وَلَمَّا رَجَعَ شَاوُلُ مِنْ وَرَاءِ ٱلْفِلِسْطِينِيِّينَ أَخْبَرُوهُ قَائِلِينَ: «هُوَذَا دَاوُدُ فِي بَرِّيَّةِ عَيْنِ جَدْيٍ». | ١ 1 |
سائۇل فىلىستىيلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ يانغاندا ئۇنىڭغا: ــ مانا، داۋۇت ئەن-گەدىدىكى چۆلدە تۇرۇۋېتىپتۇ، دېگەن خەۋەر بېرىلدى. |
فَأَخَذَ شَاوُلُ ثَلَاثَةَ آلَافِ رَجُلٍ مُنْتَخَبِينَ مِنْ جَمِيعِ إِسْرَائِيلَ وَذَهَبَ يَطْلُبُ دَاوُدَ وَرِجَالَهُ عَلَى صُخُورِ ٱلْوُعُولِ. | ٢ 2 |
سائۇل ئەمدى پۈتكۈل ئىسرائىلدىن خىللانغان ئۈچ مىڭ ئادەمنى ئېلىپ داۋۇت بىلەن ئادەملىرىنى ئىزدىگىلى «ياۋا تېكىلەر» قورام تاشلىقىغا چىقتى. |
وَجَاءَ إِلَى صِيَرِ ٱلْغَنَمِ ٱلَّتِي فِي ٱلطَّرِيقِ. وَكَانَ هُنَاكَ كَهْفٌ فَدَخَلَ شَاوُلُ لِكَيْ يُغَطِّيَ رِجْلَيْهِ، وَدَاوُدُ وَرِجَالُهُ كَانُوا جُلُوسًا فِي مَغَابِنِ ٱلْكَهْفِ. | ٣ 3 |
ئۇ يولنىڭ يېنىدىكى قوي قوتانلىرىغا كەلگەندە، شۇ يەردە بىر غار بار ئىدى. ئۇ تەرەت قىلىش ئۈچۈن غارغا كىردى؛ داۋۇت بىلەن ئادەملىرى غارنىڭ ئىچكىرىسىدە ئولتۇراتتى. |
فَقَالَ رِجَالُ دَاوُدَ لَهُ: «هُوَذَا ٱلْيَوْمُ ٱلَّذِي قَالَ لَكَ عَنْهُ ٱلرَّبُّ: هَأَنَذَا أَدْفَعُ عَدُوَّكَ لِيَدِكَ فَتَفْعَلُ بِهِ مَا يَحْسُنُ فِي عَيْنَيْكَ». فَقَامَ دَاوُدُ وَقَطَعَ طَرَفَ جُبَّةِ شَاوُلَ سِرًّا. | ٤ 4 |
داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا: ــ مانا پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا: ــ ئۆز دۈشمىنىڭنى سېنىڭ قولۇڭغا بېرىمەن، نېمە ساڭا لايىق كۆرۈنسە شۇنى قىلغىن، دېگەن كۈنى دەل مۇشۇ كۈن ئىكەن، دېدى. داۋۇت قوپۇپ سائۇلنىڭ تونىنىڭ پېشىنى تۇيدۇرماي كېسىۋالدى. |
وَكَانَ بَعْدَ ذَلِكَ أَنَّ قَلْبَ دَاوُدَ ضَرَبَهُ عَلَى قَطْعِهِ طَرَفَ جُبَّةِ شَاوُلَ، | ٥ 5 |
لېكىن سائۇلنىڭ تونىنىڭ پېشىنى كەسكىنى ئۈچۈن داۋۇت كۆڭلىدە قاتتىق ئەپسۇسلاندى. |
فَقَالَ لِرِجَالِهِ: «حَاشَا لِي مِنْ قِبَلِ ٱلرَّبِّ أَنْ أَعْمَلَ هَذَا ٱلْأَمْرَ بِسَيِّدِي، بِمَسِيحِ ٱلرَّبِّ، فَأَمُدَّ يَدِي إِلَيْهِ، لِأَنَّهُ مَسِيحُ ٱلرَّبِّ هُوَ». | ٦ 6 |
ئۇ ئۆز ئادەملىرىگە: ــ پەرۋەردىگار مېنى پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغان غوجامغا بۇنداق قولۇمنى ئۇزارتىشتىن ساقلىسۇن، چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنىدۇر، دېدى. |
فَوَبَّخَ دَاوُدُ رِجَالَهُ بِٱلْكَلَامِ، وَلَمْ يَدَعْهُمْ يَقُومُونَ عَلَى شَاوُلَ. وَأَمَّا شَاوُلُ فَقَامَ مِنَ ٱلْكَهْفِ وَذَهَبَ فِي طَرِيقِهِ. | ٧ 7 |
شۇ سۆز بىلەن داۋۇت ئۆز ئادەملىرىنى توسۇپ سائۇلغا چېقىلغىلى قويمىدى. سائۇل بولسا قوپۇپ غاردىن چىقىپ ئۆز يولىغا كەتتى. |
ثُمَّ قَامَ دَاوُدُ بَعْدَ ذَلِكَ وَخَرَجَ مِنَ ٱلْكَهْفِ وَنَادَى وَرَاءَ شَاوُلَ قَائِلًا: «يَا سَيِّدِي ٱلْمَلِكُ». وَلَمَّا ٱلْتَفَتَ شَاوُلُ إِلَى وَرَائِهِ، خَرَّ دَاوُدُ عَلَى وَجْهِهِ إِلَى ٱلْأَرْضِ وَسَجَدَ. | ٨ 8 |
ئاندىن داۋۇتمۇ تۇرۇپ غاردىن چىقىپ سائۇلنىڭ كەينىدىن: ــ ئى غوجام پادىشاھ! ــ دەپ چاقىردى. سائۇل كەينىگە قاراۋىدى، داۋۇت ئېگىلىپ يۈزىنى يەرگە ياققان ھالدا تەزىم قىلدى. |
وَقَالَ دَاوُدُ لِشَاوُلَ: «لِمَاذَا تَسْمَعُ كَلَامَ ٱلنَّاسِ ٱلْقَائِلِينَ: هُوَذَا دَاوُدُ يَطْلُبُ أَذِيَّتَكَ؟ | ٩ 9 |
داۋۇت سائۇلغا مۇنداق دېدى: ــ «مانا، داۋۇت سېنى قەستلەشكە پۇرسەت ئىزدەۋاتىدۇ، دەيدىغان كىشىلەرنىڭ سۆزىگە نېمىشقا قۇلاق سالىلا؟ |
هُوَذَا قَدْ رَأَتْ عَيْنَاكَ ٱلْيَوْمَ هَذَا كَيْفَ دَفَعَكَ ٱلرَّبُّ ٱليَومَ لِيَدِي فِي ٱلْكَهْفِ، وَقِيلَ لِي أَنْ أَقْتُلَكَ، وَلَكِنَّنِي أَشْفَقْتُ عَلَيْكَ وَقُلْتُ: لَا أَمُدُّ يَدِي إِلَى سَيِّدِي، لِأَنَّهُ مَسِيحُ ٱلرَّبِّ هُوَ. | ١٠ 10 |
مانا بۈگۈن ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆردىلىكى، پەرۋەردىگار بۈگۈن غاردا سىلىنى ئۆز قولۇمغا بەرگەنىدى. بەزىلەر ماڭا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن، دېدى؛ لېكىن مەن سىلىنى ئاياپ: ــ غوجامغا قولۇمنى ئۇزارتمايمەن، چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنىدۇر، دېدىم. |
فَٱنْظُرْ يَا أَبِي، ٱنْظُرْ أَيْضًا طَرَفَ جُبَّتِكَ بِيَدِي. فَمِنْ قَطْعِي طَرَفَ جُبَّتِكَ وَعَدَمِ قَتْلِي إِيَّاكَ ٱعْلَمْ وَٱنْظُرْ أَنَّهُ لَيْسَ فِي يَدِي شَرٌّ وَلَا جُرْمٌ، وَلَمْ أُخْطِئْ إِلَيْكَ، وَأَنْتَ تَصِيدُ نَفْسِي لِتَأْخُذَهَا. | ١١ 11 |
قارىسىلا، ئى ئاتا، قولۇمدىكى تونلىرىنىڭ پېشىگە. سىلىنى ئۆلتۈرمەي تونلىرىنىڭ پېشىنى كەسكەنلىكىمدىن شۇنى بىلسىلەكى، كۆڭلۈمدە سىلىگە يا يامانلىق يا ئاسىيلىق يوق، سىلىگە گۇناھ قىلغىنىم يوق، لېكىن سىلى جېنىمنى ئالغىلى پايلىماقتىلا. |
يَقْضِي ٱلرَّبُّ بَيْنِي وَبَيْنَكَ وَيَنْتَقِمُ لِي ٱلرَّبُّ مِنْكَ، وَلَكِنْ يَدِي لَا تَكُونُ عَلَيْكَ. | ١٢ 12 |
پەرۋەردىگار مەن بىلەن سىلىنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ھۆكۈم قىلسۇن، مېنىڭ ھېسابىمنى سىلىدىن پەرۋەردىگار ئالسۇن؛ لېكىن مېنىڭ قولۇم سىلىگە كۆتۈرۈلمەيدۇ. |
كَمَا يَقُولُ مَثَلُ ٱلْقُدَمَاءِ: مِنَ ٱلْأَشْرَارِ يَخْرُجُ شَرٌّ. وَلَكِنْ يَدِي لَا تَكُونُ عَلَيْكَ. | ١٣ 13 |
كونىلار: ــ «رەزىللىك رەزىللەردىن چىقىدۇ» دەپ ئېيتقانىكەن، لېكىن ئۆز قولۇم سىلىگە كۆتۈرۈلمەيدۇ. |
وَرَاءَ مَنْ خَرَجَ مَلِكُ إِسْرَائِيلَ؟ وَرَاءَ مَنْ أَنْتَ مُطَارِدٌ؟ وَرَاءَ كَلْبٍ مَيْتٍ! وَرَاءَ بُرْغُوثٍ وَاحِدٍ! | ١٤ 14 |
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى كىمنى تۇتقىلى چىقتى؟ كىمنى قوغلاپ يۈرىدۇ؟ بىر ئۆلۈك ئىتنى، خالاس! يالغۇز بىر بۈرگىنى، خالاس! |
فَيَكُونُ ٱلرَّبُّ ٱلدَّيَّانَ وَيَقْضِي بَيْنِي وَبَيْنَكَ، وَيَرَى وَيُحَاكِمُ مُحَاكَمَتِي، وَيُنْقِذُنِي مِنْ يَدِكَ». | ١٥ 15 |
پەرۋەردىگار سوراقچى بولۇپ مەن بىلەن سىلىنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ھۆكۈم چىقارسۇن! ئۇ ھەق-ناھەقنى ئايرىپ، دەۋايىمنى سوراپ مېنى سىلىنىڭ قوللىرىدىن خالاس قىلىپ، ئادالەت يۈرگۈرگەي!» ــ دېدى. |
فَلَمَّا فَرَغَ دَاوُدُ مِنَ ٱلتَّكَلُّمِ بِهَذَا ٱلْكَلَامِ إِلَى شَاوُلَ، قَالَ شَاوُلُ: «أَهَذَا صَوْتُكَ يَا ٱبْنِي دَاوُدُ؟» وَرَفَعَ شَاوُلُ صَوْتَهُ وَبَكَى. | ١٦ 16 |
داۋۇت سائۇلغا بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندا سائۇل: ــ بۇ سېنىڭ ئاۋازىڭمۇ، ئى ئوغلۇم داۋۇت؟ ــ دېدى. ئاندىن سائۇل يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يىغلاپ كەتتى. |
ثُمَّ قَالَ لِدَاوُدَ: «أَنْتَ أَبَرُّ مِنِّي، لِأَنَّكَ جَازَيْتَنِي خَيْرًا وَأَنَا جَازَيْتُكَ شَرًّا. | ١٧ 17 |
ئۇ داۋۇتقا: ــ «سەن مەندىن ئادىلسەن، چۈنكى سەن ماڭا ياخشىلىق قايتۇردۇڭ، لېكىن مەن ساڭا يامانلىق قايتۇردۇم. |
وَقَدْ أَظْهَرْتَ ٱلْيَوْمَ أَنَّكَ عَمِلْتَ بِي خَيْرًا، لِأَنَّ ٱلرَّبَّ قَدْ دَفَعَنِي بِيَدِكَ وَلَمْ تَقْتُلْنِي. | ١٨ 18 |
سەن بۈگۈن ماڭا ياخشىلىق قىلغانلىقىڭنى ئوبدان كۆرسىتىپ بەردىڭ؛ پەرۋەردىگار مېنى قولۇڭغا تاپشۇرغان بولسىمۇ، سەن مېنى ئۆلتۈرمىدىڭ. |
فَإِذَا وَجَدَ رَجُلٌ عَدُوَّهُ، فَهَلْ يُطْلِقُهُ فِي طَرِيقِ خَيْرٍ؟ فَٱلرَّبُّ يُجَازِيكَ خَيْرًا عَمَّا فَعَلْتَهُ لِي ٱلْيَوْمَ هَذَا. | ١٩ 19 |
بىرسى ئۆز دۈشمىنىنى تاپسا، ئۇنى ئامان-ئېسەن كەتكىلى قويامدۇ؟ پەرۋەردىگار سېنىڭ ماڭا بۈگۈن قىلغان ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا ياخشىلىق ياندۇرغاي. |
وَٱلْآنَ فَإِنِّي عَلِمْتُ أَنَّكَ تَكُونُ مَلِكًا وَتَثْبُتُ بِيَدِكَ مَمْلَكَةُ إِسْرَائِيلَ. | ٢٠ 20 |
ئەمدى مانا، شۇنى بىلدىمكى، سەن جەزمەن پادىشاھ بولىسەن، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىقى سېنىڭ قولۇڭدا تىكلىنىدۇ. |
فَٱحْلِفْ لِي ٱلْآنَ بِٱلرَّبِّ إِنَّكَ لَا تَقْطَعُ نَسْلِي مِنْ بَعْدِي، وَلَا تُبِيدُ ٱسْمِي مِنْ بَيْتِ أَبِي». | ٢١ 21 |
لېكىن ھازىر پەرۋەردىگار بىلەن ماڭا قەسەم قىلغىنكى، مەندىن كېيىن مېنىڭ نەسلىمنى يوقاتماي، نامىمنى ئاتامنىڭ جەمەتىدىن ئۆچۈرمىگەيسەن»، دېدى. |
فَحَلَفَ دَاوُدُ لِشَاوُلَ. ثُمَّ ذَهَبَ شَاوُلُ إِلَى بَيْتِهِ، وَأَمَّا دَاوُدُ وَرِجَالُهُ فَصَعِدُوا إِلَى ٱلْحِصْنِ. | ٢٢ 22 |
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت سائۇلغا قەسەم قىلدى. سائۇل ئۆز ئۆيىگە يېنىپ كەتتى؛ داۋۇت ئادەملىرى بىلەن قورغان-قىياغا چىقىپ شۇ يەردە تۇردى. |