وَكَانَ ٱلصَّبِيُّ صَمُوئِيلُ يَخْدِمُ ٱلرَّبَّ أَمَامَ عَالِي. وَكَانَتْ كَلِمَةُ ٱلرَّبِّ عَزِيزَةً فِي تِلْكَ ٱلْأَيَّامِ. لَمْ تَكُنْ رُؤْيَا كَثِيرًا. | ١ 1 |
سامۇئىل دېگەن بالا بولسا ئەلىنىڭ ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى. ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇ كۈنلەردە كەم ئىدى؛ ۋەھىيلىك كۆرۈنۈشلەرمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى. |
وَكَانَ فِي ذَلِكَ ٱلزَّمَانِ إِذْ كَانَ عَالِي مُضْطَجِعًا فِي مَكَانِهِ وَعَيْنَاهُ ٱبْتَدَأَتَا تَضْعُفَانِ لَمْ يَقْدِرْ أَنْ يُبْصِرَ. | ٢ 2 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، بىر كۈنى ئەلى ئورنىدا ياتقانىدى (ئۇنىڭ كۆزلىرى تورلىشىپ كۆرمەس بولۇپ قالاي دېگەنىدى) |
وَقَبْلَ أَنْ يَنْطَفِئَ سِرَاجُ ٱللهِ، وَصَمُوئِيلُ مُضْطَجعٌ فِي هَيْكَلِ ٱلرَّبِّ ٱلَّذِي فِيهِ تَابُوتُ ٱللهِ، | ٣ 3 |
خۇدانىڭ چىرىغى تېخى ئۆچمىگەن بولۇپ، سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا، خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىغا يېقىنلا يەردە ياتاتتى. |
أَنَّ ٱلرَّبَّ دَعَا صَمُوئِيلَ، فَقَالَ: «هَأَنَذَا». | ٤ 4 |
پەرۋەردىگار سامۇئىلنى چاقىردى. ئۇ: ــ مانا مەن بۇ يەردە، دېدى. |
وَرَكَضَ إِلَى عَالِي وَقَالَ: «هَأَنَذَا لِأَنَّكَ دَعَوْتَنِي». فَقَالَ: «لَمْ أَدْعُ. ٱرْجعِ ٱضْطَجِعْ». فَذَهَبَ وَٱضْطَجَعَ. | ٥ 5 |
ئۇ ئەلىنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ: ــ مانا مەن، مېنى چاقىردىڭغۇ، دېدى. لېكىن ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن چاقىرمىدىم؛ قايتىپ بېرىپ ياتقىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ ياتتى. |
ثُمَّ عَادَ ٱلرَّبُّ وَدَعَا أَيْضًا صَمُوئِيلَ. فَقَامَ صَمُوئِيلُ وَذَهَبَ إِلَى عَالِي وَقَالَ: «هَأَنَذَا لِأَنَّكَ دَعَوْتَنِي». فَقَالَ: «لَمْ أَدْعُ يَاٱبْنِي. ٱرْجعِ ٱضْطَجِعْ». | ٦ 6 |
پەرۋەردىگار يەنە: «سامۇئىل!» دەپ چاقىردى. سامۇئىل قوپۇپ ئەلىنىڭ قېشىغا بېرىپ: مانا مەن، مېنى چاقىردىڭغۇ، دېدى. لېكىن ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن چاقىرمىدىم ئى ئوغلۇم، يەنە بېرىپ ياتقىن، دېدى. |
وَلَمْ يَعْرِفْ صَمُوئِيلُ ٱلرَّبَّ بَعْدُ، وَلَا أُعْلِنَ لَهُ كَلَامُ ٱلرَّبِّ بَعْدُ. | ٧ 7 |
سامۇئىل پەرۋەردىگارنى تېخى تونۇمىغانىدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا تېخى ئايان قىلىنمىغانىدى. |
وَعَادَ ٱلرَّبُّ فَدَعَا صَمُوئِيلَ ثَالِثَةً. فَقَامَ وَذَهَبَ إِلَى عَالِي وَقَالَ: «هَأَنَذَا لِأَنَّكَ دَعَوْتَنِي». فَفَهِمَ عَالِي أَنَّ ٱلرَّبَّ يَدْعُو ٱلصَّبِيَّ. | ٨ 8 |
لېكىن پەرۋەردىگار يەنە ئۈچىنچى قېتىم: «سامۇئىل!» دەپ چاقىردى؛ ئۇ قوپۇپ ئەلىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ مانا مەن؛ سەن مېنى چاقىردىڭ، دېدى. ئۇ ۋاقىتتا ئەلى پەرۋەردىگار بالىنى چاقىرىپتۇ، دەپ بىلىپ يەتتى. |
فَقَالَ عَالِي لِصَمُوئِيلَ: «ٱذْهَبِ ٱضْطَجِعْ، وَيَكُونُ إِذَا دَعَاكَ تَقُولُ: تَكَلَّمْ يَارَبُّ لِأَنَّ عَبْدَكَ سَامِعٌ». فَذَهَبَ صَمُوئِيلُ وَٱضْطَجَعَ فِي مَكَانِهِ. | ٩ 9 |
شۇنىڭ بىلەن ئەلى سامۇئىلغا: ــ بېرىپ ياتقىن. ئۇ ئەگەر سېنى چاقىرسا، سەن: ــ ئى پەرۋەردىگار، سۆز قىلغىن، چۈنكى قۇلۇڭ ئاڭلايدۇ، دەپ ئېيتقىن، دېۋىدى، سامۇئىل بېرىپ ئورنىدا ياتتى. |
فَجَاءَ ٱلرَّبُّ وَوَقَفَ وَدَعَا كَٱلْمَرَّاتِ ٱلْأُوَلِ: «صَمُوئِيلُ، صَمُوئِيلُ». فَقَالَ صَمُوئِيلُ: «تَكَلَّمْ لِأَنَّ عَبْدَكَ سَامِعٌ». | ١٠ 10 |
ۋە پەرۋەردىگار كېلىپ يېقىن تۇرۇپ ئىلگىرىكىدەك: ــ «سامۇئىل، سامۇئىل!» دەپ چاقىردى. سامۇئىل: ــ سۆز قىلغىن، چۈنكى قۇلۇڭ ئاڭلايدۇ، دەپ جاۋاب بەردى. |
فَقَالَ ٱلرَّبُّ لِصَمُوئِيلَ: «هُوَذَا أَنَا فَاعِلٌ أَمْرًا فِي إِسْرَائِيلَ كُلُّ مَنْ سَمِعَ بِهِ تَطِنُّ أُذُنَاهُ. | ١١ 11 |
پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: ــ مانا مەن ئاڭلىغانلارنىڭ ئىككى قۇلىقىنى زىڭىلداتقۇدەك بىر ئىشنى ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا قىلماقچىمەن. |
فِي ذَلِكَ ٱلْيَوْمِ أُقِيمُ عَلَى عَالِي كُلَّ مَا تَكَلَّمْتُ بِهِ عَلَى بَيْتِهِ. أَبْتَدِئُ وَأُكَمِّلُ. | ١٢ 12 |
شۇ كۈنىدە مەن بۇرۇن ئەلىنىڭ جەمەتىدىكىلەر توغرىسىدا ئېيتقىنىمنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ باشتىن ئاخىرغىچە ئادا قىلىمەن! |
وَقَدْ أَخْبَرْتُهُ بِأَنِّي أَقْضِي عَلَى بَيْتِهِ إِلَى ٱلْأَبَدِ مِنْ أَجْلِ ٱلشَّرِّ ٱلَّذِي يَعْلَمُ أَنَّ بَنِيهِ قَدْ أَوْجَبُوا بِهِ ٱللَّعْنَةَ عَلَى أَنْفُسِهِمْ، وَلَمْ يَرْدَعْهُمْ. | ١٣ 13 |
چۈنكى ئۆزىگە ئايان بولغان قەبىھلىك تۈپەيلىدىن مەن ئۇنىڭغا، سېنىڭ جەمەتىڭدىن مەڭگۈلۈك ھۆكۈم چىقارماقچىمەن، دەپ ئېيتقانمەن؛ چۈنكى ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ ئىپلاسلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنى توسمىدى. |
وَلِذَلِكَ أَقْسَمْتُ لِبَيْتِ عَالِي أَنَّهُ لَا يُكَفَّرُ عَنْ شَرِّ بَيْتِ عَالِي بِذَبِيحَةٍ أَوْ بِتَقْدِمَةٍ إِلَى ٱلْأَبَدِ». | ١٤ 14 |
ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەلىنىڭ جەمەتىدىكىلەرگە قەسەم قىلغانمەنكى، ئەلىنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ قەبىھلىكى مەيلى قۇربانلىق بىلەن بولسۇن، مەيلى ھەدىيە بىلەن بولسۇن كافارەت قىلىنماي، ئەبەدگىچە كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ، دېدى. |
وَٱضْطَجَعَ صَمُوئِيلُ إِلَى ٱلصَّبَاحِ، وَفَتَحَ أَبْوَابَ بَيْتِ ٱلرَّبِّ. وَخَافَ صَمُوئِيلُ أَنْ يُخْبِرَ عَالِيَ بِٱلرُّؤْيَا. | ١٥ 15 |
سامۇئىل ئەتىسى تاڭ ئاتقۇچە يېتىپ، ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچتى. ئەمما سامۇئىل ۋەھىيلىك كۆرۈنۈشنى ئەلىگە ئېيتىشتىن قورقتى. |
فَدَعَا عَالِي صَمُوئِيلَ وَقَالَ: «يَاصَمُوئِيلُ ٱبْنِي» فَقَالَ: «هَأَنَذَا». | ١٦ 16 |
لېكىن ئەلى سامۇئىلنى چاقىرىپ: ــ ئى سامۇئىل ئوغلۇم، دېدى. ئۇ: ــ مانا مەن، دەپ جاۋاب بەردى. |
فَقَالَ: «مَاٱلْكَلَامُ ٱلَّذِي كَلَّمَكَ بِهِ؟ لَا تُخْفِ عَنِّي. هَكَذَا يَعْمَلُ لَكَ ٱللهُ وَهَكَذَا يَزِيدُ إِنْ أَخْفَيْتَ عَنِّي كَلِمَةً مِنْ كُلِّ ٱلْكَلَامِ ٱلَّذِي كَلَّمَكَ بِهِ». | ١٧ 17 |
ئۇ: ــ ئۇ ساڭا نېمە سۆز قىلدى؟ سەندىن ئۆتۈنەي، ئۇنى مەندىن يوشۇرمىغىن. ئەگەر ئۇنىڭ ساڭا ئېيتقانلىرىنىڭ بىرىنى ماڭا ئېيتماي قويساڭ، خۇدا دېگىنىنى سېنىڭ بېشىڭغا چۈشۈرسۇن ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق چۈشۈرسۇن! ــ دېدى. |
فَأَخْبَرَهُ صَمُوئِيلُ بِجَمِيعِ ٱلْكَلَامِ وَلَمْ يُخْفِ عَنْهُ. فَقَالَ: «هُوَ ٱلرَّبُّ. مَا يَحْسُنُ فِي عَيْنَيْهِ يَعْمَلُ». | ١٨ 18 |
شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل ئۇنىڭغا ھېچنېمىنى قالدۇرماي ھەممىنى دەپ بەردى. ئەلى: ــ مانا، ئۇ پەرۋەردىگاردۇر؛ ئۇ نېمىنى لايىق تاپسا، شۇنى قىلسۇن، دېدى. |
وَكَبِرَ صَمُوئِيلُ وَكَانَ ٱلرَّبُّ مَعَهُ، وَلَمْ يَدَعْ شَيْئًا مِنْ جَمِيعِ كَلَامِهِ يَسْقُطُ إِلَى ٱلْأَرْضِ. | ١٩ 19 |
سامۇئىل ئۆسۈپ چوڭ بولۇۋاتاتتى ۋە پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتقان بېشارەتلىك سۆزلىرىدىن ھېچقايسىسىنى يەردە قالدۇرمايتتى. |
وَعَرَفَ جَمِيعُ إِسْرَائِيلَ مِنْ دَانَ إِلَى بِئْرِ سَبْعٍ أَنَّهُ قَدِ ٱؤْتُمِنَ صَمُوئِيلُ نَبِيًّا لِلرَّبِّ. | ٢٠ 20 |
شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل داندىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە سامۇئىلنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبىرى قىلىپ تىكلەنگەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. |
وَعَادَ ٱلرَّبُّ يَتَرَاءَى فِي شِيلُوهَ، لِأَنَّ ٱلرَّبَّ ٱسْتَعْلَنَ لِصَمُوئِيلَ فِي شِيلُوهَ بِكَلِمَةِ ٱلرَّبِّ. | ٢١ 21 |
شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار شىلوھدا ئۆزىنى يەنە ئايان قىلدى. چۈنكى پەرۋەردىگار شىلوھدا ئۆز سۆز-كالامى ئارقىلىق سامۇئىلغا ئۆزىنى ئايان قىلدى؛ ۋە سامۇئىل ئۇنىڭ سۆزىنى پۈتكۈل ئىسرائىلغا يەتكۈزدى. |