وَحَدَثَ بَعْدَ هَذِهِ ٱلْأُمُورِ أَنَّهُ كَانَ لِنَابُوتَ ٱلْيَزْرَعِيلِيِّ كَرْمٌ فِي يَزْرَعِيلَ بِجَانِبِ قَصْرِ أَخْآبَ مَلِكِ ٱلسَّامِرَةِ. | ١ 1 |
بۇ ئىشلاردىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، يىزرەئەللىك نابوتنىڭ يىزرەئەلدە، سامارىيەنىڭ پادىشاھى ئاھابنىڭ ئوردىسىنىڭ يېنىدا بىر ئۈزۈمزارلىقى بار ئىدى. |
فَكَلَّمَ أَخْآبُ نَابُوتَ قَائِلًا: «أَعْطِنِي كَرْمَكَ فَيَكُونَ لِي بُسْتَانَ بُقُولٍ، لِأَنَّهُ قَرِيبٌ بِجَانِبِ بَيْتِي، فَأُعْطِيَكَ عِوَضَهُ كَرْمًا أَحْسَنَ مِنْهُ. أَوْ إِذَا حَسُنَ فِي عَيْنَيْكَ أَعْطَيْتُكَ ثَمَنَهُ فِضَّةً». | ٢ 2 |
ئاھاب نابوتقا سۆز قىلىپ: ــ ئۆز ئۈزۈمزارلىقىڭنى ماڭا بەرگىن، مېنىڭ ئۆيۈمگە يېقىن بولغاچ، ئۇنى بىر سەي-كۆكتاتلىق باغ قىلاي. ئۇنىڭ ئورنىدا ساڭا ئوبدانراق بىر ئۈزۈمزارلىق بېرەي ياكى لايىق كۆرسەڭ باھاسىنى نەق بېرىمەن، دېدى. |
فَقَالَ نَابُوتُ لِأَخْآبَ: «حَاشَا لِي مِنْ قِبَلِ ٱلرَّبِّ أَنْ أُعْطِيَكَ مِيرَاثَ آبَائِي». | ٣ 3 |
ئەمما نابوت ئاھابقا: ــ پەرۋەردىگار مېنى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ مىراسىنى ساڭا سېتىشنى مەندىن نېرى قىلسۇن، دېدى. |
فَدَخَلَ أَخْآبُ بَيْتَهُ مُكْتَئِبًا مَغْمُومًا مِنْ أَجْلِ ٱلْكَلَامِ ٱلَّذِي كَلَّمَهُ بِهِ نَابُوتُ ٱلْيَزْرَعِيلِيُّ قَائِلًا: «لَا أُعْطِيكَ مِيرَاثَ آبَائِي». وَٱضْطَجَعَ عَلَى سَرِيرِهِ وَحَوَّلَ وَجْهَهُ وَلَمْ يَأْكُلْ خُبْزًا. | ٤ 4 |
ئاھاب يىزرەئەللىك نابوتنىڭ: «ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ مىراسىنى ساڭا بەرمەيمەن» دەپ ئېيتقان سۆزىدىن خاپا بولۇپ غەشلىككە چۆمگەن ھالدا ئوردىسىغا قايتتى؛ ئۇ كارىۋاتتا يېتىپ يۈزىنى [تام] تەرەپكە ئۆرۈپ نانمۇ يېمىدى. |
فَدَخَلَتْ إِلَيْهِ إِيزَابَلُ ٱمْرَأَتُهُ وَقَالَتْ لَهُ: «لِمَاذَا رُوحُكَ مُكْتَئِبَةٌ وَلَا تَأْكُلُ خُبْزًا؟» | ٥ 5 |
خوتۇنى يىزەبەل ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ: روھىي كەيپىياتىڭ نېمىشقا شۇنچە تۆۋەن، نېمىشقا نان يېمەيسەن؟ ــ دېدى. |
فَقَالَ لَهَا: «لِأَنِّي كَلَّمْتُ نَابُوتَ ٱلْيَزْرَعِيلِيَّ وَقُلْتُ لَهُ: أَعْطِنِي كَرْمَكَ بِفِضَّةٍ، وَإِذَا شِئْتَ أَعْطَيْتُكَ كَرْمًا عِوَضَهُ، فَقَالَ: لَا أُعْطِيكَ كَرْمِي». | ٦ 6 |
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ مەن يىزرەئەللىك نابوتقا سۆز قىلىپ: «ئۈزۈمزارلىقىڭنى ماڭا پۇلغا بەرسەڭ، ياكى لايىق كۆرسەڭ ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا ئۈزۈمزارلىق بېرەي» دېدىم. لېكىن ئۇ: «ساڭا ئۈزۈمزارلىقىمنى بەرمەيمەن» دېدى، ــ دېدى. |
فَقَالَتْ لَهُ إِيزَابَلُ: «أَأَنْتَ ٱلْآنَ تَحْكُمُ عَلَى إِسْرَائِيلَ؟ قُمْ كُلْ خُبْزًا وَلْيَطِبْ قَلْبُكَ. أَنَا أُعْطِيكَ كَرْمَ نَابُوتَ ٱلْيَزْرَعِيلِيِّ». | ٧ 7 |
خوتۇنى يىزەبەل ئۇنىڭغا: ــ سەن ھازىر ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە سەلتەنەت قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟ قوپۇپ نان يەپ، كۆڭلۈڭنى خۇش قىلغىن؛ مەن ساڭا يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىنى ئېرىشتۈرىمەن، دېدى. |
ثُمَّ كَتَبَتْ رَسَائِلَ بِٱسْمِ أَخْآبَ، وَخَتَمَتْهَا بِخَاتِمِهِ، وَأَرْسَلَتِ ٱلرَّسَائِلَ إِلَى ٱلشُّيُوخِ وَٱلْأَشْرَافِ ٱلَّذِينَ فِي مَدِينَتِهِ ٱلسَّاكِنِينَ مَعَ نَابُوتَ. | ٨ 8 |
ئاندىن ئۇ ئاھابنىڭ نامىدا بىر خەت يېزىپ، ئۈستىگە ئۇنىڭ مۆھۈرىنى بېسىپ، خەتنى نابوتنىڭ شەھىرىدە ئۇنىڭ بىلەن تۇرۇۋاتقان ئاقساقاللار ۋە مۆتىۋەرلەرگە ئەۋەتتى. |
وَكَتَبَتْ فِي ٱلرَّسَائِلِ تَقُولُ: «نَادُوا بِصَوْمٍ، وَأَجْلِسُوا نَابُوتَ فِي رَأْسِ ٱلشَّعْبِ. | ٩ 9 |
خەتتە ئۇ مۇنداق يازغانىدى: ــ «روزا تۇتۇش كېرەك دەپ بۇيرۇپ، خەلقنىڭ ئارىسىدا نابوتنى تۆردە ئولتۇرغۇزغىن؛ |
وَأَجْلِسُوا رَجُلَيْنِ مِنْ بَنِي بَلِيَّعَالَ تُجَاهَهُ لِيَشْهَدَا قَائِلَيْنِ: قَدْ جَدَّفْتَ عَلَى ٱللهِ وَعَلَى ٱلْمَلِكِ. ثُمَّ أَخْرِجُوهُ وَٱرْجُمُوهُ فَيَمُوتَ». | ١٠ 10 |
ئىككى ئادەمنى، يەنى بېلىيالنىڭ بالىسىنى ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى نابوتنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇزۇپ: «سەن خۇداغا ۋە پادىشاھقا لەنەت ئوقۇدۇڭ» دەپ گۇۋاھلىق بەرگۈزۈڭلار. ئاندىن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار». |
فَفَعَلَ رِجَالُ مَدِينَتِهِ، ٱلشُّيُوخُ وَٱلْأَشْرَافُ ٱلسَّاكِنُونَ فِي مَدِينَتِهِ، كَمَا أَرْسَلَتْ إِلَيْهِمْ إِيزَابَلُ، كَمَا هُوَ مَكْتُوبٌ فِي ٱلرَّسَائِلِ ٱلَّتِي أَرْسَلَتْهَا إِلَيْهِمْ. | ١١ 11 |
شەھەرنىڭ ئادەملىرى، يەنى ئۇنىڭ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئاقساقالار بىلەن مۆتىۋەرلەر يىزەبەلنىڭ ئۇلارغا ئەۋەتكەن خېتىدە پۈتۈلگەندەك قىلدى؛ |
فَنَادَوْا بِصَوْمٍ وَأَجْلَسُوا نَابُوتَ فِي رَأْسِ ٱلشَّعْبِ. | ١٢ 12 |
ئۇلار روزىنى بۇيرۇپ، خەلقنىڭ ئارىسىدا نابوتنى تۆردە ئولتۇرغۇزدى. |
وَأَتَى رَجُلَانِ مِنْ بَنِي بَلِيَّعَالَ وَجَلَسَا تُجَاهَهُ، وَشَهِدَ رَجُلَا بِليَّعَالَ عَلَى نَابُوتَ أَمَامَ ٱلشَّعْبِ قَائِلَيْنِ: «قَدْ جَدَّفَ نَابُوتُ عَلَى ٱللهِ وَعَلَى ٱلْمَلِكِ». فَأَخْرَجُوهُ خَارِجَ ٱلْمَدِينَةِ وَرَجَمُوهُ بِحِجَارَةٍ فَمَاتَ. | ١٣ 13 |
ئاندىن ئۇ ئىككى ئادەم، يەنى بېلىيالنىڭ بالىلىرى خەلقنىڭ ئالدىدا نابوت ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ: «نابوت خۇداغا ۋە پادىشاھقا دەشنەم قىلدى» دەپ گۇۋاھلىق بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نابوتنى شەھەرنىڭ تاشقىرىغا سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ، تاشلار بىلەن چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. |
وَأَرْسَلُوا إِلَى إِيزَابَلَ يَقُولُونَ: «قَدْ رُجِمَ نَابُوتُ وَمَاتَ». | ١٤ 14 |
ئاندىن ئۇلار يىزەبەلگە ئادەم ئەۋەتىپ: «نابوت چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلدى» دەپ خەۋەر بەردى. |
وَلَمَّا سَمِعَتْ إِيزَابَلُ أَنَّ نَابُوتَ قَدْ رُجِمَ وَمَاتَ، قَالَتْ إِيزَابَلُ لِأَخْآبَ: «قُمْ رِثْ كَرْمَ نَابُوتَ ٱلْيَزْرَعِيلِيِّ ٱلَّذِي أَبَى أَنْ يُعْطِيَكَ إِيَّاهُ بِفِضَّةٍ، لِأَنَّ نَابُوتَ لَيْسَ حَيًّا بَلْ هُوَ مَيْتٌ». | ١٥ 15 |
يىزەبەل نابوتنىڭ چالما-كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا ئاھابقا: قوپۇپ، يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ساڭا پۇلغا بەرگىلى ئۇنىمىغان ئۈزۈمزارلىقىنى تاپشۇرۇپ ئالغىن؛ چۈنكى نابوت ھايات ئەمەس، بەلكى ئۆلدى، دېدى. |
وَلَمَّا سَمِعَ أَخْآبُ أَنَّ نَابُوتَ قَدْ مَاتَ، قَامَ أَخْآبُ لِيَنْزِلَ إِلَى كَرْمِ نَابُوتَ ٱلْيَزْرَعِيلِيِّ لِيَرِثَهُ. | ١٦ 16 |
شۇنداق بولدىكى، ئاھاب نابوتنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، يىزرەئەللىك نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن شۇ يەرگە باردى. |
فَكَانَ كَلَامُ ٱلرَّبِّ إِلَى إِيلِيَّا ٱلتِّشْبِيِّ قَائِلًا: | ١٧ 17 |
لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى تىشبىلىق ئىلىياسقا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ |
«قُمِ ٱنْزِلْ لِلِقَاءِ أَخْآبَ مَلِكِ إِسْرَائِيلَ ٱلَّذِي فِي ٱلسَّامِرَةِ. هُوَذَا هُوَ فِي كَرْمِ نَابُوتَ ٱلَّذِي نَزَلَ إِلَيْهِ لِيَرِثَهُ. | ١٨ 18 |
«قوپۇپ بېرىپ، سامارىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئىسرائىل پادىشاھى ئاھاب بىلەن ئۇچراشقىن؛ مانا ئۇ نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىدا تۇرىدۇ؛ چۈنكى ئۇنى ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە باردى. |
وَكَلِّمْهُ قَائِلًا: هَكَذَا قَالَ ٱلرَّبُّ: هَلْ قَتَلْتَ وَوَرِثْتَ أَيْضًا؟ ثُمَّ كَلِّمْهُ قَائِلًا: هَكَذاَ قَالَ ٱلرَّبُّ: فِي ٱلْمَكَانِ ٱلَّذِي لَحَسَتْ فِيهِ ٱلْكِلَابُ دَمَ نَابُوتَ تَلْحَسُ ٱلْكِلَابُ دَمَكَ أَنْتَ أَيْضًا». | ١٩ 19 |
ئۇنىڭغا: ــ «ئادەم ئۆلتۈردۈڭمۇ، يېرىنى ئىگىلىۋالدىڭمۇ؟» ــ دېگىن. ئاندىن ئۇنىڭغا يەنە سۆز قىلىپ: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «نابوتنىڭ قېنىنى ئىتلار يالىغان جايدا سېنىڭ قېنىڭنىمۇ ئىتلار يالايدۇ» ــ دېگىن». |
فَقَالَ أَخْآبُ لِإِيلِيَّا: «هَلْ وَجَدْتَنِي يَا عَدُوِّي؟» فَقَالَ: «قَدْ وَجَدْتُكَ لِأَنَّكَ قَدْ بِعْتَ نَفْسَكَ لِعَمَلِ ٱلشَّرِّ فِي عَيْنَيِ ٱلرَّبِّ. | ٢٠ 20 |
ئاھاب ئىلىياسقا: ــ ئى دۈشمىنىم، مېنى تاپتىڭمۇ؟ ــ دېدى. ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ راست، مەن سېنى تاپتىم؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىللىك قىلىش ئۈچۈن ئۆزۈڭنى سېتىۋەتتىڭ. |
هَأَنَذَا أَجْلِبُ عَلَيْكَ شَرًّا، وَأُبِيدُ نَسْلَكَ، وَأَقْطَعُ لِأَخْآبَ كُلَّ بَائِلٍ بِحَائِطٍ وَمَحْجُوزٍ وَمُطْلَقٍ فِي إِسْرَائِيلَ. | ٢١ 21 |
پەرۋەردىگار: «مانا، مەن ئۈستۈڭگە بالا چۈشۈرۈپ نەسلىڭنى يوقىتىپ، سەن ئاھابنىڭ ئىسرائىلدا قالغان جەمەتىدىكى ھەممە ئەركەكنى، ھەتتا ئاجىز ياكى مېيىپ بولسۇن، ھەممىسىنى ئۈزۈپ يوقىتىمەن؛ |
وَأَجْعَلُ بَيْتَكَ كَبَيْتِ يَرُبْعَامَ بْنِ نَبَاطَ، وَكَبَيْتِ بَعْشَا بْنِ أَخِيَّا، لِأَجْلِ ٱلْإِغَاظَةِ ٱلَّتِي أَغَظْتَنِي، وَلِجَعْلِكَ إِسْرَائِيلَ يُخْطِئُ». | ٢٢ 22 |
ۋە سەن مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغاپ ئىسرائىلنى گۇناھقا ئازدۇرغىنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ جەمەتىڭنى نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ جەمەتى ۋە ئاخىياھنىڭ ئوغلى بائاشانىڭ جەمەتىگە ئوخشاش قىلىمەن» ــ دەيدۇ، ــ دېدى. |
وَتَكَلَّمَ ٱلرَّبُّ عَنْ إِيزَابَلَ أَيْضًا قَائِلًا: «إِنَّ ٱلْكِلَابَ تَأْكُلُ إِيزَابَلَ عِنْدَ مِتْرَسَةِ يَزْرَعِيلَ. | ٢٣ 23 |
ــ يىزەبەل توغرىسىدىمۇ پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: «يىزرەئەلنىڭ سېپىلىنىڭ تېشىدا ئىتلار يىزەبەلنى يەيدۇ. |
مَنْ مَاتَ لِأَخْآبَ فِي ٱلْمَدِينَةِ تَأْكُلُهُ ٱلْكِلَابُ، وَمَنْ مَاتَ فِي ٱلْحَقْلِ تَأْكُلُهُ طُيُورُ ٱلسَّمَاءِ». | ٢٤ 24 |
ئاھابنىڭ جەمەتىدىكىلەردىن شەھەردە ئۆلگەنلەرنى ئىتلار يەيدۇ؛ سەھرادا ئۆلگەنلەرنى بولسا ئاسماندىكى قۇشلار يەيدۇ» دېدى |
وَلَمْ يَكُنْ كَأَخْآبَ ٱلَّذِي بَاعَ نَفْسَهُ لِعَمَلِ ٱلشَّرِّ فِي عَيْنَيِ ٱلرَّبِّ، ٱلَّذِي أَغْوَتْهُ إِيزَابَلُ ٱمْرَأَتُهُ. | ٢٥ 25 |
(بەرھەق، خوتۇنى يىزەبەلنىڭ قۇترىتىشلىرى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىللىك قىلغىلى ئۆزىنى ساتقان ئاھابدەك ھېچكىم يوق ئىدى. |
وَرَجِسَ جِدًّا بِذَهَابِهِ وَرَاءَ ٱلْأَصْنَامِ حَسَبَ كُلِّ مَا فَعَلَ ٱلْأَمُورِيُّونَ ٱلَّذِينَ طَرَدَهُمُ ٱلرَّبُّ مِنْ أَمَامِ بَنِي إِسْرَائِيلَ. | ٢٦ 26 |
ئۇ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ قوغلىۋەتكەن ئامورىيلارنىڭ قىلغىنىدەك قىلىپ، يىرگىنچلىك بۇتلارغا تايىنىپ ئەگىشىپ، لەنەتلىك ئىشلارنى قىلاتتى). |
وَلَمَّا سَمِعَ أَخْآبُ هَذَا ٱلْكَلَامَ، شَقَّ ثِيَابَهُ وَجَعَلَ مِسْحًا عَلَى جَسَدِهِ، وَصَامَ وَٱضْطَجَعَ بِٱلْمِسْحِ وَمَشَى بِسُكُوتٍ. | ٢٧ 27 |
لېكىن ئاھاب بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ئۆز كىيىملىرىنى يىرتىپ بەدىنىگە بۆز يۆگەپ، روزا تۇتتى. ئۇ بۆز رەختتە ياتاتتى، جىمجىت ماڭاتتى. |
فَكَانَ كَلَامُ ٱلرَّبِّ إِلَى إِيلِيَّا ٱلتِّشْبِيِّ قَائِلًا: | ٢٨ 28 |
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى تىشبىلىق ئىلىياسقا كېلىپ: ــ |
«هَلْ رَأَيْتَ كَيْفَ ٱتَّضَعَ أَخْآبُ أَمَامِي؟ فَمِنْ أَجْلِ أَنَّهُ قَدِ ٱتَّضَعَ أَمَامِي لَا أَجْلِبُ ٱلشَّرَّ فِي أَيَّامِهِ، بَلْ فِي أَيَّامِ ٱبْنِهِ أَجْلِبُ ٱلشَّرَّ عَلَى بَيْتِهِ». | ٢٩ 29 |
«ئاھابنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا ئۆزىنى قانداق تۆۋەن تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ ئۆزىنى مېنىڭ ئالدىمدا تۆۋەن تۇتۇۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن، بۇ بالانى ئۇنىڭ كۈنلىرىدە كەلتۈرمەيمەن، بەلكى ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ كۈنلىرىدە ئۇنىڭ جەمەتىگە كەلتۈرىمەن» ــ دېيىلدى. |