< ۋەھىي 12 >

ئۇ چاغدا، ئەرشتە ئاجايىپ بىر كارامەت پەيدا بولدى ــ ئۇ قۇياشنى يېپىنچاقلىغان، پۇتلىرىنىڭ ئاستىدا ئاي، بېشىدا ئون ئىككى يۇلتۇزلۇق تاج بار بىر ئايال ئىدى. 1
And ther appered a gret wonder in heve A woman clothed with the sunne and the mone vnder her fete and apon her heed a croune of xii. starres.
ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، تولغاق يەپ تۇغۇش ئازابىدا داد-پەرياد كۆتۈردى. 2
And she was wt chylde and cryed travayllinge in byrth and payned redy to be delyvered.
ئاندىن ئەرشتە يەنە بىر ئالامەت كۆرۈندى ــ مانا، يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە بېشىدا يەتتە تاج بار بولغان چوڭ بىر قىزىل ئەجدىھا تۇراتتى. 3
And ther appered another wonder in heven for beholde a gret red drago havynge. vii. heddes and ten hornes and crounes vpo his heddes:
ئۇ قۇيرۇقى بىلەن ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى سۈپۈرۈپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە چۆرۈۋەتتى. ئەجىدىھا تۇغاي دەپ قالغان ئايال يەڭگىگەن ھامان ئۇنىڭ بالىسىنى يالماپ يۇتۇۋەتمەكچى بولۇپ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇردى. 4
and his tayle drue the thyrde parte of the starres and cast them to the erth. And the dragon stode before the woman which was reddy to be delyvred: for to devoure her chylde as sone as it were borne.
ئايال بىر بالا، يەنى پۈتۈن ئەللەرنى تۆمۈر ھاسىسى بىلەن پادىچىدەك باقىدىغان بىر ئوغۇل تۇغدى. بالا بولسا خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئالدىغا غاچچىدە ئېلىپ چىقىلدى. 5
And she brought forth a man chylde which shulde rule all nacions with a rode of yron And her sonne was taken vp vnto God and to his seate.
ئايال چۆلگە قاچتى؛ ئۇ يەردە ئۇنىڭ 1260 كۈن بېقىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا خۇدا تەرىپىدىن ھازىرلاپ قويۇلغان بىر جاي بار ئىدى. 6
And the woman fleed into wyldernes where she had a place prepared of god that they shulde fede her there a M. ii. C and lx. dayes.
ئاندىن ئەرشتە جەڭ بولدى. [باش پەرىشتە] مىكائىل ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى ئەجدىھا بىلەن جەڭ قىلغىلى تۇردى؛ ئەجدىھامۇ ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن ئۇلارغا ئېتىلدى. 7
And ther was grett battayll in heven Michael and his angells fowght with the dragon and the dragon fowght and his angelles
لېكىن ئۇ ئۈستۈنلۈك قازىنالمىدى، ئۇنىڭغا ۋە پەرىشتىلىرىگە ئەرشتە تۇرۇشقا ئورۇن قالمىدى. 8
and prevaylled not: nether was their place founde eny more in heven.
شۇنىڭ بىلەن زور ئەجدىھا، يەنى ئىبلىس ۋە شەيتان دەپ ئاتالغان، پۈتۈن جاھاننى ئازدۇرغۇچى ھېلىقى قەدىمىي يىلان يەر يۈزىگە تاشلاندى. ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تاشلاندى. 9
And the grett dragon that olde serpent called the devyll and Sathanas was cast out. Which desceaveth all the worlde. And he was cast into the erth and his angelles were cast out also.
ئاندىن مەن ئەرشتە يۇقىرى بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ــ «كەلدى خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقى، قۇدرىتى، پادىشاھلىقى ۋە ئۇنىڭ مەسىھىنىڭ ھوقۇقى! چۈنكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۈستىدىن خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا كېچە-كۈندۈز شىكايەت قىلىپ تۇرغان شىكايەت قىلغۇچى ئەرشتىن تاشلىۋېتىلدى؛ 10
And I harde a lowde voyce sayinge: in heve is nowe made salvacio and strengthe and ye kyngdome of oure God and the power of his Christ For he is cast doune which accused them before god daye and nyght.
قېرىنداشلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن قوزىنىڭ قېنى ۋە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى بىلەن غالىب كەلدى؛ ئۇلار ھەتتا ئۆلۈمنى كۆزىگە ئىلماي ئۆز جېنىنى ئەزىز كۆرمىدى. 11
And they overcame him by the bloude of the lambe and by the worde of their testimony and they loved not their lyves vnto the deeth.
شۇنىڭ ئۈچۈن، شادلىنىڭلار، ئەي ئەرشلەر ۋە ئۇلاردا تۇرۇۋاتقالار! لېكىن ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي يەر ۋە دېڭىزلار! چۈنكى ئىبلىس ئۈستۈڭلارغا چۈشتى؛ ۋاقتىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلگەچ، غەزەپ-قەھرى بىلەن كەلدى!». 12
Therfore reioyce hevens and ye that dwell in them. Woo to the inhabiters of the erth and of the see: for ye devyll is come doune vnto you which hath greet wrath because he knoweth that he hath but a short tyme.
ئەجدىھا ئۆزىنىڭ يەر يۈزىگە تاشلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئوغۇل بالىنى تۇغقان ئايالنى قوغلاشقا باشلىدى. 13
And when the dragon sawe that he was caste vnto the erth he persecuted the woman which brought forth the man chylde.
ئايالنىڭ يىلاننىڭ يۈزىدىن دالدىلىنىشى، چۆلدە ئۆزى [ئۈچۈن ھازىرلانغان] ماكانىغا بېرىپبىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يېرىم مەزگىل بېقىلسۇن دەپ شۇ يەرگە ئۇچۇپ كېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يوغان بىر بۈركۈتنىڭ ئىككى قانىتى بېرىلدى. 14
And to the woman were geven two wynges of a great egle that she myght flye into the wyldrenes into her place where she is norysshed for a tyme tymes and halffe a tyme from the presence of the sarpent.
ئاندىن يىلان ئايالنىڭ ئارقىسىدىن ئاغزى بىلەن دەريادەك سۇ پۈركۈپ، ئۇنى سەل بىلەن ئېقىتىپ يوقاتماقچى بولدى. 15
And the dragon cast out of his mouth water after the woman as it had bene a ryver because she hulde have bene caught of the floud.
لېكىن زېمىن ئايالغا ياردەم قىلىپ، ئاغزىنى ئېچىپ، ئەجدىھا ئاغزىدىن پۈركۈپ چىقارغان دەريانى يۇتۇۋەتتى. 16
And the erth holpe the woman and the erth opened her mouth and swalowed vp the rever which the dragon cast out of hys mouth.
بۇنىڭ بىلەن ئەجدىھانىڭ ئايالغا قاتتىق غەزىپى كېلىپ، ئۇنىڭ قالغان نەسلى، يەنى خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئەيسانىڭ گۇۋاھلىقىنى تۇتقان پەرزەنتلىرى بىلەن جەڭ قىلغىلى كەتتى؛ ئۇ دېڭىز ساھىلى ئۈستىدە تۇراتتى. 17
And the dragon was wroth with the woman: and went and made warre with the remnaunt of hyr sede which kepe the commaundmentes of god and have the testimony of Iesus Christe. And I stode on the see sonde.

< ۋەھىي 12 >