ئەگەر سەن دۈشمەنلىرىڭگە جەڭ قىلغىلى چىقىپ، ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنى، شۇنداقلا ئۆزۈڭدىن كۆپ بولغان بىر ئەلنى كۆرسەڭ، ئۇلاردىن ھېچ قورقما. چۈنكى سېنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆزى سەن بىلەن بىللىدۇر. | 1 |
کاتێک دەچن بۆ ئەوەی لە دژی دوژمنەکانتان بجەنگن، ئەسپ و گالیسکە و سوپایەکی لە خۆتان زۆرترتان بینی، لێیان مەترسن، چونکە یەزدانی پەروەردگارتان لەگەڵتانە کە لە خاکی میسرەوە دەریهێنان. |
سىلەر جەڭگە چىقىش ئالدىدا كاھىن ئۆزى ئالدىغا چىقىپ خەلققە سۆز قىلىپ | 2 |
کاتێک لە جەنگ نزیک دەکەونەوە کاهینەکە دێتە پێش و وتار بۆ گەل دەدات، |
ئۇلارغا: ئەي ئىسرائىل، ئاڭلاڭلار! سىلەر بۈگۈن دۈشمەنلىرىڭلار بىلەن سوقۇشۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىسىلەر. كۆڭۈللىرىڭلار جۈرئەتسىز بولمىسۇن؛ قورقماڭلار، تىترىمەڭلار، ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن دەككە-دۈككىگە چۈشمەڭلار؛ | 3 |
پێیان دەڵێت: «ئەی ئیسرائیل گوێ بگرە، ئێوە ئەمڕۆ لە جەنگ لە دژی دوژمنەکانتان نزیک بوونەتەوە، ورەتان نەڕووخێت، لێیان مەترسن و مەتۆقن و سام نەتانگرێت، |
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆزى دۈشمەنلىرىڭلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەر بىلەن بىللە جەڭگە چىقىدۇ» ــ دەپ ئېيتسۇن. | 4 |
چونکە یەزدانی پەروەردگارتان لەگەڵتان دەڕوات، هەتا بۆ ئێوە لە دژی دوژمنەکانتان بجەنگێت و سەرکەوتووتان بکات.» |
شۇ چاغدا ئەمەلدارلار خەلققە مۇنداق دېسۇن: ــ «ئاراڭلاردا بىر يېڭى ئۆي سېلىپ، ئۇنى [خۇداغا] ئاتىمىغان بىرسى بارمۇ؟ ئۇنداقتا ئۇ ئۆز ئۆيىگە يېنىپ كەتسۇن، بولمىسا ئۇ جەڭدە ئۆلۈپ كېتىپ، باشقا كىشى كېلىپ ئۇنى [خۇداغا] ئاتىشى مۇمكىن. | 5 |
ئینجا کوێخاکان قسە بۆ گەل دەکەن و دەڵێن: «کێ خانووێکی نوێی بنیاد ناوە و نەیکردووەتەوە، با بڕوات و بگەڕێتەوە بۆ ماڵەکەی، نەوەک لە جەنگەکەدا بکوژرێت و پیاوێکی دیکە بیکاتەوە. |
تەك سېلىپ ئۈزۈمزار بەرپا قىلىپ، تېخى ئۇنىڭ مېۋىسىنى يېمىگەن بىركىم بارمۇ؟ بار بولسا ئۆيىگە يېنىپ كەتسۇن، بولمىسا ئۇ جەڭدە ئۆلۈپ كەتسە، باشقا كىشى كېلىپ ئۇنىڭ مېۋىسىنى يېيىشى مۇمكىن. | 6 |
کێ ڕەزەمێوێکی چاندووە و لە یەکەم بەری نەخواردووە؟ با بڕوات و بگەڕێتەوە ماڵەکەی، نەوەک لە جەنگەکەدا بکوژرێت و پیاوێکی دیکە یەکەم بەری بخوات. |
بىر قىز بىلەن ۋەدىلەشكەن بولۇپ، تېخى ئۇنى ئۆز ئەمرىگە ئالمىغان بىركىم بولسا، ئۇ ئۆيىگە يېنىپ كەتسۇن، بولمىسا ئۇ جەڭدە ئۆلۈپ كەتسە، باشقا كىشى كېلىپ ئۇنى ئۆزىگە خوتۇنلۇققا ئېلىشى مۇمكىن». | 7 |
کێ ژنێکی مارە کردووە و نەیگواستووەتەوە، با بڕوات و بگەڕێتەوە ماڵەکەی، نەوەک لە جەنگەکەدا بکوژرێت و پیاوێکی دیکە بیگوازێتەوە.» |
ئاندىن مەنسەپدارلار خەلققە يەنە سۆزلەپ: «قورقۇپ كەتكەن، جۈرئەتسىز بىركىم بارمۇ؟ ئۇ ئۆيىگە يېنىپ كەتسۇن. بولمىسا قېرىنداشلىرىنىڭ يۈرىكىمۇ ئۇنىڭكىدەك جاسارەتسىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» دەپ ئېيتسۇن. | 8 |
ئینجا دووبارە کوێخاکان قسە بۆ گەل دەکەن و دەڵێن: «کێ دەترسێت و ورەی ڕووخاوە؟ با بڕوات و بگەڕێتەوە بۆ ماڵەکەی، نەوەک دڵی براکانیشی بتۆقێت وەک خۆی.» |
ئەمەلدارلار خەلققە شۇلارنى ئېيتقاندىن كېيىن ئۇلار خەلقنىڭ ئالدىدا يېتەكچىلىك قىلىشقا قوشۇنلارغا سەردارلارنى تىكلىسۇن. | 9 |
کاتێک کوێخاکان لە قسەکردن لەگەڵ گەل تەواو دەبن، فەرماندەکان بۆ سوپا دادەنێن. |
سىلەر ھۇجۇم قىلىشقا مەلۇم بىر شەھەرگە يېقىنلاشقىنىڭلاردا ئاۋۋال ئۇنىڭغا سۈلھى توغرىسىدا سۆز قىلىڭلار. | 10 |
کاتێک لە شارێک نزیک دەبنەوە بۆ ئەوەی لەگەڵیدا بجەنگن، بانگی بکەن بۆ ڕێککەوتن. |
ئەگەر ئۇلار سۈلھىنى خالايمىز، دەپ جاۋاب بېرىپ ئۆز دەرۋازىلىرىنى سىلەرگە ئاچسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەممە خەلق سىلەرگە بېقىنىپ قۇللۇق ھاشاردا بولىدۇ. | 11 |
جا ئەگەر بۆ ئاشتبوونەوە وەڵامی دانەوە و دەرگای بۆ کردنەوە، ئەوا هەموو ئەو گەلەی تێیدان بۆ ئێوە بێگاری و کارت بۆ دەکەن. |
لېكىن سىلەر بىلەن سۈلھى قىلىشقا ئۇنىماي، بەلكى سىلەر بىلەن جەڭ قىلماقچى بولسا سىلەر ئۇنى قورشاڭلار. | 12 |
بەڵام ئەگەر ئاشتییان نەویست و لە دژتان جەنگان ئەوا ئابڵوقەی بدەن. |
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغاندا ئۇنىڭدىكى ھەربىر ئەركەكنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈڭلار؛ | 13 |
کاتێک یەزدانی پەروەردگارتان ئەوی دایە دەستتان، ئەوا بە شمشێر لە هەموو پیاوەکانی بدەن، |
لېكىن ئاياللار بىلەن بالىلىرى، كالا بىلەن شەھەردىكى ھەممە نەرسىنى، يەنى بارلىق غەنىيمەتنى ئۆزۈڭلارغا ئولجا قىلىپ ئېلىڭلار؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز دۈشمەنلىرىڭلاردىن سىلەرگە ئېلىپ بەرگەن ئولجىدىن يەپ سۆيۈنىسىلەر. | 14 |
بەڵام ئافرەت و منداڵ و ئاژەڵی ماڵی و هەموو شتێکی دیکە کە لەناو شارەکەیە، هەموو تاڵانکردنەکە دەبێتە دەستکەوتتان، ئەو دەستکەوتانەی دوژمنانتان بەکاردەهێنن کە یەزدانی پەروەردگارتان پێتانی دا. |
سىلەردىن يىراقتا بولغان، [زېمىنغا تەۋە بولمىغان] ئەللەرنىڭ شەھەرلىرىگە شۇنداق قىلىڭلار. | 15 |
ئاوا دەکەن بە هەموو ئەو شارانەی زۆر لە ئێوە دوورن، ئەوانەی لە شارەکانی ئەم گەلانەی ئێرە نین. |
لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىندىكى ئەللەرنىڭ شەھەرلىرىنى بولسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تىنىقى بار ھېچ نەرسىنى تىرىك قويماي، | 16 |
بەڵام شارەکانی ئەم گەلانەی کە یەزدانی پەروەردگارتان بە میرات دەتانداتێ، هیچ هەناسەیەکی لێ مەهێڵنەوە. |
بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بۇيرۇغاندەك ھىتتىيلار بىلەن ئامورىيلار، قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار بىلەن يەبۇسىيلارنىڭ ھەممىسىنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىڭلار كېرەك. | 17 |
بەڵکو بە تەواوی لەناویان ببەن، حیتی و ئەمۆری و کەنعانی و پریزی و حیڤی و یەبوسییەکان، هەروەک یەزدانی پەروەردگارتان فەرمانی پێ کردن، |
بولمىسا، ئۇلار ئۆز ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇشتىكى ھەممە يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى سىلەرگە ئۆگىتىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا گۇناھ قىلىدىغان بولىسىلەر. | 18 |
نەوەک فێرتان بکەن وەک هەموو نەریتە قێزەونەکانیان بکەن کە ئەوان بۆ خوداوەندەکانیان دەیکەن، ئێوەش سەبارەت بە یەزدانی پەروەردگارتان تووشی گوناه دەبن. |
بىر شەھەرنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت جەڭ قىلىپ قورشاپ تۇرۇشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دەرەخلەرنى پالتا بىلەن كېسىپ ۋەيران قىلماڭلار؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ مېۋىسىنى يېسەڭلار بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى كەسمەڭلار؛ چۈنكى دالادىكى دەرەخلەر قورشىۋېلىش كېرەك بولغان ئادەممىدى؟ | 19 |
ئەگەر بۆ چەندین ڕۆژ ئابڵوقەی شارێکتان دا، جەنگتان لە دژی بەرپا کرد هەتا بیگرن، دارەکان بە تەور لەناو مەبەن و مەیانبڕنەوە، چونکە دەتوانن لە بەروبوومیان بخۆن. ئایا داری ڕەز مرۆڤە تاکو ئابڵوقەی بدەیت؟ |
لېكىن سىلەر مېۋىلىك دەرەخ ئەمەس دەپ بىلگەن دەرەخلەرنى كېسىپ يوقىتىپ، سىلەر بىلەن سوقۇشقان شەھەرنى ھۇجۇم قىلىپ غۇلىتىشقا شۇ دەرەخلەردىن ئىستىھكام-پوتەيلەرنى ياسىساڭلار بولىدۇ. | 20 |
بەڵام ئەو دارانەی کە دەزانن لێیان ناخورێن، ئەوا دەتوانن ئەوانە تێکبدەن و بیانبڕنەوە بۆ دروستکردنی سەنگەر لە دژی ئەو شارەی کە جەنگتان لەگەڵ دەکات هەتا دەکەوێت. |