< لاۋىيلار 18 >
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
၁တဖန်မောရှေအား ထာဝရဘုရားက၊-
سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ «مەن بولسام خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. | 2 |
၂သင်သည် ဣသရေလအမျိုးသားတို့အား ဆင့်ဆိုရမည်မှာ၊ ငါသည် သင်တို့၏ ဘုရားသခင် ထာဝရဘုရား ဖြစ်၏။
سىلەر ئىلگىرى تۇرغان مىسىر زېمىنىدىكىدەك ئىشلارنى قىلماڭلار ۋە ياكى مەن سىلەرنى ئېلىپ بارىدىغان قانائان زېمىنىدىكىدەك ئىشلارنى قىلماڭلار؛ ئۇلارنىڭ رەسىم-ئادەتلىرىدە يۈرمەڭلار، | 3 |
၃သင်တို့ နေဘူးသော အဲဂုတ္တုပြည်၏ အကျင့်ကို၎င်း၊ သင်တို့ကို ငါပို့ဆောင်လတံ့သော ခါနာန်ပြည်၏ အကျင့်ကို၎င်း၊ သင်တို့သည် မကျင့်၊ သူတို့ တရားလမ်းသို့ မလိုက်ရကြ။
بەلكى مېنىڭ ھۆكۈملىرىمگە ئەمەل قىلىپ، قانۇن بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ شۇ بويىچە مېڭىڭلار. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. | 4 |
၄ငါစီရင်ချက်ရှိသည်အတိုင်း ကျင့်၍၊ ငါ့ပညတ်တရားလမ်းသို့ လိုက်ခြင်းငှါ စောင့်ရှောက်ရကြမည်။ ငါသည် သင်တို့၏ ဘုရားသခင် ထာဝရဘုရားဖြစ်၏။
سىلەر چوقۇم مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىم بىلەن ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇشۇڭلار كېرەك؛ ئىنسان ئۇلارغا ئەمەل قىلىدىغان بولسا ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھاياتتا بولىدۇ. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. | 5 |
၅ထိုကြောင့် ငါ့စီရင်ထုံးဖွဲ့ချက်တို့ကို စောင့်ရှောက်ရကြမည်။ ထိုအကျင့်ကို ကျင့်သောသူသည် ထိုအကျင့်အားဖြင့် အသက်ရှင်လိမ့်မည်။ ငါသည် ထာဝရဘုရားဖြစ်၏။
ــ ھېچكىم ئۆزىگە يېقىن تۇغقان بولغان ئايالغا يېقىنلىق قىلىپ ئەۋرىتىنى ئاچمىسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. | 6 |
၆သင်တို့တွင် အဘယ်သူမျှ ကိုယ်ပေါက်ဘော်တော်သောသူကို ချဉ်း၍ သံဝါသမပြုရ။ ငါသည် ထာဝရဘုရားဖြစ်၏။
ئاناڭنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە، بۇ ئاتاڭنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكىنىڭ بولىدۇ؛ ئۇ سېنىڭ ئاناڭ بولغاچقا ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگسەڭ بولمايدۇ. | 7 |
၇သင်၏ အဘနှင့်သာဆိုင်သော သင်၏ အမိကို မချဉ်းရ။ ကိုယ်အမိ ဖြစ်သောကြောင့် သံဝါသမပြုရ။
ئاتاڭنىڭ ئايالىنىڭ ئەۋرىتىگىمۇ تەگمە، چۈنكى شۇنداق قىلساڭ ئاتاڭنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەندەك بولىدۇ. | 8 |
၈ကိုယ်အဘ၏ မယားမည်သည်ကို မချဉ်းရ။ အဘနှင့်သာဆိုင်၏။
سەن ئاچا-سىڭلىڭنىڭ، بىر ئاتىدىن بولغان ياكى بىر ئانىدىن بولغان، ياكى شۇ ئۆيدە تۇغۇلغان ياكى باشقا يەردە تۇغۇلغان بولسۇن، ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە. | 9 |
၉တအိမ်တည်း၌ မွေးဘွားသည်ဖြစ်စေ၊ အခြားသော အရပ်၌ မွေးဘွားသည်ဖြစ်စေ၊ သင်၏ နှမကို မချဉ်းရ။
سەن ئۆز ئوغلۇڭنىڭ قىزى ۋە ياكى قىزىڭنىڭ قىزىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەۋرىتى سەن ئۆزۈڭنىڭ ئەۋرىتىدۇر. | 10 |
၁၀ကိုယ်ရင်သွေးဖြစ်သော သင်၏မြေးကို မချဉ်းရ။
سەن ئاتاڭنىڭ ئايالىنىڭ قىزىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ ئۇ ئاتاڭدىن تۇغۇلغان، سېنىڭ ئاچا-سىڭلىڭ، شۇڭا ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە. | 11 |
၁၁အမိခြားသော်လည်း တဘတည်းဖြစ်သော နှမကို မချဉ်းရ။
سەن ئاتاڭنىڭ ئاچا-سىڭلىسىنىڭ ئەۋرىتىگىمۇ تەگمە، چۈنكى ئۇ ئاتاڭنىڭ بىرتۇغقىنىدۇر. | 12 |
၁၂သင့်အဘ၏ ပေါက်ဘော်ရင်းဖြစ်သော အဘ၏ နှမကို၎င်း၊
سەن ئاناڭنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ ئەۋرىتىگىمۇ تەگمە، چۈنكى ئۇ ئاناڭنىڭ بىرتۇغقىنىدۇر. | 13 |
၁၃သင့်အမိ၏ ပေါက်ဘော်ရင်းဖြစ်သော အမိ၏ ညီအစ်မကို၎င်း၊
ئاتاڭنىڭ ئاكا-ئىنىلىرىنىڭ ئايالىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ ئۇلارنىڭ ئاياللىرىغا يېقىنلىق قىلما؛ چۈنكى ئۇلار سېنىڭ ھامماڭدۇر. | 14 |
၁၄အဘ၏ ညီအစ်ကိုနှင့်သာဆိုင်သော မိကြီး မိထွေးဖြစ်သော အဘ၏ ညီအစ်ကို မယားကို၎င်း၊
سەن كېلىنىڭنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ ئۇ سېنىڭ ئوغلۇڭنىڭ ئايالى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگسەڭ بولمايدۇ. | 15 |
၁၅သား၏မယားတည်းဟူသော ချွေးမကို၎င်း၊
سەن ئاكا-ئىنىلىرىڭنىڭ ئايالىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ چۈنكى بۇ ئۆز ئاكا-ئىنىلىرىڭنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەندەك بولىدۇ. | 16 |
၁၆ညီအစ်ကိုနှင့်သာဆိုင်သော ညီအစ်ကို၏ မယားကို၎င်း၊ မချဉ်းရ။
سەن بىر ئايالغا ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ قىزىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ قىزى ۋە قىزىنىڭ قىزىنىمۇ [خوتۇنلۇققا ئېلىپ] ئەۋرىتىگە تەگمە. ئۇلار بىر-بىرىگە يېقىن تۇغقان بولغاچقا، مۇنداق ئىش پەسەندىلىكتۇر. | 17 |
၁၇ကိုယ်မယား၏ ပေါက်ဘော်ရင်းဖြစ်သော မယား၏သမီး၊ မယား၏ မြေးကို မချဉ်းရ။ မတရားသောအမှုဖြစ်၏။
سەن ئايالىڭ ھايات ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئاچا-سىڭلىسىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ ئەۋرىتىگە تەگمە. ئۇنداق قىلساڭ خوتۇنۇڭغا كۈندەشلىك ئازابىنى كەلتۈرىسەن. | 18 |
၁၈ကိုယ်မယားကို နှောင့်ရှက်ခြင်းငှါ သူအသက်ရှင်စဉ်တွင် သူ၏ ညီအစ်မကို မသိမ်းရ။
سەن بىر ئايالنىڭ ئادەت كۆرۈپ ناپاك تۇرغان ۋاقتىدا يېقىنلىق قىلىپ ئەۋرىتىگە تەگمە. | 19 |
၁၉ဥတုရောက်၍ မစင်ကြယ်သော မိန်းမကိုလည်း မချဉ်းရ။
سەن ئۆز قوشناڭنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىپ ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ بىلەن ناپاك قىلما. | 20 |
၂၀ကိုယ်ကို ညစ်ညူးစေလျက်၊ သူ့မယားကို မပြစ်မှားရ။
سەن ئۆز نەسلىڭدىن ھېچبىرىنى مولەك مەبۇدىغا ئاتاپ ئوتتىن ئۆتكۈزسەڭ قەتئىي بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلساڭ خۇدايىڭنىڭ نامىنى ناپاك قىلغان بولىسەن. مەن ئۆزۈم پەرۋەردىگاردۇرمەن. | 21 |
၂၁သင်၏ သားသမီးတို့ကို၊ မောလုတ်ဘုရားအား မီးဖြင့် ပူဇော်ရ။ သင်၏ ဘုရားသခင် နာမတော်ကို မရှုတ်မချရ။ ငါသည် ထာဝရဘုရားဖြစ်၏။
سەن ئاياللار بىلەن بىرگە بولغاندەك ئەر كىشى بىلەن بىرگە بولما. بۇ ئىش يىرگىنچلىكتۇر. | 22 |
၂၂မိန်းမနှင့် ပေါင်းဘော်သကဲ့သို့ ယောက်ျားချင်း မပေါင်းဘော်ရ။ ရွံရှာဘွယ်အမှုဖြစ်၏။
سەن ھېچ ھايۋان بىلەن مۇناسىۋەت قىلىپ ئۆزۈڭنى ناپاك قىلما؛ شۇنىڭدەك ئايال كىشىمۇ مۇناسىۋەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر ھايۋاننىڭ ئالدىغا بارمىسۇن. بۇ ئىش نىجىسلىقتۇر. | 23 |
၂၃ကိုယ့်ကိုကိုယ် ညစ်ညူးစေ၍ တိရစ္ဆာန်နှင့်မပေါင်းဘော်ရ။ မိန်းမသည်လည်း မိမိနှင့် တိရစ္ဆာန်၏ ပေါင်းဘော်ခြင်းကို မခံရ။ ရွံရှာဘွယ်သော ရောနှောခြင်းဖြစ်၏။
سىلەر بۇ ئىشلارنى قىلىپ ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن چىقىرىۋاتقان تائىپىلەر بولسا شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ ئۆزلىرىنى ناپاك قىلغان | 24 |
၂၄ထိုသို့သော အမှုအားဖြင့် ကိုယ်ကို ကိုယ် မညစ်ညူးစေရ။ သင်တို့ရှေ့မှာ ငါနှင်ထုတ်သော လူအမျိုး မျိုးတို့သည်၊ ထိုသို့သောအမှုကို ပြု၍ ညစ်ညူးကြ၏။
ۋە زېمىنىمۇ ناپاك بولغاندۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇ زېمىننىڭ قەبىھلىكىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرىمەن، شۇنىڭدەك ئۇ زېمىنمۇ ئۆزىدە تۇرۇۋاتقانلارنى قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ. | 25 |
၂၅သူတို့ ပြည်သည်လည်း ညစ်ညူး၏။ ညစ်ညူးသော အပြစ်ကြောင့် ငါဆုံးမ၍၊ ထိုပြည်သည် မိမိ သားတို့ကို အော့အန်လိမ့်မည်။
لېكىن سىلەر بولساڭلار مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىم بىلەن ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇڭلار؛ سىلەردىن ھېچكىم، مەيلى يەرلىك ياكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇق بولسۇن بۇ يىرگىنچلىك ئىشلاردىن ھېچبىرىنى قىلمىسۇن | 26 |
၂၆သင်တို့မူကား၊ ငါ့စီရင်ထုံးဖွဲ့ချက်တို့ကို စောင့်ရှောက်ရကြမည်။ ထိုပြည်သည် သင်တို့ရှေ့၌ရှိသော လူအမျိုးမျိုးတို့ကို အော့အန်သကဲ့သို့ တဖန် ညစ်ညူးခြင်းကိုခံ၍၊ သင်တို့ကို မအော့အန်စေခြင်းငှါ၊ ကိုယ်အမျိုးသားဖြစ်စေ၊
(چۈنكى بۇ بارلىق يىرگىنچلىك ئىشلارنى سىلەردىن ئىلگىرى شۇ زېمىندا تۇرغان خەلق قىلىپ كەلگەچكە، زېمىننىڭ ئۆزى ناپاك بولۇپ قالدى). | 27 |
၂၇သင်တို့တွင် တည်းနေသော တပါးအမျိုးသားဖြစ်စေ၊ ထိုသို့သော ရွံ့ရှာဘွယ် အမှုတို့ကို မပြုရ။
شۇنداق قىلىپ زېمىننى ناپاك قىلساڭلار، زېمىن ئۆزى سىلەردىن ئىلگىرى ئۆزىدە تۇرغان ئەللەرنى قۇسۇپ چىقارغاندەك، سىلەرنىمۇ قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ. | 28 |
၂၈သင်တို့ရှေ့၌ရှိသော ပြည်သားတို့သည် ထိုသို့သော ရွံ့ရှာဘွယ်အမှုတို့ကို ပြုသော အားဖြင့် သူတို့ပြည်သည် ညစ်ညူးခြင်းရှိ၏။
چۈنكى بۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنىڭ ھەرقاندىقىنى قىلغۇچى، ــ مۇنداق قىلمىشلارنى قىلغان ھەرقانداق كىشى ئۆز خەلقى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. | 29 |
၂၉ထိုသို့သော ရွံ့ရှာဘွယ်အမှုတို့ကို ပြုသောသူ မည်သည်ကား၊ သူ၏အမျိုးမှ ပယ်ရှင်းခြင်း ခံရမည်။
سىلەر مەن سىلەرگە تاپىلىغىنىمغا ئەمەل قىلىشىڭلار زۆرۈردۇر؛ ــ دېمەك، سىلەر ئۆزۈڭلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر تۇتقان شۇ يىرگىنچلىك رەسىم-قائىدىلەرنى تۇتۇپ، ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماسلىقىڭلار كېرەك. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. | 30 |
၃၀သို့ဖြစ်၍ သင်တို့ရှေ့၌ ပြူဘူးသော ထိုရွံ့ရှာဘွယ် ထုံးစံဓလေ့သို့ သင်တို့သည် လိုက်၍၊ ကိုယ့်ကိုကိုယ် မညစ်ညူးစေခြင်းငှါ၊ ငါ့ပညတ်တရားကို စောင့်ရှောက်ရကြမည်။ ငါသည် သင်တို့၏ ဘုရားသခင် ထာဝရဘုရားဖြစ်၏ဟု မိန့်တော်မူ၏။