< ماركۇس 3 >

ئۇ يەنە سىناگوگقا كىردى. شۇ يەردە بىر قولى يىگىلەپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. 1
et introivit iterum synagogam et erat ibi homo habens manum aridam
[پەرىسىيلەر] ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلايلى دەپ شابات كۈنىدە كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرەتتى. 2
et observabant eum si sabbatis curaret ut accusarent illum
ئەيسا قولى يىگىلەپ كەتكەن ئادەمگە: ــ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئوتتۇرىغا چىققىن! ــ دېدى. 3
et ait homini habenti manum aridam surge in medium
ئاندىن، سىناگوگدىكىلەردىن: ــ تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇن بولغىنى شابات كۈنى ياخشىلىق قىلىشمۇ، ياكى يامانلىق قىلىشمۇ؟ جاننى قۇتقۇزۇشمۇ ياكى ھالاك قىلىشمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. لېكىن ئۇلار زۇۋان سۈرۈشمىدى. 4
et dicit eis licet sabbatis bene facere an male animam salvam facere an perdere at illi tacebant
ئۇ غەزەپ بىلەن ئەتراپىغا نەزەر سېلىپ ئۇلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ، ئۇلارنىڭ تاش يۈرەكلىكىدىن قايغۇردى. ئاندىن ئۇ كېسەلگە: ــ قولۇڭنى ئۇزات، ــ دېدى. ئۇ قولىنى ئۇزىتىۋىدى، قولى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. 5
et circumspiciens eos cum ira contristatus super caecitatem cordis eorum dicit homini extende manum tuam et extendit et restituta est manus illi
ئەمدى پەرىسىيلەر دەرھال سىرتقا چىقىپ، ئۇنى قانداق يوقىتىش توغرىسىدا ھېرود [پادىشاھنىڭ] تەرەپدارلىرى بىلەن مەسلىھەت قىلىشقا باشلىدى. 6
exeuntes autem statim Pharisaei cum Herodianis consilium faciebant adversus eum quomodo eum perderent
ئاندىن ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە ئۇ يەردىن ئايرىلىپ دېڭىز بويىغا كەتتى؛ گالىلىيە ئۆلكىسىدىن چوڭ بىر توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردى؛ شۇنداقلا ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى ئاڭلىغان ھامان، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن، يېرۇسالېم شەھىرىدىن، ئىدۇمىيا ئۆلكىسىدىن، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدىن، تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردىن زور بىر توپ ئادەملەرمۇ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى. 7
et Iesus cum discipulis suis secessit ad mare et multa turba a Galilaea et Iudaea secuta est eum
8
et ab Hierosolymis et ab Idumea et trans Iordanen et qui circa Tyrum et Sidonem multitudo magna audientes quae faciebat venerunt ad eum
ئۇ ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىدىن ئۆزىنى قىستاپ قويمىسۇن دەپ مۇخلىسلىرىغا كىچىك بىر كېمىنىڭ ئۇنىڭغا يېقىن تۇرۇشىنى تاپىلىدى. 9
et dixit discipulis suis ut navicula sibi deserviret propter turbam ne conprimerent eum
چۈنكى ئۇ نۇرغۇن بىمارلارنى ساقايتقىنى تۈپەيلىدىن ھەرقانداق ۋابا-كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا [قولۇمنى] بىر تەگكۈزۈۋالسام دەپ قىستىشىپ كېلىشكەنىدى. 10
multos enim sanabat ita ut inruerent in eum ut illum tangerent quotquot habebant plagas
ناپاك روھلار [چاپلىشىۋالغانلار] قاچانلا ئۇنى كۆرسە، ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلىپ: «سەن خۇدانىڭ ئوغلىسەن!» دەپ ۋارقىرىشاتتى. 11
et spiritus inmundi cum illum videbant procidebant ei et clamabant dicentes
لېكىن ئۇ [ناپاك روھلارغا] ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىماسلىققا قاتتىق تەنبىھ بېرىپ ئاگاھلاندۇراتتى. 12
tu es Filius Dei et vehementer comminabatur eis ne manifestarent illum
ئۇ تاغقا چىقىپ، ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى يېنىغا چاقىردى؛ ئۇلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى. 13
et ascendens in montem vocavit ad se quos voluit ipse et venerunt ad eum
ئۇ ئۇلاردىن ئون ئىككىسىنى ئۆزى بىلەن بىللە بولۇشقا، سۆز-كالامنى جاكارلاشقا، 14
et fecit ut essent duodecim cum illo et ut mitteret eos praedicare
كېسەللەرنى ساقايتىش ۋە جىنلارنى ھەيدەش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشقا تاللاپ بېكىتتى. 15
et dedit illis potestatem curandi infirmitates et eiciendi daemonia
ئۇ [بېكىتكەن ئون ئىككى كىشى]: سىمون (ئۇ ئۇنىڭغا پېترۇس دەپ ئىسىم قويغان)، 16
et inposuit Simoni nomen Petrus
زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى يۇھاننا، (ئۇ ئۇلارنى «بىننى-رەگاز»، يەنى «گۈلدۈرماما ئوغۇللىرى» دەپمۇ ئاتىغان)، 17
et Iacobum Zebedaei et Iohannem fratrem Iacobi et inposuit eis nomina Boanerges quod est Filii tonitrui
ئاندرىياس، فىلىپ، بارتولوماي، ماتتا، توماس، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، تاداي، مىللەتپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمون 18
et Andream et Philippum et Bartholomeum et Mattheum et Thomam et Iacobum Alphei et Thaddeum et Simonem Cananeum
ۋە ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىشقارىيوتلاردىن ئىبارەت. 19
et Iudam Scarioth qui et tradidit illum
ئۇ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ يەرگە يەنە شۇنچە نۇرغۇن ئادەملەر توپلاندىكى، ئۇلارنىڭ ھەتتا غىزالانغۇدەكمۇ ۋاقتى چىقمىدى. 20
et veniunt ad domum et convenit iterum turba ita ut non possent neque panem manducare
[ئەيسانىڭ] ئائىلىسىدىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ، ئۇنى تۇتۇپ كېلىشكە بېرىشتى. چۈنكى ئۇلار ئۇنى «ئەقلىنى يوقىتىپتۇ» دېگەنىدى. 21
et cum audissent sui exierunt tenere eum dicebant enim quoniam in furorem versus est
يېرۇسالېمدىن چۈشكەن تەۋرات ئۇستازلىرى بولسا: «ئۇنىڭدا بەئەلزىبۇب بار»، ۋە «ئۇ پەقەت جىنلارنىڭ ئەمىرىگە تايىنىپ جىنلارنى قوغلىۋېتىدىكەن»، دېيىشەتتى. 22
et scribae qui ab Hierosolymis descenderant dicebant quoniam Beelzebub habet et quia in principe daemonum eicit daemonia
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ [تەۋرات ئۇستازلىرىنى] يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا تەمسىللەرنى ئىشلىتىپ مۇنداق دېدى: ــ شەيتان شەيتاننى قانداقمۇ قوغلىسۇن؟ 23
et convocatis eis in parabolis dicebat illis quomodo potest Satanas Satanan eicere
ئەگەر پادىشاھلىق ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشقان بولسا شۇ پادىشاھلىق پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ؛ 24
et si regnum in se dividatur non potest stare regnum illud
شۇنىڭدەك ئەگەر بىر ئائىلە ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشسا شۇ ئائىلە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. 25
et si domus super semet ipsam dispertiatur non poterit domus illa stare
ئەگەر شەيتان ئۆز-ئۆزىگە قارشى چىقىپ بۆلۈنسە، ئۇ پۇت تىرەپ تۇرالماي، يوقالماي قالمايدۇ. 26
et si Satanas consurrexit in semet ipsum dispertitus est et non potest stare sed finem habet
ھېچكىم كۈچتۈڭگۈر بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلاپ كېتەلمەيدۇ ــ پەقەت ئۇ شۇ كۈچتۈڭگۈرنى ئاۋۋال باغلىيالىسا ئاندىن ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلالايدۇ. 27
nemo potest vasa fortis ingressus in domum diripere nisi prius fortem alliget et tunc domum eius diripiet
شۇنى سىلەرگە بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئىنسان بالىلىرى ئۆتكۈزگەن تۈرلۈك گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىنى، شۇنداقلا ئۇلار قىلغان كۇپۇرلۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈشكە بولىدۇ. 28
amen dico vobis quoniam omnia dimittentur filiis hominum peccata et blasphemiae quibus blasphemaverint
بىراق كىمدىكىم مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلسا، ئەبەدىلئەبەدگىچە ھېچ كەچۈرۈلمەيدۇ، بەلكى مەڭگۈلۈك بىر گۇناھنىڭ ھۆكۈمى ئاستىدا تۇرىدۇ. (aiōn g165, aiōnios g166) 29
qui autem blasphemaverit in Spiritum Sanctum non habet remissionem in aeternum sed reus erit aeterni delicti (aiōn g165, aiōnios g166)
[ئەيسانىڭ بۇ سۆزى] ئۇلارنىڭ «ئۇنىڭغا ناپاك روھ چاپلىشىپتۇ» دېگىنى ئۈچۈن [ئېيتىلغانىدى]. 30
quoniam dicebant spiritum inmundum habet
شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن ئىنىلىرى كەلدى. ئۇلار سىرتىدا تۇرۇپ، ئۇنى چاقىرىشقا ئادەم كىرگۈزدى. 31
et veniunt mater eius et fratres et foris stantes miserunt ad eum vocantes eum
بىر توپ خالايىق ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراتتى. ئۇلار: ــ مانا، ئانىڭىز، ئىنىلىرىڭىز سىزنى ئىزدەپ سىرتتا تۇرىدۇ، ــ دېيىشتى. 32
et sedebat circa eum turba et dicunt ei ecce mater tua et fratres tui foris quaerunt te
ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ كىم مېنىڭ ئانام، كىم مېنىڭ ئىنىلىرىم؟ ــ دېدى. 33
et respondens eis ait quae est mater mea et fratres mei
ئاندىن، ئۇ ئۆپچۈرىسىدە ئولتۇرغانلارغا قاراپ مۇنداق دېدى: مانا بۇلار مېنىڭ ئانام ۋە ئىنىلىرىم! 34
et circumspiciens eos qui in circuitu eius sedebant ait ecce mater mea et fratres mei
چۈنكى كىمكى خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلسا، شۇ مېنىڭ ئاكا-ئىنىم، ئاچا-سىڭلىم ۋە ئانامدۇر. 35
qui enim fecerit voluntatem Dei hic frater meus et soror mea et mater est

< ماركۇس 3 >