنىڭ ئىككى ئايالى، يىزرەئەللىك ئاھىنوئام بىلەن كارمەللىك نابالدىن تۇل قالغان ئابىگائىلمۇ ئەسىرگە ئېلىنغانىدى. |
فَتَضَايَقَ دَاوُدُ جِدًّا لِأَنَّ ٱلشَّعْبَ قَالُوا بِرَجْمِهِ، لِأَنَّ أَنْفُسَ جَمِيعِ ٱلشَّعْبِ كَانَتْ مُرَّةً كُلُّ وَاحِدٍ عَلَى بَنِيهِ وَبَنَاتِهِ. وَأَمَّا دَاوُدُ فَتَشَدَّدَ بِٱلرَّبِّ إِلَهِهِ. | ٦ 6 |
داۋۇت قاتتىق ئازابلاندى؛ چۈنكى بارلىق خالايىق، ھەربىرى ئۆز ئوغۇل-قىزلىرى ئۈچۈن قايغۇرۇپ غەزەپلىنىپ ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرەيلى، دېيىشىۋاتاتتى. ئەمما داۋۇت ئۆزىنى خۇداسى پەرۋەردىگاردىن كۈچ-قۇۋۋەتلەندۈردى. |
ثُمَّ قَالَ دَاوُدُ لِأَبِيَاثَارَ ٱلْكَاهِنِ ٱبْنِ أَخِيمَالِكَ: «قَدِّمْ إِلَيَّ ٱلْأَفُودَ». فَقَدَّمَ أَبِيَاثَارُ ٱلْأَفُودَ إِلَى دَاوُدَ. | ٧ 7 |
داۋۇت ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى كاھىن ئابىياتارغا: ــ ئەفودنى يېنىمغا ئېلىپ كەلگىن، دېدى. |
فَسَأَلَ دَاوُدُ مِنَ ٱلرَّبِّ قَائِلًا: «إِذَا لَحِقْتُ هَؤُلَاءِ ٱلْغُزَاةَ فَهَلْ أُدْرِكُهُمْ؟» فَقَالَ لَهُ: «ٱلْحَقْهُمْ فَإِنَّكَ تُدْرِكُ وَتُنْقِذُ». | ٨ 8 |
داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: ــ بۇ قوشۇننى قوغلايمۇ؟ ئۇلارغا يېتىشەلەرمەنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ قوغلا؛ سەن جەزمەن ئۇلارغا يېتىشىۋالىسەن ھەم ھەممىسىنى قايتۇرۇپ كېلەلەيسەن، دېدى. |
فَذَهَبَ دَاوُدُ هُوَ وَٱلسِّتُّ مِئَةِ ٱلرَّجُلِ ٱلَّذِينَ مَعَهُ وَجَاءُوا إِلَى وَادِي ٱلْبَسُورِ، وَٱلْمُتَخَلِّفُونَ وَقَفُوا. | ٩ 9 |
داۋۇت ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ئالتە يۈز ئادەم بېرىپ بېسور ۋادىسىغا يېتىپ كەلگەندە، كەينىدە سۆرۈلۈپ قالغانلار شۇ يەردە قالدى. |
وَأَمَّا دَاوُدُ فَلَحِقَ هُوَ وَأَرْبَعُ مِئَةِ رَجُلٍ، وَوَقَفَ مِئَتَا رَجُلٍ لِأَنَّهُمْ أَعْيَوْا عَنْ أَنْ يَعْبُرُوا وَادِيَ ٱلْبَسُورِ. | ١٠ 10 |
داۋۇت ئۆزى تۆت يۈز ئادەم بىلەن داۋاملىق قوغلاپ ماڭدى؛ ئىككى يۈز ئادەم ھالسىراپ كەتكەچكە، بېسور ۋادىسىدىن ئۆتەلمەي كەينىدە قالغانىدى. |
فَصَادَفُوا رَجُلًا مِصْرِيًّا فِي ٱلْحَقْلِ فَأَخَذُوهُ إِلَى دَاوُدَ، وَأَعْطَوْهُ خُبْزًا فَأَكَلَ وَسَقَوْهُ مَاءً، | ١١ 11 |
ئۇلار دالادا مىسىرلىق بىر ئادەمنى ئۇچراتتى. ئۇلار ئۇنى داۋۇتنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا نان بېرىپ يېگۈزدى، سۇ ئىچكۈزدى؛ |
وَأَعْطَوْهُ قُرْصًا مِنَ ٱلتِّينِ وَعُنْقُودَيْنِ مِنَ ٱلزَّبِيبِ، فَأَكَلَ وَرَجَعَتْ رُوحُهُ إِلَيْهِ، لِأَنَّهُ لَمْ يَأْكُلْ خُبْزًا وَلَا شَرِبَ مَاءً فِي ثَلَاثَةِ أَيَّامٍ وَثَلَاثِ لَيَالٍ. | ١٢ 12 |
ئۇنىڭغا بىر پارچە ئەنجۈر پوشكىلى بىلەن ئىككى كىشمىش پوشكىلىنىمۇ بەردى. ئۇ بۇلارنى يەپ، ئۇنىڭغا قايتىدىن جان كىردى؛ چۈنكى ئۇ ئۈچ كېچە-كۈندۈز نان يېمىگەن، سۇمۇ ئىچمىگەنىدى. |
فَقَالَ لَهُ دَاوُدُ: «لِمَنْ أَنْتَ؟ وَمِنْ أَيْنَ أَنْتَ؟» فَقَالَ: «أَنَا غُلَامٌ مِصْرِيٌّ عَبْدٌ لِرَجُلٍ عَمَالِيقِيٍّ، وَقَدْ تَرَكَنِي سَيِّدِي لِأَنِّي مَرِضْتُ مُنْذُ ثَلَاثَةِ أَيَّامٍ. | ١٣ 13 |
داۋۇت ئۇنىڭدىن: ــ سەن كىمگە تەۋە؟ سەن قەيەرلىكسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ مەن مىسىرلىق يىگىت بولۇپ، بىر ئامالەكنىڭ قۇلىمەن. لېكىن مەن ئۈچ كۈن ئىلگىرى كېسەل بولۇپ قالغاچقا، غوجام مېنى تاشلىۋەتتى. |
فَإِنَّنَا قَدْ غَزَوْنَا عَلَى جَنُوبِيِّ ٱلْكَرِيتِيِّينَ، وَعَلَى مَا لِيَهُوذَا وَعَلَى جَنُوبِيِّ كَالِبَ وَأَحْرَقْنَا صِقْلَغَ بِٱلنَّارِ». | ١٤ 14 |
بىز ئەسلى كەرەتىيلەرنىڭ يۇرتىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە ۋە يەھۇدا زېمىنىغا ۋە كالەبنىڭ زېمىنىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە ھۇجۇم قىلىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلدۇق؛ شۇنداقلا زىكلاگنى كۆيدۇرۈۋەتكەنىدۇق، دېدى. |
فَقَالَ لَهُ دَاوُدُ: «هَلْ تَنْزِلُ بِي إِلَى هَؤُلَاءِ ٱلْغُزَاةِ؟» فَقَالَ: «ٱحْلِفْ لِي بِٱللهِ أَنَّكَ لَا تَقْتُلُنِي وَلَا تُسَلِّمُنِي لِيَدِ سَيِّدِي، فَأَنْزِلَ بِكَ إِلَى هَؤُلَاءِ ٱلْغُزَاةِ». | ١٥ 15 |
داۋۇت ئۇنىڭدىن: ــ بىزنى ئۇ [دۈشمەن] قوشۇنى تەرەپكە باشلاپ بارالامسەن، دېدى. ئۇ: ــ خۇدانىڭ نامى بىلەن مەن سېنى ئۆلتۈرمەيمەن، سېنى غوجاڭنىڭ قولىغىمۇ تۇتۇپ بەرمەيمەن دەپ قەسەم قىلسىلا، سىلىنى ئۇ قوشۇننىڭ قېشىغا باشلاپ باراي، دېدى. |
فَنَزَلَ بِهِ وَإِذَا بِهِمْ مُنْتَشِرُونَ عَلَى وَجْهِ كُلِّ ٱلْأَرْضِ، يَأْكُلُونَ وَيَشْرَبُونَ وَيَرْقُصُونَ بِسَبَبِ جَمِيعِ ٱلْغَنِيمَةِ ٱلْعَظِيمَةِ ٱلَّتِي أَخَذُوا مِنْ أَرْضِ ٱلْفِلِسْطِينِيِّينَ وَمِنْ أَرْضِ يَهُوذَا. | ١٦ 16 |
ئۇنى ئۇ يەرگە باشلاپ بارغاندا، مانا ئۇلار پۈتكۈل يەرگە يېيىلىپ، يەپ-ئىچىپ فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدىن ھەم يەھۇدا زېمىنىدىن ئالغان چوڭ ئولجىلىرىدىن خۇش بولۇپ ئۇسسۇل ئوينىشىۋاتاتتى. |
فَضَرَبَهُمْ دَاوُدُ مِنَ ٱلْعَتَمَةِ إِلَى مَسَاءِ غَدِهِمْ، وَلَمْ يَنْجُ مِنْهُمْ رَجُلٌ إِلَّا أَرْبَعَ مِئَةِ غُلَامٍ ٱلَّذِينَ رَكِبُوا جِمَالًا وَهَرَبُوا. | ١٧ 17 |
ئەمما داۋۇت شۇ كۈنى گۇگۇمدىن تارتىپ ئىككىنچى كۈنى كەچكىچە ئۇلارنى ئۇرۇپ قىردى. تۆگىگە مىنىپ بەدەر قاچقان تۆت يۈز يىگىتتىن باشقا ھېچبىر ئادەم قېچىپ قۇتۇلمىدى؛ |
وَٱسْتَخْلَصَ دَاوُدُ كُلَّ مَا أَخَذَهُ عَمَالِيقُ، وَأَنْقَذَ دَاوُدُ ٱمْرَأَتَيْهِ. | ١٨ 18 |
ۋە داۋۇت ئامالەكلەر بۇلۇۋالغان ھەممە نەرسىنى ياندۇرۇپ ئالدى؛ ئۆزىنىڭ ئىككى ئايالىنىمۇ قۇتقۇزۇۋالدى. |
وَلَمْ يُفْقَدْ لَهُمْ شَيْءٌ لَا صَغِيرٌ وَلَا كَبِيرٌ، وَلَا بَنُونَ وَلَا بَنَاتٌ وَلَا غَنِيمَةٌ، وَلَا شَيْءٌ مِنْ جَمِيعِ مَا أَخَذُوا لَهُمْ، بَلْ رَدَّ دَاوُدُ ٱلْجَمِيعَ. | ١٩ 19 |
ئامالەكلەر ئېلىپ كەتكەن ئوغۇل-قىز، مال-مۈلۈكلەر ۋە باشقا ھەممە نەرسىنى داۋۇت ئۇلاردىن قايتۇرۇۋالدى. ھېچنېمە، چوڭ بولسۇن كىچىك بولسۇن چۈشۈپ قالمىغانىدى. |
وَأَخَذَ دَاوُدُ ٱلْغَنَمَ وَٱلْبَقَرَ. سَاقُوهَا أَمَامَ تِلْكَ ٱلْمَاشِيَةِ وَقَالُوا: «هَذِهِ غَنِيمَةُ دَاوُدَ». | ٢٠ 20 |
[داۋۇتنىڭ ئادەملىدى] قايتۇرۇۋالغان ماللىرىنىڭ ئالدىغا [ئولجا ئالغان] باشقا قوي ۋە كالا پادىلارنى سېلىپ ھەيدەپ كېتىۋاتاتتى. [ئۇنىڭ ئادەملىرى] كېتىۋېتىپ: ــ بۇلار داۋۇتنىڭ ئولجىسى، دېيىشتى؛ داۋۇت ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە ئالدى. |
وَجَاءَ دَاوُدُ إِلَى مِئَتَيِ ٱلرَّجُلِ ٱلَّذِينَ أَعْيَوْا عَنِ ٱلذَّهَابِ وَرَاءَ دَاوُدَ، فَأَرْجَعُوهُمْ فِي وَادِي ٱلْبَسُورِ، فَخَرَجُوا لِلِقَاءِ دَاوُدَ وَلِقَاءِ ٱلشَّعْبِ ٱلَّذِينَ مَعَهُ. فَتَقَدَّمَ دَاوُدُ إِلَى ٱلْقَوْمِ وَسَأَلَ عَنْ سَلَامَتِهِمْ. | ٢١ 21 |
داۋۇت ھالسىزلىنىپ ئۆزى بىلەن بىللە بارالمىغان بېسور ۋادىسىنىڭ بويىدا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىككى يۈز ئادەمنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلدى؛ ئۇلار داۋۇت ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن ئادەملەرنىڭ ئالدىغا چىقتى، داۋۇت خەلقنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇلارغا سالام قىلدى. |
فَأَجَابَ كُلُّ رَجُلٍ شِرِّيرٍ وَلَئِيمٍ مِنَ ٱلرِّجَالِ ٱلَّذِينَ سَارُوا مَعَ دَاوُدَ وَقَالُوا: «لِأَجْلِ أَنَّهُمْ لَمْ يَذْهَبُوا مَعَنَا لَا نُعْطِيهِمْ مِنَ ٱلْغَنِيمَةِ ٱلَّتِي ٱسْتَخْلَصْنَاهَا، بَلْ لِكُلِّ رَجُلٍ ٱمْرَأَتَهُ وَبَنِيهِ، فَلْيَقْتَادُوهُمْ وَيَنْطَلِقُوا». | ٢٢ 22 |
لېكىن داۋۇت بىلەن بارغانلارنىڭ ئارىسىدىكى رەزىل ئادەملەر ۋە ئەرزىمەسلەرنىڭ ھەممىسى قوپۇپ: ــ بۇلار بىز بىلەن بارمىغاندىن كېيىن بىز ياندۇرۇپ ئالغان ئولجىدىن ئۇلارغا ھېچ نېمە بەرمەيلى. ئۇلار پەقەت ھەربىرى ئۆز خوتۇن-بالىلىرىنى ئېلىپ كەتسۇن، دېدى. |
فَقَالَ دَاوُدُ: «لَا تَفْعَلُوا هَكَذَا يَا إِخْوَتِي، لِأَنَّ ٱلرَّبَّ قَدْ أَعْطَانَا وَحَفِظَنَا وَدَفَعَ لِيَدِنَا ٱلْغُزَاةَ ٱلَّذِينَ جَاءُوا عَلَيْنَا. | ٢٣ 23 |
ئەمما داۋۇت: ــ ياق، ئى بۇرادەرلىرىم؛ پەرۋەردىگار بىزگە تەقسىم قىلغاننى [ئۇلارغىمۇ تەقسىم] قىلمىساق بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ بىزنى قوغداپ بىزنىڭكىگە تاجاۋۇز قىلغانلارنى قولىمىزغا تاپشۇردى. |
وَمَنْ يَسْمَعُ لَكُمْ فِي هَذَا ٱلْأَمْرِ؟ لِأَنَّهُ كَنَصِيبِ ٱلنَّازِلِ إِلَى ٱلْحَرْبِ نَصِيبُ ٱلَّذِي يُقِيمُ عِنْدَ ٱلْأَمْتِعَةِ، فَإِنَّهُمْ يَقْتَسِمُونَ بِٱلسَّوِيَّةِ». | ٢٤ 24 |
بۇ ئىشتا كىم سىلەرگە ماقۇل دەيدۇ؟ چۈنكى سوقۇشقا چۈشكەننىڭ ئۈلۈشى قانداق بولسا يۈك-تاقلارغا قارىغۇچىلارنىڭمۇ ئۈلۈشى شۇنداق بولىدۇ؛ ھەممە ئادەم تەڭ بۆلۈشسۇن ــ دېدى. |
وَكَانَ مِنْ ذَلِكَ ٱلْيَوْمِ فَصَاعِدًا أَنَّهُ جَعَلَهَا فَرِيضَةً وَقَضَاءً لِإِسْرَائِيلَ إِلَى هَذَا ٱلْيَوْمِ. | ٢٥ 25 |
شۇ كۈندىن تارتىپ بۇ ئىسرائىل ئۈچۈن ھۆكۈم-بەلگىلىمە قىلىپ بېكىتىلدى. بۈگۈنگىچە ھەم شۇنداق. |
وَلَمَّا جَاءَ دَاوُدُ إِلَى صِقْلَغَ أَرْسَلَ مِنَ ٱلْغَنِيمَةِ إِلَى شُيُوخِ يَهُوذَا، إِلَى أَصْحَابِهِ قَائِلًا: «هَذِهِ لَكُمْ بَرَكَةٌ مِنْ غَنِيمَةِ أَعْدَاءِ ٱلرَّبِّ». | ٢٦ 26 |
داۋۇت زىكلاگقا يېتىپ كەلگەندە، ئولجىدىن دوستلىرى بولغان يەھۇدا ئاقساقاللىرىغا ئەۋەتىپ: ــ مانا، پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئالغان ئولجا سىلەرگە بىر سوۋغات بولسۇن، دېدى. |
إِلَى ٱلَّذِينَ فِي بَيْتِ إِيلٍ وَٱلَّذِينَ فِي رَامُوتِ ٱلْجَنُوبِ وَٱلَّذِينَ فِي يَتِّيرَ، | ٢٧ 27 |
ئۇ ئولجىدىن ھەم بەيت-ئەلدىكىلەرگە، جەنۇبىي راموتتىكىلەرگە، ياتتىردىكىلەرگە، |
وَإِلَى ٱلَّذِينَ فِي عَرُوعِيرَ وَٱلَّذِينَ فِي سِفْمُوثَ وَٱلَّذِينَ فِي أَشْتِمُوعَ، | ٢٨ 28 |
ئاروئەردىكىلەرگە، سىفموتتىكىلەرگە، ئەشتەموئادىكىلەرگە، |
وَإِلَى ٱلَّذِينَ فِي رَاخَالَ وَٱلَّذِينَ فِي مُدُنِ ٱلْيَرْحَمْئِيلِيِّينَ وَٱلَّذِينَ فِي مُدُنِ ٱلْقِينِيِّينَ، | ٢٩ 29 |
راقالدىكىلەرگە، يەراھمەئەللىكلەرنىڭ شەھەرلىرىدىكىلەرگە ۋە كېنىيلەرنىڭ شەھەرلىرىدىكىلەرگە، |
وَإِلَى ٱلَّذِينَ فِي حُرْمَةَ وَٱلَّذِينَ فِي كُورِ عَاشَانَ وَٱلَّذِينَ فِي عَتَاكَ، | ٣٠ 30 |
خورماھتىكىلەرگە، قوراشاندىكىلەرگە، ئاتاقتىكىلەرگە، |
وَإِلَى ٱلَّذِينَ فِي حَبْرُونَ، وَإِلَى جَمِيعِ ٱلْأَمَاكِنِ ٱلَّتِي تَرَدَّدَ فِيهَا دَاوُدُ وَرِجَالُهُ. | ٣١ 31 |
ھېبروندىكىلەرگە ۋە داۋۇت ۋە ئادەملىرى بىللە يۈرگەن ھەممە يەردىكىلەرگە سوۋغات ئەۋەتتى. |