< ھوشىيا 2 >

ــ ئاناڭلارغا دەۋايىمنى يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشىڭلار؛ چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئايالىم ئەمەس ۋە مەن ئۇنىڭ ئېرى ئەمەس؛ ئۇ پاھىشىلىك تۇرقىنى چىرايىدىن، زىناخورلۇق ھالەتلىرىنى كۆكسىنىڭ ئارىسىدىن ياقاتسۇن! 1
אמרו לאחיכם עמי ולאחותיכם רחמה
2
ריבו באמכם ריבו--כי היא לא אשתי ואנכי לא אישה ותסר זנוניה מפניה ונאפופיה מבין שדיה
بولمىسا، مەن ئۇنى قىپ-يالىڭاچ قىلىپ قويىمەن، تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك ئانىدىن تۇغما قىلىپ قويىمەن؛ مەن ئۇنى خۇددى چۆل-باياۋانغا ئوخشاش قىلىمەن، ئۇنى بىر قاغجىراق يەرگە ئايلاندۇرىمەن، ئۇنى ئۇسسۇزلۇق بىلەن ئۆلتۈرىمەن؛ 3
פן אפשיטנה ערמה--והצגתיה כיום הולדה ושמתיה כמדבר ושתה כארץ ציה והמתיה בצמא
ئۇنىڭ بالىلىرىغا رەھىم قىلمايمەن، چۈنكى ئۇلار پاھىشىلىكلەردىن تۆرەلگەن بالىلاردۇر. 4
ואת בניה לא ארחם כי בני זנונים המה
چۈنكى ئۇلارنىڭ ئانىسى پاھىشىلىك قىلغان، ئۇلارنى قارنىدا كۆتۈرگۈچى نومۇسسىزلىق قىلغان؛ چۈنكى ئۇ: «مەن ماڭا نان ۋە سۈيۈمنى، يۇڭ ۋە كاناپىمنى، زەيتۇن مېيىم ۋە ئىچىملىك-شارابلىرىمنى تەمىنلىگۈچى ئاشنىلىرىمغا ئىنتىلىپ ئۇلارنى قوغلىشىمەن» ــ دېدى. 5
כי זנתה אמם הבישה הורתם כי אמרה אלכה אחרי מאהבי נתני לחמי ומימי צמרי ופשתי שמני ושקויי
ــ شۇڭا مانا، مەن يولۇڭنى تىكەن-جىغانلىقلار بىلەن چىتلاپ قورشىۋالىمەن، [ئىسرائىلنىڭ] ئەتراپىنى تام بىلەن توسىمەن، ئۇ چىغىر يوللىرىنى تاپالمايدىغان بولىدۇ. 6
לכן הנני שך את דרכך בסירים וגדרתי את גדרה ונתיבותיה לא תמצא
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاشنىلىرىنى قوغلايدۇ، بىراق ئۇلارغا يېتىشەلمەيدۇ؛ ئۇلارنى ئىزدەيدۇ، تاپالمايدۇ؛ شۇڭلاشقا ئۇ: «مەن بېرىپ بىرىنچى ئېرىمنى تېپىپ، ئۇنىڭ يېنىغا قايتىمەن؛ چۈنكى ئەھۋالىم بۈگۈنكىدىن ياخشى ئىدى» ــ دەيدۇ. 7
ורדפה את מאהביה ולא תשיג אתם ובקשתם ולא תמצא ואמרה אלכה ואשובה אל אישי הראשון--כי טוב לי אז מעתה
ــ ئۇ زىرائەتلەرنى، يېڭى شاراب ۋە زەيتۇن مېيىنى تەمىنلىگۈچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى، ئۆزلىرى «بائال» بۇتلارنى ياساشقا ئىشلەتكەن كۈمۈش-ئالتۇننى كۆپ قىلغۇچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى زادى بىلمىدى. 8
והיא לא ידעה כי אנכי נתתי לה הדגן והתירוש והיצהר וכסף הרביתי לה וזהב עשו לבעל
شۇڭا مەن قايتىپ كېلىمەن، ئۇنىڭدىكى زىرائەتلىرىمنى ئۆز ۋاقتىدا، يېڭى شارابلىرىمنى ئۆز پەسلىدە ئېلىپ كېتىمەن، ئۆزۈمدىكى ئۇلارنىڭ يالىڭاچلىقىنى يېپىشقا كېرەكلىك يۇڭ-كاناپلىرىمنى بەرمەي قايتۇرۇپ كېتىمەن؛ 9
לכן אשוב--ולקחתי דגני בעתו ותירושי במועדו והצלתי צמרי ופשתי לכסות את ערותה
ھازىر مەن ئۇنىڭ نومۇسسىزلىقىنى ئاشنىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارىلايمەن، ھېچكىم ئۇنى قولۇمدىن قۇتقۇزالمايدۇ. 10
ועתה אגלה את נבלתה לעיני מאהביה ואיש לא יצילנה מידי
شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ تاماشالىرىغا خاتىمە بېرىمەن؛ ئۇنىڭ ھېيتلىرىغا! ئۇنىڭ «يېڭى ئاي»لىرىغا! ئۇنىڭ «شابات»لىرىغا! قىسقىسى، ئۇنىڭ بارلىق «جامائەت ئىبادەت سورۇن»لىرىغا خاتىمە بېرىمەن! 11
והשבתי כל משושה חגה חדשה ושבתה--וכל מועדה
ۋە مەن ئۇنىڭ ئۈزۈم تاللىرىنى ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرىنى ۋەيران قىلىمەن؛ ئۇ بۇلارنى: «بۇلار بولسا ئاشنىلىرىم ماڭا بەرگەن ئىش ھەققىلىرىمدۇر!» دېگەنىدى؛ مەن بۇلارنى جاڭگالغا ئايلاندۇرىمەن، ياۋايى ھايۋانلار ئۇلارنى يەپ كېتىدۇ. 12
והשמתי גפנה ותאנתה אשר אמרה אתנה המה לי אשר נתנו לי מאהבי ושמתים ליער ואכלתם חית השדה
مەن ئۇنىڭ بېشىغا «بائال»لارنىڭ كۈنلىرىنى چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى ئۇ [شۇ كۈنلىرىدە] ئۇلارغا ئىسرىق سالاتتى، ئۇ ئۆزىنى ئۈزۈكلىرى ۋە زىبۇ-زىننەتلىرى بىلەن پەردازلاپ، ئاشنىلىرىنى قوغلىشىپ، مېنى ئۇنتۇدى ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 13
ופקדתי עליה את ימי הבעלים אשר תקטיר להם ותעד נזמה וחליתה ותלך אחרי מאהביה ואתי שכחה נאם יהוה
شۇڭا مانا، مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالىمەن، ئۇنى دالاغا ئېلىپ كېلىمەن، كۆڭلىگە سۆزلەيمەن. 14
לכן הנה אנכי מפתיה והלכתיה המדבר ודברתי על לבה
شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭغا شۇ يەردە ئۈزۈمزارلىرىنى قايتۇرىمەن، «ئاقور جىلغىسى»نى «ئۈمىد ئىشىكى» قىلىپ بېرىمەن؛ ئاندىن ئۇ شۇ يەردە ياشلىق كۈنلىرىدىكىدەك، مىسىر زېمىنىدىن چىققان كۈنىدەك كۈي-ناخشا ئېيتىدۇ. 15
ונתתי לה את כרמיה משם ואת עמק עכור לפתח תקוה וענתה שמה כימי נעוריה וכיום עלותה מארץ מצרים
ۋە شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ«سەن مېنى «ئېرىم» دەپ چاقىرىسەن، ئىككىنچى مېنى «بائال»ىم دېمەيسەن. 16
והיה ביום ההוא נאם יהוה תקראי אישי ולא תקראי לי עוד בעלי
چۈنكى مەن «بائال»لارنىڭ ناملىرىنى سېنىڭ ئاغزىڭدىن ئېلىپ تاشلايمەن، ئۇلار بۇ نامى بىلەن ئىككىنچى ھېچقانداق ئەسلەنمەيدۇ. 17
והסרתי את שמות הבעלים מפיה ולא יזכרו עוד בשמם
شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلار ئۈچۈن دالادىكى ھايۋانلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ۋە يەر يۈزىدىكى ئۆمۈلىگۈچىلەر بىلەن ئەھدە تۈزىمەن؛ مەن ئوقيا، قىلىچ ۋە جەڭنى سۇندۇرۇپ زېمىندىن ئېلىپ تاشلايمەن؛ [خەلقىمنى] ئامان-ئېسەن ياتقۇزىمەن. 18
וכרתי להם ברית ביום ההוא עם חית השדה ועם עוף השמים ורמש האדמה וקשת וחרב ומלחמה אשבור מן הארץ והשכבתים לבטח
شۇنداق قىلىپ مەن سېنى ئەبەدىلئەبەد ئۆزۈمگە باغلايمەن؛ ھەققانىيلىقتا، مېھىر-مۇھەببەتتە، رەھىم-شەپقەتلەردە سېنى ئۆزۈمگە باغلايمەن؛ 19
וארשתיך לי לעולם וארשתיך לי בצדק ובמשפט ובחסד וברחמים
ساداقەتلىكتە سېنى ئۆزۈمگە باغلايمەن، شۇنىڭ بىلەن سەن پەرۋەردىگارنى بىلىپ يېتىسەن. 20
וארשתיך לי באמונה וידעת את יהוה
ۋە شۇ كۈنىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، «مەن ئاڭلايمەن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ «مەن ئاسمانلارنىڭ تەلىپىنى ئاڭلايمەن، بۇلار يەر-زېمىننىڭ تەلىپىنى ئاڭلايدۇ؛ 21
והיה ביום ההוא אענה נאם יהוה--אענה את השמים והם יענו את הארץ
يەر-زېمىن زىرائەتلەرنىڭ، يېڭى شاراب ۋە زەيتۇن مېيىنىڭ تەلىپىنى ئاڭلايدۇ؛ ۋە بۇلار «يىزرەئەل»نىڭ تەلىپىنى ئاڭلايدۇ! 22
והארץ תענה את הדגן ואת התירוש ואת היצהר והם יענו את יזרעאל
ۋە مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ئۇنى زېمىندا تېرىيمەن؛ مەن «لو-رۇھاماھ»غا رەھىم قىلىمەن؛ مەن «لو-ئاممى»غا: «مېنىڭ خەلقىم!» دەيمەن؛ ۋە ئۇلار مېنى: «مېنىڭ خۇدايىم!» ــ دەيدۇ. 23
וזרעתיה לי בארץ ורחמתי את לא רחמה ואמרתי ללא עמי עמי אתה והוא יאמר אלהי

< ھوشىيا 2 >