< زەبۇر 65 >
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي-ناخشا: ــ زىئوندا، مەدھىيە سۈكۈت ئىچىدە سېنى كۈتىدۇ، ئى خۇدا؛ ساڭا قىلغان ۋەدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. | 1 |
Psalmus David, in finem. Canticum Hieremiae, et Ezechielis ex populo transmigrationis, cum inciperent exire. Te decet hymnus Deus in Sion: et tibi reddetur votum in Ierusalem.
ئى، دۇئا ئاڭلىغۇچى، سېنىڭ ئالدىڭغا بارلىق ئەت ئىگىلىرى كېلىدۇ. | 2 |
Exaudi orationem meam: ad te omnis caro veniet.
گۇناھلىق ئىشلار، ئاسىيلىقلىرىمىز، [كەلكۈن باسقاندەك] مەندىن غالىپ كېلىدۇ؛ لېكىن سەن ئۇلارنى يېپىپ كەچۈرۈم قىلىسەن؛ | 3 |
Verba iniquorum praevaluerunt super nos: et impietatibus nostris tu propitiaberis.
سەن تاللاپ ئۆزۈڭگە يېقىنلاشتۇرغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك! ئۇ ھويلىلىرىڭدا ماكانلىشىدۇ؛ بىزلەر سېنىڭ ماكانىڭنىڭ، يەنى مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنىڭ بەرىكىتىدىن قانائەت تاپىمىز؛ | 4 |
Beatus, quem elegisti, et assumpsisti: inhabitabit in atriis tuis. Replebimur in bonis domus tuae: sanctum est templum tuum,
سەن ھەققانىيلىقنى نامايان قىلىدىغان كارامەت ۋە دەھشەت ئىشلار بىلەن بىزگە جاۋاب، ئى نىجاتلىقىمىز بولغان خۇدا، پۈتكۈل يەر-دېڭىزلارنىڭ چەت-چەتلىرىدىكىلەرگىچە تايانچى بولغۇچى! | 5 |
mirabile in aequitate. Exaudi nos Deus salutaris noster, spes omnium finium terrae, et in mari longe.
بېلىڭ قۇدرەت بىلەن باغلانغان بولۇپ، كۈچۈڭ بىلەن تاغلارنى بەرپا قىلغانسەن؛ | 6 |
Praeparans montes in virtute tua, accinctus potentia:
دېڭىزلارنىڭ ئۆركەشلىگەن شاۋقۇنلىرىنى، دولقۇنلارنىڭ شاۋقۇنلىرىنى، ھەمدە ئەللەرنىڭ چۇقانلىرىنى تىنجىتقۇچىسەن! | 7 |
qui conturbas profundum maris sonum fluctuum eius. Turbabuntur gentes,
جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىدە تۇرۇۋاتقانلار كارامەتلىرىڭدىن قورقىدۇ؛ سەن كۈنچىقىشتىكىلەرنى، كۈنپېتىشتىكىلەرنى شادلاندۇرىسەن؛ | 8 |
et timebunt qui habitant terminos a signis tuis: exitus matutini et vespere delectabis.
يەر يۈزىنىڭ [غېمىنى يەپ] يوقلاپ كېلىپ، ئۇنى سۇغىرىسەن، ئۇنى تولىمۇ مۇنبەتلەشتۈرىسەن. خۇدانىڭ دەريا-ئېرىقلىرى سۇغا تولغاندۇر؛ شۇنداق قىلىپ سۇلارنى تەييارلاپ، كىشىلەرنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەيسەن. | 9 |
Visitasti terram et inebriasti eam: multiplicasti locupletare eam. Flumen Dei repletum est aquis, parasti cibum illorum: quoniam ita est praeparatio eius.
تېرىلغۇ ئېتىزلارنىڭ چۆنەكلىرىنى سۇغا قاندۇرىسەن، قىرلىرىنى تاراشلايسەن، تۇپراقنى مول يېغىنلار بىلەن يۇمشىتىسەن؛ ئۇنىڭدا ئۈنگەنلەرنى بەرىكەتلەيسەن. | 10 |
Rivos eius inebria, multiplica genimina eius: in stillicidiis eius laetabitur germinans.
سەن نېمەتلىرىڭنى يىلنىڭ ھوسۇلىغا تاج قىلىپ قوشۇپ بېرىسەن؛ قەدەملىرىڭدىن باياشاتلىق ھەريانغا تامىدۇ؛ | 11 |
Benedices coronae anni benignitatis tuae: et campi tui replebuntur ubertate.
دالادىكى يايلاقلارغىمۇ تامىدۇ؛ تاغ-داۋانلار شات-خوراملىقنى ئۆزلىرىگە بەلۋاغ قىلىدۇ؛ | 12 |
Pinguescent speciosa deserti: et exultatione colles accingentur.
كۆكلەملەر قوي پادىلىرى بىلەن كىيىنگەن، جىلغىلار مايسىلارغا قاپلىنىدۇ؛ ئۇلار خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلىدۇ، بەرھەق، ئۇلار ناخشىلارنى ياڭرىتىشىدۇ! | 13 |
Induti sunt arietes ovium, et valles abundabunt frumento: clamabunt, etenim hymnum dicent.