وَقَالَ دَاوُدُ فِي قَلْبِهِ: «إِنِّي سَأَهْلِكُ يَوْمًا بِيَدِ شَاوُلَ، فَلَا شَيْءَ خَيْرٌ لِي مِنْ أَنْ أُفْلِتَ إِلَى أَرْضِ ٱلْفِلِسْطِينِيِّينَ، فَيَيْأَسَ شَاوُلُ مِنِّي فَلَا يُفَتِّشَ عَلَيَّ بَعْدُ فِي جَمِيعِ تُخُومِ إِسْرَائِيلَ، فَأَنْجُوَ مِنْ يَدِهِ». | ١ 1 |
داۋۇت كۆڭلىدە: ــ ھامان بىر كۈنى سائۇلنىڭ قولىدا ھالاك بولىدىغان ئوخشايمەن. شۇڭا فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىغا تېزدىن قېچىپ كېتىشىمدىن باشقا ئامال يوق. شۇنداق قىلسام سائۇل ئىسرائىل زېمىنى ئىچىدە مېنى تېپىشتىن ئۈمىدسىزلىنىپ، ئىزدەشتىن قول ئۈزىدۇ، ۋە مەن ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلىمەن، دەپ ئويلىدى. |
فَقَامَ دَاوُدُ وَعَبَرَ هُوَ وَٱلسِّتُّ مِئَةِ ٱلرَّجُلِ ٱلَّذِينَ مَعَهُ، إِلَى أَخِيشَ بْنِ مَعُوكَ مَلِكِ جَتٍّ. | ٢ 2 |
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت قوپۇپ ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئالتە يۈز ئادەمنى ئېلىپ گاتنىڭ پادىشاھى مائوقنىڭ ئوغلى ئاقىشنىڭ قېشىغا باردى. |
وَأَقَامَ دَاوُدُ عِنْدَ أَخِيشَ فِي جَتٍّ هُوَ وَرِجَالُهُ، كُلُّ وَاحِدٍ وَبَيْتِهِ، دَاوُدُ وَٱمْرَأَتَاهُ أَخِينُوعَمُ ٱلْيَزْرَعِيلِيَّةُ وَأَبِيجَايِلُ ٱمْرَأَةُ نَابَالَ ٱلْكَرْمَلِيَّةُ. | ٣ 3 |
ئەمدى داۋۇت ۋە ئادەملىرى، يەنى ھەربىرى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە گاتتا ئاقىش بىلەن تۇردى. داۋۇت ئىككى ئايالى، يەنى يىزرەئەللىك ئاھىنوئام ۋە نابالنىڭ تۇل خوتۇنى كارمەللىك ئابىگائىل بىلەن بىللە شۇ يەردە تۇردى. |
فَأُخْبِرَ شَاوُلُ أَنَّ دَاوُدَ قَدْ هَرَبَ إِلَى جَتٍّ فَلَمْ يَعُدْ أَيْضًا يُفَتِّشُ عَلَيْهِ. | ٤ 4 |
سائۇل: ــ داۋۇت گاتقا قېچىپتۇ، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغاندا، ئۇنى يەنە ئىزدەپ يۈرمىدى. |
فَقَالَ دَاوُدُ لِأَخِيشَ: «إِنْ كُنْتُ قَدْ وَجَدْتُ نِعْمَةً فِي عَيْنَيْكَ، فَلْيُعْطُونِي مَكَانًا فِي إِحْدَى قُرَى ٱلْحَقْلِ فَأَسْكُنَ هُنَاكَ. وَلِمَاذَا يَسْكُنُ عَبْدُكَ فِي مَدِينَةِ ٱلْمَمْلَكَةِ مَعَكَ؟» | ٥ 5 |
داۋۇت ئاقىشقا: ــ ئەگەر كۆزلىرىنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئولتۇرۇشۇم ئۈچۈن سەھرادىكى بىر شەھەردىن بىزگە بىر جاي بەرگەيلا؛ قۇلۇڭ قانداقمۇ شاھانە شەھەردە سىلىنىڭ قاشلىرىدا تۇرسۇن، دېدى. |
فَأَعْطَاهُ أَخِيشُ فِي ذَلِكَ ٱلْيَوْمِ صِقْلَغَ. لِذَلِكَ صَارَتْ صِقْلَغُ لِمُلُوكِ يَهُوذَا إِلَى هَذَا ٱلْيَوْمِ. | ٦ 6 |
ئۇ كۈنى ئاقىش ئۇنىڭغا زىكلاگ شەھىرىنى بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن زىكلاگ بۈگۈنكى كۈنگىچە يەھۇدا پادىشاھلىرىغا تەۋە بولۇپ كەلمەكتە. |
وَكَانَ عَدَدُ ٱلْأَيَّامِ ٱلَّتِي سَكَنَ فِيهَا دَاوُدُ فِي بِلَادِ ٱلْفِلِسْطِينِيِّينَ سَنَةً وَأَرْبَعَةَ أَشْهُرٍ. | ٧ 7 |
داۋۇت فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدا تۇرغان ۋاقىت بىر يىل تۆت ئاي بولدى. |
وَصَعِدَ دَاوُدُ وَرِجَالُهُ وَغَزَوْا ٱلْجَشُورِيِّينَ وَٱلْجَرِزِّيِّينَ وَٱلْعَمَالِقَةَ، لِأَنَّ هَؤُلَاءِ مِنْ قَدِيمٍ سُكَّانُ ٱلْأَرْضِ مِنْ عِنْدِ شُورٍ إِلَى أَرْضِ مِصْرَ. | ٨ 8 |
داۋۇت بولسا ئۆز ئادەملىرى بىلەن چىقىپ گەشۇرىيلارغا، گەزرىيلەرگە ۋە ئامالەكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ تۇراتتى (چۈنكى ئۇلار قەدىمدىن تارتىپ شۇرىغا كىرىش يولىدىن تارتىپ مىسىر زېمىنىغىچە بولغان شۇ يۇرتتا تۇراتتى). |
وَضَرَبَ دَاوُدُ ٱلْأَرْضَ، وَلَمْ يَسْتَبْقِ رَجُلًا وَلَا ٱمْرَأَةً، وَأَخَذَ غَنَمًا وَبَقَرًا وَحَمِيرًا وَجِمَالًا وَثِيَابًا وَرَجَعَ وَجَاءَ إِلَى أَخِيشَ. | ٩ 9 |
داۋۇت [ھەرقېتىم] زېمىندىكىلەرنى قىرىپ ئەر ياكى ئايال بولسۇن، بىرنىمۇ تىرىك قالدۇرمايتتى ۋە قوي، كالا، ئېشەك، تۆگە ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى ئېلىپ ئاقىشنىڭ يېنىغا يېنىپ كېلەتتى. |
فَقَالَ أَخِيشُ: «إِذًا لَمْ تَغْزُوا ٱلْيَوْمَ». فَقَالَ دَاوُدُ: «بَلَى. عَلَى جَنُوبِيِّ يَهُوذَا، وَجَنُوبِيِّ ٱلْيَرْحَمِئِيلِيِّينَ، وَجَنُوبِيِّ ٱلْقِينِيِّينَ». | ١٠ 10 |
ئاقىش: ــ بۈگۈن قايسى جايلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدىڭلار، دەپ سورايتتى؛ داۋۇت: ــ يەھۇدا زېمىنىنىڭ جەنۇب تەرىپىنى، يەراھمەئەللىكلەرنىڭ جەنۇب تەرىپىنى ۋە كېنىيلەرنىڭ جەنۇب تەرىپىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدۇق، دەيتتى. |
فَلَمْ يَسْتَبْقِ دَاوُدُ رَجُلًا وَلَا ٱمْرَأَةً حَتَّى يَأْتِيَ إِلَى جَتٍّ، إِذْ قَالَ: «لِئَّلَا يُخْبِرُوا عَنَّا قَائِلِينَ: هَكَذَا فَعَلَ دَاوُدُ». وَهَكَذَا عَادَتُهُ كُلَّ أَيَّامِ إِقَامَتِهِ فِي بِلَادِ ٱلْفِلِسْطِينِيِّينَ. | ١١ 11 |
داۋۇت ئەر ياكى ئاياللارنىڭ بىرىنىمۇ گاتقا تىرىك ئېلىپ كەلمەيتتى؛ چۈنكى ئۇ: ــ ئۇلار بىزنىڭ توغرىمىزدىن، «داۋۇت ئۇنداق-مۇنداق قىلدى» دەپ گەپ قىلىشى مۇمكىن، دەيتتى. داۋۇت فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدا تۇرغان ۋاقتىدا ئۇ دائىم شۇنداق قىلاتتى. |
فَصَدَّقَ أَخِيشُ دَاوُدَ قَائِلًا: «قَدْ صَارَ مَكْرُوهًا لَدَى شَعْبِهِ إِسْرَائِيلَ، فَيَكُونُ لِي عَبْدًا إِلَى ٱلْأَبَدِ». | ١٢ 12 |
شۇڭا ئاقىش داۋۇتقا ئىشەندى: ــ «ئەمدى ئۇ خەلقى ئىسرائىلنى ئۆزىدىن سەسكەندۈرۈۋەتتى؛ مېنىڭ خىزمىتىمدە مەڭگۈ قۇل بولىدۇ»، دەپ ئويلىدى. |