وَكَانَ لَمَّا أَكْمَلَ سُلَيْمَانُ بِنَاءَ بَيْتِ ٱلرَّبِّ وَبَيْتِ ٱلْمَلِكِ وَكُلَّ مَرْغُوبِ سُلَيْمَانَ ٱلَّذِي سُرَّ أَنْ يَعْمَلَ، | ١ 1 |
سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى، پادىشاھ ئوردىسى ۋە شۇنداقلا قۇرۇشنى ئارزۇ قىلغان باشقا قۇرۇلۇشلارنى كۆڭلىدىكىدەك پۈتكۈزۈپ بولغاندا، |
أَنَّ ٱلرَّبَّ تَرَاءَى لِسُلَيْمَانَ ثَانِيَةً كَمَا تَرَاءَى لَهُ فِي جِبْعُونَ. | ٢ 2 |
پەرۋەردىگار سۇلايمانغا گىبېئوندا كۆرۈنگەندەك ئەمدى ئىككىنچى قېتىم ئۇنىڭغا كۆرۈندى. |
وَقَالَ لَهُ ٱلرَّبُّ: «قَدْ سَمِعْتُ صَلَاتَكَ وَتَضَرُّعَكَ ٱلَّذِي تَضَرَّعْتَ بِهِ أَمَامِي. قَدَّسْتُ هَذَا ٱلْبَيْتَ ٱلَّذِي بَنَيْتَهُ لِأَجْلِ وَضْعِ ٱسْمِي فِيهِ إِلَى ٱلْأَبَدِ، وَتَكُونُ عَيْنَايَ وَقَلْبِي هُنَاكَ كُلَّ ٱلْأَيَّامِ. | ٣ 3 |
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن مېنىڭ ئالدىمدا قىلغان دۇئا ۋە ئىلتىجايىڭنى ئاڭلىدىم؛ مېنىڭ نامىم ئۇنىڭدا ئەبەدگىچە ئايان قىلىنىشى ئۈچۈن، سەن ياسىغان بۇ ئۆينى ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلدىم. مېنىڭ كۆزلىرىم ۋە كۆڭلۈم شۇ يەردە ھەمىشە بولىدۇ. |
وَأَنْتَ إِنْ سَلَكْتَ أَمَامِي كَمَا سَلَكَ دَاوُدُ أَبُوكَ بِسَلَامَةِ قَلْبٍ وَٱسْتِقَامَةٍ، وَعَمِلْتَ حَسَبَ كُلِّ مَا أَوْصَيْتُكَ وَحَفِظْتَ فَرَائِضِي وَأَحْكَامِي، | ٤ 4 |
سەن بولساڭ، ئاتاڭ داۋۇتنىڭ ئالدىمدا ماڭغىنىدەك، سەنمۇ ساڭا بۇيرۇغىنىمنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق ئەمەل قىلىش ئۈچۈن، بەلگىلىمىلىرىم ۋە ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇپ، پاك كۆڭۈل ۋە دۇرۇسلۇق بىلەن ئالدىمدا ماڭساڭ، |
فَإِنِّي أُقِيمُ كُرْسِيَّ مُلْكِكَ عَلَى إِسْرَائِيلَ إِلَى ٱلْأَبَدِ كَمَا كَلَّمْتُ دَاوُدَ أَبَاكَ قَائِلًا: لَا يُعْدَمُ لَكَ رَجُلٌ عَنْ كُرْسِيِّ إِسْرَائِيلَ. | ٥ 5 |
مەن ئەمدى ئاتاڭ داۋۇتقا: «ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ساڭا ئەۋلادىڭدىن ئولتۇرۇشقا بىر زات كەم بولمايدۇ» دەپ ۋەدە قىلغىنىمدەك، مەن پادىشاھلىق تەختىڭنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە ئەبەدگىچە مەھكەم قىلىمەن. |
إِنْ كُنْتُمْ تَنْقَلِبُونَ أَنْتُمْ أَوْ أَبْنَاؤُكُمْ مِنْ وَرَائِي، وَلَا تَحْفَظُونَ وَصَايَايَ، فَرَائِضِيَ ٱلَّتِي جَعَلْتُهَا أَمَامَكُمْ، بَلْ تَذْهَبُونَ وَتَعْبُدُونَ آلِهَةً أُخْرَى وَتَسْجُدُونَ لَهَا، | ٦ 6 |
لېكىن ئۆزۈڭ يا ئوغۇللىرىڭ ماڭا ئەگىشىشتىن ۋاز كېچىپ مەن ئالدىڭلاردا قويغان ئەمرلىرىم بىلەن بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتماي، بەلكى باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ ئۇلارغا سەجدە قىلساڭلار، |
فَإِنِّي أَقْطَعُ إِسْرَائِيلَ عَنْ وَجْهِ ٱلْأَرْضِ ٱلَّتِي أَعْطَيْتُهُمْ إِيَّاهَا، وَٱلْبَيْتُ ٱلَّذِي قَدَّسْتُهُ لِٱسْمِي أَنْفِيهِ مِنْ أَمَامِي، وَيَكُونُ إِسْرَائِيلُ مَثَلًا وَهُزْأَةً فِي جَمِيعِ ٱلشُّعُوبِ، | ٧ 7 |
شۇ چاغدا مەن ئىسرائىلنى ئۇلارغا تەقدىم قىلغان زېمىنىدىن ئۈزۈپ چىقىرىمەن؛ ۋە ئۆز نامىمنى كۆرسىتىشكە ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلغان بۇ ئۆينى نەزىرىمدىن تاشلايمەن ۋە ئىسرائىل ھەممە خەلقلەر ئارىسىدا سۆز-چۆچەك ۋە تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى بولىدۇ؛ |
وَهَذَا ٱلْبَيْتُ يَكُونُ عِبْرَةً. كُلُّ مَنْ يَمُرُّ عَلَيْهِ يَتَعَجَّبُ وَيَصْفِرُ، وَيَقُولُونَ: لِمَاذَا عَمِلَ ٱلرَّبُّ هَكَذَا لِهَذِهِ ٱلْأَرْضِ وَلِهَذَا ٱلْبَيْتِ؟ | ٨ 8 |
بۇ ئۆي گەرچە ھازىر كۆركەم كۆرۈنسىمۇ، شۇ زاماندا ئۇنىڭدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسى زور ھەيران قېلىشىپ ئۈشقىرتىپ: «پەرۋەردىگار بۇ زېمىنغا ۋە بۇ ئۆيگە نېمىشقا شۇنداق قىلدى؟» دەپ سورايدۇ. |
فَيَقُولُونَ: مِنْ أَجْلِ أَنَّهُمْ تَرَكُوا ٱلرَّبَّ إِلَهَهُمُ ٱلَّذِي أَخْرَجَ آبَاءَهُمْ مِنْ أَرْضِ مِصْرَ، وَتَمَسَّكُوا بِآلِهَةٍ أُخْرَى وَسَجَدُوا لَهَا وَعَبَدُوهَا، لِذَلِكَ جَلَبَ ٱلرَّبُّ عَلَيْهِمْ كُلَّ هَذَا ٱلشَّرِّ». | ٩ 9 |
كىشىلەر: ــ چۈنكى [زېمىندىكى خەلقلەر] ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان پەرۋەردىگار خۇداسىنى تاشلاپ، ئۆزلىرىنى باشقا ئىلاھلارغا باغلاپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ قۇللۇقىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار بۇ پۈتكۈل كۈلپەتنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈپتۇ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. |
وَبَعْدَ نِهَايَةِ عِشْرِينَ سَنَةً بَعْدَمَا بَنَى سُلَيْمَانُ ٱلْبَيْتَيْنِ، بَيْتَ ٱلرَّبِّ وَبَيْتَ ٱلْمَلِكِ. | ١٠ 10 |
شۇنداق بولدىكى، يىگىرمە يىل ئۆتۈپ، سۇلايمان ئۇ ئىككى ئۆينى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى بىلەن پادىشاھ ئۆيىنى ياساپ بولغاندىن كېيىن، |
وَكَانَ حِيرَامُ مَلِكُ صُورَ قَدْ سَاعَفَ سُلَيْمَانَ بِخَشَبِ أَرْزٍ وَخَشَبِ سَرْوٍ وَذَهَبٍ، حَسَبَ كُلِّ مَسَرَّتِهِ. أَعْطَى حِينَئِذٍ ٱلْمَلِكُ سُلَيْمَانُ حِيرَامَ عِشْرِينَ مَدِينَةً فِي أَرْضِ ٱلْجَلِيلِ. | ١١ 11 |
تۇرنىڭ پادىشاھى ھىرام سۇلايمانغا بارلىق تەلەپلىرى بويىچە كېدىر دەرەخلىرى، ئارچا دەرەخلىرى ۋە ئالتۇن تەمىنلىگىنى ئۈچۈن سۇلايمان پادىشاھ ئۇنىڭغا گالىلىيە ئۆلكىسىدىن يىگىرمە شەھەرنى بەردى. |
فَخَرَجَ حِيرَامُ مِنْ صُورَ لِيَرَى ٱلْمُدُنَ ٱلَّتِي أَعْطَاهُ إِيَّاهَا سُلَيْمَانُ، فَلَمْ تَحْسُنْ فِي عَيْنَيْهِ. | ١٢ 12 |
ھىرام سۇلايمان ئۇنىڭغا بەرگەن شەھەرلەرنى كۆرۈشكە تۇردىن چىقىپ كەلدى؛ لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا ھېچ ياقمىدى. |
فَقَالَ: «مَا هَذِهِ ٱلْمُدُنُ ٱلَّتِي أَعْطَيْتَنِي يَا أَخِي؟» وَدَعَاهَا «أَرْضَ كَابُولَ» إِلَى هَذَا ٱلْيَوْمِ. | ١٣ 13 |
ئۇ: ــ ھەي بۇرادىرىم، سەن مۇشۇ ماڭا بەرگىنىڭ زادى قانداق شەھەرلەر؟! ــ دېدى. ئۇ ئۇلارنى «كابۇلنىڭ يۇرتى» دەپ ئاتىدى، ۋە ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق ئاتىلىدۇ. |
وَأَرْسَلَ حِيرَامُ لِلْمَلِكِ مِئَةً وَعِشْرِينَ وَزْنَةَ ذَهَبٍ. | ١٤ 14 |
ھىرام بولسا پادىشاھقا بىر يۈز يىگىرمە تالانت ئالتۇن ئەۋەتكەنىدى. |
وَهَذَا هُوَ سَبَبُ ٱلتَّسْخِيرِ ٱلَّذِي جَعَلَهُ ٱلْمَلِكُ سُلَيْمَانُ لِبِنَاءِ بَيْتِ ٱلرَّبِّ وَبَيْتِهِ وَٱلْقَلْعَةِ وَسُورِ أُورُشَلِيمَ وَحَاصُورَ وَمَجِدُّو وَجَازَرَ. | ١٥ 15 |
سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى، ئۆز ئۆيىنى، مىللونى، يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنى، ھازورنى، مەگىددونى ۋە گەزەر شەھەرلىرىنى ياساش ئۈچۈن ھاشارغا تۇتقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئىشلىرى مۇنداق: ــ |
صَعِدَ فِرْعَوْنُ مَلِكُ مِصْرَ وَأَخَذَ جَازَرَ وَأَحْرَقَهَا بِٱلنَّارِ، وَقَتَلَ ٱلْكَنْعَانِيِّينَ ٱلسَّاكِنِينَ فِي ٱلْمَدِينَةِ، وَأَعْطَاهَا مَهْرًا لِٱبْنَتِهِ ٱمْرَأَةِ سُلَيْمَانَ. | ١٦ 16 |
(مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋن چىقىپ گەزەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، ئۇنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ، شەھەردە تۇرۇۋاتقان قانائانىيلارنى قىرىپ، شەھەرنى توي سوۋغىسى سۈپىتىدە سۇلايماننىڭ خوتۇنى بولغان ئۆز قىزىغا بەرگەنىدى) |
وَبَنَى سُلَيْمَانُ جَازَرَ وَبَيْتَ حُورُونَ ٱلسُّفْلَى | ١٧ 17 |
سۇلايمان گەزەر بىلەن تۆۋەنكى بەيت-ھوروننى بىنا قىلدى؛ |
وَبَعْلَةَ وَتَدْمُرَ فِي ٱلْبَرِّيَّةِ فِي ٱلْأَرْضِ، | ١٨ 18 |
ئۇ بائالات بىلەن ئۆز زېمىنىدىكى چۆلگە جايلاشقان تادمورنىمۇ يېڭىدىن ياسىدى، |
وَجَمِيعَ مُدُنِ ٱلْمَخَازِنِ ٱلَّتِي كَانَتْ لِسُلَيْمَانَ، وَمُدُنَ ٱلْمَرْكَبَاتِ وَمُدُنَ ٱلْفُرْسَانِ، وَمَرْغُوبَ سُلَيْمَانَ ٱلَّذِي رَغِبَ أَنْ يَبْنِيَهُ فِي أُورُشَلِيمَ وَفِي لُبْنَانَ وَفِي كُلِّ أَرْضِ سَلْطَنَتِهِ. | ١٩ 19 |
شۇنداقلا ئۆزىگە خاس ھەممە ئامبار شەھەرلىرىنى، «جەڭ ھارۋىسى شەھەرلىرى»نى، «ئاتلىقلار شەھەرلىرى»نى ۋە يېرۇسالېمدا، لىۋاندا ۋە ئۆزى سورايدىغان بارلىق زېمىندا خالىغىنىنى بىنا قىلدى. |
جَمِيعُ ٱلشَّعْبِ ٱلْبَاقِينَ مِنَ ٱلْأَمُورِيِّينَ وَٱلْحِثِّيِّينَ وَٱلْفِرِزِّيِّينَ وَٱلْحِوِّيِّينَ وَٱلْيَبُوسِيِّينَ ٱلَّذِينَ لَيْسُوا مِنْ بَنِي إِسْرَائِيلَ، | ٢٠ 20 |
ئىسرائىللاردىن بولمىغان ئامورىيلار، ھىتتىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلاردىن [ئىسرائىل] زېمىنىدا قېلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى بولسا، |
أَبْنَاؤُهُمُ ٱلَّذِينَ بَقُوا بَعْدَهُمْ فِي ٱلْأَرْضِ، ٱلَّذِينَ لَمْ يَقْدِرْ بَنُو إِسْرَائِيلَ أَنْ يُحَرِّمُوهُمْ، جَعَلَ عَلَيْهِمْ سُلَيْمَانُ تَسْخِيرَ عَبِيدٍ إِلَى هَذَا ٱلْيَوْمِ. | ٢١ 21 |
سۇلايمان بۇلارنى، يەنى ئىسرائىللار پۈتۈنلەي يوقىتالمىغان ئەللەرنىڭ قالدۇق ئەۋلادلىرىنى قۇللۇق ھاشارغا تۇتتى. ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق بولۇپ كەلدى. |
وَأَمَّا بَنُو إِسْرَائِيلَ فَلَمْ يَجْعَلْ سُلَيْمَانُ مِنْهُمْ عَبِيدًا لِأَنَّهُمْ رِجَالُ ٱلْقِتَالِ وَخُدَّامُهُ وَأُمَرَاؤُهُ وَثَوَالِثُهُ وَرُؤَسَاءُ مَرْكَبَاتِهِ وَفُرْسَانُهُ. | ٢٢ 22 |
لېكىن سۇلايمان ئىسرائىللاردىن ھېچكىمنى قۇل قىلماي، بەلكى ئۇلارنى لەشكەر، خىزمەتكار، ھۆكۈمدار-ئەمەلدار، ھارۋا بىلەن ئاتلىقلارنىڭ سەردارلىرى قىلدى. |
هَؤُلَاءِ رُؤَسَاءُ ٱلْمُوَكَّلِينَ عَلَى أَعْمَالِ سُلَيْمَانَ خَمْسُ مِئَةٍ وَخَمْسُونَ، ٱلَّذِينَ كَانُوا يَتَسَلَّطُونَ عَلَى ٱلشَّعْبِ ٱلْعَامِلِينَ ٱلْعَمَلَ. | ٢٣ 23 |
بۇلاردىن سۇلايماننىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان، يەنى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان چوڭ نازارەتچىلەر بەش يۈز ئەللىك ئىدى. |
وَلَكِنَّ بِنْتَ فِرْعَوْنَ صَعِدَتْ مِنْ مَدِينَةِ دَاوُدَ إِلَى بَيْتِهَا ٱلَّذِي بَنَاهُ لَهَا، حِينَئِذٍ بَنَى ٱلْقَلْعَةَ. | ٢٤ 24 |
پىرەۋننىڭ قىزى داۋۇتنىڭ شەھىرىدىن كۆچۈپ سۇلايمان ئۇنىڭ ئۈچۈن ياسىغان ئۆيدە ئولتۇرغىنىدا، ئۇ مىللو قەلئەسىنى ياسىدى. |
وَكَانَ سُلَيْمَانُ يُصْعِدُ ثَلَاثَ مَرَّاتٍ فِي ٱلسَّنَةِ مُحْرَقَاتٍ وَذَبَائِحَ سَلَامَةٍ عَلَى ٱلْمَذْبَحِ ٱلَّذِي بَنَاهُ لِلرَّبِّ، وَكَانَ يُوقِدُ عَلَى ٱلَّذِي أَمَامَ ٱلرَّبِّ. وَأَكْمَلَ ٱلْبَيْتَ. | ٢٥ 25 |
سۇلايمان پەرۋەردىگارغا ياسىغان قۇربانگاھدا يىلدا ئۈچ قېتىم كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇناتتى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى [خۇشبۇيگاھتا] خۇشبۇي ياقاتتى. شۇ تەرىقىدە ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئىشلىرىنى پۈتكۈزدى. |
وَعَمِلَ ٱلْمَلِكُ سُلَيْمَانُ سُفُنًا فِي عِصْيُونَ جَابَرَ ٱلَّتِي بِجَانِبِ أَيْلَةَ عَلَى شَاطِئِ بَحْرِ سُوفٍ فِي أَرْضِ أَدُومَ. | ٢٦ 26 |
سۇلايمان پادىشاھ ئېزىئون-گەبەردە بىر تۈركۈم كېمىلەرنى ياسىدى. ئۇ يەر بولسا ئېدوم زېمىنىدا، قىزىل دېڭىز بويىدىكى ئېلوتنىڭ يېنىدا ئىدى. |
فَأَرْسَلَ حِيرَامُ فِي ٱلسُّفُنِ عَبِيدَهُ ٱلنَّوَاتِيَّ ٱلْعَارِفِينَ بِٱلْبَحْرِ مَعَ عَبِيدِ سُلَيْمَانَ، | ٢٧ 27 |
ھىرام ئۆز خىزمەتكارلىرى، يەنى دېڭىزچىلىقنى ئوبدان بىلىدىغان نەچچە كېمىچىلەرنى سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىغا قوشۇلۇپ كېمىلەردە ئىشلەشكە ئەۋەتتى. |
فَأَتَوْا إِلَى أُوفِيرَ، وَأَخَذُوا مِنْ هُنَاكَ ذَهَبًا أَرْبَعَ مِئَةِ وَزْنَةٍ وَعِشْرِينَ وَزْنَةً، وَأَتَوْا بِهَا إِلَى ٱلْمَلِكِ سُلَيْمَانَ. | ٢٨ 28 |
ئۇلار ئوفىرغا بېرىپ، ئۇ يەردىن تۆت يۈز يىگىرمە تالانت ئالتۇننى ئېلىپ كېلىپ، سۇلايمان پادىشاھقا ئاپاردى. |