«ئى ئاراللار، مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاڭلار، يىراقتىكى ئەل-يۇرتلار، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار! بالىياتقۇدىكى چېغىمدىن تارتىپ پەرۋەردىگار مېنى چاقىردى؛ ئاپامنىڭ قورسىقىدىكى چېغىمدىن تارتىپ ئۇ مېنىڭ ئىسمىمنى تىلغا ئالدى؛ | 1 |
שִׁמְע֤וּ אִיִּים֙ אֵלַ֔י וְהַקְשִׁ֥יבוּ לְאֻמִּ֖ים מֵרָחֹ֑וק יְהוָה֙ מִבֶּ֣טֶן קְרָאָ֔נִי מִמְּעֵ֥י אִמִּ֖י הִזְכִּ֥יר שְׁמִֽי׃ |
ئۇ ئاغزىمنى ئۆتكۈر قىلىچتەك قىلدى؛ ئۆز قولىنىڭ سايىسى ئاستىدا مېنى يوشۇرۇپ كەلدى، مېنى سىلىقلانغان بىر ئوق قىلدى؛ ئۇ مېنى ئوقدېنىغا سېلىپ ساقلىدى، | 2 |
וַיָּ֤שֶׂם פִּי֙ כְּחֶ֣רֶב חַדָּ֔ה בְּצֵ֥ל יָדֹ֖ו הֶחְבִּיאָ֑נִי וַיְשִׂימֵ֙נִי֙ לְחֵ֣ץ בָּר֔וּר בְּאַשְׁפָּתֹ֖ו הִסְתִּירָֽנִי׃ |
ۋە ماڭا: «سەن بولساڭ ئۆزۈڭدە مېنىڭ گۈزەللىك-جۇلالىقىم ئايان قىلىنىدىغان ئۆز قۇلۇم ئىسرائىلدۇرسەن» ــ دېدى». | 3 |
וַיֹּ֥אמֶר לִ֖י עַבְדִּי־אָ֑תָּה יִשְׂרָאֵ֕ל אֲשֶׁר־בְּךָ֖ אֶתְפָּאָֽר׃ |
ئەمما مەن: ــ «مېنىڭ ئەجرىم بىكارغا كەتتى، ھېچنېمىگە ئېرىشمەي كۈچ-ماغدۇرۇمنى قۇرۇق سەرپ قىلدىم؛ شۇنداقتىمۇ باھالىنىشىم بولسا پەرۋەردىگاردىندۇر، مېنىڭ ئەجرىمنىمۇ خۇدايىمغا تاپشۇردۇم» ــ دېدىم؛ | 4 |
וַאֲנִ֤י אָמַ֙רְתִּי֙ לְרִ֣יק יָגַ֔עְתִּי לְתֹ֥הוּ וְהֶ֖בֶל כֹּחִ֣י כִלֵּ֑יתִי אָכֵן֙ מִשְׁפָּטִ֣י אֶת־יְהוָ֔ה וּפְעֻלָּתִ֖י אֶת־אֱלֹהָֽי׃ |
ئەمدى مېنى ئۆز قۇلى بولۇشقا، ياقۇپنى توۋا قىلىپ ئۇنىڭ يېنىغا قايتۇرۇشقا مېنى بالىياتقۇدا شەكىللەندۈرگەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ (ئىسرائىل قايتۇرۇلۇپ يېنىغا توپلانمىغان بولسىمۇ، مەن يەنىلا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە شان-شەرەپكە ئىگە بولدۇم، شۇنىڭدەك خۇدايىم مېنىڭ كۈچۈمدۇر) | 5 |
וְעַתָּ֣ה ׀ אָמַ֣ר יְהוָ֗ה יֹצְרִ֤י מִבֶּ֙טֶן֙ לְעֶ֣בֶד לֹ֔ו לְשֹׁובֵ֤ב יַֽעֲקֹב֙ אֵלָ֔יו וְיִשְׂרָאֵ֖ל לֹא (לֹ֣ו) יֵאָסֵ֑ף וְאֶכָּבֵד֙ בְּעֵינֵ֣י יְהוָ֔ה וֵאלֹהַ֖י הָיָ֥ה עֻזִּֽי׃ |
ــ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنىڭ ياقۇپ قەبىلىلىرىنى [گۇناھتىن قۇتقۇزۇپ] تۇرغۇزۇشقا، ھەمدە ئىسرائىلدىكى «ساقلانغان سادىقلار»نى بەختكە قايتۇرۇشقا قۇلۇم بولۇشۇڭ سەن ئۈچۈن زەررىچىلىك بىر ئىشتۇر؛ مەن تېخى سېنى ئەللەرگە نۇر بولۇشقا، يەر يۈزىنىڭ چەت-ياقىلىرىغىچە نىجاتىم بولۇشۇڭ ئۈچۈن سېنى ئاتىدىم». | 6 |
וַיֹּ֗אמֶר נָקֵ֨ל מִֽהְיֹותְךָ֥ לִי֙ עֶ֔בֶד לְהָקִים֙ אֶת־שִׁבְטֵ֣י יַעֲקֹ֔ב וּנְצִירֵי (וּנְצוּרֵ֥י) יִשְׂרָאֵ֖ל לְהָשִׁ֑יב וּנְתַתִּ֙יךָ֙ לְאֹ֣ור גֹּויִ֔ם לִֽהְיֹ֥ות יְשׁוּעָתִ֖י עַד־קְצֵ֥ה הָאָֽרֶץ׃ ס |
ئەمدى ئىسرائىلنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى، ئۇنىڭدىكى مۇقەددەس بولغۇچى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئادەملەر ئىچ-ئىچىدىن نەپرەتلىنىدىغان كىشىگە، يەنى كۆپچىلىك لەنىتىي دەپ قارىغان، ئەمەلدارلارغا قۇل قىلىنغان كىشىگە مۇنداق دەيدۇ: ــ «سۆزىدە تۇرغۇچى پەرۋەردىگار، يەنى سېنى تاللىغان ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن، پادىشاھلار كۆزلىرىنى ئېچىپ كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئەمەلدارلارمۇ باش ئۇرىدۇ؛ | 7 |
כֹּ֣ה אָֽמַר־יְהוָה֩ גֹּאֵ֨ל יִשְׂרָאֵ֜ל קְדֹושֹׁ֗ו לִבְזֹה־נֶ֜פֶשׁ לִמְתָ֤עֵֽב גֹּוי֙ לְעֶ֣בֶד מֹשְׁלִ֔ים מְלָכִים֙ יִרְא֣וּ וָקָ֔מוּ שָׂרִ֖ים וְיִֽשְׁתַּחֲוּ֑וּ לְמַ֤עַן יְהוָה֙ אֲשֶׁ֣ר נֶאֱמָ֔ן קְדֹ֥שׁ יִשְׂרָאֵ֖ל וַיִּבְחָרֶֽךָּ׃ |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «شاپائەت كۆرسىتىلىدىغان بىر پەيتتە دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىشنى بېكىتكەنمەن، نىجات-قۇتقۇزۇلۇش يەتكۈزۈلىدىغان بىر كۈنىدە مەن ساڭا ياردەمدە بولۇشۇمنى بېكىتكەنمەن؛ مەن سېنى قوغدايمەن، سېنى خەلقىمگە ئەھدە سۈپىتىدە بېرىمەن؛ شۇنداق قىلىپ سەن زېمىننى ئەسلىگە كەلتۈرىسەن، [خەلقىمنى] خارابە بولۇپ كەتكەن مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلدۇرىسەن، | 8 |
כֹּ֣ה ׀ אָמַ֣ר יְהוָ֗ה בְּעֵ֤ת רָצֹון֙ עֲנִיתִ֔יךָ וּבְיֹ֥ום יְשׁוּעָ֖ה עֲזַרְתִּ֑יךָ וְאֶצָּרְךָ֗ וְאֶתֶּנְךָ֙ לִבְרִ֣ית עָ֔ם לְהָקִ֣ים אֶ֔רֶץ לְהַנְחִ֖יל נְחָלֹ֥ות שֹׁמֵמֹֽות׃ |
سەن مەھبۇسلارغا: «بۇياققا كېلىڭلار»، قاراڭغۇلۇقتا ئولتۇرغانلارغا: «نۇرغا چىقىڭلار» ــ دەيسەن؛ ئۇلار يوللار بويىدىمۇ ئوتلاپ يۈرىدۇ، ھەتتا ھەربىر تاقىر تاغلاردىن ئوزۇقلۇق تاپىدۇ؛ | 9 |
לֵאמֹ֤ר לַֽאֲסוּרִים֙ צֵ֔אוּ לַאֲשֶׁ֥ר בַּחֹ֖שֶׁךְ הִגָּל֑וּ עַל־דְּרָכִ֣ים יִרְע֔וּ וּבְכָל־שְׁפָיִ֖ים מַרְעִיתָֽם׃ |
ئۇلار ئاچ قالمايدۇ، ئۇسساپ كەتمەيدۇ؛ تومۇز ئىسسىقمۇ، قۇياش تەپتىمۇ ئۇلارنى ئۇرمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلارغا رەھىم قىلغۇچى ئۇلارنى يېتەكلەيدۇ، ئۇ ئۇلارغا بۇلاقلارنى بويلىتىپ يول باشلايدۇ. | 10 |
לֹ֤א יִרְעָ֙בוּ֙ וְלֹ֣א יִצְמָ֔אוּ וְלֹא־יַכֵּ֥ם שָׁרָ֖ב וָשָׁ֑מֶשׁ כִּי־מְרַחֲמָ֣ם יְנַהֲגֵ֔ם וְעַל־מַבּ֥וּעֵי מַ֖יִם יְנַהֲלֵֽם׃ |
شۇنىڭدەك مەن بارلىق تاغلىرىمنى يول قىلىمەن، مېنىڭ يوللىرىم بولسا ئېگىز كۆتۈرۈلىدۇ. | 11 |
וְשַׂמְתִּ֥י כָל־הָרַ֖י לַדָּ֑רֶךְ וּמְסִלֹּתַ֖י יְרֻמֽוּן׃ |
مانا، مۇشۇ كىشىلەر يىراقتىن كېلىۋاتىدۇ، مانا، بۇلار بولسا شىمالدىن ۋە غەربتىن كېلىۋاتىدۇ، ھەم مۇشۇلار سىنىم زېمىنىدىنمۇ كېلىۋاتىدۇ. | 12 |
הִנֵּה־אֵ֕לֶּה מֵרָחֹ֖וק יָבֹ֑אוּ וְהִֽנֵּה־אֵ֙לֶּה֙ מִצָּפֹ֣ון וּמִיָּ֔ם וְאֵ֖לֶּה מֵאֶ֥רֶץ סִינִֽים׃ |
خۇشاللىقتىن توۋلاڭلار، ئى ئاسمانلار؛ ئى يەر-زېمىن، شادلان؛ ناخشىلارنى ياڭرىتىڭلار، ئى تاغلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە تەسەللى بەردى، ئۆزىنىڭ خار بولغان پېقىر-مۆمىنلىرىگە رەھىم قىلىدۇ. | 13 |
רָנּ֤וּ שָׁמַ֙יִם֙ וְגִ֣ילִי אָ֔רֶץ יִפְצְחוּ (וּפִצְח֥וּ) הָרִ֖ים רִנָּ֑ה כִּֽי־נִחַ֤ם יְהוָה֙ עַמֹּ֔ו וַעֲנִיָּ֖ו יְרַחֵֽם׃ ס |
بىراق زىئون بولسا: ــ «پەرۋەردىگار مەندىن ۋاز كەچتى، رەببىم مېنى ئۇنتۇپ كەتتى!» ــ دەيدۇ. | 14 |
וַתֹּ֥אמֶר צִיֹּ֖ון עֲזָבַ֣נִי יְהוָ֑ה וַאדֹנָ֖י שְׁכֵחָֽנִי׃ |
ئانا ئۆزى ئېمىتىۋاتقان بوۋىقىنى ئۇنتۇيالامدۇ؟ ئۆز قورسىقىدىن تۇغقان ئوغلىغا رەھىم قىلماي تۇرالامدۇ؟ ھەتتا ئۇلار ئۇنتۇغان بولسىمۇ، مەن سېنى ئۇنتۇيالمايمەن. | 15 |
הֲתִשְׁכַּ֤ח אִשָּׁה֙ עוּלָ֔הּ מֵרַחֵ֖ם בֶּן־בִּטְנָ֑הּ גַּם־אֵ֣לֶּה תִשְׁכַּ֔חְנָה וְאָנֹכִ֖י לֹ֥א אֶשְׁכָּחֵֽךְ׃ |
مانا، مەن سېنى ئۆز ئالقانلىرىمغا ئويۇپ پۈتكەنمەن؛ [خارابە] تاملىرىڭ ھەردائىم كۆز ئالدىمدىدۇر. | 16 |
הֵ֥ן עַל־כַּפַּ֖יִם חַקֹּתִ֑יךְ חֹומֹתַ֥יִךְ נֶגְדִּ֖י תָּמִֽיד׃ |
ئوغۇل بالىلىرىڭ [قايتىشقا] ئالدىرىۋاتىدۇ؛ ئەسلىدە سېنى ۋەيران قىلغانلار، خاراب قىلغانلار سېنىڭدىن يىراق كېتىۋاتىدۇ؛ | 17 |
מִֽהֲר֖וּ בָּנָ֑יִךְ מְהָֽרְסַ֥יִךְ וּמַחֲרִבַ֖יִךְ מִמֵּ֥ךְ יֵצֵֽאוּ׃ |
بېشىڭنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئەتراپىڭغا قاراپ باق! ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەم بولۇپ قېشىڭغا قايتىپ كېلىۋاتىدۇ! ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، سەن ئۇلارنى ئۆزۈڭگە زىبۇ-زىننەتلەر قىلىپ كىيىسەن؛ تويى بولىدىغان قىزدەك سەن ئۇلارنى تاقايسەن؛ | 18 |
שְׂאִֽי־סָבִ֤יב עֵינַ֙יִךְ֙ וּרְאִ֔י כֻּלָּ֖ם נִקְבְּצ֣וּ בָֽאוּ־לָ֑ךְ חַי־אָ֣נִי נְאֻם־יְהוָ֗ה כִּ֤י כֻלָּם֙ כָּעֲדִ֣י תִלְבָּ֔שִׁי וּֽתְקַשְּׁרִ֖ים כַּכַּלָּֽה׃ |
چۈنكى خارابە ھەم چۆلدەرەپ كەتكەن جايلىرىڭ، ۋەيران قىلىنغان زېمىنىڭ، ھازىر كېلىپ، تۇرماقچى بولغانلار تۈپەيلىدىن ساڭا تارچىلىق قىلىدۇ؛ ئەسلىدە سېنى يۇتۇۋالغانلار يىراقلاپ كەتكەن بولىدۇ. | 19 |
כִּ֤י חָרְבֹתַ֙יִךְ֙ וְשֹׁ֣מְמֹתַ֔יִךְ וְאֶ֖רֶץ הֲרִֽסֻתֵ֑יךְ כִּ֤י עַתָּה֙ תֵּצְרִ֣י מִיֹּושֵׁ֔ב וְרָחֲק֖וּ מְבַלְּעָֽיִךְ׃ |
سېنىڭدىن جۇدا قىلىنغان بالىلىرىڭ بولسا ساڭا: ــ «مۇشۇ جاي تۇرۇشۇمغا بەك تارچىلىق قىلىدۇ؛ ماڭا تۇرغۇدەك بىر جاينى بوشىتىپ بەرسەڭ!» ــ دەيدۇ؛ | 20 |
עֹ֚וד יֹאמְר֣וּ בְאָזְנַ֔יִךְ בְּנֵ֖י שִׁכֻּלָ֑יִךְ צַר־לִ֥י הַמָּקֹ֖ום גְּשָׁה־לִּ֥י וְאֵשֵֽׁבָה׃ |
سەن كۆڭلۈڭدە: ــ «مەن بالىلىرىمدىن ئايرىلىپ قالغان، غېرىب-مۇساپىر ۋە سۈرگۈن بولۇپ، ئۇيان-بۇيان ھەيدىۋېتىلگەن تۇرسام، كىم مۇشۇلارنى ماڭا تۇغۇپ بەردى؟ كىم ئۇلارنى بېقىپ چوڭ قىلدى؟ مانا، مەن غېرىب-يالغۇز قالدۇرۇلغانمەن؛ ئەمدى مۇشۇلار زادى نەدىن كەلگەندۇر؟» ــ دەيسەن. | 21 |
וְאָמַ֣רְתְּ בִּלְבָבֵ֗ךְ מִ֤י יָֽלַד־לִי֙ אֶת־אֵ֔לֶּה וַאֲנִ֥י שְׁכוּלָ֖ה וְגַלְמוּדָ֑ה גֹּלָ֣ה ׀ וְסוּרָ֗ה וְאֵ֙לֶּה֙ מִ֣י גִדֵּ֔ל הֵ֤ן אֲנִי֙ נִשְׁאַ֣רְתִּי לְבַדִּ֔י אֵ֖לֶּה אֵיפֹ֥ה הֵֽם׃ פ |
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن ئەللەرگە قولۇمنى كۆتۈرۈپ ئىشارەت قىلىمەن، ئەل-مىللەتلەرگە كۆرۈنىدىغان بىر تۇغنى تىكلەيمەن؛ ئۇلار ئوغۇللىرىڭنى قۇچىقىدا ئېلىپ كېلىشىدۇ؛ ئۇلار قىزلىرىڭنى ھاپاش قىلىپ كېلىدۇ. | 22 |
כֹּֽה־אָמַ֞ר אֲדֹנָ֣י יְהוִ֗ה הִנֵּ֨ה אֶשָּׂ֤א אֶל־גֹּויִם֙ יָדִ֔י וְאֶל־עַמִּ֖ים אָרִ֣ים נִסִּ֑י וְהֵבִ֤יאוּ בָנַ֙יִךְ֙ בְּחֹ֔צֶן וּבְנֹתַ֖יִךְ עַל־כָּתֵ֥ף תִּנָּשֶֽׂאנָה׃ |
پادىشاھلار بولسا، «ئاتاق دادىلىرىڭ،» خانىشلار بولسا ئىنىكئانىلىرىڭ بولىدۇ؛ ئۇلار ساڭا بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلىپ، پۇتلىرىڭ ئالدىدىكى چاڭ-توپىنىمۇ يالايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسەن؛ چۈنكى ماڭا ئۈمىد باغلاپ كۈتكەنلەر ھەرگىز يەرگە قاراپ قالمايدۇ. | 23 |
וְהָי֨וּ מְלָכִ֜ים אֹֽמְנַ֗יִךְ וְשָׂרֹֽותֵיהֶם֙ מֵינִ֣יקֹתַ֔יִךְ אַפַּ֗יִם אֶ֚רֶץ יִשְׁתַּ֣חֲווּ לָ֔ךְ וַעֲפַ֥ר רַגְלַ֖יִךְ יְלַחֵ֑כוּ וְיָדַ֙עַתְּ֙ כִּֽי־אֲנִ֣י יְהוָ֔ה אֲשֶׁ֥ר לֹֽא־יֵבֹ֖שׁוּ קֹוָֽי׃ ס |
ئولجىنى باتۇرلاردىن ئېلىۋالغىلى بولامدۇ؟ ھەققانىيەت جازاسى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بولسا قۇتۇلدۇرغىلى بولامدۇ؟ | 24 |
הֲיֻקַּ֥ח מִגִּבֹּ֖ור מַלְקֹ֑וחַ וְאִם־שְׁבִ֥י צַדִּ֖יק יִמָּלֵֽט׃ |
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ھەتتا باتۇرلاردىن ئەسىرلەرنىمۇ قايتۇرۇۋالغىلى، ئەشەددىيلەردىن ئولجىنى قۇتقۇزىۋالغىلى بولىدۇ؛ ۋە سەن بىلەن دەۋالاشقانلار بىلەن مەنمۇ دەۋالىشىمەن، شۇنىڭ بىلەن بالىلىرىڭنى قۇتقۇزۇپ ئازاد قىلىمەن. | 25 |
כִּי־כֹ֣ה ׀ אָמַ֣ר יְהוָ֗ה גַּם־שְׁבִ֤י גִבֹּור֙ יֻקָּ֔ח וּמַלְקֹ֥וחַ עָרִ֖יץ יִמָּלֵ֑ט וְאֶת־יְרִיבֵךְ֙ אָנֹכִ֣י אָרִ֔יב וְאֶת־בָּנַ֖יִךְ אָנֹכִ֥י אֹושִֽׁיעַ׃ |
سېنى ئەزگۈچىلەرنى ئۆز گۆشى بىلەن ئۆزىنى ئوزۇقلاندۇرىمەن؛ ئۇلار يېڭى شاراب ئىچكەندەك ئۆز قېنى بىلەن مەست بولۇپ كېتىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ بارلىق ئەت ئىگىلىرى مەن پەرۋەردىگارنىڭ سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ ھەم ھەمجەمەت-نىجاتكارىڭ، ياقۇپقا كۈچ-قۇدرەت بولغۇچى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ. | 26 |
וְהַאֲכַלְתִּ֤י אֶת־מֹונַ֙יִךְ֙ אֶת־בְּשָׂרָ֔ם וְכֶעָסִ֖יס דָּמָ֣ם יִשְׁכָּר֑וּן וְיָדְע֣וּ כָל־בָּשָׂ֗ר כִּ֣י אֲנִ֤י יְהוָה֙ מֹֽושִׁיעֵ֔ךְ וְגֹאֲלֵ֖ךְ אֲבִ֥יר יַעֲקֹֽב׃ ס |