فَقَالَ ٱلرَّبُّ لِصَمُوئِيلَ: «حَتَّى مَتَى تَنُوحُ عَلَى شَاوُلَ، وَأَنَا قَدْ رَفَضْتُهُ عَنْ أَنْ يَمْلِكَ عَلَى إِسْرَائِيلَ؟ اِمْلَأْ قَرْنَكَ دُهْنًا وَتَعَالَ أُرْسِلْكَ إِلَى يَسَّى ٱلْبَيْتَلَحْمِيِّ، لِأَنِّي قَدْ رَأَيْتُ لِي فِي بَنِيهِ مَلِكًا». | ١ 1 |
پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: ــ سەن قاچانغىچە سائۇل ئۈچۈن قايغۇرۇپ يۈرىسەن؟ مەن ئۇنى ئىسرائىلغا سەلتەنەت قىلىشتىن مەھرۇم قىلىپ تاشلىغان ئەمەسمۇ؟ مۈڭگۈزۈڭنى زەيتۇن مېيى بىلەن تولدۇرۇپ بارغىن. مەن سېنى بەيت-لەھەملىك يەسسەنىڭ قېشىغا ئەۋەتىمەن. ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن پادىشاھ بولۇشقا ئۆزۈمگە بىرنى بېكىتتىم، دېدى. |
فَقَالَ صَمُوئِيلُ: «كَيْفَ أَذْهَبُ؟ إِنْ سَمِعَ شَاوُلُ يَقْتُلْنِي». فَقَالَ ٱلرَّبُّ: «خُذْ بِيَدِكَ عِجْلَةً مِنَ ٱلْبَقَرِ وَقُلْ: قَدْ جِئْتُ لِأَذْبَحَ لِلرَّبِّ. | ٢ 2 |
سامۇئىل بولسا: ــ مەن قانداق بارىمەن؟ سائۇل بۇ ئىشنى ئاڭلىسا مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ! ــ دېدى. پەرۋەردىگار: ــ ئۆزۈڭ بىلەن بىر ئىنەكنى ئالغاچ بېرىپ پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن كەلدىم، دېگىن. |
وَٱدْعُ يَسَّى إِلَى ٱلذَّبِيحَةِ، وَأَنَا أُعَلِّمُكَ مَاذَا تَصْنَعُ. وَٱمْسَحْ لِيَ ٱلَّذِي أَقُولُ لَكَ عَنْهُ». | ٣ 3 |
يەسسەنى قۇربانلىققا چاقىرغىن، ئاندىن مەن ساڭا قىلىدىغىنىڭنى ئايان قىلىمەن؛ ۋە مەن ساڭا دېگەن بىرسىنى ئۆزۈم ئۈچۈن مەسىھ قىلغىن، دېدى. |
فَفَعَلَ صَمُوئِيلُ كَمَا تَكَلَّمَ ٱلرَّبُّ وَجَاءَ إِلَى بَيْتِ لَحْمٍ. فَٱرْتَعَدَ شُيُوخُ ٱلْمَدِينَةِ عِنْدَ ٱسْتِقْبَالِهِ وَقَالُوا: «أَسَلَامٌ مَجِيئُكَ؟» | ٤ 4 |
سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىنى ئادا قىلىپ بەيت-لەھەمگە باردى. يېتىپ كەلگەندە شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى تىترىگەن ھالدا چىقىپ: ــ بىزگە تىنچ-ئامانلىق ئېلىپ كەلدىڭمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. |
فَقَالَ: «سَلَامٌ. قَدْ جِئْتُ لِأَذْبَحَ لِلرَّبِّ. تَقَدَّسُوا وَتَعَالَوْا مَعِي إِلَى ٱلذَّبِيحَةِ». وَقَدَّسَ يَسَّى وَبَنِيهِ وَدَعَاهُمْ إِلَى ٱلذَّبِيحَةِ. | ٥ 5 |
ئۇ: ــ تىنچ-ئامانلىق ئېلىپ كەلدىم؛ پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق سۇنۇشقا كەلدىم. سىلەر ئۆزۈڭلارنى ھارامدىن پاكلاپ مەن بىلەن بىللە قۇربانلىققا كېلىڭلار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەسسە بىلەن ئوغۇللىرىنى ھالال قىلىپ قۇربانلىققا چاقىردى. |
وَكَانَ لَمَّا جَاءُوا أَنَّهُ رَأَى أَلِيآبَ، فَقَالَ: «إِنَّ أَمَامَ ٱلرَّبِّ مَسِيحَهُ». | ٦ 6 |
ئۇلار كەلگەندە سامۇئىل ئېلىئابنى كۆرۈپ ئىچىدە: ــ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلىدىغىنى شۈبھىسىزكى ئۆزىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، دېدى. |
فَقَالَ ٱلرَّبُّ لِصَمُوئِيلَ: «لَا تَنْظُرْ إِلَى مَنْظَرِهِ وَطُولِ قَامَتِهِ لِأَنِّي قَدْ رَفَضْتُهُ. لِأَنَّهُ لَيْسَ كَمَا يَنْظُرُ ٱلْإِنْسَانُ. لِأَنَّ ٱلْإِنْسَانَ يَنْظُرُ إِلَى ٱلْعَيْنَيْنِ، وَأَمَّا ٱلرَّبُّ فَإِنَّهُ يَنْظُرُ إِلَى ٱلْقَلْبِ». | ٧ 7 |
لېكىن پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: ــ ئۇنىڭ تەقى-تۇرقىغا ياكى بويىغا قارىمىغىن. مەن ئۇنى شاللىۋەتتىم، چۈنكى خۇدا ئىنسان كۆرگەندەك كۆرمەيدۇ؛ ئىنسان بولسا سىرتقى قىياپىتىگە قارايدۇ، لېكىن پەرۋەردىگار قەلبگە قارايدۇ، دېدى. |
فَدَعَا يَسَّى أَبِينَادَابَ وَعَبَّرَهُ أَمَامَ صَمُوئِيلَ، فَقَالَ: «وَهَذَا أَيْضًا لَمْ يَخْتَرْهُ ٱلرَّبُّ». | ٨ 8 |
ئاندىن يەسسە ئابىنادابنى چاقىرىپ سامۇئىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. ئەمما سامۇئىل: ــ پەرۋەردىگار بۇنى ھەم تاللىمىدى، دېدى. |
وَعَبَّرَ يَسَّى شَمَّةَ، فَقَالَ: «وَهَذَا أَيْضًا لَمْ يَخْتَرْهُ ٱلرَّبُّ». | ٩ 9 |
ئاندىن يەسسە شامماھنى ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. ئەمما سامۇئىل: ــ پەرۋەردىگار بۇنى ھەم تاللىمىدى، دېدى. |
وَعَبَّرَ يَسَّى بَنِيهِ ٱلسَّبْعَةَ أَمَامَ صَمُوئِيلَ، فَقَالَ صَمُوئِيلُ لِيَسَّى: «ٱلرَّبُّ لَمْ يَخْتَرْ هَؤُلَاءِ». | ١٠ 10 |
شۇنىڭغا ئوخشاش يەسسە ئوغۇللىرىنىڭ يەتتىسىنى سامۇئىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. لېكىن سامۇئىل يەسسەگە: ــ پەرۋەردىگار بۇلارنى ھەم تاللىمىدى، دېدى. |
وَقَالَ صَمُوئِيلُ لِيَسَّى: «هَلْ كَمُلُوا ٱلْغِلْمَانُ؟» فَقَالَ: «بَقِيَ بَعْدُ ٱلصَّغِيرُ وَهُوَذَا يَرْعَى ٱلْغَنَمَ». فَقَالَ صَمُوئِيلُ لِيَسَّى: «أَرْسِلْ وَأْتِ بِهِ، لِأَنَّنَا لَا نَجْلِسُ حَتَّى يَأْتِيَ إِلَى هَهُنَا». | ١١ 11 |
سامۇئىل يەسسەدىن: ــ بارلىق يىگىتلەر مۇشۇلارمۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ھەممىدىن كىچىكى قالدى. لېكىن مانا، ئۇ قوي بېقىۋاتىدۇ، دېدى. سامۇئىل يەسسەگە: ــ ئۇنى چاقىرتىپ ئېلىپ كەلگىن، چۈنكى ئۇ كەلمىگۈچە داستىخاندا ئولتۇرمايمىز، دېدى. |
فَأَرْسَلَ وَأَتَى بِهِ. وَكَانَ أَشْقَرَ مَعَ حَلَاوَةِ ٱلْعَيْنَيْنِ وَحَسَنَ ٱلْمَنْظَرِ. فَقَالَ ٱلرَّبُّ: «قُمِ ٱمْسَحْهُ، لِأَنَّ هَذَا هُوَ». | ١٢ 12 |
[يەسسە] ئادەم ماڭدۇرۇپ ئۇنى كەلتۈردى. ئۇ چىرايىدا قان يۈگۈرۈپ تۇرىدىغان، كۆزلىرى چىرايلىق ۋە كېلىشكەن يىگىت ئىدى. پەرۋەردىگار: ــ قوپۇپ ئۇنى مەسىھ قىلغىن، چۈنكى [مېنىڭ تاللىغىنىم] شۇدۇر! دېدى. |
فَأَخَذَ صَمُوئِيلُ قَرْنَ ٱلدُّهْنِ وَمَسَحَهُ فِي وَسَطِ إِخْوَتِهِ. وَحَلَّ رُوحُ ٱلرَّبِّ عَلَى دَاوُدَ مِنْ ذَلِكَ ٱلْيَوْمِ فَصَاعِدًا. ثُمَّ قَامَ صَمُوئِيلُ وَذَهَبَ إِلَى ٱلرَّامَةِ. | ١٣ 13 |
سامۇئىل ماي مۈڭگۈزىنى ئېلىپ ئۇنى قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىدا مەسىھ قىلدى. ئۇ كۈندىن تارتىپ پەرۋەردىگارنىڭ روھى داۋۇتنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشتى. سامۇئىل بولسا قوپۇپ راماھغا كەتتى. |
وَذَهَبَ رُوحُ ٱلرَّبِّ مِنْ عِنْدِ شَاوُلَ، وَبَغَتَهُ رُوحٌ رَدِيءٌ مِنْ قِبَلِ ٱلرَّبِّ. | ١٤ 14 |
ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ روھى سائۇلدىن كەتكەنىدى، ۋە پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بىر يامان روھ ئۇنى پەرىشان قىلدى. |
فَقَالَ عَبِيدُ شَاوُلَ لَهُ: «هُوَذَا رُوحٌ رَدِيءٌ مِنْ قِبَلِ ٱللهِ يَبْغَتُكَ. | ١٥ 15 |
سائۇلنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: ــ مانا خۇدا تەرىپىدىن بىر يامان روھ سېنى پەرىشان قىلىدۇ. |
فَلْيَأْمُرْ سَيِّدُنَا عَبِيدَهُ قُدَّامَهُ أَنْ يُفَتِّشُوا عَلَى رَجُلٍ يُحْسِنُ ٱلضَّرْبَ بِٱلْعُودِ. وَيَكُونُ إِذَا كَانَ عَلَيْكَ ٱلرُّوحُ ٱلرَّدِيءُ مِنْ قِبَلِ ٱللهِ، أَنَّهُ يَضْرِبُ بِيَدِهِ فَتَطِيبُ». | ١٦ 16 |
ئەمدى غوجىمىز ئۆزلىرى ئالدىلىرىدىكى خىزمەتكارلىرىنى دەرھال بۇيرۇغايلىكى، ئۇلار چىلتار چېلىشقا ئۇستا ئادەمنى تاپسۇن؛ ۋە شۇنداق بولىدۇكى، خۇدا تەرىپىدىن يامان روھ ئۈستلىرىگە كەلسە ئۇ چىلتار چالسۇن، ئۇنىڭ بىلەن ھاللىرى ئوبدان بولىدۇ، دېدى. |
فَقَالَ شَاوُلُ لِعَبِيدِهِ: «ٱنْظُرُوا لِي رَجُلًا يُحْسِنُ ٱلضَّرْبَ وَأْتُوا بِهِ إِلَيَّ». | ١٧ 17 |
سائۇل خىزمەتكارلىرىغا: ــ مېنىڭ ئۈچۈن چىلتار چېلىشقا ئۇستا بىر ئادەمنى تېپىپ قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. |
فَأَجَابَ وَاحِدٌ مِنَ ٱلْغِلْمَانِ وَقَالَ: «هُوَذَا قَدْ رَأَيْتُ ٱبْنًا لِيَسَّى ٱلْبَيْتَلَحْمِيِّ يُحْسِنُ ٱلضَّرْبَ، وَهُوَ جَبَّارُ بَأْسٍ وَرَجُلُ حَرْبٍ، وَفَصِيحٌ وَرَجُلٌ جَمِيلٌ، وَٱلرَّبُّ مَعَهُ». | ١٨ 18 |
غۇلاملاردىن بىرى ئۇنىڭغا: ــ مانا بەيت-لەھەملىك يەسسەنىڭ چىلتارغا ئۇستا بىر ئوغلىنى كۆردۈم. ئۇ ئۆزى باتۇر بىر جەڭچى، گەپتە ھوشيار ۋە كېلىشكەن ئادەم ئىكەن، شۇنداقلا پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىكەن، دېدى. |
فَأَرْسَلَ شَاوُلُ رُسُلًا إِلَى يَسَّى يَقُولُ: «أَرْسِلْ إِلَيَّ دَاوُدَ ٱبْنَكَ ٱلَّذِي مَعَ ٱلْغَنَمِ». | ١٩ 19 |
شۇنىڭ بىلەن سائۇل يەسسەگە ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ: ــ قوي باقىدىغان ئوغلۇڭ داۋۇتنى ماڭا ئەۋەتكىن، دەپ ئېيتتى. |
فَأَخَذَ يَسَّى حِمَارًا حَامِلًا خُبْزًا وَزِقَّ خَمْرٍ وَجَدْيَ مِعْزًى، وَأَرْسَلَهَا بِيَدِ دَاوُدَ ٱبْنِهِ إِلَى شَاوُلَ. | ٢٠ 20 |
يەسسە بىر ئېشەكنى تەييارلاپ ئۇنىڭغا نان بىلەن بىر تۇلۇم شاراب ۋە بىر ئوغلاقنى ئارتىپ، بۇلارنى ئوغلى داۋۇتنىڭ قولى بىلەن سائۇلغا ئەۋەتتى. |
فَجَاءَ دَاوُدُ إِلَى شَاوُلَ وَوَقَفَ أَمَامَهُ، فَأَحَبَّهُ جِدًّا وَكَانَ لَهُ حَامِلَ سِلَاحٍ. | ٢١ 21 |
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت سائۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇردى. سائۇل ئۇنىڭغا تولىمۇ ئامراق ئىدى؛ ئۇ سائۇلنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى بولدى. |
فَأَرْسَلَ شَاوُلُ إِلَى يَسَّى يَقُولُ: «لِيَقِفْ دَاوُدُ أَمَامِي لِأَنَّهُ وَجَدَ نِعْمَةً فِي عَيْنَيَّ». | ٢٢ 22 |
ئاندىن سائۇل يەسسەگە خەۋەر ئەۋەتىپ: ــ داۋۇت مېنىڭ ئالدىمدا تۇرسۇن؛ چۈنكى ئۇ نەزىرىمگە ياقتى، دەپ ئېيتتى. |
وَكَانَ عِنْدَمَا جَاءَ ٱلرُّوحُ مِنْ قِبَلِ ٱللهِ عَلَى شَاوُلَ أَنَّ دَاوُدَ أَخَذَ ٱلْعُودَ وَضَرَبَ بِيَدِهِ، فَكَانَ يَرْتَاحُ شَاوُلُ وَيَطِيبُ وَيَذْهَبُ عَنْهُ ٱلرُّوحُ ٱلرَّدِيءُ. | ٢٣ 23 |
ئەمدى شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ [يامان] روھ خۇدا تەرىپىدىن سائۇلنىڭ ئۈستىگە كەلگەندە داۋۇت چىلتارنى ئېلىپ قولى بىلەن چالدى. بۇنىڭ بىلەن سائۇل ئارام تېپىپ ھالى ئوبدان بولۇپ يامان روھ ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. |