وَذَهَبَ رَحُبْعَامُ إِلَى شَكِيمَ، لِأَنَّهُ جَاءَ إِلَى شَكِيمَ جَمِيعُ إِسْرَائِيلَ لِيُمَلِّكُوهُ. | ١ 1 |
رەھوبوئام شەقەمگە باردى؛ چۈنكى پۈتكۈل ئىسرائىل ئۇنى پادىشاھ تىكلىگىلى شەقەمگە كەلگەنىدى. |
وَلَمَّا سَمِعَ يَرُبْعَامُ بْنُ نَبَاطَ وَهُوَ بَعْدُ فِي مِصْرَ، لِأَنَّهُ هَرَبَ مِنْ وَجْهِ سُلَيْمَانَ ٱلْمَلِكِ، وَأَقَامَ يَرُبْعَامُ فِي مِصْرَ، | ٢ 2 |
نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئام شۇ ئىشنى ئاڭلىغاندا، شۇنداق بولدىكى، ئۇ تېخى مىسىردا ئىدى (چۈنكى يەروبوئام سۇلايمان پادىشاھتىن قېچىپ مىسىردا تۇرۇۋاتاتتى). |
وَأَرْسَلُوا فَدَعَوْهُ. أَتَى يَرُبْعَامُ وَكُلُّ جَمَاعَةِ إِسْرَائِيلَ وَكَلَّمُوا رَحُبْعَامَ قَائِلِينَ: | ٣ 3 |
ئەمدى ئۇلار ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى چاقىرتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن يەروبوئام ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى كېلىپ رەھوبوئامغا سۆز قىلىپ: |
«إِنَّ أَبَاكَ قَسَّى نِيرَنَا، وَأَمَّا أَنْتَ فَخَفِّفِ ٱلْآنَ مِنْ عُبُودِيَّةِ أَبِيكَ ٱلْقَاسِيَةِ، وَمِنْ نِيرِهِ ٱلثَّقِيلِ ٱلَّذِي جَعَلَهُ عَلَيْنَا، فَنَخْدِمَكَ». | ٤ 4 |
ــ سىلىنىڭ ئاتىلىرى بوينىمىزغا سالغان بويۇنتۇرۇقىنى ئېغىر قىلدى. سىلى ئەمدى ئاتىلىرىنىڭ بىزگە قويغان قاتتىق تەلەپلىرى بىلەن ئېغىر بويۇنتۇرۇقىنى يېنىكلىتىپ بەرسىلە، سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىمىز، دېيىشتى. |
فَقَالَ لَهُمُ: «ٱذْهَبُوا إِلَى ثَلَاثَةِ أَيَّامٍ أَيْضًا ثُمَّ ٱرْجِعُوا إِلَيَّ». فَذَهَبَ ٱلشَّعْبُ. | ٥ 5 |
ئۇ ئۇلارغا: ــ ھازىرچە قايتىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاندىن قېشىمغا يەنە كېلىڭلار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق تارىلىپ كەتتى. |
فَٱسْتَشَارَ ٱلْمَلِكُ رَحُبْعَامُ ٱلشُّيُوخَ ٱلَّذِينَ كَانُوا يَقِفُونَ أَمَامَ سُلَيْمَانَ أَبِيهِ وَهُوَ حَيٌّ، قَائِلًا: «كَيْفَ تُشِيرُونَ أَنْ أَرُدَّ جَوَابًا إِلَى هَذَا ٱلشَّعْبِ؟» | ٦ 6 |
رەھوبوئام پادىشاھ ئۆز ئاتىسى سۇلايمان ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ خىزمىتىدە تۇرغان مويسىپىتلاردىن مەسلىھەت سوراپ: ــ بۇ خەلققە بېرىدىغان جاۋابىم توغرىسىدا نېمە مەسلىھەت كۆرسىتىسىلەر؟ ــ دېدى. |
فَكَلَّمُوهُ قَائِلِينَ: «إِنْ صِرْتَ ٱلْيَوْمَ عَبْدًا لِهَذَا ٱلشَّعْبِ وَخَدَمْتَهُمْ وَأَجَبْتَهُمْ وَكَلَّمْتَهُمْ كَلَامًا حَسَنًا، يَكُونُونَ لَكَ عَبِيدًا كُلَّ ٱلْأَيَّامِ». | ٧ 7 |
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر سىلى رازىلىق بىلەن بۈگۈن بۇ خەلقنىڭ خىزمىتىدە بولىمەن دېسىلە، (ۋە دەرۋەقە ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولسىلا) ئۇلارغا ياخشى سۆزلەر بىلەن جاۋاب قىلسىلا، ئۇلار سىلىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە خىزمەتلىرىدە بولىدۇ، دېدى. |
فَتَرَكَ مَشُورَةَ ٱلشُّيُوخِ ٱلَّتِي أَشَارُوا بِهَا عَلَيْهِ وَٱسْتَشَارَ ٱلْأَحْدَاثَ ٱلَّذِينَ نَشَأُوا مَعَهُ وَوَقَفُوا أَمَامَهُ، | ٨ 8 |
لېكىن ئۇ مويسىپىتلارنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتىنى قايرىپ قويۇپ، ئۆزى بىلەن چوڭ بولغان، ئالدىدا خىزمىتىدە بولۇۋاتقان ياشلاردىن مەسلىھەت سوراپ |
وَقَالَ لَهُمْ: «بِمَاذَا تُشِيرُونَ أَنْتُمْ فَنَرُدَّ جَوَابًا عَلَى هَذَا ٱلشَّعْبِ ٱلَّذِينَ كَلَّمُونِي قَائِلِينَ: خَفِّفْ مِنَ ٱلنِّيرِ ٱلَّذِي جَعَلَهُ عَلَيْنَا أَبُوكَ». | ٩ 9 |
ئۇلارغا: ــ ماڭا «سىلىنىڭ ئاتىلىرى بىزگە سالغان بويۇنتۇرۇقنى يېنىكلەتكەيلا» دەپ تىلىگەن بۇ خەلققە جاۋاب بېرىشىمىز توغرۇلۇق قانداق مەسلىھەت بېرىسىلەر؟ ــ دېدى. |
فَكَلَّمَهُ ٱلْأَحْدَاثُ ٱلَّذِينَ نَشَأُوا مَعَهُ قَائِلِينَ: «هَكَذَا تَقُولُ لِهَذَا ٱلشَّعْبِ ٱلَّذِينَ كَلَّمُوكَ قَائِلِينَ: إِنَّ أَبَاكَ ثَقَّلَ نِيرَنَا وَأَمَّا أَنْتَ فَخَفِّفْ مِنْ نِيرِنَا، هَكَذَا تَقُولُ لَهُمْ: إِنَّ خِنْصَرِي أَغْلَظُ مِنْ مَتْنَيْ أَبِي. | ١٠ 10 |
ئۇنىڭ بىلەن چوڭ بولغان بۇ ياشلار ئۇنىڭغا: ــ «سىلىنىڭ ئاتىلىرى بويۇنتۇرۇقىمىزنى ئېغىر قىلدى، ئەمدى سىلى ئۇنى بىزگە يېنىك قىلغايلا» دەپ ئېيتقان بۇ خەلققە سۆز قىلىپ: ــ «مېنىڭ چىمچىلاق بارمىقىم ئاتامنىڭ بېلىدىن تومراقتۇر. |
وَٱلْآنَ أَبِي حَمَّلَكُمْ نِيرًا ثَقِيلًا وَأَنَا أَزِيدُ عَلَى نِيرِكُمْ. أَبِي أَدَّبَكُمْ بِٱلسِّيَاطِ وَأَنَا أُؤَدِّبُكُمْ بِٱلْعَقَارِبِ». | ١١ 11 |
ئاتام سىلەرگە ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى سالغان، لېكىن مەن بويۇنتۇرۇقۇڭلارنى تېخىمۇ ئېغىر قىلىمەن. ئاتام سىلەرگە قامچىلار بىلەن تەنبىھ-تەربىيە بەرگەن بولسا، مەن سىلەرگە «چايانلىق قامچىلار» بىلەن تەنبىھ بېرىمەن»، دېگەيلا، ــ دېدى. |
فَجَاءَ يَرُبْعَامُ وَجَمِيعُ ٱلشَّعْبِ إِلَى رَحُبْعَامَ فِي ٱلْيَوْمِ ٱلثَّالِثِ كَمَا تَكَلَّمَ ٱلْمَلِكُ قَائِلًا: «ٱرْجِعُوا إِلَيَّ فِي ٱلْيَوْمِ ٱلثَّالِثِ». | ١٢ 12 |
رەھوبوئام پادىشاھ ئۇلارغا: «ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاندىن قېشىمغا يەنە كېلىڭلار» دېگىنىدەك، يەروبوئام ۋە بارلىق خەلق ئۈچىنچى كۈنى ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى. |
فَأَجَابَ ٱلْمَلِكُ ٱلشَّعْبَ بِقَسَاوَةٍ، وَتَرَكَ مَشُورَةَ ٱلشُّيُوخِ ٱلَّتِي أَشَارُوا بِهَا عَلَيْهِ، | ١٣ 13 |
پادىشاھ مويسىپىتلارنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن مەسلىھەتىنى تاشلاپ، خەلققە قاتتىقلىق بىلەن جاۋاب بەردى. |
وَكَلَّمَهُمْ حَسَبَ مَشُورَةِ ٱلْأَحْدَاثِ قَائِلًا: «أَبِي ثَقَّلَ نِيرَكُمْ وَأَنَا أَزِيدُ عَلَى نِيرِكُمْ. أَبِي أَدَّبَكُمْ بِٱلسِّيَاطِ وَأَنَا أُؤَدِّبُكُمْ بِٱلْعَقَارِبِ». | ١٤ 14 |
ئۇ ياشلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئۇلارغا: ــ ئاتام سىلەرگە ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى سالغان، لېكىن مەن بويۇنتۇرۇقۇڭلارنى تېخىمۇ ئېغىر قىلىمەن. ئاتام سىلەرگە قامچىلار بىلەن تەنبىھ-تەربىيە بەرگەن بولسا مەن سىلەرگە «چايانلىق قامچىلار» بىلەن تەنبىھ-تەربىيە بېرىمەن، دېدى. |
وَلَمْ يَسْمَعِ ٱلْمَلِكُ لِلشَّعْبِ، لِأَنَّ ٱلسَّبَبَ كَانَ مِنْ قِبَلِ ٱلرَّبِّ لِيُقِيمَ كَلَامَهُ ٱلَّذِي تَكَلَّمَ بِهِ ٱلرَّبُّ عَنْ يَدِ أَخِيَّا ٱلشِّيلُونِيِّ إِلَى يَرُبْعَامَ بْنِ نَبَاطَ. | ١٥ 15 |
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ خەلقنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدى. بۇ ئىش پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بولغان؛ چۈنكى بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ شىلوھلۇق ئاخىياھنىڭ ۋاسىتىسىدە نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامغا ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان بولدى. |
فَلَمَّا رَأَى كُلُّ إِسْرَائِيلَ أَنَّ ٱلْمَلِكَ لَمْ يَسْمَعْ لَهُمْ، رَدَّ ٱلشَّعْبُ جَوَابًا عَلَى ٱلْمَلِكِ قَائِلِينَ: «أَيُّ قِسْمٍ لَنَا فِي دَاوُدَ؟ وَلَا نَصِيبَ لَنَا فِي ٱبْنِ يَسَّى! إِلَى خِيَامِكَ يَا إِسْرَائِيلُ. ٱلْآنَ ٱنْظُرْ إِلَى بَيْتِكَ يَادَاوُدُ». وَذَهَبَ إِسْرَائِيلُ إِلَى خِيَامِهِمْ. | ١٦ 16 |
پۈتكۈل ئىسرائىل پادىشاھنىڭ ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغىنىنى كۆرگەندە خەلق پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ داۋۇتتىن بىزگە نېمە نېسىۋە بار؟ يەسسەنىڭ ئوغلىدا بىزنىڭ ھېچ مىراسىمىز يوقتۇر! ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىڭلارغا قايتىڭلار، ئى ئىسرائىل! ئى داۋۇت، سەن ئۆز جەمەتىڭگىلا ئىگە بول، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىغا قايتىپ كېتىشتى. |
وَأَمَّا بَنُو إِسْرَائِيلَ ٱلسَّاكِنُونَ فِي مُدُنِ يَهُوذَا فَمَلَكَ عَلَيْهِمْ رَحُبْعَامُ. | ١٧ 17 |
ئەمما يەھۇدا شەھەرلىرىدە ئولتۇرغان ئىسرائىللارغا بولسا، يەروبوئام ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈردى. |
ثُمَّ أَرْسَلَ ٱلْمَلِكُ رَحُبْعَامُ أَدُورَامَ ٱلَّذِي عَلَى ٱلتَّسْخِيرِ فَرَجَمَهُ جَمِيعُ إِسْرَائِيلَ بِٱلْحِجَارَةِ فَمَاتَ. فَبَادَرَ ٱلْمَلِكُ رَحُبْعَامُ وَصَعِدَ إِلَى ٱلْمَرْكَبَةِ لِيَهْرُبَ إِلَى أُورُشَلِيمَ. | ١٨ 18 |
رەھوبوئام پادىشاھ باج-ئالۋان بېگى ئادورامنى ئىسرائىللارغا ئەۋەتتى، لېكىن پۈتكۈل ئىسرائىل ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. ئۇ چاغدا رەھوبوئام پادىشاھ ئالدىراپ، ئۆزىنىڭ جەڭ ھارۋىسىغا چىقىپ، يېرۇسالېمغا تىكىۋەتتى. |
فَعَصَى إِسْرَائِيلُ عَلَى بَيْتِ دَاوُدَ إِلَى هَذَا ٱلْيَوْمِ. | ١٩ 19 |
شۇ تەرىقىدە ئىسرائىل داۋۇتنىڭ جەمەتىدىن يۈز ئۆرۈپ، بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ كەلدى. |
وَلَمَّا سَمِعَ جَمِيعُ إِسْرَائِيلَ بِأَنَّ يَرُبْعَامَ قَدْ رَجَعَ، أَرْسَلُوا فَدَعَوْهُ إِلَى ٱلْجَمَاعَةِ، وَمَلَّكُوهُ عَلَى جَمِيعِ إِسْرَائِيلَ. لَمْ يَتْبَعْ بَيْتَ دَاوُدَ إِلَّا سِبْطُ يَهُوذَا وَحْدَهُ. | ٢٠ 20 |
ئىسرائىلنىڭ ھەممىسى يەروبوئامنىڭ يېنىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى خەلقنىڭ جامائىتىگە چاقىردى. ئۇلار ئۇنى پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە رەسمىي پادىشاھ قىلدى. يەھۇدا قەبىلىسىدىن باشقا ھېچكىم داۋۇتنىڭ جەمەتىگە ئەگەشمىدى. |
وَلَمَّا جَاءَ رَحُبْعَامُ إِلَى أُورُشَلِيمَ جَمَعَ كُلَّ بَيْتِ يَهُوذَا وَسِبْطَ بَنْيَامِينَ، مِئَةً وَثَمَانِينَ أَلْفَ مُخْتَارٍ مُحَارِبٍ، لِيُحَارِبُوا بَيْتَ إِسْرَائِيلَ وَيَرُدُّوا ٱلْمَمْلَكَةَ لَرَحُبْعَامَ بْنِ سُلَيْمَانَ. | ٢١ 21 |
رەھوبوئام يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، ئىسرائىلنىڭ جەمەتى بىلەن جەڭ قىلىپ، پادىشاھلىقنى سۇلايماننىڭ ئوغلى بولغان ئۆزىگە قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئۈچۈن يەھۇدانىڭ پۈتكۈل جەمەتىدىن ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىن بىر يۈز سەكسەن مىڭ خىللانغان جەڭگىۋار ئەسكەرنى توپلىدى. |
وَكَانَ كَلَامُ ٱللهِ إِلَى شِمَعْيَا رَجُلِ ٱللهِ قَائِلًا: | ٢٢ 22 |
لېكىن خۇدانىڭ سۆزى خۇدانىڭ ئادىمى شېماياغا كېلىپ: ــ |
«كَلِّمْ رَحُبْعَامَ بْنَ سُلَيْمَانَ مَلِكِ يَهُوذَا وَكُلَّ بَيْتِ يَهُوذَا وَبَنْيَامِينَ وَبَقِيَّةِ ٱلشَّعْبِ قَائِلًا: | ٢٣ 23 |
«يەھۇدانىڭ پادىشاھى، سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئامغا، پۈتۈن يەھۇدا بىلەن بىنيامىننىڭ جەمەتىگە ۋە خەلقنىڭ قالغانلىرىغا سۆز قىلىپ: ــ |
هَكَذَا قَالَ ٱلرَّبُّ: لَا تَصْعَدُوا وَلَا تُحَارِبُوا إِخْوَتَكُمْ بَنِي إِسْرَائِيلَ. ٱرْجِعُوا كُلُّ وَاحِدٍ إِلَى بَيْتِهِ، لِأَنَّ مِنْ عِنْدِي هَذَا ٱلْأَمْرَ». فَسَمِعُوا لِكَلَامِ ٱلرَّبِّ وَرَجَعُوا لِيَنْطَلِقُوا حَسَبَ قَوْلِ ٱلرَّبِّ. | ٢٤ 24 |
«پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ھۇجۇمغا چىقماڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلماڭلار؛ ھەربىرىڭلار ئۆز ئۆيۈڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىش مەندىندۇر»، دېگىن» ــ دېيىلدى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدى. پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە ئۇلار ئۆيلىرىگە قايتىپ كەتتى. |
وَبَنَى يَرُبْعَامُ شَكِيمَ فِي جَبَلِ أَفْرَايِمَ وَسَكَنَ بِهَا. ثُمَّ خَرَجَ مِنْ هُنَاكَ وَبَنَى فَنُوئِيلَ. | ٢٥ 25 |
يەروبوئام بولسا ئەفرائىم تاغلىقىدىكى شەقەم شەھىرىنى ياساپ شۇ يەردە تۇردى؛ كېيىن ئۇ يەردىن چىقىپ پەنۇئەلنى ياسىدى. |
وَقَالَ يَرُبْعَامُ فِي قَلْبِهِ: «ٱلْآنَ تَرْجِعُ ٱلْمَمْلَكَةُ إِلَى بَيْتِ دَاوُدَ. | ٢٦ 26 |
رەھوبوئام كۆڭلىدە ئۆز-ئۆزىگە: ــ ئەمدى پادىشاھلىق داۋۇتنىڭ جەمەتىگە يېنىشى مۇمكىن. |
إِنْ صَعِدَ هَذَا ٱلشَّعْبُ لِيُقَرِّبُوا ذَبَائِحَ فِي بَيْتِ ٱلرَّبِّ فِي أُورُشَلِيمَ، يَرْجِعْ قَلْبُ هَذَا ٱلشَّعْبِ إِلَى سَيِّدِهِمْ، إِلَى رَحُبْعَامَ مَلِكِ يَهُوذَا وَيَقْتُلُونِي، وَيَرْجِعُوا إِلَى رَحُبْعَامَ مَلِكِ يَهُوذَا». | ٢٧ 27 |
ئەگەر بۇ خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە قۇربانلىق قىلىشقا يېرۇسالېمغا چىقسا، بۇ خەلقنىڭ قەلبى ئۆز غوجىسى، يەنى يەھۇدا پادىشاھى رەھوبوئامغا يەنە مايىل بولىدۇ، ئاندىن ئۇلار مېنى ئۆلتۈرۈپ يەنە يەھۇدا پادىشاھى رەھوبوئامنىڭ تەرىپىگە يانارمىكىن، دېدى. |
فَٱسْتَشَارَ ٱلْمَلِكُ وَعَمِلَ عِجْلَيْ ذَهَبٍ، وَقَالَ لَهُمْ: «كَثِيرٌ عَلَيْكُمْ أَنْ تَصْعَدُوا إِلَى أُورُشَلِيمَ. هُوَذَا آلِهَتُكَ يَاإِسْرَائِيلُ ٱلَّذِينَ أَصْعَدُوكَ مِنْ أَرْضِ مِصْرَ». | ٢٨ 28 |
پادىشاھ مەسلىھەت سوراپ، ئالتۇندىن ئىككى موزاي ھەيكىلىنى ياسىتىپ خەلققە: ــ يېرۇسالېمغا چىقىش سىلەرگە ئېغىر كېلىدۇ. ئى ئىسرائىل، مانا سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان ئىلاھلار! ــ دېدى. |
وَوَضَعَ وَاحِدًا فِي بَيْتِ إِيلَ، وَجَعَلَ ٱلْآخَرَ فِي دَانَ. | ٢٩ 29 |
بىرىنى ئۇ بەيت-ئەلدە، يەنە بىرىنى داندا تۇرغۇزۇپ قويدى. |
وَكَانَ هَذَا ٱلْأَمْرُ خَطِيَّةً. وَكَانَ ٱلشَّعْبُ يَذْهَبُونَ إِلَى أَمَامِ أَحَدِهِمَا حَتَّى إِلَى دَانَ. | ٣٠ 30 |
بۇ ئىش گۇناھقا سەۋەب بولدى، چۈنكى خەلق موزايلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئالدىدا باش ئۇرغىلى ھەتتا دانغىچە باراتتى. |
وَبَنَى بَيْتَ ٱلْمُرْتَفَعَاتِ، وَصَيَّرَ كَهَنَةً مِنْ أَطْرَافِ ٱلشَّعْبِ لَمْ يَكُونُوا مِنْ بَنِي لَاوِي. | ٣١ 31 |
ئۇ ھەم «ئېگىز جايلار»دا [ئىبادەت] ئۆيلىرىنى ياسىدى ۋە ھەم لاۋىيدىن بولمىغان ئادەملەرنى كاھىن قىلىپ تەيىنلەپ قويدى. |
وَعَمِلَ يَرُبْعَامُ عِيدًا فِي ٱلشَّهْرِ ٱلثَّامِنِ فِي ٱلْيَوْمِ ٱلْخَامِسَ عَشَرَ مِنَ ٱلشَّهْرِ، كَٱلْعِيدِ ٱلَّذِي فِي يَهُوذَا، وَأَصْعَدَ عَلَى ٱلْمَذْبَحِ. هَكَذَا فَعَلَ فِي بَيْتِ إِيلَ بِذَبْحِهِ لِلْعِجْلَيْنِ ٱللَّذَيْنِ عَمِلَهُمَا. وَأَوْقَفَ فِي بَيْتِ إِيلَ كَهَنَةَ ٱلْمُرْتَفَعَاتِ ٱلَّتِي عَمِلَهَا. | ٣٢ 32 |
يەروبوئام يەنە سەككىزىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىنى خۇددى يەھۇدانىڭ زېمىنىدىكى ھېيتكە ئوخشاش بىر ھېيت قىلىپ بېكىتتى. ئۇ ئۆزى قۇربانگاھ ئۈستىگە قۇربانلىق قىلغىلى چىقتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ بەيت-ئەلدە ئۆزى ئەتكۈزگەن موزاي مەبۇدلىرىگە قۇربانلىق ئۆتكۈزدى. ئۇ يەنە بەيت-ئەلدە سالدۇرغان شۇ «ئېگىز جايلار» ئۈچۈن كاھىنلارنى تەيىنلىدى. |
وَأَصْعَدَ عَلَى ٱلْمَذْبَحِ ٱلَّذِي عَمِلَ فِي بَيْتِ إِيلَ فِي ٱلْيَوْمِ ٱلْخَامِسَ عَشَرَ مِنَ ٱلشَّهْرِ ٱلثَّامِنِ، فِي ٱلشَّهْرِ ٱلَّذِي ٱبْتَدَعَهُ مِنْ قَلْبِهِ، فَعَمِلَ عِيدًا لِبَنِي إِسْرَائِيلَ، وَصَعِدَ عَلَى ٱلْمَذْبَحِ لِيُوقِدَ. | ٣٣ 33 |
ئۇ بەيت-ئەلدە ياسىغان قۇربانگاھ ئۈستىگە سەككىزىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى (بۇ ئاي-كۈننى ئۇ ئۆز مەيلىچە تاللىغانىدى) قۇربانلىقلارنى سۇنۇشقا چىقتى؛ شۇ تەرىقىدە ئۇ ئىسرائىللارغا بىر ھېيت ياراتتى؛ ئۇ ئۆزى قۇربانگاھ ئۈستىگە قۇربانلىقلارنى سۇندى ۋە خۇشبۇي ياقتى. |