وَسَمِعَتْ مَلِكَةُ سَبَا بِخَبَرِ سُلَيْمَانَ لِمَجْدِ ٱلرَّبِّ، فَأَتَتْ لِتَمْتَحِنَهُ بِمَسَائِلَ. | ١ 1 |
شېبانىڭ ئايال پادىشاھى بولسا سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان داڭق-شۆھرىتىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قىيىن چىگىش-سوئاللار بىلەن سىنىغىلى كەلدى. |
فَأَتَتْ إِلَى أُورُشَلِيمَ بِمَوْكِبٍ عَظِيمٍ جِدًّا، بِجِمَالٍ حَامِلَةٍ أَطْيَابًا وَذَهَبًا كَثِيرًا جِدًّا وَحِجَارَةً كَرِيمَةً. وَأَتَتْ إِلَى سُلَيْمَانَ وَكَلَّمَتْهُ بِكُلِّ مَا كَانَ بِقَلْبِهَا. | ٢ 2 |
ئۇ خۇشبۇي بۇيۇملار، ئىنتايىن تولا ئالتۇن ۋە ياقۇت-گۆھەرلەر ئارتىلغان تۆگىلەرنى ئېلىپ، چوڭ دەبدەبە بىلەن يېرۇسالېمغا كەلدى. سۇلايماننىڭ قېشىغا كەلگەندە ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن ھەممە ئىش توغرۇلۇق ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشتى. |
فَأَخْبَرَهَا سُلَيْمَانُ بِكُلِّ كَلَامِهَا. لَمْ يَكُنْ أَمْرٌ مَخْفِيًّا عَنِ ٱلْمَلِكِ لَمْ يُخْبِرْهَا بِهِ. | ٣ 3 |
سۇلايمان ئۇنىڭ ھەممە سورىغانلىرىغا جاۋاب بەردى. ھېچنېمە پادىشاھقا قاراڭغۇ ئەمەس ئىدى، بەلكى ھەممىسىدە ئۇنىڭغا جاۋاب بەردى. |
فَلَمَّا رَأَتْ مَلِكَةُ سَبَا كُلَّ حِكْمَةِ سُلَيْمَانَ، وَٱلْبَيْتَ ٱلَّذِي بَنَاهُ، | ٤ 4 |
شېبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايماننىڭ دانالىقىغا، ياسىغان ئوردا-سارايغا، |
وَطَعَامَ مَائِدَتِهِ، وَمَجْلِسَ عَبِيدِهِ، وَمَوْقِفَ خُدَّامِهِ وَمَلَابِسَهُمْ، وَسُقَاتَهُ، وَمُحْرَقَاتِهِ ٱلَّتِي كَانَ يُصْعِدُهَا فِي بَيْتِ ٱلرَّبِّ، لَمْ يَبْقَ فِيهَا رُوحٌ بَعْدُ. | ٥ 5 |
داستىخاندىكى تائاملارغا، ئەمەلدارلارنىڭ قاتار-قاتار ئولتۇرۇشلىرىغا، خىزمەتكارلىرىنىڭ قاتار-قاتار تۇرۇشلىرىغا، ئۇلارنىڭ كىيگەن كىيىملىرىگە، ئۇنىڭ ساقىيلىرىغا ۋە ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئاتاپ سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىغا قاراپ، ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. |
فَقَالَتْ لِلْمَلِكِ: «صَحِيحًا كَانَ ٱلْخَبَرُ ٱلَّذِي سَمِعْتُهُ فِي أَرْضِي عَنْ أُمُورِكَ وَعَنْ حِكْمَتِكَ. | ٦ 6 |
ئۇ پادىشاھقا: ــ مەن ئۆز يۇرتۇمدا سىلىنىڭ ئىشلىرى ۋە دانالىقلىرى توغرىسىدا ئاڭلىغان خەۋەر راست ئىكەن؛ |
وَلَمْ أُصَدِّقِ ٱلْأَخْبَارَ حَتَّى جِئْتُ وَأَبْصَرَتْ عَيْنَايَ، فَهُوَذَا ٱلنِّصْفُ لَمْ أُخْبَرْ بِهِ. زِدْتَ حِكْمَةً وَصَلَاحًا عَلَى ٱلْخَبَرِ ٱلَّذِي سَمِعْتُهُ. | ٧ 7 |
ئەمما مەن كېلىپ ئۆز كۆزلىرىم بىلەن كۆرمىگۈچە بۇ سۆزلەرگە ئىشەنمىگەنىدىم؛ ۋە مانا، مەن يېرىمىنىمۇ ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن؛ سىلىنىڭ دانالىقلىرى بىلەن بەرىكەت-باياشاتلىقلىرى مەن ئاڭلىغان خەۋەردىن زىيادە ئىكەن. |
طُوبَى لِرِجَالِكَ وَطُوبَى لِعَبِيدِكَ هَؤُلَاءِ ٱلْوَاقِفِينَ أَمَامَكَ دَائِمًا ٱلسَّامِعِينَ حِكْمَتَكَ. | ٨ 8 |
سىلىنىڭ ئادەملىرى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! ھەمىشە سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا تۇرۇپ دانالىقلىرىنى ئاڭلايدىغان بۇ خىزمەتكارلار نەقەدەر بەختلىكتۇر! |
لِيَكُنْ مُبَارَكًا ٱلرَّبُّ إِلَهُكَ ٱلَّذِي سُرَّ بِكَ وَجَعَلَكَ عَلَى كُرْسِيِّ إِسْرَائِيلَ. لِأَنَّ ٱلرَّبَّ أَحَبَّ إِسْرَائِيلَ إِلَى ٱلْأَبَدِ جَعَلَكَ مَلِكًا، لِتُجْرِيَ حُكْمًا وَبِرًّا». | ٩ 9 |
سىلىدىن سۆيۈنگەن، سىلىنى ئىسرائىلنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزغان پەرۋەردىگار خۇدالىرى مۇبارەكتۇر! پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا مەڭگۈلۈك باغلىغان مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئۇ سىلىنى توغرا ھۆكۈم ۋە ئادالەت سۈرگىلى پادىشاھ قىلدى، دېدى. |
وَأَعْطَتِ ٱلْمَلِكَ مِئَةً وَعِشْرِينَ وَزْنَةَ ذَهَبٍ وَأَطْيَابًا كَثِيرَةً جِدًّا وَحِجَارَةً كَرِيمَةً. لَمْ يَأْتِ بَعْدُ مِثْلُ ذَلِكَ ٱلطِّيبِ فِي ٱلْكَثْرَةِ، ٱلَّذِيِ أَعْطَتْهُ مَلِكَةُ سَبَا لِلْمَلِكِ سُلَيْمَانَ. | ١٠ 10 |
ئۇ پادىشاھقا بىر يۈز يىگىرمە تالانت ئالتۇن، ئىنتايىن كۆپ خۇشبۇي بۇيۇملار ۋە ياقۇت-گۆھەرلەرنى سوۋغا قىلدى. شېبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھقا سۇنغان شۇنچە زور مىقداردىكى خۇشبۇي بۇيۇملار ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچ كۆرۈنگەن ئەمەس |
وَكَذَا سُفُنُ حِيرَامَ ٱلَّتِي حَمَلَتْ ذَهَبًا مِنْ أُوفِيرَ، أَتَتْ مِنْ أُوفِيرَ بِخَشَبِ ٱلصَّنْدَلِ كَثِيرًا جِدًّا وَبِحِجَارَةٍ كَرِيمَةٍ. | ١١ 11 |
(ھىرامنىڭ ئوفىردىن ئالتۇن ئەپكېلىدىغان كېمىلىرىمۇ ئوفىردىن يەنە ئىنتايىن زور مىقداردىكى سەندەل ياغىچى ۋە ياقۇت-گۆھەرلەرنى ئېلىپ كەلدى. |
فَعَمِلَ سُلَيْمَانُ خَشَبَ ٱلصَّنْدَلِ دَرَابَزِينًا لِبَيْتِ ٱلرَّبِّ وَبَيْتِ ٱلْمَلِكِ، وَأَعْوَادًا وَرَبَابًا لِلْمُغَنِّينَ. لَمْ يَأْتِ وَلَمْ يُرَ مِثْلُ خَشَبِ ٱلصَّنْدَلِ ذَلِكَ إِلَى هَذَا ٱلْيَوْمِ. | ١٢ 12 |
پادىشاھ سەندەل ياغىچىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسى ئۈچۈن پەلەمپەي-سالاسۇنلار ياساتتى ھەم نەغمە-ناۋاچىلار ئۈچۈن چىلتارلار ۋە سازلارنى شۇنىڭدىن ياساتتى. شۇ ۋاقىتتىن كېيىن شۇنداق زور مىقداردىكى ئېسىل سەندەل ياغىچى بۇ ۋاقىتقىچە ھېچ كەلتۈرۈلمىدى يا كۆرۈلۈپ باقمىدى). |
وَأَعْطَى ٱلْمَلِكُ سُلَيْمَانُ لِمَلِكَةِ سَبَا كُلَّ مُشْتَهَاهَا ٱلَّذِي طَلَبَتْ، عَدَا مَا أَعْطَاهَا إِيَّاهُ حَسَبَ كَرَمِ ٱلْمَلِكِ سُلَيْمَانَ. فَٱنْصَرَفَتْ وَذَهَبَتْ إِلَى أَرْضِهَا هِيَ وَعَبِيدُهَا. | ١٣ 13 |
سۇلايمان پادىشاھ شېبانىڭ ئايال پادىشاھىغا ئۆز شاھانە ساخاۋىتىدىن بەرگەندىن باشقا، ئايال پادىشاھنىڭ كۆڭلى تارتقان ھەممىنى ــ نېمە سورىسا، شۇنى بەردى؛ ئاندىن ئۇ خىزمەتكارلىرى بىلەن يولغا چىقىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. |
وَكَانَ وَزْنُ ٱلذَّهَبِ ٱلَّذِي أَتَى سُلَيْمَانَ فِي سَنَةٍ وَاحِدَةٍ سِتَّ مِئَةٍ وَسِتًّا وَسِتِّينَ وَزْنَةَ ذَهَبٍ. | ١٤ 14 |
سۇلايمانغا ھەر يىلى كەلتۈرۈلگەن ئالتۇننىڭ ئۆزى ئالتە يۈز ئاتمىش ئالتە تالانت ئىدى. |
مَا عَدَا ٱلَّذِي مِنْ عِنْدِ ٱلتُّجَّارِ وَتِجَارَةِ ٱلتُّجَّارِ وَجَمِيعِ مُلُوكِ ٱلْعَرَبِ وَوُلَاةِ ٱلْأَرْضِ. | ١٥ 15 |
بۇ كىرىمدىن باشقا، تىجارەتچىلەردىن، ئوقەتچىلەرنىڭ سودىسىدىن، بارلىق ئەرەبىيە پادىشاھلىرىدىن ۋە ئۆز زېمىنىدىكى ئەمەلدارلاردىن ھەم ئالتۇن كەلتۈرۈلدى. |
وَعَمِلَ ٱلْمَلِكُ سُلَيْمَانُ مِئَتَيْ تُرْسٍ مِنْ ذَهَبٍ مُطَرَّقٍ، خَصَّ ٱلتُّرْسَ ٱلْوَاحِدَ سِتُّ مِئَةِ شَاقِلٍ مِنَ ٱلذَّهَبِ. | ١٦ 16 |
سۇلايمان پادىشاھ ئىككى يۈز چوڭ سىپارنى سوقتۇردى ۋە ھەر سىپارغا ئالتە يۈز شەكەل ئالتۇن كەتتى؛ |
وَثَلَاثَ مِئَةِ مِجَنٍّ مِنْ ذَهَبٍ مُطَرَّقٍ. خَصَّ ٱلْمِجَنَّ ثَلَاثَةُ أَمْنَاءٍ مِنَ ٱلذَّهَبِ. وَجَعَلَهَا سُلَيْمَانُ فِي بَيْتِ وَعْرِ لُبْنَانَ. | ١٧ 17 |
شۇنداقلا ئۈچ يۈز قالقاننى ياپىلاقلانغان ئالتۇندىن ياسىدى؛ ھەربىر قالقاننى ياساشقا ئۈچ مىنا ئالتۇن ئىشلىتىلدى؛ پادىشاھ ئۇلارنى «لىۋان ئورمىنى سارىيى»غا ئېسىپ قويدى. |
وَعَمِلَ ٱلْمَلِكُ كُرْسِيًّا عَظِيمًا مِنْ عَاجٍ وَغَشَّاهُ بِذَهَبٍ إِبْرِيزٍ. | ١٨ 18 |
پادىشاھ پىل چىشلىرىدىن چوڭ بىر تەختنى ياساپ، ئۇنى تاۋلانغان ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى. |
وَلِلْكُرْسِيِّ سِتُّ دَرَجَاتٍ. وَلِلْكُرْسِيِّ رَأْسٌ مُسْتَدِيرٌ مِنْ وَرَائِهِ، وَيَدَانِ مِنْ هُنَا وَمِنْ هُنَاكَ عَلَى مَكَانِ ٱلْجُلُوسِ، وَأَسَدَانِ وَاقِفَانِ بِجَانِبِ ٱلْيَدَيْنِ. | ١٩ 19 |
تەختنىڭ ئالتە قەۋەتلىك پەلەمپىيى بار ئىدى. تەختنىڭ باش يۆلەنچۈكى يۇمىلاق بولۇپ، ئورۇندۇقنىڭ ئىككى يېنىدا تايانغۇچىسى بار ئىدى، ھەربىر تايانغۇچنىڭ يېنىدا بىردىن ئۆرە تۇرغان شىرنىڭ ھەيكىلى بار ئىدى. |
وَٱثْنَا عَشَرَ أَسَدًا وَاقِفَةً هُنَاكَ عَلَى ٱلدَّرَجَاتِ ٱلسِّتِّ مِنْ هُنَا وَمِنْ هُنَاكَ. لَمْ يُعْمَلْ مِثْلُهُ فِي جَمِيعِ ٱلْمَمَالِكِ. | ٢٠ 20 |
ئالتە قەۋەتلىك پەلەمپەينىڭ ئۈستىدە، ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە ئۆرە تۇرغان ئون ئىككى شىرنىڭ ھەيكىلى بولۇپ، ھەربىر باسقۇچنىڭ ئوڭ-سول تەرىپىدە بىردىن بار ئىدى؛ باشقا ھېچقانداق ئەلدە ئۇنىڭغا ئوخشاش ياسالغىنى يوق ئىدى. |
وَجَمِيعُ آنِيَةِ شُرْبِ ٱلْمَلِكِ سُلَيْمَانَ مِنْ ذَهَبٍ، وَجَمِيعُ آنِيَةِ بَيْتِ وَعْرِ لُبْنَانَ مِنْ ذَهَبٍ خَالِصٍ، لَا فِضَّةٍ، هِيَ لَمْ تُحْسَبْ شَيْئًا فِي أَيَّامِ سُلَيْمَانَ. | ٢١ 21 |
سۇلايمان پادىشاھنىڭ بارلىق جام-پىيالىلىرى ئالتۇندىن ياسالغان؛ «لىۋان ئورمىنى سارىيى»دىكى بارلىق قاچا-قۇچىلار تاۋلانغان ئالتۇندىن ياسالغان؛ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى كۈمۈشتىن ياسالمىغان؛ سۇلايماننىڭ كۈنلىرىدە كۈمۈش ھېچنېمىگە ئەرزىمەيتتى. |
لِأَنَّهُ كَانَ لِلْمَلِكِ فِي ٱلْبَحْرِ سُفُنُ تَرْشِيشَ مَعَ سُفُنِ حِيرَامَ. فَكَانَتْ سُفُنُ تَرْشِيشَ تَأْتِي مَرَّةً فِي كُلِّ ثَلَاثِ سَنَوَاتٍ. أَتَتْ سُفُنُ تَرْشِيشَ حَامِلَةً ذَهَبًا وَفِضَّةً وَعَاجًا وَقُرُودًا وَطَوَاوِيسَ. | ٢٢ 22 |
چۈنكى پادىشاھقا قاراشلىق دېڭىزدا يۈرىدىغان، ھىرامنىڭ كېمىلىرىگە قوشۇلۇپ «تارشىش كېمە» ئەترىتىمۇ بار ئىدى؛ «تارشىش كېمە ئەترىتى» ئۈچ يىلدا بىر قېتىم كېلىپ ئالتۇن-كۈمۈش، پىل چىشلىرى، مايمۇنلار ۋە توزلارنى ئەكېلەتتى. |
فَتَعَاظَمَ ٱلْمَلِكُ سُلَيْمَانُ عَلَى كُلِّ مُلُوكِ ٱلْأَرْضِ فِي ٱلْغِنَى وَٱلْحِكْمَةِ. | ٢٣ 23 |
سۇلايمان پادىشاھ يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلاردىن بايلىقتا ۋە دانالىقتا ئۈستۈن ئىدى. |
وَكَانَتْ كُلُّ ٱلْأَرْضِ مُلْتَمِسَةً وَجْهَ سُلَيْمَانَ لِتَسْمَعَ حِكْمَتَهُ ٱلَّتِي جَعَلَهَا ٱللهُ فِي قَلْبِهِ. | ٢٤ 24 |
خۇدا سۇلايماننىڭ كۆڭلىگە سالغان دانالىقنى ئاڭلاش ئۈچۈن يەر يۈزىدىكىلەر ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن دىدارلىشىش ئارزۇسى بىلەن كېلەتتى. |
وَكَانُوا يَأْتُونَ كُلُّ وَاحِدٍ بِهَدِيَّتِهِ، بِآنِيَةِ فِضَّةٍ وَآنِيَةِ ذَهَبٍ وَحُلَلٍ وَسِلَاحٍ وَأَطْيَابٍ وَخَيْلٍ وَبِغَالٍ سَنَةً فَسَنَةً. | ٢٥ 25 |
كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز سوۋغىتىنى ئېلىپ كېلەتتى؛ يەنى كۈمۈش قاچا-قۇچىلار، ئالتۇن قاچا-قۇچىلار، كىيىم-كېچەكلەر، دۇبۇلغا-ساۋۇتلار، تېتىتقۇلار، ئاتلار ۋە قېچىرلارنى ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلار ھەر يىلى بەلگىلىك مىقداردا شۇنداق قىلاتتى. |
وَجَمَعَ سُلَيْمَانُ مَرَاكِبَ وَفُرْسَانًا، فَكَانَ لَهُ أَلْفٌ وَأَرْبَعُ مِئَةِ مَرْكَبَةٍ، وَٱثْنَا عَشَرَ أَلْفَ فَارِسٍ، فَأَقَامَهُمْ فِي مُدُنِ ٱلْمَرَاكِبِ وَمَعَ ٱلْمَلِكِ فِي أُورُشَلِيمَ. | ٢٦ 26 |
ۋە سۇلايمان جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەرنى يىغدى؛ ئۇنىڭ بىر مىڭ تۆت يۈز جەڭ ھارۋىسى، ئون ئىككى مىڭ ئاتلىق ئەسكىرى بار ئىدى؛ ئۇ ئۇلارنى «جەڭ ھارۋىسى شەھەرلىرى»گە ۋە ئۆزى تۇرۇۋاتقان يېرۇسالېمغا ئورۇنلاشتۇردى. |
وَجَعَلَ ٱلْمَلِكُ ٱلْفِضَّةَ فِي أُورُشَلِيمَ مِثْلَ ٱلْحِجَارَةِ، وَجَعَلَ ٱلْأَرْزَ مِثْلَ ٱلْجُمَّيْزِ ٱلَّذِي فِي ٱلسَّهْلِ فِي ٱلْكَثْرَةِ. | ٢٧ 27 |
پادىشاھ يېرۇسالېمدا كۈمۈشنى تاشتەك كۆپ، كېدىر دەرەخلىرىنى جەنۇبىي تۈزلەڭلىكتىكى ئۈجمە دەرەخلىرىگە ئوخشاش نۇرغۇن قىلدى. |
وَكَانَ مَخْرَجُ ٱلْخَيْلِ ٱلَّتِي لِسُلَيْمَانَ مِنْ مِصْرَ. وَجَمَاعَةُ تُجَّارِ ٱلْمَلِكِ أَخَذُوا جَلِيبَةً بِثَمَنٍ. | ٢٨ 28 |
سۇلايمان ئالغان ئاتلار مىسىردىن ۋە كۇۋەدىن ئىدى؛ پادىشاھنىڭ تىجارەتچىلىرى ئۇلارنى كۇۋەدىن بېكىتىلگەن باھادا ئالاتتى. |
وَكَانَتِ ٱلْمَرْكَبَةُ تَصْعَدُ وَتَخْرُجُ مِنْ مِصْرَ بِسِتِّ مِئَةِ شَاقِلٍ مِنَ ٱلْفِضَّةِ، وَٱلْفَرَسُ بِمِئَةٍ وَخَمْسِينَ. وَهَكَذَا لِجَمِيعِ مُلُوكِ ٱلْحِثِّيِّينَ وَمُلُوكِ أَرَامَ كَانُوا يُخْرِجُونَ عَنْ يَدِهِمْ. | ٢٩ 29 |
مىسىردىن ئېلىپ كەلگەن بىر جەڭ ھارۋىسىنىڭ باھاسى ئالتە يۈز كۈمۈش تەڭگە، ھەر ئات بولسا يۈز ئەللىك تەڭگە ئىدى؛ ۋە ئۇلار يەنە ھىتتىيلارنىڭ پادىشاھلىرى ھەم سۇرىيە پادىشاھلىرى ئۈچۈنمۇ ئوخشاش باھادا ئېلىپ چىقتى. |