فَأَخَذَ صَمُوئِيلُ قِنِّينَةَ ٱلدُّهْنِ وَصَبَّ عَلَى رَأْسِهِ وَقَبَّلَهُ وَقَالَ: «أَلَيْسَ لِأَنَّ ٱلرَّبَّ قَدْ مَسَحَكَ عَلَى مِيرَاثِهِ رَئِيسًا؟ | ١ 1 |
سامۇئىل بىر ماي كومزىكىنى ئېلىپ ئۇنىڭ بېشىغا تۆكۈپ ئۇنى سۆيۈپ مۇنداق دېدى: ــ «مانا بۇ، پەرەۋردىگارنىڭ سېنى ئۆز مىراسىغا ئەمىر بولۇشقا مەسىھ قىلغىنى ئەمەسمۇ؟ |
فِي ذَهَابِكَ ٱلْيَوْمَ مِنْ عِنْدِي تُصَادِفُ رَجُلَيْنِ عِنْدَ قَبْرِ رَاحِيلَ، فِي تُخْمِ بَنْيَامِينَ فِي صَلْصَحَ، فَيَقُولَانِ لَكَ: قَدْ وُجِدَتِ ٱلْأُتُنُ، ٱلَّتِي ذَهَبْتَ تُفَتِّشُ عَلَيْهَا، وَهُوَذَا أَبُوكَ قَدْ تَرَكَ أَمْرَ ٱلْأُتُنِ وَٱهْتَمَّ بِكُمَا قَائِلًا: مَاذَا أَصْنَعُ لِٱبْنِي؟ | ٢ 2 |
سەن بۈگۈن مەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن بىنيامىن زېمىنىنىڭ چېگرىسىدىكى زەلزاھغا يېتىپ بارغىنىڭدا راھىلەنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا ساڭا ئىككى كىشى ئۇچرايدۇ؛ ئۇلار ساڭا: «سەن ئىزدەپ بارغان ئېشەكلەر تېپىلدى، ۋە مانا، ئاتاڭ ئېشەكلەردىن غەم قىلماي، بەلكى سىلەر ئۈچۈن: ئوغلۇمنى قانداق قىلىپ تاپارمەن، دەپ ئەنسىرىمەكتە» دەپ ئېيتىدۇ. |
وَتَعْدُو مِنْ هُنَاكَ ذَاهِبًا حَتَّى تَأْتِيَ إِلَى بَلُّوطَةِ تَابُورَ، فَيُصَادِفُكَ هُنَاكَ ثَلَاثَةُ رِجَالٍ صَاعِدُونَ إِلَى ٱللهِ إِلَى بَيْتِ إِيلٍ، وَاحِدٌ حَامِلٌ ثَلَاثَةَ جِدَاءٍ، وَوَاحِدٌ حَامِلٌ ثَلَاثَةَ أَرْغِفَةِ خُبْزٍ، وَوَاحِدٌ حَامِلٌ زِقَّ خَمْرٍ. | ٣ 3 |
سەن ئۇ يەردىن مېڭىپ، تابوردىكى دۇب دەرىخىگە يەتكەندە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بېرىش ئۈچۈن بەيت-ئەلگە چىقىپ كېتىۋاتقان ئۈچ كىشىگە ئۇچرايسەن. ئۇلاردىن بىرى ئۈچ ئوغلاق، بىرى ئۈچ نان ۋە يەنە بىرى بىر تۇلۇم شارابنى كۆتۈرۈپ كېلىدۇ. |
فَيُسَلِّمُونَ عَلَيْكَ وَيُعْطُونَكَ رَغِيفَيْ خُبْزٍ، فَتَأْخُذُ مِنْ يَدِهِمْ. | ٤ 4 |
ــ ئۇلار ساڭا سالام قىلىپ ئىككى ناننى سۇنىدۇ؛ سەن بەرگىنىنى قوللىرىدىن ئالغىن. |
بَعْدَ ذَلِكَ تَأْتِي إِلَى جِبْعَةِ ٱللهِ حَيْثُ أَنْصَابُ ٱلْفِلِسْطِينِيِّينَ. وَيَكُونُ عِنْدَ مَجِيئِكَ إِلَى هُنَاكَ إِلَى ٱلْمَدِينَةِ أَنَّكَ تُصَادِفُ زُمْرَةً مِنَ ٱلْأَنْبِيَاءِ نَازِلِينَ مِنَ ٱلْمُرْتَفَعَةِ وَأَمَامَهُمْ رَبَابٌ وَدُفٌّ وَنَايٌ وَعُودٌ وَهُمْ يَتَنَبَّأُونَ. | ٥ 5 |
ئاندىن سەن «خۇداغا [ئاتالغان] گىبېئاھ شەھەرىگە بارىسەن (ئۇ يەردە فىلىستىيلەرنىڭ بىر لەشكەرگاھى بار)؛ سەن شۇ شەھەرگە كەلسەڭ چىلتار، تەمبۇر، نەي ۋە لىرىلارنى كۆتۈرۈپ يۇقىرى جايىدىن چۈشكەن بىر بۆلەك پەيغەمبەرلەر ساڭا ئۇچرايدۇ. ئۇلار بېشارەتلىك سۆزلەرنى قىلىدۇ. |
فَيَحِلُّ عَلَيْكَ رُوحُ ٱلرَّبِّ فَتَتَنَبَّأُ مَعَهُمْ وَتَتَحَوَّلُ إِلَى رَجُلٍ آخَرَ. | ٦ 6 |
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ روھى سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ، سەن ئۇلار بىلەن بىرلىكتە بېشارەتلىك سۆزلەرنى قىلىسەن ۋە يېڭى بىر ئادەم بولىسەن. |
وَإِذَا أَتَتْ هَذِهِ ٱلْآيَاتُ عَلَيْكَ، فَٱفْعَلْ مَا وَجَدَتْهُ يَدُكَ، لِأَنَّ ٱللهَ مَعَكَ. | ٧ 7 |
مۇشۇ ئالامەتلەر ساڭا كەلگەندە، قولۇڭدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلغىن. چۈنكى خۇدا سەن بىلەن بىللىدۇر. |
وَتَنْزِلُ قُدَّامِي إِلَى ٱلْجِلْجَالِ، وَهُوَذَا أَنَا أَنْزِلُ إِلَيْكَ لِأُصْعِدَ مُحْرَقَاتٍ وَأَذْبَحَ ذَبَائِحَ سَلَامَةٍ. سَبْعَةَ أَيَّامٍ تَلْبَثُ حَتَّى آتِيَ إِلَيْكَ وَأُعَلِّمَكَ مَاذَا تَفْعَلُ». | ٨ 8 |
ئاندىن مەندىن ئىلگىرى گىلگالغا چۈشۈپ بارىسەن. مانا، مەن ھەم يېنىڭغا چۈشۈپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۇنۇش ۋە ئىناق قۇربانلىقلار قىلىش ئۈچۈن كېلىمەن. مەن يېنىڭغا بېرىپ، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرمىغۇچە، مېنى يەتتە كۈن ساقلاپ تۇرغىن». |
وَكَانَ عِنْدَمَا أَدَارَ كَتِفَهُ لِكَيْ يَذْهَبَ مِنْ عِنْدِ صَمُوئِيلَ أَنَّ ٱللهَ أَعْطَاهُ قَلْبًا آخَرَ، وَأَتَتْ جَمِيعُ هَذِهِ ٱلْآيَاتِ فِي ذَلِكَ ٱلْيَوْمِ. | ٩ 9 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ بۇرۇلۇپ سامۇئىلدىن ئايرىلغاندا خۇدا ئۇنىڭغا يېڭى بىر قەلب ئاتا قىلدى؛ ۋە بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇ كۈنى ئەمەلدە كۆرسىتىلدى. |
وَلَمَّا جَاءُوا إِلَى هُنَاكَ إِلَى جِبْعَةَ، إِذَا بِزُمْرَةٍ مِنَ ٱلْأَنْبِيَاءِ لَقِيَتْهُ، فَحَلَّ عَلَيْهِ رُوحُ ٱللهِ فَتَنَبَّأَ فِي وَسَطِهِمْ. | ١٠ 10 |
ئۇلار گىبېئاھغا يېتىپ كەلگەندە مانا، بىر بۆلەك پەيغەمبەرلەر ئۇنىڭغا ئۇچرىدى؛ خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بېشارەت قىلىشقا باشلىدى. |
وَلَمَّا رَآهُ جَمِيعُ ٱلَّذِينَ عَرَفُوهُ مُنْذُ أَمْسِ وَمَا قَبْلَهُ أَنَّهُ يَتَنَبَّأُ مَعَ ٱلْأَنْبِيَاءِ، قَالَ ٱلشَّعْبُ، ٱلْوَاحِدُ لِصَاحِبِهِ: «مَاذَا صَارَ لِٱبْنِ قَيْسٍ؟ أَشَاوُلُ أَيْضًا بَيْنَ ٱلْأَنْبِيَاءِ؟» | ١١ 11 |
ئۇنى ئىلگىرى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئارىسىدا بېشارەت قىلغىنىنى كۆرگەندە ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ كىشنىڭ ئوغلىغا نېمە بوپتۇ؟ سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىن بىرى بولدىمۇ نېمە؟ ــ دېيىشتى. |
فَأَجَابَ رَجُلٌ مِنْ هُنَاكَ وَقَالَ: «وَمَنْ هُوَ أَبُوهُمْ؟». وَلِذَلِكَ ذَهَبَ مَثَلًا: «أَشَاوُلُ أَيْضًا بَيْنَ ٱلْأَنْبِيَاءِ؟». | ١٢ 12 |
ئەمما يەرلىك بىر ئادەم: ــ بۇلارنىڭ ئاتىلىرى كىملەر؟ ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن: «سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرىمىدۇ؟» دەيدىغان گەپ پەيدا بولدى. |
وَلَمَّا ٱنْتَهَى مِنَ ٱلتَّنَبِّي جَاءَ إِلَى ٱلْمُرْتَفَعَةِ. | ١٣ 13 |
ئەمدى سائۇل بېشارەتلىك سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، يۇقىرى جايغا چىقىپ كەتتى. |
فَقَالَ عَمُّ شَاوُلَ لَهُ وَلِغُلَامِهِ: «إِلَى أَيْنَ ذَهَبْتُمَا؟» فَقَالَ: «لِكَيْ نُفَتِّشَ عَلَى ٱلْأُتُنِ. وَلَمَّا رَأَيْنَا أَنَّهَا لَمْ تُوجَدْ جِئْنَا إِلَى صَمُوئِيلَ». | ١٤ 14 |
سائۇلنىڭ تاغىسى ئۇنىڭدىن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارىدىن: ــ نەگە بېرىپ كەلدىڭلار؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ئېشەكلەرنى ئىزدىگىلى چىقتۇق؛ لېكىن ئۇلارنى تاپالماي سامۇئىلنىڭ قېشىغا باردۇق، دېدى. |
فَقَالَ عَمُّ شَاوُلَ: «أَخْبِرْنِي مَاذَا قَالَ لَكُمَا صَمُوئِيلُ؟». | ١٥ 15 |
سائۇلنىڭ تاغىسى: ــ سامۇئىلنىڭ سىلەرگە نېمە دېگىنىنى ماڭا ئېيتىپ بەرگىنە، دېدى. |
فَقَالَ شَاوُلُ لِعَمِّهِ: «أَخْبَرَنَا بِأَنَّ ٱلْأُتُنَ قَدْ وُجِدَتْ». وَلَكِنَّهُ لَمْ يُخْبِرْهُ بِأَمْرِ ٱلْمَمْلَكَةِ ٱلَّذِي تَكَلَّمَ بِهِ صَمُوئِيلُ. | ١٦ 16 |
سائۇل تاغىسىغا: ــ ئۇ جەزم بىلەن بىزگە ئېشەكلەر تېپىلدى، دەپ خەۋەر بەردى، دېدى. لېكىن سامۇئىلنىڭ پادىشاھلىق ئىشى توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزىنى ئۇنىڭغا دەپ بەرمىدى. |
وَٱسْتَدْعَى صَمُوئِيلُ ٱلشَّعْبَ إِلَى ٱلرَّبِّ إِلَى ٱلْمِصْفَاةِ، | ١٧ 17 |
سامۇئىل ئەمدى خەلقنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا جەم بولۇڭلار دەپ، مىزپاھقا چاقىردى. |
وَقَالَ لِبَنِي إِسْرَائِيلَ: «هَكَذَا يَقُولُ ٱلرَّبُّ إِلَهُ إِسْرَائِيلَ: إِنِّي أَصْعَدْتُ إِسْرَائِيلَ مِنْ مِصْرَ وَأَنْقَذْتُكُمْ مِنْ يَدِ ٱلْمِصْرِيِّينَ وَمِنْ يَدِ جَمِيعِ ٱلْمَمَالِكِ ٱلَّتِي ضَايَقَتْكُمْ. | ١٨ 18 |
ئۇ ئىسرائىلغا: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن سىلەر ئىسرائىلنى مىسىردىن چىقىرىپ مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىپ، سىلەرگە زۇلۇم قىلغان ھەممە پادىشاھلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇم. |
وَأَنْتُمْ قَدْ رَفَضْتُمُ ٱلْيَوْمَ إِلَهَكُمُ ٱلَّذِي هُوَ مُخَلِّصُكُمْ مِنْ جَمِيعِ ٱلَّذِينَ يُسِيئُونَ إِلَيْكُمْ وَيُضَايِقُونَكُمْ، وَقُلْتُمْ لَهُ: بَلْ تَجْعَلُ عَلَيْنَا مَلِكًا. فَٱلْآنَ ٱمْثُلُوا أَمَامَ ٱلرَّبِّ حَسَبَ أَسْبَاطِكُمْ وَأُلُوفِكُمْ». | ١٩ 19 |
لېكىن بۈگۈنكى كۈندە سىلەرنى بېشىڭلارغا چۈشكەن بارلىق بالايىئاپەتلەردىن ۋە بارلىق مۇشەققەتلەردىن قۇتقۇزغۇچى خۇدايىڭلاردىن ۋاز كېچىپ ئۇنىڭغا: «ياق! ئۈستىمىزگە بىر پادىشاھ بېكىتىپ بەرگەيسەن» ــ دېدىڭلار. ئەمدى ئۆزۈڭلارنى قەبىلەڭلار بويىچە، جەمەتىڭلار بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ھازىر قىلىڭلار» ــ دېدى. |
فَقَدَّمَ صَمُوئِيلُ جَمِيعَ أَسْبَاطِ إِسْرَائِيلَ، فَأُخِذَ سِبْطُ بَنْيَامِينَ. | ٢٠ 20 |
شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنى ئالدىغا جەم قىلىپ، چەك تاشلىۋىدى، چەك بىنيامىن قەبىلىسىگە چىقتى. |
ثُمَّ قَدَّمَ سِبْطَ بَنْيَامِينَ حَسَبَ عَشَائِرِهِ، فَأُخِذَتْ عَشِيرَةُ مَطْرِي، وَأُخِذَ شَاوُلُ بْنُ قَيْسَ. فَفَتَّشُوا عَلَيْهِ فَلَمْ يُوجَدْ. | ٢١ 21 |
ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىنى جەمەت-جەمەتلىرى بويىچە ئۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ چەك تاشلىۋىدى، چەك ماترىنىڭ جەمەتىگە چىقتى. ئاندىن كېيىن يەنە چەك تاشلىۋىدى، كىشنىڭ ئوغلى سائۇلغا چىقتى. ئۇلار ئۇنى ئىزدىۋىدى، ئەمما ئۇنى تاپالمىدى. |
فَسَأَلُوا أَيْضًا مِنَ ٱلرَّبِّ: «هَلْ يَأْتِي ٱلرَّجُلُ أَيْضًا إِلَى هُنَا؟» فَقَالَ ٱلرَّبُّ: «هُوَذَا قَدِ ٱخْتَبَأَ بَيْنَ ٱلْأَمْتِعَةِ». | ٢٢ 22 |
شۇڭا ئۇلار پەرۋەردىگاردىن يەنە: ــ ئۇ كىشى بۇ يەرگە كېلەمدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار جاۋابەن: ــ مانا، ئۇ يۈك-تاقلارنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنىۋالدى، دېدى. |
فَرَكَضُوا وَأَخَذُوهُ مِنْ هُنَاكَ، فَوَقَفَ بَيْنَ ٱلشَّعْبِ، فَكَانَ أَطْوَلَ مِنْ كُلِّ ٱلشَّعْبِ مِنْ كَتِفِهِ فَمَا فَوْقُ. | ٢٣ 23 |
شۇڭا ئۇلار يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى شۇ يەردىن ئېلىپ كەلدى. ئۇ خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغاندا خالايىقنىڭ بويى ئۇنىڭ مۈرىسىگىمۇ كەلمىدى. |
فَقَالَ صَمُوئِيلُ لِجَمِيعِ ٱلشَّعْبِ: «أَرَأَيْتُمُ ٱلَّذِي ٱخْتَارَهُ ٱلرَّبُّ، أَنَّهُ لَيْسَ مِثْلُهُ فِي جَمِيعِ ٱلشَّعْبِ؟» فَهَتَفَ كُلُّ ٱلشَّعْبِ وَقَالُوا: «لِيَحْيَ ٱلْمَلِكُ!». | ٢٤ 24 |
سامۇئىل بارلىق خەلققە: ــ ئەمدى پەرۋەردىگار تاللىغان كىشىگە قاراڭلار! دەرۋەقە بارلىق خەلقنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا يېتىدىغان بىرسى يوقتۇر، دېدى. ۋە خەلقنىڭ ھەممىسى: ــ پادىشاھ ياشىسۇن! ــ دەپ توۋلاشتى. |
فَكَلَّمَ صَمُوئِيلُ ٱلشَّعْبَ بِقَضَاءِ ٱلْمَمْلَكَةِ، وَكَتَبَهُ فِي ٱلسِّفْرِ وَوَضَعَهُ أَمَامَ ٱلرَّبِّ. ثُمَّ أَطْلَقَ صَمُوئِيلُ جَمِيعَ ٱلشَّعْبِ كُلَّ وَاحِدٍ إِلَى بَيْتِهِ. | ٢٥ 25 |
سامۇئىل خەلققە پادىشاھلىق ھوقۇق-قانۇنلىرىنى ئۇقتۇردى ۋە ئۇنى ئورام يازما قىلىپ يېزىپ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قويدى. ئاندىن سامۇئىل ھەممە خەلقنى، ھەرقايسىسىنى ئۆز ئۆيلىرىگە قايتۇردى. |
وَشَاوُلُ أَيْضًا ذَهَبَ إِلَى بَيْتِهِ إِلَى جِبْعَةَ، وَذَهَبَ مَعَهُ ٱلْجَمَاعَةُ ٱلَّتِي مَسَّ ٱللهُ قَلْبَهَا. | ٢٦ 26 |
سائۇلمۇ ھەم گىبېئاھدىكى ئۆيىگە قايتتى؛ كۆڭۈللىرى خۇدا تەرىپىدىن تەسىرلەندۈرۈلگەن بىر تۈركۈم باتۇر كىشى ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردى. |
وَأَمَّا بَنُو بَلِيَّعَالَ فَقَالُوا: «كَيْفَ يُخَلِّصُنَا هَذَا؟». فَٱحْتَقَرُوهُ وَلَمْ يُقَدِّمُوا لَهُ هَدِيَّةً. فَكَانَ كَأَصَمَّ. | ٢٧ 27 |
لېكىن بىرنەچچە رەزىل كىشى: ــ بۇ كىشى قانداقمۇ بىزنى قۇتقۇزالىسۇن؟ ــ دەپ ئۇنى كەمسىتىپ ئۇنىڭغا ھېچ سوۋغات بەرمىدى؛ ئەمما ئۇ ئاڭلىماسلىققا سالدى. |