< يۇھاننا 21 >

بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەيسا تىبېرىياس دېڭىزىنىڭ بويىدا مۇخلىسلىرىغا يەنە بىر قېتىم كۆرۈندى. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرۈنۈشى مۇنداق بولدى: 1
postea manifestavit se iterum Iesus ad mare Tiberiadis manifestavit autem sic
سىمون پېترۇس، «قوشكېزەك» دەپ ئاتالغان توماس، گالىلىيەدىكى كانالىق ناتانىيەل، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ۋە باشقا ئىككى مۇخلىس بىللە ئىدى. 2
erant simul Simon Petrus et Thomas qui dicitur Didymus et Nathanahel qui erat a Cana Galilaeae et filii Zebedaei et alii ex discipulis eius duo
سىمون پېترۇس: مەن بېلىق تۇتقىلى بارىمەن، ــ دېدى. كۆپچىلىك: بىزمۇ سەن بىلەن بىللە بارىمىز، ــ دېيىشتى. ئۇلار تاشقىرىغا چىقىپ، كېمىگە ئولتۇردى، لېكىن شۇ بىر كېچە ھېچنەرسە تۇتالمىدى. 3
dicit eis Simon Petrus vado piscari dicunt ei venimus et nos tecum et exierunt et ascenderunt in navem et illa nocte nihil prendiderunt
تاڭ ئاتاي دېگىنىدە، ئەيسا قىرغاقتا تۇراتتى، بىراق مۇخلىسلار ئۇنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى بىلمىدى. 4
mane autem iam facto stetit Iesus in litore non tamen cognoverunt discipuli quia Iesus est
شۇڭا ئەيسا: ــ بالىلار، سىلەردە يېگۈدەك بىر نەرسە يوققۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ــ يوق، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. 5
dicit ergo eis Iesus pueri numquid pulmentarium habetis responderunt ei non
ئەيسا ئۇلارغا ــ تورنى كېمىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە تاشلاڭلار، شۇنداق قىلساڭلار تۇتىسىلەر، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تورنى [شۇ ياققا] تاشلاپ، شۇنداق كۆپ بېلىق تۇتتىكى، ھەتتا تورنى تارتىپ چىقىرالماي قالدى. 6
dixit eis mittite in dexteram navigii rete et invenietis miserunt ergo et iam non valebant illud trahere a multitudine piscium
ئەيسا سۆيگەن مۇخلىس پېترۇسقا: ــ بۇ رەبقۇ! ــ دېدى. سىمون پېترۇس ئۇنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، تونىنى ئۆزىگە يۆگەپ (چۈنكى [بېلىنىڭ ئاستى] يالىڭاچ ئىدى) ئۆزىنى دېڭىزغا تاشلىدى. 7
dicit ergo discipulus ille quem diligebat Iesus Petro Dominus est Simon Petrus cum audisset quia Dominus est tunicam succinxit se erat enim nudus et misit se in mare
قىرغاقتىن ئانچە يىراق ئەمەس بولۇپ، تەخمىنەن ئىككى يۈز گەز يىراقلىقتا بولغاچقا، قالغان مۇخلىسلار بېلىق بىلەن تولغان تورنى تارتىپ كىچىك كېمىسى بىلەن قىرغاققا كەلدى. 8
alii autem discipuli navigio venerunt non enim longe erant a terra sed quasi a cubitis ducentis trahentes rete piscium
ئۇلار قىرغاققا چىققاندا، شاخاردىن يېقىلغان، ئۈستىدە بېلىق قويۇقلۇق گۈلخاننى ۋە ناننى كۆردى. 9
ut ergo descenderunt in terram viderunt prunas positas et piscem superpositum et panem
ئەيسا: ــ ئەمدى تۇتقان بېلىقىڭلاردىن ئەكېلىڭلار، ــ دېدى. 10
dicit eis Iesus adferte de piscibus quos prendidistis nunc
سىمون پېترۇس [كېمىگە] چىقىپ، تورنى قىرغاققا تارتىپ چىقاردى. تور چوڭ بېلىقلار بىلەن تولغان بولۇپ، جەمئىي بىر يۈز ئەللىك ئۈچ بېلىق بار ئىدى. بېلىق شۇنچە كۆپ بولغىنى بىلەن، تور يىرتىلمىغانىدى. 11
ascendit Simon Petrus et traxit rete in terram plenum magnis piscibus centum quinquaginta tribus et cum tanti essent non est scissum rete
ئەيسا: ــ كېلىڭلار، ناشتا قىلىڭلار، ــ دېدى. مۇخلىسلارنىڭ ئىچىدىن ھېچكىم ئۇنىڭدىن: ــ سەن كىم بولىسەن؟ ــ دەپ سوراشقا پېتىنالمىدى. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى بىلدى. 12
dicit eis Iesus venite prandete et nemo audebat discentium interrogare eum tu quis es scientes quia Dominus esset
ئەيسا ناننى ئەكىلىپ ئۇلارغا بەردى ھەم بېلىقلارنىمۇ شۇنداق قىلدى. 13
et venit Iesus et accepit panem et dat eis et piscem similiter
مانا بۇ ئەيسانىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىپ، ئۆزىنى مۇخلىسلىرىغا ئۈچىنچى قېتىم ئايان قىلىشى ئىدى. 14
hoc iam tertio manifestatus est Iesus discipulis cum surrexisset a mortuis
ئۇلار ناشتا قىلغاندىن كېيىن، ئەيسا سىمون پېترۇستىن: ــ يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، سەن مېنى بۇلاردىنمۇ چوڭقۇر سۆيەمسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ــ شۇنداق رەب، مېنىڭ سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى سەن بىلىسەن! ــ دېدى پېترۇس. ئەيسا ئۇنىڭغا: ئۇنداقتا، قوزىلىرىمنى ئوتلىتىپ باق! ــ دېدى. 15
cum ergo prandissent dicit Simoni Petro Iesus Simon Iohannis diligis me plus his dicit ei etiam Domine tu scis quia amo te dicit ei pasce agnos meos
ئۇ ئىككىنچى قېتىم يەنە ئۇنىڭدىن: ــ يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، مېنى سۆيەمسەن؟ ــ دەپ سورىدى. پېترۇس يەنە: ــ شۇنداق، رەب، مېنىڭ سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىسەن، ــ دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداقتا، قويلىرىمنى باق، ــ دېدى. 16
dicit ei iterum Simon Iohannis diligis me ait illi etiam Domine tu scis quia amo te dicit ei pasce agnos meos
ئۈچىنچى قېتىم ئۇنىڭدىن يەنە: ــ يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، مېنى سۆيەمسەن؟ ــ دەپ سورىدى. پېترۇس ئەيسانىڭ ئۈچىنچى قېتىم ئۆزىدىن: «مېنى سۆيەمسەن؟» دەپ سورىغانلىقىغا كۆڭلى يېرىم بولۇپ: ــ رەب، سەن ھەممىنى بىلىسەن، سېنى سۆيىدىغانلىقىمنىمۇ بىلىسەن، ــ دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداقتا، قويلىرىمنى ئوتلات. 17
dicit ei tertio Simon Iohannis amas me contristatus est Petrus quia dixit ei tertio amas me et dicit ei Domine tu omnia scis tu scis quia amo te dicit ei pasce oves meas
بەرھەق، بەرھەق، ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ياش ۋاقتىڭدا بېلىڭنى ئۆزۈڭ باغلاپ، قەيەرگە باراي دېسەڭ شۇ يەرگە ماڭاتتىڭ؛ لېكىن ياشانغاندا، قوللىرىڭنى ئۇزىتىسەن ۋە باشقا بىرسى سېنى باغلاپ، سەن خالىمايدىغان يەرگە ئېلىپ كېتىدۇ، ــ دېدى. 18
amen amen dico tibi cum esses iunior cingebas te et ambulabas ubi volebas cum autem senueris extendes manus tuas et alius te cinget et ducet quo non vis
ئەيسا بۇ سۆزنى پېترۇسنىڭ قانداق ئۆلۈش ئارقىلىق خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېيتتى. ئاندىن، ئۇنىڭغا يەنە: ــ ماڭا ئەگەشكۈچى بولغىن، ــ دېدى. 19
hoc autem dixit significans qua morte clarificaturus esset Deum et hoc cum dixisset dicit ei sequere me
پېترۇس كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئەيسا سۆيىدىغان مۇخلىسنىڭ ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى (بۇ مۇخلىس كەچلىك تاماقتا ئەيسانىڭ قۇچىقىغا يۆلىنىپ: «ئى رەب، سېنى تۇتۇپ بېرىدىغان كىمدۇ؟» دەپ سورىغان مۇخلىس ئىدى). 20
conversus Petrus vidit illum discipulum quem diligebat Iesus sequentem qui et recubuit in cena super pectus eius et dixit Domine quis est qui tradit te
پېترۇس ئۇنى كۆرۈپ، ئەيسادىن: ــ ئى رەب، بۇ ئادەم كېيىن قانداق بولار؟ ــ دەپ سورىدى. 21
hunc ergo cum vidisset Petrus dicit Iesu Domine hic autem quid
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر مەن قايتا كەلگۈچە ئۇنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى خالىساممۇ، سېنىڭ بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ؟! ماڭا ئەگەشكۈچى بولغىن، ــ دېدى. 22
dicit ei Iesus si sic eum volo manere donec veniam quid ad te tu me sequere
بۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلار ئارىسىدا «ھېلىقى مۇخلىس ئۆلمەيدۇ» دېگەن گەپ تارقالدى. لېكىن ئەيسا پېترۇسقا: «ئۇ ئۆلمەيدۇ» دېمىگەنىدى، بەلكى پەقەت: «ئەگەر مەن قايتا كەلگۈچە ئۇنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى خالىساممۇ، سېنىڭ بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ؟!» دېگەنىدى. 23
exivit ergo sermo iste in fratres quia discipulus ille non moritur et non dixit ei Iesus non moritur sed si sic eum volo manere donec venio quid ad te
بۇ ئىشلارغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى ھەمدە بۇ ئىشلارنى خاتىرىلىگۈچى ئەنە شۇ مۇخلىستۇر. ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. 24
hic est discipulus qui testimonium perhibet de his et scripsit haec et scimus quia verum est testimonium eius
ئەيسا بۇلاردىن باشقا نۇرغۇن ئىشلارنىمۇ قىلغانىدى؛ ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ يېزىلغان بولسا، مېنىڭچە يېزىلغان كىتابلار پۈتكۈل ئالەمنىڭ ئۆزىگە سىغمايتتى! 25
sunt autem et alia multa quae fecit Iesus quae si scribantur per singula nec ipsum arbitror mundum capere eos qui scribendi sunt libros amen

< يۇھاننا 21 >