< يەشايا 31 >
ــ ياردەم ئىزدەپ مىسىرغا بارغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئاتلارغا تايىنىپ، كۆپ بولغانلىقىدىن جەڭ ھارۋىلىرىغا، ئىنتايىن كۈچلۈك بولغانلىقىدىن ئاتلىق ئەسكەرلەرگە ئىشىنىپ كەتتى! بىراق ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىغا قارىمايدۇ، پەرۋەردىگارنى ئىزدىمەيدۇ. | 1 |
Teško onima što slaze u Egipat po pomoć i nadu u konje polažu te se uzdaju u mnoga kola i u mnoštvo konjanika, ne gledajuć' s uzdanjem u Sveca Izraelova i od Jahve savjeta ne tražeć'.
بىراق ئۇمۇ دانادۇر! ئۇ كۈلپەت ئېلىپ كېلىدۇ، دېگەنلىرىنى قايتۇرۇۋالمايدۇ؛ ئۇ بۇزۇقلارنىڭ جەمەتىگە، شۇنداقلا قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا ياردەمدە بولغانلارغا قارشى ئورنىدىن قوزغىلىدۇ. | 2 |
Al' i on je mudar i navalit će zlo, i neće poreć' svojih prijetnja; on će ustat' na dom zlikovački i na pomoć zločinačku.
مىسىرلىقلار تەڭرى ئەمەس، ئادەملەر خالاس؛ ئۇلارنىڭ ئاتلىرى بولسا روھتىن ئەمەس، ئەتتىن خالاس؛ پەرۋەردىگار بولسا قولىنى ئۇزارتىدۇ، ياردەم بەرگۈچى بولسا پۇتلىشىدۇ؛ ياردەم بېرىلگۈچى بولسا يىقىلىدۇ؛ ئۇلار ھەممىسى بىراقلا يوقىلىدۇ. | 3 |
Egipćanin je čovjek, a ne Bog; konji su mu meso, a ne duh; kada Jahve rukom mahne, posrnut će pomagač i past će onaj komu pomaže - svi će zajedno propasti.
چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېگەن: ــ «ئوۋنى تۇتۇۋالغان شىر ياكى ئارسلاننى بىر تەرەپ قىلىشقا توپ-توپ پادىچىلار چاقىرىلغاندا، شىر ياكى ئارسلان ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرىدىن ھېچ قورقماي، شاۋقۇنلىرىدىن ھېچ ھودۇقماي، بەلكى ئوۋنى ئاستىغا بېسىۋېلىپ غار-غۇر تالىغىنىدەك، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارمۇ ئوخشاشلا زىئون تېغى ۋە ئېگىزلىكلىرى ئۈچۈن چۈشۈپ جەڭ قىلىدۇ. | 4 |
Da, ovako mi reče Jahve: Kao što lav ili lavić nad plijenom reži, pa i kad se strči na njega mnoštvo pastira, on se ne prepada vike njihove, nit' za njihovu graju mari - tako će Jahve nad Vojskama sići da vojuje za goru Sion, za visinu njezinu.
ئۈستىدە پەرۋاز قىلىدىغان قۇشلاردەك ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز قانىتى ئاستىغا يېرۇسالېمنى ئالىدۇ؛ قانىتى ئاستىغا ئېلىپ، زىئوننى قۇتقۇزىدۇ؛ ئۇنىڭ «ئۆتۈپ كېتىشى» بىلەن زىئون نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. | 5 |
Kao ptice što lepršaju krilima, Jahve nad Vojskama zaklanjat će Jeruzalem, zaklanjat' ga, izbaviti, poštedjet' ga i spasiti.
سىلەر دەھشەتلىك ئاسىيلىق قىلغان ئىگەڭلارنىڭ يېنىغا توۋا قىلىپ قايتىڭلار، ئى ئىسرائىل بالىلىرى! | 6 |
Vratite se onome od kog otpadoste tako duboko, sinovi Izraelovi.
چۈنكى شۇ كۈنىدە ئىنسانلار ھەربىرى ئۆزى ئۈچۈن ئۆز قولى بىلەن ياسىغان كۈمۈش بۇتلارنى ۋە ئالتۇن بۇتلارنى: ــ «گۇناھتۇر!» دەپ تاشلىۋېتىدۇ». | 7 |
Da, u onaj će dan svatko prezreti svoje kumire srebrne i zlatne što ih rukama sebi za grijeh načiniste.
«شۇ چاغدا ئاسۇرىيە قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ، بىراق باتۇرنىڭ قىلىچى بىلەن ئەمەس؛ بىر قىلىچ ئۇنى يۇتۇۋالىدۇ، بىراق قىلىچ ئادەتتىكى ئادەمنىڭكى بولمايدۇ؛ ئۇ جېنىنى ئېلىپ قىلىچتىن قاچماقچى بولىدۇ، ئارىسىدىكى يىگىتلىرى ئالۋانغا سېلىنىدۇ. | 8 |
Asur neće pasti od mača ljudskoga: proždrijet će ga mač, ali ne čovječji. Od mača će bježat', al' će mu satnici pod tlaku pasti.
ۋەھىمىدىن ئۇنىڭ «ئۇل تېشى» يوقايدۇ؛ ئۇنىڭ سەردارلىرى جەڭ تۇغىدىن ئالاقزادىلىشىدۇ» ــ دەپ جاكارلايدۇ زىئوندا ئوتى كۆيىۋاتقان، يېرۇسالېمدا خۇمدېنى يالقۇنلاۋاتقان پەرۋەردىگار. | 9 |
Užasnut, ostavit će svoju hridinu, prestravljeni, knezovi od svoje će bježat' zastave - riječ je Jahve, čiji je oganj na Sionu i čija je peć u Jeruzalemu.