< Qanun sherhi 29 >

1 Töwendikiler Perwerdigar Israillar bilen ehde baghlash üchün Moab zéminida Musagha tapilighan sözlerdur. Bu ehde Perwerdigar ular bilen Horebde qilghan ehdidin bashqa bir ehde idi.
تۆۋەندىكىلەر پەرۋەردىگار ئىسرائىللار بىلەن ئەھدە باغلاش ئۈچۈن موئاب زېمىنىدا مۇساغا تاپىلىغان سۆزلەردۇر. بۇ ئەھدە پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن ھورەبدە قىلغان ئەھدىدىن باشقا بىر ئەھدە ئىدى.
2 Musa pütkül Israilni chaqirip ulargha mundaq dédi: «Siler Perwerdigarning Misir zéminida Pirewn’ge, uning barliq xizmetkarliri we zéminning hemme yéride köz aldinglarda néme ish qilghinini kördünglar,
مۇسا پۈتكۈل ئىسرائىلنى چاقىرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ مىسىر زېمىنىدا پىرەۋنگە، ئۇنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرى ۋە زېمىننىڭ ھەممە يېرىدە كۆز ئالدىڭلاردا نېمە ئىش قىلغىنىنى كۆردۈڭلار،
3 yeni shu chong apetler bilen ulugh möjizilik alamet we karametlerni öz közünglar bilen kördünglar.
يەنى شۇ چوڭ ئاپەتلەر بىلەن ئۇلۇغ مۆجىزىلىك ئالامەت ۋە كارامەتلەرنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار.
4 Lékin Perwerdigar silerge bügün’giche chüshen’güdek köngül, körgüdek köz we anglighudek qulaq bermidi.
لېكىن پەرۋەردىگار سىلەرگە بۈگۈنگىچە چۈشەنگۈدەك كۆڭۈل، كۆرگۈدەك كۆز ۋە ئاڭلىغۇدەك قۇلاق بەرمىدى.
5 Men qiriq yil silerni bayawanda yéteklep yürdüm; shu waqitlarda üstünglardiki kiyimliringlar konirimidi, putunglardiki keshinglarmu konirap ketmidi.
مەن قىرىق يىل سىلەرنى باياۋاندا يېتەكلەپ يۈردۈم؛ شۇ ۋاقىتلاردا ئۈستۈڭلاردىكى كىيىملىرىڭلار كونىرىمىدى، پۇتۇڭلاردىكى كەشىڭلارمۇ كونىراپ كەتمىدى.
6 Xuda Özining silerning Perwerdigar Xudayinglar ikenlikini bilsun dep, silerge yéyishke nan, ichishke sharab yaki küchlük ichimlik nésip qilmidi.
خۇدا ئۆزىنىڭ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئىكەنلىكىنى بىلسۇن دەپ، سىلەرگە يېيىشكە نان، ئىچىشكە شاراب ياكى كۈچلۈك ئىچىملىك نېسىپ قىلمىدى.
7 Siler bu jaygha yétip kelgininglarda Heshbonning padishahi Sihon bilen Bashanning padishahi Og biz bilen jeng qilghili chiqti; emma biz ularni urup meghlup qilduq;
سىلەر بۇ جايغا يېتىپ كەلگىنىڭلاردا ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھون بىلەن باشاننىڭ پادىشاھى ئوگ بىز بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقتى؛ ئەمما بىز ئۇلارنى ئۇرۇپ مەغلۇپ قىلدۇق؛
8 biz ularning zéminlirini élip Rubenler bilen Gadlar we Manassehning yérim qebilisige miras qilip berduk.
بىز ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئېلىپ رۇبەنلەر بىلەن گادلار ۋە ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە مىراس قىلىپ بەردۇك.
9 Emdi siler hemme ishliringlarda rawaj tépish üchün bu ehdining sözlirini tutup, ulargha emel qilinglar.
ئەمدى سىلەر ھەممە ئىشلىرىڭلاردا راۋاج تېپىش ئۈچۈن بۇ ئەھدىنىڭ سۆزلىرىنى تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار.
10 Bügün hemminglar — kebile bashliqliringlar, aqsqalliringlar, emeldarliringlar, shuningdek Israilning hemme erliri,
بۈگۈن ھەممىڭلار ــ قەبىلە باشلىقلىرىڭلار، ئاقسقاللىرىڭلار، ئەمەلدارلىرىڭلار، شۇنىڭدەك ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئەرلىرى،
11 kichik baliliringlar, ayalliringlar, chédirgahinglarda turuwatqan musapirlar, shundaqla otun kesküchiliringlar we su toshughuchiliringlarmu, hemminglar Perwerdigarning aldida hazir turuwatisiler;
كىچىك بالىلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار، چېدىرگاھىڭلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار، شۇنداقلا ئوتۇن كەسكۈچىلىرىڭلار ۋە سۇ توشۇغۇچىلىرىڭلارمۇ، ھەممىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر تۇرۇۋاتىسىلەر؛
12 meqset shuki, Perwerdigar Xudayinglarning ehdisige, yeni Perwerdigar Xudayinglar bügün silerge bergen qesimi bilen baghlighan ehdige daxil bolushunglar üchündur,
مەقسەت شۇكى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەھدىسىگە، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۈگۈن سىلەرگە بەرگەن قەسىمى بىلەن باغلىغان ئەھدىگە داخىل بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر،
13 We shuning bilen teng U silerni bügün Özige xas bir xelq qilip silerge wede qilghinidek, ata-bowiliringlargha, yeni Ibrahim, Ishaq we Yaqupqa qilghan qesimi boyiche özi silerge Xuda bolushtur.
ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇ سىلەرنى بۈگۈن ئۆزىگە خاس بىر خەلق قىلىپ سىلەرگە ۋەدە قىلغىنىدەك، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا قىلغان قەسىمى بويىچە ئۆزى سىلەرگە خۇدا بولۇشتۇر.
14 Lékin men bu ehde we qesemni yalghuz siler bilenla emes,
لېكىن مەن بۇ ئەھدە ۋە قەسەمنى يالغۇز سىلەر بىلەنلا ئەمەس،
15 belki bügün biz bilen bu yerde Perwerdigar Xudayimizning aldida turuwatqanlar, shundaqla bügün bu yerde biz bilen birge bolmighan kishilerning hemmisi bilenmu tüzüshimen.
بەلكى بۈگۈن بىز بىلەن بۇ يەردە پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلار، شۇنداقلا بۈگۈن بۇ يەردە بىز بىلەن بىرگە بولمىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەنمۇ تۈزۈشىمەن
16 (chünki siler bizning Misir zéminida qandaq turghanliqimiz we sepirimizde ellerning otturisidin qandaq ötüp kelginimizni obdan bilisiler;
(چۈنكى سىلەر بىزنىڭ مىسىر زېمىنىدا قانداق تۇرغانلىقىمىز ۋە سەپىرىمىزدە ئەللەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قانداق ئۆتۈپ كەلگىنىمىزنى ئوبدان بىلىسىلەر؛
17 Siler ularning arisidiki yirginchlik nersilerni, ularning arisidiki yaghach, tash, altun we kümüshtin yasalghan butlarni kördünglar).
سىلەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ياغاچ، تاش، ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن ياسالغان بۇتلارنى كۆردۈڭلار).
18 Ehdining meqsiti bolsa, silerning aranglardiki herbir er, herbir ayal, herbir aile we herbir qebililiringlardin bügün köngli Perwerdigar Xudayimizdin yénip, shu ellerning ilahlirining qulluqigha kirip kétidighan héch kishi bolmisun, shundaqla aranglarda öt süyi we emen chiqiridighan yiltiz peyda bolup qalmisun üchündur.
ئەھدىنىڭ مەقسىتى بولسا، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ھەربىر ئەر، ھەربىر ئايال، ھەربىر ئائىلە ۋە ھەربىر قەبىلىلىرىڭلاردىن بۈگۈن كۆڭلى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىن يېنىپ، شۇ ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ كېتىدىغان ھېچ كىشى بولمىسۇن، شۇنداقلا ئاراڭلاردا ئۆت سۈيى ۋە ئەمەن چىقىرىدىغان يىلتىز پەيدا بولۇپ قالمىسۇن ئۈچۈندۇر.
19 Derweqe shundaq boliduki, shu lenet sözlirini anglighanda öz könglide öz-özini bext-beriketlik sanap: «Men qanche bashbashtaqliq bilen mangsammu, tinch-amanliqta turiwérimen», dégüchi shundaq bir kishi bolidu; netijide, nem yermu changqaq yerge oxshashla weyran qilinidu.
دەرۋەقە شۇنداق بولىدۇكى، شۇ لەنەت سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا ئۆز كۆڭلىدە ئۆز-ئۆزىنى بەخت-بەرىكەتلىك ساناپ: «مەن قانچە باشباشتاقلىق بىلەن ماڭساممۇ، تىنچ-ئامانلىقتا تۇرىۋېرىمەن»، دېگۈچى شۇنداق بىر كىشى بولىدۇ؛ نەتىجىدە، نەم يەرمۇ چاڭقاق يەرگە ئوخشاشلا ۋەيران قىلىنىدۇ.
20 Perwerdigar mundaq kishini epu qilmaydu, belki Perwerdigarning ghezipi bilen otluq qehri tütündek shu kishige chüshidu; bu kitabta pütülgen hemme lenetler uning béshigha chüshidu; Perwerdigar uning ismini asmanning tégidin öchüridu.
پەرۋەردىگار مۇنداق كىشىنى ئەپۇ قىلمايدۇ، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بىلەن ئوتلۇق قەھرى تۈتۈندەك شۇ كىشىگە چۈشىدۇ؛ بۇ كىتابتا پۈتۈلگەن ھەممە لەنەتلەر ئۇنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاسماننىڭ تېگىدىن ئۆچۈرىدۇ.
21 Perwerdigar bu qanun kitabida pütülgen ehdining hemme lenetliri boyiche Israilning barliq qebililiridin uni ayrip chiqip, apetke muptila qilidu.
پەرۋەردىگار بۇ قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگەن ئەھدىنىڭ ھەممە لەنەتلىرى بويىچە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرىدىن ئۇنى ئايرىپ چىقىپ، ئاپەتكە مۇپتىلا قىلىدۇ.
22 Kelgüsi dewr bolsa, yeni silerdin kéyin chiqidighan baliliringlar we shundaqla yiraq yurttin kelgen musapirlar Perwerdigar shu zéminning üstige ewetken balayi’apetler bilen késellerni köridu;
كەلگۈسى دەۋر بولسا، يەنى سىلەردىن كېيىن چىقىدىغان بالىلىرىڭلار ۋە شۇنداقلا يىراق يۇرتتىن كەلگەن مۇساپىرلار پەرۋەردىگار شۇ زېمىننىڭ ئۈستىگە ئەۋەتكەن بالايىئاپەتلەر بىلەن كېسەللەرنى كۆرىدۇ؛
23 Perwerdigar ghezipi we qehri bilen weyran qilghan Sodom, Gomorra, Admah we Zeboimlarning weyranchiliqidek zéminning hemme yéri günggürtliship, shorliship, köyüp ketkinini, tériqchiliqmu, hosulmu bolmighinini, ot-chöpmu ünmiginini köridu;
پەرۋەردىگار غەزىپى ۋە قەھرى بىلەن ۋەيران قىلغان سودوم، گوموررا، ئادماھ ۋە زەبوئىملارنىڭ ۋەيرانچىلىقىدەك زېمىننىڭ ھەممە يېرى گۈڭگۈرتلىشىپ، شورلىشىپ، كۆيۈپ كەتكىنىنى، تېرىقچىلىقمۇ، ھوسۇلمۇ بولمىغىنىنى، ئوت-چۆپمۇ ئۈنمىگىنىنى كۆرىدۇ؛
24 buni körgenler, hetta hemme el-yurt: «Némishqa Perwerdigar bu zémin’gha mundaq qilghandu? Némishqa Uning ghezipi shunche qattiq, esheddiy bolghandu?» dep soraydu;
بۇنى كۆرگەنلەر، ھەتتا ھەممە ئەل-يۇرت: «نېمىشقا پەرۋەردىگار بۇ زېمىنغا مۇنداق قىلغاندۇ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ غەزىپى شۇنچە قاتتىق، ئەشەددىي بولغاندۇ؟» دەپ سورايدۇ؛
25 andin ulargha jawab bérilip: «Ular ata-bowilirining Xudasi Perwerdigarning ularni Misir zéminidin qutquzup chiqarghinida ular bilen békitken ehdini tashlap,
ئاندىن ئۇلارغا جاۋاب بېرىلىپ: «ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغىنىدا ئۇلار بىلەن بېكىتكەن ئەھدىنى تاشلاپ،
26 bérip ularning nésiwisi bolmighan, özimu tonumighan ilahlarning qulluqigha kirip, ulargha choqun’ghini üchün shundaq boldi.
بېرىپ ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى بولمىغان، ئۆزىمۇ تونۇمىغان ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ، ئۇلارغا چوقۇنغىنى ئۈچۈن شۇنداق بولدى.
27 Mana bu sewebtin Perwerdigarning ghezipi bu zémin’gha tutiship, bu kitabta pütülgen hemme lenetni uning üstige keltürdi.
مانا بۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بۇ زېمىنغا تۇتىشىپ، بۇ كىتابتا پۈتۈلگەن ھەممە لەنەتنى ئۇنىڭ ئۈستىگە كەلتۈردى.
28 Shuning üchün Perwerdigar ghezep, achchiq we zor qehr bilen ularni yurtidin yulup, bashqa bir yurtqa tashlidi» — déyilidu.
شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار غەزەپ، ئاچچىق ۋە زور قەھر بىلەن ئۇلارنى يۇرتىدىن يۇلۇپ، باشقا بىر يۇرتقا تاشلىدى» ــ دېيىلىدۇ.
29 Herbir yoshurun sirlar bolsa Perwerdigar Xudayimizningkidur; lékin herqandaq ashkarilan’ghan wehiyler bolsa bu qanunning sözlirige emel qilishimiz üchün ebedgiche biz we balilirimizningkidur.
ھەربىر يوشۇرۇن سىرلار بولسا پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭكىدۇر؛ لېكىن ھەرقانداق ئاشكارىلانغان ۋەھىيلەر بولسا بۇ قانۇننىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىز ئۈچۈن ئەبەدگىچە بىز ۋە بالىلىرىمىزنىڭكىدۇر.

< Qanun sherhi 29 >