< ۋەھىي 16 >
شۇنىڭدىن كېيىن، ئىبادەتخانىدىن كۆتۈرۈلگەن يۇقىرى بىر ئاۋازنىڭ يەتتە پەرىشتىگە: «بېرىڭلار، خۇدانىڭ قەھرى تولغان يەتتە چىنىنى يەر يۈزىگە تۆكۈڭلار!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. | 1 |
Un es dzirdēju stipru balsi no Dieva nama sakām uz tiem septiņiem eņģeļiem: ejat un izlejat Dieva dusmības kausus uz zemi.
بىرىنچىسى بېرىپ چېنىدىكىنى يەر-زېمىنغا تۆكتى. بۇنىڭ بىلەن دىۋىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنغانلاردا بىرخىل يىرگىنچلىك ھەم ئازابلىق چاقا-جاھارەت پەيدا بولدى. | 2 |
Un tas pirmais nogāja un izlēja savu kausu uz zemi, un tur ļauns un nikns augonis piemetās tiem cilvēkiem, kam tā zvēra zīme bija, un kas viņa bildi pielūdza.
ئىككىنچىسى چىنىدىكىنى دېڭىزغا تۆكتى؛ دېڭىز سۈيى ئۆلۈكنىڭ قېنىغا ئوخشاش قانغا ئايلاندى ۋە ئىچىدىكى پۈتۈن جانلىقلار ئۆلدى. | 3 |
Un tas otrais eņģelis savu kausu izlēja jūrā, un tā palika par asinīm, kā no miruša, un ikviena dzīva dvaša jūrā nomira.
ئۈچىنچىسى چىنىدىكىنى دەريا ۋە بۇلاقلارنىڭ سۇلىرىغا تۆكتى؛ ئۇلارنىڭ سۈيىمۇ قانغا ئايلاندى. | 4 |
Un tas trešais eņģelis izlēja savu kausu upēs un ūdeņu avotos, un tie palika par asinīm.
ئاندىن مەن سۇلارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ــ «مۇشۇنداق ھۆكۈملەرنى چىقىرىشىڭدا ئادىل بولغانسەن، ئى ھازىر بار بولغۇچى، بار بولغان مۇقەددەس بولغۇچى! | 5 |
Un es dzirdēju to ūdeņu eņģeli sakām: Kungs, kas ir un kas bijis, Tu esi taisns un svēts, ka Tu tā esi tiesājis.
مۇشۇ ئادەملەر مۇقەددەس بەندىلەر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ قېنىنى تۆككەنلىكى ۋەجىدىن، سەن ئۇلارغا ئىچكىلى قان بەردىڭ. ئۇلار شۇنىڭغا لايىقتۇر». | 6 |
Jo tie to svēto un to praviešu asinis ir izlējuši; tāpēc Tu tiem arīdzan asinis esi devis dzert, jo tie to pelnījuši.
ئاندىن قۇربانگاھنىڭ جاۋابەن: ــ «شۇنداق، ئى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، ھۆكۈملىرىڭ ھەق ۋە ئادىلدۇر» ــ دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. | 7 |
Un es dzirdēju citu no tā altāra sakām: tiešām, Kungs Dievs, visu Valdītājs, patiesīgas un taisnas ir Tavas tiesas.
تۆتىنچىسى چىنىدىكىنى قۇياشنىڭ ئۈستىگە تۆكتى؛ بۇنىڭ بىلەن قۇياشقا ئىنسانلارنى ئوت بىلەن ئۆرتىگىلى قۇدرەت بېرىلدى. | 8 |
Un tas ceturtais eņģelis izlēja savu kausu uz sauli, un viņam tapa dots, cilvēkus dedzināt ar uguni.
شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار دەھشەتلىك قىزىقتا ئۆرتەلدى؛ بىراق ئۇلار ھېچ توۋا قىلمىدى ۋە بۇ بالايىئاپەتلەرنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدانى ئۇلۇغلاشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ نامىنى قارغاشتى. | 9 |
Un cilvēki tapa dedzināti ar lielu karstumu un zaimoja Tā Dieva vārdu, kam vara ir pār šīm mocībām. Bet tie neatgriezās no grēkiem, Viņam dot godu.
بەشىنچىسى چىنىدىكىنى دىۋىنىڭ تەختىگە تۆكتى؛ دىۋىنىڭ پادىشاھلىقىنى قاراڭغۇلۇق باستى، كىشىلەر ئازابتىن تىللىرىنى چىشلەشتى | 10 |
Un tas piektais eņģelis savu kausu izlēja uz tā zvēra goda krēslu, un viņa valsts tapa aptumšota, un tie no sāpēm sakoda savas mēles,
ۋە ئاغرىق-ئازابى ۋە چاقا-جاراھەتلىرىنىڭ دەستىدىن ئەرشتىكى خۇدانى كۇپۇرلۇق قىلىپ قارغىشىپ، قىلمىشلىرىغا ھېچ توۋا قىلىشمىدى. | 11 |
Un zaimoja To Dievu debesīs savu sāpju dēļ un savu augoņu dēļ, un neatgriezās no saviem darbiem.
ئالتىنچىسى چىنىدىكىنى ئۇلۇغ ئەفرات دەرياسىغا تۆكتى؛ شۇ ھامان كۈنچىقىشتىن كېلىدىغان پادىشاھلارنىڭ يولىنى ھازىرلاشقا دەريانىڭ سۈيى قۇرىدى. | 12 |
Un tas sestais eņģelis savu kausu izlēja uz to lielo Eifrates upi, un viņas ūdens izsīka, ka taptu sataisīts ceļš tiem ķēniņiem no saules lēkšanas puses.
ئاندىن مەن ئەجدىھانىڭ، دىۋىنىڭ ۋە ساختا پەيغەمبەرنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىققان پاقىغا ئوخشايدىغان ئۈچ ناپاك روھنى كۆردۈم. | 13 |
Un es redzēju no tā pūķa mutes un no tā zvēra mutes un no tā viltīgā pravieša mutes nākam trīs nešķīstus garus, vardēm līdzīgus.
بۇلار مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىدىغان جىنلارنىڭ روھلىرى بولۇپ، پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ دەھشەتلىك كۈنىدىكى جەڭگە جەم قىلىشقا ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقىپ كېتىۋاتاتتى | 14 |
Jo tie ir velnu gari, kas dara zīmes un iziet pie visas pasaules ķēniņiem, tos sapulcināt uz karu, Dieva, tā Visuvarenā, lielā dienā.
(«مانا، مەن ئوغرىدەك كېلىمەن! يالىڭاچ ماڭماسلىق، نومۇسى كۆرۈنمەسلىكى ئۈچۈن، كىيىملىرىنى چىڭ ساقلاپ، سەگەك تۇرغانلار بەختلىكتۇر!»). | 15 |
“Redzi, Es nāku kā zaglis: svētīgs, kas nomodā un savas drēbes sarga, ka tas nestaigā pliks un viņa kauns netop redzēts.”
ئەمدى [ناپاك روھلار] [پادىشاھلارنى] ئىبرانىيچە «ھارماگېددون» دېيىلىدىغان يەرگە جەم قىلدى. | 16 |
Un viņš tos sapulcināja uz to vietu, kas ebrejiski top saukta Armaģedon.
يەتتىنچىسى چىنىدىكىنى ھاۋاغا تۆكتى؛ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىدىن، تەختتىن يۇقىرى بىر ئاۋاز كۆتۈرۈلۈپ: «ئىش تامام بولدى!» دېيىلدى. | 17 |
Un tas septītais eņģelis savu kausu izlēja gaisā, un stipra balss nāca no tā debes' nama, no tā goda krēsla, sacīdama: ir noticis.
شۇئان چاقماقلار چېقىلدى، تۈرلۈك ئاۋازلار ۋە گۈلدۈرمامىلار ئاڭلاندى ۋە دەھشەتلىك بىر يەر تەۋرەش يۈز بەردى؛ ئىنسانلار يەر يۈزىدە ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى بۇنچىلىك دەھشەتلىك يەر تەۋرەش ھېچ بولۇپ باقمىغانىدى. | 18 |
Un balsis un pērkoni un zibeņi cēlās. Un tad notika liela zemes trīcēšana, kāda vēl nav notikusi, kamēr cilvēki virs zemes bijuši, tāda un tik liela zemes trīcēšana.
كاتتا شەھەر ئۈچكە بۆلۈندى؛ ھەرقايسى ئەللەردىكى شەھەرلەرمۇ غۇلىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن كاتتا شەھەر بابىل خۇدانىڭ يادىغا كېچىپ ئۇنىڭ ئەشەددىي قەھرلىك شارابى بىلەن تولغان قەدەھ ئۇنىڭغا بېرىلدى. | 19 |
Un tā lielā pilsēta dalījās trijās daļās, un pagānu pilsētas sagruva, un Bābele, tā lielā, tapa pieminēta Dieva priekšā, ka tai taptu dots viņa dusmības un bardzības vīna biķeris.
بارلىق ئاراللار ئۆزىنى قاچۇرۇپ غايىب بولدى، تاغلارمۇ يوق بولدى؛ | 20 |
Un visas salas bēga, un kalni netapa atrasti.
ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە ھەربىر دانىسى بىر تالانت ئېغىرلىقتا كېلىدىغان مۆلدۈر ئاسماندىن ياغدى. مۆلدۈر ئاپىتى شۇنداق دەھشەتلىك بولدىكى، ئادەملەر ئاپەتنىڭ دەستىدىن خۇدانى كۇپۇرلۇق قىلىپ قارغاشتى. | 21 |
Un liela krusa, triju podu smaga, krita no debesīm uz cilvēkiem, un cilvēki zaimoja Dievu tās mocības dēļ caur to krusu; jo viņas mocība ir varen liela.