شۇنداق بولدىكى، يەرەمىيا ئۇلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە سۆزلىرىنى بارلىق خەلققە ئېيتىپ تۈگەتتى (خۇداسى پەرۋەردىگار يەرەمىيانى ئۇلارغا بۇ بارلىق سۆزلەرنى ئېيتىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن)، ــ | 1 |
یەرمیا هەموو فەرمایشتەکانی یەزدانی پەروەردگاریانی بە هەموو گەل ڕاگەیاند کە یەزدان پێی ڕایسپاردبوو. کاتێک تەواو بوو، |
شۇنىڭ بىلەن ھوشىيانىڭ ئوغلى ئازارىيا ۋە كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ۋە شۇنداقلا بارلىق ھالى چوڭ ئادەملەر يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن يالغان ئېيتىۋاتىسەن! خۇدايىمىز پەرۋەردىگار سېنى بىزگە: «سىلەر مىسىردا ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن بارماڭلار!» دېيىشكە ئەۋەتكەن ئەمەس؛ | 2 |
عەزەریای کوڕی هۆشەعیا و یۆحانانی کوڕی قارێیەح و هەموو پیاوە لووتبەرزەکان قسەیان لەگەڵ یەرمیا کرد و گوتیان: «تۆ درۆ دەکەیت! یەزدانی پەروەردگارمان تۆی نەناردووە هەتا بڵێت:”مەچنە میسر بۆ ئەوەی لەوێ نیشتەجێ بن.“ |
بەلكى نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇق چوقۇم سېنى بىزگە قارشىلاشتۇرۇپ، بىزنى كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇشقا كۈشكۈرتمەكتە؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىزنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدۇ ياكى بىزنى بابىلغا سۈرگۈن قىلىدۇ». | 3 |
بەڵکو باروخی کوڕی نێرییا تۆی لە ئێمە هانداوە تاوەکو بماندەیتە دەست بابلییەکان، بۆ ئەوەی بمانکوژن یان بۆ بابل ڕاپێچمان بکەن.» |
شۇنىڭ بىلەن كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان، لەشكەر باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى ۋە بارلىق خەلق پەرۋەردىگارنىڭ: «يەھۇدا زېمىنىدا تۇرۇپ قېلىڭلار» دېگەن ئاۋازىغا قۇلاق سالمىدى؛ | 4 |
ئیتر یۆحانانی کوڕی قارێیەح و هەموو سەرلەشکرەکان و هەموو گەل کەسیان گوێڕایەڵی یەزدان نەبوون هەتا لە خاکی یەهودا ئۆقرە بگرن. |
بەلكى كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ۋە بارلىق لەشكەر باشلىقلىرى ھەيدىۋېتىلگەن بارلىق ئەللەردىن يەھۇدا زېمىنىدا ئولتۇراقلىشىشقا قايتىپ كەلگەن يەھۇدانىڭ پۈتۈن قالدىسىنى، | 5 |
بەڵکو یۆحانانی کوڕی قارێیەح و هەموو سەرلەشکرەکان، هەموو پاشماوەی یەهودایان برد، ئەوانەی لەناو ئەو نەتەوانەوە گەڕابوونەوە کە پەرتەوازە ببوون بۆ لایان، بۆ ئەوەی لە خاکی یەهودا بژین. |
يەنى ئەرلەر، قىز-ئاياللار، بالىلار ۋە پادىشاھنىڭ قىزلىرىنى، جۈملىدىن قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىياغا تاپشۇرغان ھەربىر كىشىنى ھەمدە يەرەمىيا پەيغەمبەر ھەم نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇقنى ئېلىپ، | 6 |
پیاو و ژن و منداڵ و کچەکانی پاشا و هەموو ئەوانەیان برد کە نەبوزەرەدانی فەرماندەی پاسەوانانی پاشا لەلای گەدەلیاهوی کوڕی ئەحیقام کوڕی شافان بەجێی هێشتبوون. هەروەها یەرمیای پێغەمبەر و باروخی کوڕی نێرییاش لەگەڵیان بوون. |
مىسىر زېمىنىغا كىرىپ كەلدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلمىدى. ئۇلار تاھپانەس شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. | 7 |
جا چوونە ناو خاکی میسر، گوێڕایەڵی یەزدان نەبوون و هەتا تەحپەنحێس چوون. |
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا تاھپانەستە كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 8 |
ئینجا لە تەحپەنحێس فەرمایشتی یەزدان بۆ یەرمیا هات، پێی فەرموو: |
يەھۇدىيلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا، قولۇڭغا بىرنەچچە چوڭ تاشلارنى ئېلىپ پىرەۋننىڭ تاھپانەستىكى ئوردىسىنىڭ كىرىش يولىنىڭ يېنىدىكى خىشلىق يولدىكى سېغىز لايغا كۆمۈپ يوشۇرۇپ، | 9 |
«لەگەڵ دەستت هەندێک بەردی گەورە ببە و لەبەرچاوی پیاوانی یەهودا، بیانخە ژێر قوڕەوە، لەو بەردڕێژەی لە بەردەرگای کۆشکی فیرعەونە لە تەحپەنحێس. |
ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن مېنىڭ قۇلۇم بولغان بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنى چاقىرىپ ئېپكېلىمەن، ئۇ مەن كۆمۈپ يوشۇرغان بۇ تاشلار ئۈستىگە ئۆز تەختىنى سالىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە شاھانە چېدىرىنى يېيىپ تىكىدۇ. | 10 |
پێیان بڵێ:”یەزدانی سوپاسالار، خودای ئیسرائیل ئەمە دەفەرموێت: من دەنێرم و نەبوخودنەسری پاشای بابل، خزمەتکارەکەم، دەهێنم و تەختەکەی لەسەر ئەم بەردانە دادەنێم کە چەقاندم، ئەویش چەتری تەختەکەی بەسەردا هەڵدەدات. |
ئۇ كېلىپ مىسىر زېمىنىدا جەڭ قىلىدۇ؛ ئۆلۈمگە بېكىتىلگەنلەر ئۆلىدۇ؛ سۈرگۈن بولۇشقا بېكىتىلگەنلەر سۈرگۈن بولىدۇ؛ قىلىچقا بېكىتىلگەنلەر قىلىچلىنىدۇ. | 11 |
جا دێت و لە خاکی میسر دەدات، ئەوەی بۆ مردنە بۆ مردن، ئەوەی بۆ دیلیێتیە بۆ دیلیێتی، ئەوەی بۆ شمشێرە بۆ شمشێر. |
مەن مىسىردىكى بۇتلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت ياقتۇرغۇزىمەن؛ ئۇ ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ، بۇتلىرىنى ئېلىپ سۈرگۈن قىلىدۇ؛ قوي پادىچىسى ئۆز تونىنى كىيگەندەك نېبوقادنەسارمۇ مىسىر زېمىنىنى ئۆزىگە كىيىۋالىدۇ؛ ئۇ شۇ يەردىن ئامان-ئېسەن چىقىدۇ. | 12 |
ئینجا ئاگر بەردەداتە پەرستگاکانی خوداوەندەکانی میسر، پەرستگاکان دەسووتێنێت و خوداوەندەکانیان ڕاپێچ دەکات. خاکی میسر لە خۆی دەپێچێتەوە، وەک چۆن شوان کەواکەی لە خۆی دەپێچێتەوە، ئینجا لەوێوە بە سەلامەتی دەردەچێت. |
ئۇ مىسىر زېمىنىدىكى «قۇياش ئىبادەتخانىسى»دىكى تۈۋرۈكلەرنى چېقىۋېتىدۇ؛ ئۇ مىسىردىكى بۇتلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ. | 13 |
کۆڵەکەکانی پەرستگای خۆر لە خاکی میسر دەشکێنێت، پەرستگاکانی خوداوەندەکانی میسر بە ئاگر دەسووتێنێت.“» |