أَلَسْتُ أَنَا رَسُولًا؟ أَلَسْتُ أَنَا حُرًّا؟ أَمَا رَأَيْتُ يَسُوعَ ٱلْمَسِيحَ رَبَّنَا؟ أَلَسْتُمْ أَنْتُمْ عَمَلِي فِي ٱلرَّبِّ؟ | ١ 1 |
مەن ئەركىن ئەمەسمۇ؟ مەن روسۇل ئەمەسمۇ؟ مەن رەببىمىز ئەيسا مەسىھنى كۆرگەن ئەمەسمۇ؟ سىلەر ئۆزۈڭلار مېنىڭ رەبدە بولغان ئەجرىم ئەمەسمۇ؟ |
إِنْ كُنْتُ لَسْتُ رَسُولًا إِلَى آخَرِينَ، فَإِنَّمَا أَنَا إِلَيْكُمْ رَسُولٌ! لِأَنَّكُمْ أَنْتُمْ خَتْمُ رِسَالَتِي فِي ٱلرَّبِّ. | ٢ 2 |
ئەگەر باشقىلارغا نىسبەتەن روسۇل دەپ ھېسابلانمىسام، مەن ھېچ بولمىغاندا سىلەرگە روسۇل بولدۇم؛ چۈنكى ئۆزۈڭلار رەبدە مېنىڭ روسۇل بولغانلىقىمنى تەستىقلىغان مۆھۈردۇرسىلەر. |
هَذَا هُوَ ٱحْتِجَاجِي عِنْدَ ٱلَّذِينَ يَفْحَصُونَنِي: | ٣ 3 |
مېنى سۈرۈشتە قىلماقچى بولغانلارغا بولغان جاۋابىم مۇنداق: ــ |
أَلَعَلَّنَا لَيْسَ لَنَا سُلْطَانٌ أَنْ نَأْكُلَ وَنَشْرَبَ؟ | ٤ 4 |
بىزلەرنىڭ يەپ-ئىچىشكە ھوقۇقىمىز بار ئەمەسمۇ؟ |
أَلَعَلَّنَا لَيْسَ لَنَا سُلْطَانٌ أَنْ نَجُولَ بِأُخْتٍ زَوْجَةً كَبَاقِي ٱلرُّسُلِ وَإِخْوَةِ ٱلرَّبِّ وَصَفَا؟ | ٥ 5 |
بىزنىڭ باشقا روسۇللار، رەبنىڭ ئۆز ئىنىلىرى ۋە كېفاسنىڭ قىلغىنىدەك، ئېتىقادچى بىر سىڭىلنى ئەمرىمىزگە ئېلىپ سەپەردە ھەمراھ قىلىپ يۈرۈش ھەققىمىز يوقمۇ؟ |
أَمْ أَنَا وَبَرْنَابَا وَحْدَنَا لَيْسَ لَنَا سُلْطَانٌ أَنْ لَا نَشْتَغِلَ؟ | ٦ 6 |
ئەجەبا، پەقەت بارناباس بىلەن مېنىڭلا ئەمگەك قىلماسلىققا ھوقۇقىمىز يوقمۇ؟ |
مَنْ تَجَنَّدَ قَطُّ بِنَفَقَةِ نَفْسِهِ؟ وَمَنْ يَغْرِسُ كَرْمًا وَمِنْ ثَمَرِهِ لَا يَأْكُلُ؟ أَوْ مَنْ يَرْعَى رَعِيَّةً وَمِنْ لَبَنِ ٱلرَّعِيَّةِ لَا يَأْكُلُ؟ | ٧ 7 |
كىم خىراجەتنى ئۆزى تۆلەپ [ئەسكەر بولۇپ] جەڭگە چىقىدۇ؟ كىم ئۈزۈمزار بىنا قىلىپ ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يېمەيدۇ؟ قايسى پادا باققۇچى پادىنىڭ سۈتىدىن ئىچمەيدۇ؟ |
أَلَعَلِّي أَتَكَلَّمُ بِهَذَا كَإِنْسَانٍ؟ أَمْ لَيْسَ ٱلنَّامُوسُ أَيْضًا يَقُولُ هَذَا؟ | ٨ 8 |
بۇ دېگەنلىرىم پەقەت ئىنسانىي كۆزقاراش بويىچە ئېيتىلغانمۇ؟ تەۋرات-قانۇننىڭ ئۆزىدىمۇ ئوخشاش دېيىلگەن ئەمەسمۇ؟! |
فَإِنَّهُ مَكْتُوبٌ فِي نَامُوسِ مُوسَى: «لَا تَكُمَّ ثَوْرًا دَارِسًا». أَلَعَلَّ ٱللهَ تُهِمُّهُ ٱلثِّيرَانُ؟ | ٩ 9 |
چۈنكى مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇندا: «خامان تەپكەن ئۆكۈزنىڭ ئاغزىغا كۆشەك سالما» دەپ پۈتۈلگەندۇر. خۇدا ئۆكۈزلەرگىلا كۆيۈنگەنمۇ، |
أَمْ يَقُولُ مُطْلَقًا مِنْ أَجْلِنَا؟ إِنَّهُ مِنْ أَجْلِنَا مَكْتُوبٌ. لِأَنَّهُ يَنْبَغِي لِلْحَرَّاثِ أَنْ يَحْرُثَ عَلَى رَجَاءٍ، وَلِلدَّارِسِ عَلَى ٱلرَّجَاءِ أَنْ يَكُونَ شَرِيكًا فِي رَجَائِهِ. | ١٠ 10 |
ياكى بۇنى پەقەت بىزلەرنى دەپ ئېيتقانمۇ؟ شۈبھىسىزكى، بۇ سۆزلەر بىزلەر ئۈچۈن پۈتۈلگەندۇر؛ شۇنىڭ ئۈچۈن يەر ھەيدىگۈچى ئۈمىدتە ھەيدىشىگە تېگىشلىك، شۇنداقلا خامان تەپكۈچىمۇ ھوسۇلدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈمىدىدە ئىشلەشكە تېگىشلىكتۇر. |
إِنْ كُنَّا نَحْنُ قَدْ زَرَعْنَا لَكُمُ ٱلرُّوحِيَّاتِ، أَفَعَظِيمٌ إِنْ حَصَدْنَا مِنْكُمُ ٱلْجَسَدِيَّاتِ؟ | ١١ 11 |
بىز سىلەرگە روھىي بەخت-بەرىكەتلەرنى تېرىپ، سىلەردىن ماددىي جەھەتتىن يىغىۋالساق بۇ چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىك بولامدۇ؟ |
إِنْ كَانَ آخَرُونَ شُرَكَاءَ فِي ٱلسُّلْطَانِ عَلَيْكُمْ، أَفَلَسْنَا نَحْنُ بِٱلْأَوْلَى؟ لَكِنَّنَا لَمْ نَسْتَعْمِلْ هَذَا ٱلسُّلْطَانَ، بَلْ نَتَحَمَّلُ كُلَّ شَيْءٍ لِئَلَّا نَجْعَلَ عَائِقًا لِإِنْجِيلِ ٱلْمَسِيحِ. | ١٢ 12 |
باشقا [خىزمەتچىلەر] سىلەردە مۇشۇ ھوقۇقنى ئىشلەتكەن يەردە، بىز شۇنداق قىلساق تېخىمۇ بولىدىغۇ؟ ئەمما مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە ھېچ توسالغۇ بولمىسۇن دەپ، بىز بۇ ھوقۇقنى ھېچقاچان ئىشلىتىپ باقمىدۇق؛ ئەكسىچە، ھەرقانداق ئىشلارغا چىداپ كېلىۋاتىمىز. |
أَلَسْتُمْ تَعْلَمُونَ أَنَّ ٱلَّذِينَ يَعْمَلُونَ فِي ٱلْأَشْيَاءِ ٱلْمُقَدَّسَةِ، مِنَ ٱلْهَيْكَلِ يَأْكُلُونَ؟ ٱلَّذِينَ يُلَازِمُونَ ٱلْمَذْبَحَ يُشَارِكُونَ ٱلْمَذْبَحَ؟ | ١٣ 13 |
ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئىبادەتخانىغا ئاتالغان ھەدىيەلەردىن يەيدىغانلىقىنى، قۇربانگاھتا خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ قۇربانلىقلاردىن ئۈلۈشىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ |
هَكَذَا أَيْضًا أَمَرَ ٱلرَّبُّ: أَنَّ ٱلَّذِينَ يُنَادُونَ بِٱلْإِنْجِيلِ، مِنَ ٱلْإِنْجِيلِ يَعِيشُونَ. | ١٤ 14 |
شۇنىڭغا ئوخشاش، رەب خۇش خەۋەرنى جاكارلىغۇچىلارنىڭ جېنى خۇش خەۋەردىن بېقىلسۇن دەپ بېكىتكەندۇر. |
أَمَّا أَنَا فَلَمْ أَسْتَعْمِلْ شَيْئًا مِنْ هَذَا، وَلَا كَتَبْتُ هَذَا لِكَيْ يَصِيرَ فِيَّ هَكَذَا. لِأَنَّهُ خَيْرٌ لِي أَنْ أَمُوتَ مِنْ أَنْ يُعَطِّلَ أَحَدٌ فَخْرِي. | ١٥ 15 |
ئەمما مەن بولسام بۇ ھوقۇقلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئىشلىتىپ باقمىدىم. ھەم ھازىرمۇ مۇشۇ ھوقۇقتىن پادىلىناي دەپ مۇشۇلارنى يېزىۋاتقىنىم يوق! چۈنكى مەن باشقىلارنىڭ مېنى بۇ پەخىرلىنىدىغانلىرىمدىن مەھرۇم قىلغىنىدىن كۆرە ئۆلگىنىم تۈزۈك! |
لِأَنَّهُ إِنْ كُنْتُ أُبَشِّرُ فَلَيْسَ لِي فَخْرٌ، إِذِ ٱلضَّرُورَةُ مَوْضُوعَةٌ عَلَيَّ، فَوَيْلٌ لِي إِنْ كُنْتُ لَا أُبَشِّرُ. | ١٦ 16 |
چۈنكى مېنىڭ خۇش خەۋەرنى جاكارلىشىمدا پەخىرلەنگۈدەك ئىش يوق؛ چۈنكى ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتى مېنى بېسىپ تۇرىدۇ؛ خۇش خەۋەرنى جاكارلىمىسام ھالىمغا ۋاي! |
فَإِنَّهُ إِنْ كُنْتُ أَفْعَلُ هَذَا طَوْعًا فَلِي أَجْرٌ، وَلَكِنْ إِنْ كَانَ كَرْهًا فَقَدِ ٱسْتُؤْمِنْتُ عَلَى وَكَالَةٍ. | ١٧ 17 |
چۈنكى ئەگەر ئۇنى خالىس قىلسام، بۇنىڭدىن ماڭا ئىنئام بولىدۇ؛ ئەمما ئۆز ئىختىيارىم بىلەن بولمىسا، بۇ پەقەت مېنىڭ غوجىدارلىق بۇرچىنى ئادا قىلغىنىم بولىدۇ، خالاس. |
فَمَا هُوَ أَجْرِي؟ إِذْ وَأَنَا أُبَشِّرُ أَجْعَلُ إِنْجِيلَ ٱلْمَسِيحِ بِلَا نَفَقَةٍ، حَتَّى لَمْ أَسْتَعْمِلْ سُلْطَانِي فِي ٱلْإِنْجِيلِ. | ١٨ 18 |
شۇنداق ئىكەن، مېنىڭ ئىنئامىم زادى نېمە بولىدۇ؟ مېنىڭ ئىنئامىم دەل شۇكى، خۇش خەۋەر جاكارلىغىنىمدا مەن خۇش خەۋەرگە كىشىلەرنى ھەقسىز ئېرىشتۈرىمەن ــ دېمەك، ئىنئامىم خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتىكى تېگىشلىق [ھەق ئېلىش] ھوقۇقلىرىمنى ھېچ ئىشلەتمەسلىكىمدىن ئىبارەتتۇر. |
فَإِنِّي إِذْ كُنْتُ حُرًّا مِنَ ٱلْجَمِيعِ، ٱسْتَعْبَدْتُ نَفْسِي لِلْجَمِيعِ لِأَرْبَحَ ٱلْأَكْثَرِينَ. | ١٩ 19 |
چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ ئىلكىدىن ئەركىن بولۇپ، ئۆزۈمنى كۆپچىلىككە قۇل قىلدىم؛ شۇ يول بىلەن تېخىمۇ كۆپرەك ئادەملەرنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزسام دەيمەن. |
فَصِرْتُ لِلْيَهُودِ كَيَهُودِيٍّ لِأَرْبَحَ ٱلْيَهُودَ. وَلِلَّذِينَ تَحْتَ ٱلنَّامُوسِ كَأَنِّي تَحْتَ ٱلنَّامُوسِ لِأَرْبَحَ ٱلَّذِينَ تَحْتَ ٱلنَّامُوسِ. | ٢٠ 20 |
يەھۇدىيلارنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن يەھۇدىيغا ئوخشاش بولدۇم؛ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرغانلارنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن (تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرغان بولمىساممۇ) تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرغانلارغا نىسبەتەن تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرغانغا ئوخشاش بولدۇم؛ |
وَلِلَّذِينَ بِلَا نَامُوسٍ كَأَنِّي بِلَا نَامُوسٍ - مَعَ أَنِّي لَسْتُ بِلَا نَامُوسٍ لِلهِ، بَلْ تَحْتَ نَامُوسٍ لِلْمَسِيحِ - لِأَرْبَحَ ٱلَّذِينَ بِلَا نَامُوسٍ. | ٢١ 21 |
تەۋرات قانۇنىدا بولمىغانلارنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تەۋرات قانۇنىدا بولمىغانلارغا نىسبەتەن (خۇدا ئالدىدا قانۇنسىز بولماي، بەلكى مەسىھنىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇشۇم بىلەن) مەن تەۋرات قانۇنىدا بولمىغانلارغا ئوخشاش بولدۇم؛ |
صِرْتُ لِلضُّعَفَاءِ كَضَعِيفٍ لِأَرْبَحَ ٱلضُّعَفَاءَ. صِرْتُ لِلْكُلِّ كُلَّ شَيْءٍ، لِأُخَلِّصَ عَلَى كُلِّ حَالٍ قَوْمًا. | ٢٢ 22 |
ئاجىزلارنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاجىزلارغا ئۆزۈم ئاجىزدەك بولدۇم؛ مۇمكىن قەدەر كۆپرەك ئادەمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مەن ھەرقانداق ئادەمگە قارىتا شۇنداق ئادەم بولدۇم. |
وَهَذَا أَنَا أَفْعَلُهُ لِأَجْلِ ٱلْإِنْجِيلِ، لِأَكُونَ شَرِيكًا فِيهِ. | ٢٣ 23 |
ئۆزۈمنىڭ خۇش خەۋەردىن نېسىۋەم بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى دەپ ھەممە ئىشنى قىلىمەن. |
أَلَسْتُمْ تَعْلَمُونَ أَنَّ ٱلَّذِينَ يَرْكُضُونَ فِي ٱلْمَيْدَانِ جَمِيعُهُمْ يَرْكُضُونَ، وَلَكِنَّ وَاحِدًا يَأْخُذُ ٱلْجَعَالَةَ؟ هَكَذَا ٱرْكُضُوا لِكَيْ تَنَالُوا. | ٢٤ 24 |
بەيگىگە چۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسى يۈگۈرىشىدۇ، ئەمما پەقەت بىرىلا مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغىنىنى بىلمەمسىلەر؟ غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن يۈگۈرۈڭلار. |
وَكُلُّ مَنْ يُجَاهِدُ يَضْبُطُ نَفْسَهُ فِي كُلِّ شَيْءٍ. أَمَّا أُولَئِكَ فَلِكَيْ يَأْخُذُوا إِكْلِيلًا يَفْنَى، وَأَمَّا نَحْنُ فَإِكْلِيلًا لَا يَفْنَى. | ٢٥ 25 |
مۇسابىقىدە ئېلىشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن تىزگىنلەيدۇ؛ ئۇلار پەقەت بىر چىرىپ كېتىدىغان تاجغا ئېرىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ، ئەمما بىز بولساق چىرىماس تاج ئۈچۈن شۇنداق قىلىمىز. |
إِذًا، أَنَا أَرْكُضُ هَكَذَا كَأَنَّهُ لَيْسَ عَنْ غَيْرِ يَقِينٍ. هَكَذَا أُضَارِبُ كَأَنِّي لَا أَضْرِبُ ٱلْهَوَاءَ. | ٢٦ 26 |
شۇڭا مەن نىشانسىز ئادەمدەك يۈگۈرۈۋاتمايمەن؛ مۇشت ئاتسام ھاۋاغا ئاتىدىغان ئادەمدەك بولمايمەن. |
بَلْ أَقْمَعُ جَسَدِي وَأَسْتَعْبِدُهُ، حَتَّى بَعْدَ مَا كَرَزْتُ لِلْآخَرِينَ لَا أَصِيرُ أَنَا نَفْسِي مَرْفُوضًا. | ٢٧ 27 |
ئۇنىڭ ئورنىغا مەن ئۆز تېنىمنى ئۇرۇپ ئۆزۈمگە كۆندۈرۈپ، ئۇنى ئۆزۈمگە قۇل قىلىمەن؛ ئۇنداق قىلمىغاندا، باشقىلارغا تەلىم جاكارلاپ تۇرۇپ ئۆزۈم لاياقەتلىك بولماي قېلىشىم مۇمكىن. |