< يارىتىلىش 16 >
ئەمما ئابرامنىڭ ئايالى ساراي ئۇنىڭغا ھېچ بالا تۇغۇپ بەرمىدى؛ لېكىن ئۇنىڭ ھەجەر ئىسىملىك مىسىرلىق بىر دېدىكى بار ئىدى؛ | 1 |
Emma Abramning ayali Saray uninggha héch bala tughup bermidi; lékin uning Hejer isimlik misirliq bir dédiki bar idi;
ساراي ئابرامغا: ــ مانا، پەرۋەردىگار مېنى تۇغۇشتىن توستى. ئەمدى سەن مېنىڭ دېدىكىمنىڭ قېشىغا كىرگىن؛ بەلكىم ئۇ ئارقىلىق ئانا بولۇپ تىكلىنىشىم مۇمكىن، ــ دېدى. ئابرام بولسا ساراينىڭ سۆزىنى قوبۇل كۆردى. | 2 |
Saray Abramgha: — Mana, Perwerdigar méni tughushtin tosti. Emdi sen méning dédikimning qéshigha kirgin; belkim u arqiliq ana bolup tiklinishim mumkin, — dédi. Abram bolsa Sarayning sözini qobul kördi.
شۇنىڭ بىلەن ئابرامنىڭ ئايالى ساراي دېدىكى مىسىرلىق ھەجەرنى ئۆز ئېرى ئابرامغا توقاللىققا ئاپىرىپ بەردى (ئۇ ۋاقىتتا ئابرام قانائان زېمىنىدا ئون يىل ئولتۇرغانىدى). | 3 |
Shuning bilen Abramning ayali Saray dédiki misirliq Hejerni öz éri Abramgha toqalliqqa apirip berdi (u waqitta Abram Qanaan zéminida on yil olturghanidi).
ئابرام ھەجەرنىڭ قېشىغا كىردى ۋە ئۇ ھامىلىدار بولدى. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغىنىنى بىلگىنىدە، ئۇ ئايال خوجايىنىنى كۆزگە ئىلماس بولۇپ قالدى. | 4 |
Abram Hejerning qéshigha kirdi we u hamilidar boldi. Emma u özining hamilidar bolghinini bilginide, u ayal xojayinini közge ilmas bolup qaldi.
ساراي ئابرامغا قېيىداپ: ــ ماڭا چۈشكەن بۇ خورلۇق سېنىڭ بېشىڭغا چۈشسۇن! مەن ئۆز دېدىكىمنى قۇچىقىڭغا سېلىپ بەردىم؛ ئەمدى ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغىنىنى كۆرگەندە مەن ئۇنىڭ نەزىرىدە كۆزگە ئىلىنمىدىم. خەير، پەرۋەردىگار سەن بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ھۆكۈم چىقارسۇن! ــ دېدى. | 5 |
Saray Abramgha qéyidap: — Manga chüshken bu xorluq séning béshinggha chüshsun! Men öz dédikimni quchiqinggha sélip berdim; emdi u özining hamilidar bolghinini körgende men uning neziride közge ilinmidim. Xeyr, Perwerdigar sen bilen méning otturimizda höküm chiqarsun! — dédi.
ئابرام سارايغا: ــ مانا، دېدىكىڭ ئۆز قولۇڭدىدۇر؛ ساڭا نېمە لايىق كۆرۈنسە ئۇنىڭغا شۇنى قىلغىن، ــ دېدى. بۇنىڭ بىلەن ساراي ئۇنىڭغا قاتتىقلىق قىلىشقا باشلىدى؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭ ئالدىدىن قېچىپ كەتتى. | 6 |
Abram Saraygha: — Mana, dédiking öz qolungdidur; sanga néme layiq körünse uninggha shuni qilghin, — dédi. Buning bilen Saray uninggha qattiqliq qilishqa bashlidi; buning bilen u uning aldidin qéchip ketti.
ئەمما پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنى چۆلدىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىدا، يەنى شۇر يولىنىڭ بويىدىكى بۇلاقنىڭ يېنىدىن تېپىپ، ئۇنىڭغا: | 7 |
Emma Perwerdigarning Perishtisi uni chöldiki bir bulaqning yénida, yeni Shur yolining boyidiki bulaqning yénidin tépip, uninggha:
ئەي ساراينىڭ دېدىكى ھەجەر، نەدىن كەلدىڭ، نەگە بارىسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن خوجايىنىم ساراينىڭ ئالدىدىن قېچىپ چىقتىم، ــ دېدى. | 8 |
Ey Sarayning dédiki Hejer, nedin kelding, nege barisen? — dep soridi. U jawab bérip: — Men xojayinim Sarayning aldidin qéchip chiqtim, — dédi.
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: ــ ئايال خوجايىنىڭنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدا بول، ــ دېدى. | 9 |
Perwerdigarning Perishtisi uninggha: — Ayal xojayiningning qéshigha qaytip bérip, uning qol astida bol, — dédi.
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا يەنە: ــ سېنىڭ نەسلىڭنى شۇنداق ئاۋۇتىمەنكى، كۆپلۈكىدىن ئۇنى ساناپ بولغىلى بولمايدۇ، ــ دېدى. | 10 |
Perwerdigarning Perishtisi uninggha yene: — Séning neslingni shundaq awutimenki, köplükidin uni sanap bolghili bolmaydu, — dédi.
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: مانا، سەن ھامىلىدارسەن؛ سەن بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭغا ئىسمائىل دەپ ئات قويغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ جەبىر-جاپايىڭنى ئاڭلىدى. | 11 |
Andin Perwerdigarning Perishtisi uninggha: Mana, sen hamilidarsen; sen bir oghul tughup, uninggha Ismail dep at qoyghin; chünki Perwerdigar séning jebir-japayingni anglidi.
ئۇ ياۋا ئېشەك كەبى بىر ئادەم بولىدۇ؛ ئۇنىڭ قولى ھەر ئادەمگە قارشى ئۇزىتىلىدۇ، شۇنىڭدەك ھەر ئادەمنىڭ قولى ئۇنىڭغا قارشى ئۇزىتىلىدۇ؛ ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئايرىم تۇرىدۇ، دېدى. | 12 |
U yawa éshek kebi bir adem bolidu; uning qoli her ademge qarshi uzitilidu, shuningdek her ademning qoli uninggha qarshi uzitilidu; u qérindashlirining udulida ayrim turidu, dédi.
ھەجەر ئۆز-ئۆزىگە: «مەن مۇشۇ يەردە مېنى كۆرگۈچىنى ئارقىسىدىن كۆردۈم» دەپ، ئۆزىگە سۆز قىلغان پەرۋەردىگارنى: «سەن مېنى كۆرگۈچى تەڭرىدۇرسەن» دەپ ئاتىدى. | 13 |
Hejer öz-özige: «Men mushu yerde méni Körgüchini arqisidin kördüm» dep, özige söz qilghan Perwerdigarni: «Sen méni körgüchi Tengridursen» dep atidi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇدۇق: «بەئەر-لاھاي-روي» دەپ ئاتالدى. ئۇ قادەش بىلەن بەرەد شەھىرىنىڭ ئارىلىقىدىدۇر. | 14 |
Shuning bilen u quduq: «Beer-lahay-roy» dep ataldi. U Qadesh bilen Bered shehirining ariliqididur.
ھەجەر ئابرامغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ئابرام ھەجەر ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلىغا ئىسمائىل دەپ ئات قويدى. | 15 |
Hejer Abramgha bir oghul tughup berdi. Abram Hejer uninggha tughup bergen oghligha Ismail dep at qoydi.
ھەجەر ئابرامغا ئىسمائىلنى تۇغۇپ بەرگەندە ئابرام سەكسەن ئالتە ياشتا ئىدى. | 16 |
Hejer Abramgha Ismailni tughup bergende Abram seksen alte yashta idi.