< قانۇن شەرھى 13 >
ئەگەر ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر ياكى چۈش كۆرگۈچى چىقىپ، سىلەرگە مەلۇم بىر مۆجىزىلىك ئالامەت ياكى كارامەتنى كۆرسىتىپ بېرەي دېسە | 1 |
Når det stig fram ein profet millom dykk, eller ein som hev draumsyner, og han spår dykk eit teikn eller under,
ۋە ئۇ سىلەرگە ئالدىنئالا دېگەن مۆجىزىلىك ئالامەت ياكى كارامەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا، ئەمما شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك «باشقا ئىلاھلارغا (يەنى سىلەر تونۇمىغان ئىلاھلارغا) ئەگىشەيلى» ۋە «ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولايلى» دېسە، | 2 |
og segjer: «Lat oss fylgja andre gudar» - gudar som du ikkje kjenner - «og beda til deim!» so lyd ikkje etter kva slik ein profet eller draumsjåar segjer, um det so horver etter som han spådde;
شۇ پەيغەمبەر ياكى چۈش كۆرگۈچىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى شۇ تاپتا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنىڭ ئۇنى، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن سۆيىدىغان-سۆيمەيدىغىنىڭلارنى بىلىش ئۈچۈن سىناۋاتقان بولىدۇ. | 3 |
for Herren vil då røyna dykk og sjå um de elskar honom av heile dykkar hjarta og heile dykkar hug.
سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئەگىشىپ مېڭىشىڭلار كېرەك؛ سىلەر ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار، ئەمرلىرىنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىڭلار؛ سىلەر ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ئۇنىڭغا باغلىنىڭلار. | 4 |
Herren, dykkar Gud, skal de fylgja, og honom skal de ottast; hans bod skal de lyda, og hans ord skal de høyra; honom skal de tena, og honom skal de halda dykk til.
شۇ پەيغەمبەر ياكى چۈش كۆرگۈچى بولسا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىشى كېرەك؛ چۈنكى ئۇ سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان، يەنى «قۇللۇق ماكانى»دىن ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ قۇتقۇزغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئاسىيلىق قىلىشنى قۇتراتتى، شۇنداقلا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سېنى مېڭىشقا ئەمر قىلغان يولدىن ئېزىقتۇرۇشقا ئۇرۇندى؛ سىلەر مۇشۇنداق رەزىللىكنى ئاراڭلاردىن يوقىتىشىڭلار كېرەك. | 5 |
Og denne profeten eller draumsjåaren skal lata livet, for di han talde dykk til å falla frå Herren, dykkar Gud, som førde dykk ut or Egyptarlandet, og fria dykk ut or slavehuset, og for di han vilde lokka deg burt frå den vegen som Herren, din Gud, hev sagt du skal ganga. Soleis skal de rydja det vonde ut or lyden.
قېرىندىشىڭ، مەيلى ئاناڭنىڭ ئوغلى ياكى ئۆز ئوغلۇڭ ياكى قىزىڭ، جان-جىگىرىڭ بولغان ئايالىڭ ياكى جان دوستۇڭ ئاستىرتىن سېنى ئازدۇرماقچى بولۇپ: «بارايلى، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرەيلى» دېسە، يەنى ئۆزۈڭ ياكى ئاتا-بوۋىلىرىڭ ھېچ تونۇمايدىغان، ئەتراپىڭدىكى ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى بولسۇن، يېقىن بولسۇن، يىراق بولسۇن، ھەتتا يەر يۈزىنىڭ بۇ چېتىدا ياكى ئۇ چېتىدا بولسۇن، شۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرەيلى دېسە، | 6 |
Um bror din, son åt di eigi mor, eller son din, eller dotter di, eller kona di, som du held i fanget, eller venen din, som du hev so kjær som ditt eige liv - um nokon av desse lokkar deg i løynd, og vil få deg til å dyrka ein annan gud, som du ikkje kjenner, og federne dine aldri hev kjent,
ein av gudarne åt dei folki som bur rundt ikring dykk, tett innmed eller langt undan, frå den eine enden av jordi til hin,
ئۇنداقتا سەن ئۇنىڭغا قوشۇلما ياكى ئۇنىڭغا قۇلاق سالما؛ سەن ئۇنى ھېچ ئايىما، ئۇنىڭغا رەھىم قىلما ۋە ئۇنىڭ گۇناھىنى ھېچ يوشۇرما؛ | 8 |
so skal du ikkje fara etter honom, og ikkje høyra på honom; du skal ikkje tykkja synd i honom, og ikkje spara honom, og ikkje dylja brotet hans,
قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنى ئۆلتۈرگىن؛ ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە تۇنجى قول سالغۇچى سەن بول، ئاندىن بارلىق خەلقنىڭ قوللىرى ئەگىشىپ شۇنداق قىلسۇن. | 9 |
men du skal drepa honom; sjølv skal du vera den fyrste som lyfter handi mot honom, og sidan skal heile folket gjera det same.
ئۇ سېنى مىسىر زېمىنىدىن، «قۇللۇق ماكانى»دىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى تاشلاشقا ئېزىقتۇرماقچى بولدى، شۇڭا سەن ئۇنى ئۆلتۈرۈشۈڭ، چالما-كېسەك قىلىشىڭ كېرەك؛ | 10 |
Du skal steina honom i hel, for di han freista å lokka deg burt frå Herren, din Gud, som førde deg utor Egyptarlandet, or slavehuset.
شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل ئاڭلايدۇ، قورقىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن يەنە شۇنداق رەزىل ئىشنى ئاراڭلاردا قىلمايدۇ. | 11 |
Og heile Israel skal høyra det og ræddast, so det aldri meir vert gjort so stygg ei synd millom dykk.
ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئولتۇراقلىشىشقا ساڭا تەقدىم قىلغان مەلۇم بىر شەھەردە: «ئارىمىزدىن بەزى رەزىل ئادەملەر چىقىپ: «بارايلى، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولايلى» دەپ سىلەر ھېچ تونۇمايدىغان ئىلاھلارغا ئەگىشىشكە ئۆز شەھىرىدىكىلەرنى ئېزىقتۇردى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىساڭ، | 12 |
Høyrer du gjete gudlause menner som hev stige fram millom dykk, i nokon av dei byarne som Herren, din Gud, gjev deg til å bu i,
og fenge folket i byen til å dyrka andre gudar, som de ikkje kjenner,
شۇ ھامان تەكشۈرۈپ سۈرۈشتە قىل؛ راست بولسا، دەرۋەقە بۇ يىرگىنچلىك ئىش ئاراڭلاردا يۈز بەرگەنلىكى ئىسپاتلانغان بولسا، | 14 |
so skal du lyda etter, og spyrja deg vel fyre, og granska saki vel, og syner det seg då å vera sant, er det visst og vitnefast at det hev vore gjort slikt skjemdarverk hjå dykk,
ئۇنداقدا سەن شۇ شەھەردىكىلەرنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈپ، بۇ شەھەرنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى، جۈملىدىن مال-ۋارانلىرىنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىۋەت. | 15 |
so skal du bannstøyta den byen og alt som i honom er, og hogga ned både folk og fe.
ئۇنىڭدىكى بارلىق ئولجىنى ئوتتۇرىدىكى چوڭ مەيدانغا يىغىپ، شۇ شەھەرنى بارلىق ئولجىسى بىلەن قوشۇپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقتەك ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋەت؛ ئۇ مەڭگۈگە خارابىلىك بولىدۇ ــ قايتىدىن قۇرۇلماسلىقى كېرەك. | 16 |
Alt herfanget du tek der, skal du samla i hop midt på torget, og brenna upp både det og byen til eit heiloffer åt Herren, din Gud, og sidan skal byen i all æva vera ein grushaug, og må aldri byggjast upp att.
تەلتۆكۈس ھالاكەتكە بېكىتىلگەن ھېچبىر نەرسە قولۇڭغا چاپلاشمىسۇن؛ شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار غەزىپىدىن يېنىپ ساڭا رەھىم كۆرسىتىدۇ؛ ئۇ ساڭا ئىچىنى ئاغرىتىپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم قىلغاندەك سېنى كۆپەيتىدۇ. | 17 |
Du må ikkje halda att noko av det som er bannstøytt; då skal Herren stagga sin brennande vreide, og gjeva deg nåde, og hava deg kjær, og auka ætti di, som han lova federne dine -
سەن مەن بۈگۈن تاپىلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىش ئۈچۈن ئاۋازىغا قۇلاق سالساڭ، ھالىڭ شۇنداق ياخشى بولىدۇ. | 18 |
so sant du lyder Herren, din Gud, og held alle bodi hans, deim som eg ber fram for deg i dag, og gjer det som rett er i hans augo.