< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 28 >

بىز قۇتۇلۇپ ساق-سالامەت قىرغاققا چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئارالنىڭ مالتا دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلدۇق. 1
ⲁ̅ⲁⲩⲱ ⲛⲧⲉⲣⲉⲛⲟⲩϫⲁⲓ ⲧⲟⲧⲉ ⲁⲛⲥⲟⲩⲛ ⲧⲛⲏⲥⲟⲥ ϫⲉ ⲙⲓⲗⲏⲧⲏ ⲡⲉ ⲡⲉⲥⲣⲁⲛ
يەرلىك خەلق بىزگە ئىنتايىن مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى؛ چۈنكى ئۇ چاغدا يامغۇر يېغىپ، ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، ئۇلار گۈلخان يېقىپ بىزنى كۈتۈۋالدى. 2
ⲃ̅ⲛⲃⲁⲣⲃⲁⲣⲟⲥ ⲇⲉ ⲁⲩⲉⲓⲣⲉ ⲛⲁⲛ ⲛⲟⲩⲛⲟϭ ⲙⲙⲛⲧⲙⲁⲓⲣⲱⲙⲉ ⲁⲩϫⲉⲣⲟ ⲅⲁⲣ ⲛⲟⲩⲕⲱϩⲧ ⲁⲩϣⲟⲡⲛ ⲉⲣⲟⲟⲩ ⲉⲧⲃⲉ ⲡϫⲁϥ ⲉⲧⲛⲃⲟⲗ ⲙⲛ ⲡϩⲱⲟⲩ
پاۋلۇس بىر باغلام ئوتۇن تېرىپ كېلىپ ئوتقا تاشلىۋىدى، ئىسسىقتىن ئېتىلىپ چىققان بىر زەھەرلىك يىلان ئۇنىڭ قولىنى چىشلىگىنىچە چاپلىشىۋالدى. 3
ⲅ̅ⲛⲧⲉⲣⲉⲡⲁⲩⲗⲟⲥ ⲇⲉ ϭⲗⲟⲩⲁϣⲏ ⲛϭⲗⲙ ⲁϥⲛⲟϫⲟⲩ ⲉⲡⲕⲱϩⲧ ⲁⲩϩⲃⲱ ⲉⲓ ⲉⲃⲟⲗ ϩⲛ ⲑⲙⲙⲉ ⲁⲥⲙⲁϩ ⲣⲱⲥ ⲛⲧⲉϥϭⲓϫ
شۇ يەرلىكلەر پاۋلۇسنىڭ قولىغا يېپىشىپ تۇرغان يىلاننى كۆرۈپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ ئادەم چوقۇم بىر قاتىل ئىكەن! دېڭىزدىن قۇتۇلۇپ چىققان بولسىمۇ، «ئادىللىق» ئۇنىڭ تىرىك قېلىشىغا يول قويمىدى، ــ دېيىشتى. 4
ⲇ̅ⲛⲧⲉⲣⲉⲛⲃⲁⲣⲃⲁⲣⲟⲥ ⲇⲉ ⲛⲁⲩ ⲉⲡⲉⲑⲏⲣⲓⲟⲛ ⲉϥⲁϣⲉ ⲛⲥⲁ ⲧⲉϥϭⲓϫ ⲡⲉϫⲁⲩ ⲛⲛⲉⲩⲉⲣⲏⲩ ϫⲉ ⲡⲁⲛⲧⲱⲥ ⲡⲉⲓⲣⲱⲙⲉ ⲟⲩⲣⲉϥϩⲱⲧⲃ ⲡⲉ ϫⲉ ⲛⲧⲉⲣⲉϥⲟⲩϫⲁⲓ ⲉⲃⲟⲗ ϩⲛ ⲑⲁⲗⲁⲥⲥⲁ ⲙⲡⲉ ⲡⲉϥⲙⲡϣⲁ ⲕⲁⲁϥ ⲉⲱⲛϩ
لېكىن پاۋلۇس يىلاننى ئوتنىڭ ئىچىگە سىلكىپ ئاتتى، ئۆزى بولسا ھېچقانداق زەخىم يېمىدى. 5
ⲉ̅ⲛⲧⲟϥ ⲇⲉ ⲛⲧⲉⲣⲉϥⲛⲟⲩϩⲉ ⲙⲡⲉⲑⲏⲣⲓⲟⲛ ⲉϩⲣⲁⲓ ⲉⲡⲕⲱϩⲧ ⲙⲡϥⲙⲕⲁϩ ⲗⲁⲁⲩ
خەلق ئۇنىڭغا بەدىنى ئىششىپ كېتىدۇ ياكى ئۇ تۇيۇقسىز يىقىلىپ ئۆلىدۇ دەپ قاراپ تۇراتتى. لېكىن ئۇزۇن ۋاقىت قاراپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق بىنورمال ھالەتنىڭ بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئويلىغىنىدىن يېنىپ: ــ بۇ بىر ئىلاھ بولسا كېرەك! ــ دېيىشتى. 6
ⲋ̅ⲛⲧⲟⲟⲩ ⲇⲉ ⲛⲉⲩϭⲱϣⲧ ⲛⲥⲱϥ ⲡⲉ ϩⲱⲥ ⲉϥⲛⲁϣⲱϩⲃ ⲏ ⲛϥϩⲉ ⲉϩⲣⲁⲓ ϩⲛ ⲟⲩϣⲥⲛⲉ ⲛϥⲙⲟⲩ ⲉⲩⲉⲓⲟⲣⲙ ⲇⲉ ⲛⲥⲱϥ ⲛⲟⲩⲛⲟϭ ⲛⲕⲟⲟⲩ ⲁⲩⲱ ⲉⲩⲛⲁⲩ ϫⲉ ⲙⲡⲉⲗⲁⲁⲩ ⲙⲡⲉⲑⲟⲟⲩ ⲧⲁϩⲟϥ ⲁⲩⲕⲧⲟⲟⲩ ⲡⲉϫⲁⲩ ϫⲉ ⲟⲩⲛⲟⲩⲧⲉ ⲡⲉ
ئۇ يەرنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتتا، ئارال باشلىقى (پۇبلىيۇس دەپ ئاتالغان)نىڭ بىرنەچچە يەر-ئېتىزلىرى بار ئىدى. ئۇ بىزنى ئۆيىگە باشلاپ، ئۈچ كۈن قىزغىن مېھمان قىلىپ كۈتتى. 7
ⲍ̅ⲛⲉⲩⲛ ϩⲉⲛϭⲟⲟⲙ ⲇⲉ ⲡⲉ ⲙⲡⲕⲱⲧⲉ ⲉⲧⲙⲙⲁⲩ ⲉⲛⲁⲡⲁⲣⲭⲱⲛ ⲛⲧⲛⲏⲥⲟⲥ ⲉⲡⲉϥⲣⲁⲛ ⲡⲉⲡⲟⲩⲡⲗⲓⲟⲥ ⲡⲁⲓ ⲁϥϣⲟⲡⲛ ⲉⲣⲟϥ ⲛϣⲟⲙⲛⲧ ⲛϩⲟⲟⲩ ⲁϥⲣⲟⲩⲛⲟϭ ⲉⲣⲟⲛ ⲙⲙⲛⲧⲙⲁⲓϣⲙⲙⲟ
ئۇ چاغدا شۇنداق بولدىكى، پۇبلىيۇسنىڭ ئاتىسىنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ، تولغاق بولۇپ يېتىپ قالغانىكەن. پاۋلۇس ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ، دۇئا قىلىپ ئۈستىگە قولىنى تەگكۈزۈپ، ئۇنى ساقايتىپ قويدى. 8
ⲏ̅ⲁⲥϣⲱⲡⲉ ⲇⲉ ⲉⲧⲣⲉⲡⲉⲓⲱⲧ ⲙⲡⲟⲩⲡⲗⲓⲟⲥ ϩⲙⲟⲙ ⲁⲩⲱ ⲛϥϣⲱⲛⲉ ⲉϩⲏⲧϥ ⲛϥⲛⲕⲟⲧⲕ ⲡⲁⲩⲗⲟⲥ ⲁϥⲃⲱⲕ ⲉϩⲟⲩⲛ ϣⲁⲣⲟϥ ⲁϥϣⲗⲏⲗ ⲁϥⲧⲁⲗⲉ ⲧⲟⲟⲧϥ ⲉϩⲣⲁⲓ ⲉϫⲱϥ ⲁϥⲧⲁⲗϭⲟϥ
شۇنىڭدىن كېيىن ئارالدىكى قالغان كېسەللەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ساقايتىلدى. 9
ⲑ̅ⲛⲧⲉⲣⲉⲡⲁⲓ ⲇⲉ ϣⲱⲡⲉ ⲡⲕⲉⲥⲉⲉⲡⲉ ⲉⲧϩⲛ ⲧⲛⲏⲥⲟⲥ ⲉⲧϣⲟⲟⲡ ϩⲛ ϩⲉⲛϣⲱⲛⲉ ⲁⲩϯⲡⲉⲩⲟⲩⲟⲓ ⲉⲣⲟϥ ⲁϥⲣⲡⲁϩⲣⲉ ⲉⲣⲟⲟⲩ
ئۇلار بىزنىڭ ھۆرمىتىمىزگە نۇرغۇن سوۋغاتلارنى بېغىشلىغان بولۇپ، ئاخىردا بۇ يەردىن يەنە يولغا چىققان ۋاقتىمىزدا، بىزنى يولغا لازىملىق نەرسە-كېرەكلەر بىلەن تەمىنلىدى. 10
ⲓ̅ⲛⲧⲟⲟⲩ ⲇⲉ ⲁⲩⲉⲓⲛⲉ ⲛⲁⲛ ⲛϩⲉⲛⲛⲟϭ ⲛⲧⲁⲓⲟ ⲛⲧⲉⲣⲛⲛⲟⲩ ⲇⲉ ⲉⲕⲱ ⲉⲃⲟⲗ ⲁⲛⲧⲁⲗⲟ ⲙⲡⲉⲧⲛⲣⲭⲣⲓⲁ ⲛⲁϥ
مالتا ئارىلىدا ئىسكەندەرىيەدىن كەلگەن، بېشىغا «ساماۋىي قوشكېزەك» ئىلاھلىرىنىڭ نەقىشلىرى ئويۇلغان بىر كېمە قىشلىغانىدى. ئارالدا ئۈچ ئاي تۇرغاندىن كېيىن، بىز بۇ كېمە بىلەن يولغا چىقتۇق. 11
ⲓ̅ⲁ̅ⲙⲛⲛⲥⲁ ϣⲟⲙⲛⲧ ⲛⲉⲃⲟⲧ ⲁⲛⲥϭⲏⲣ ϩⲓⲟⲩϫⲟⲓ ⲛⲧⲉⲣⲁⲕⲟⲧⲉ ⲉⲁϥⲙⲟⲟⲛⲉ ⲉⲧⲛⲏⲥⲟⲥ ⲉⲣⲉⲟⲩⲙⲁⲉⲓⲛ ⲙⲙⲟϥ ⲛⲇⲓⲟⲥⲕⲟⲣⲟⲥ
سىراكوزا شەھىرىگە كېلىپ، ئۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇردۇق. 12
ⲓ̅ⲃ̅ⲁⲩⲱ ⲛⲧⲉⲣⲛⲙⲟⲟⲛⲉ ⲉⲥⲩⲣⲁⲕⲟⲩⲥⲁ ⲁⲛⲣϣⲟⲙⲛⲧ ⲛϩⲟⲟⲩ ⲙⲙⲁⲩ
ئاندىن ئايلىنىپ مېڭىپ، [ئىتالىيەدىكى] رېگىيۇم شەھىرىگە كەلدۇق. ئەتىسى شامال يۆنىلىشى ئۆزگىرىپ جەنۇبتىن چىقىشى بىلەن، ئىككىنچى كۈنى پۇتېئولى شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. 13
ⲓ̅ⲅ̅ⲉⲃⲟⲗ ⲇⲉ ϩⲙ ⲡⲙⲁ ⲉⲧⲙⲙⲁⲩ ⲁⲛⲥϭⲏⲣ ⲁⲛⲕⲁⲧⲁⲛⲧⲁ ⲉϩⲣⲏⲅⲓⲟⲥ ⲁⲩⲱ ⲙⲛⲛⲥⲁ ⲟⲩϩⲟⲟⲩ ⲛⲧⲉⲣⲉⲟⲩⲧⲟⲩⲣⲏⲥ ⲛⲓϥⲉ ⲁⲛⲉⲓ ⲙⲡⲉⲛⲥⲛⲁⲩ ⲉⲡⲟⲛⲧⲓⲟⲗⲟⲥ
ئۇ يەردە بىرنەچچە قېرىنداشلارنى تاپتۇق، ئۇلارنىڭ ئۆتۈنۈشلىرى بىلەن بىز ئۇلاردا بىر ھەپتە تۇردۇق. شۇنداق قىلىپ بىز رىم شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. 14
ⲓ̅ⲇ̅ⲁⲛϩⲉ ⲉϩⲉⲛⲥⲛⲏⲩ ⲙⲙⲁⲩ ⲁⲩⲥⲉⲡⲥⲱⲡⲛ ⲉϭⲱ ϩⲁⲧⲏⲩ ⲛⲥⲁϣϥ ⲛϩⲟⲟⲩ ⲁⲩⲱ ⲧⲁⲓ ⲧⲉ ⲑⲉ ⲛⲧⲁⲛⲃⲱⲕ ⲉϩⲣⲱⲙⲏ
كېلىۋاتقانلىقىمىزدىن خەۋەر تاپقان شۇ يەردىكى قېرىنداشلار بىزنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن شەھەردىن چىقىپ ھەتتا «ئاپىيۇس بازىرى»غىچە، [بەزىلىرى] «ئۈچ ساراي»غىچە كەلگەنىدى. پاۋلۇس ئۇلارنى كۆرگەندە، خۇداغا رەھمەت ئېيتىپ، غەيرەتلەندى. 15
ⲓ̅ⲉ̅ⲛⲉⲥⲛⲏⲩ ⲇⲉ ⲛⲧⲉⲣⲟⲩⲥⲱⲧⲙ ⲙⲙⲁⲩ ⲉⲧⲃⲏⲧⲛ ⲁⲩⲉⲓ ⲉⲃⲟⲗ ⲛϣⲟⲙⲧⲉ ⲙⲙⲟⲛⲏ ϣⲁⲡⲡⲓⲟⲥ ⲫⲟⲣⲟⲥ ⲉⲧⲱⲙⲛⲧ ⲉⲣⲟⲛ ⲛⲧⲉⲣⲉⲡⲁⲩⲗⲟⲥ ⲇⲉ ⲛⲁⲩ ⲉⲣⲟⲟⲩ ⲁϥⲧⲱⲕ ⲛϩⲏⲧ ⲁⲩⲱ ⲁϥⲉⲩⲭⲁⲣⲓⲥⲧⲓ ⲙⲡⲛⲟⲩⲧⲉ
رىم شەھىرىگە كىرگىنىمىزدە، يۈزبېشى مەھبۇسلارنى ئوردا قاراۋۇل بېگىگە تاپشۇردى؛ لېكىن پاۋلۇسنىڭ بىرلا كۆزەتكۈچى لەشكەر بىلەن بىر ئۆيدە ئايرىم تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىندى. 16
ⲓ̅ⲋ̅ⲛⲧⲉⲣⲛⲃⲱⲕ ⲇⲉ ⲉϩⲟⲩⲛ ⲉϩⲣⲱⲙⲏ ⲁⲡϩⲉⲕⲁⲧⲟⲛⲧⲁⲣⲭⲟⲥ ϯⲛⲉⲧⲙⲏⲣ ⲉⲧⲟⲟⲧϥ ⲙⲡⲁⲣⲭⲱⲛ ⲛⲙⲙⲁⲧⲟⲓ ⲁϥⲕⲁ ⲡⲁⲩⲗⲟⲥ ⲇⲉ ⲉⲧⲣⲉϥϭⲱ ϩⲁⲣⲓϩⲁⲣⲟϥ ⲙⲛ ⲡⲙⲁⲧⲟⲓ ⲉⲧϩⲁⲣⲉϩ ⲉⲣⲟϥ
ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئۇ ئۇ يەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ كاتتىۋاشلىرىنى ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشكە چاقىردى. ئۇلار جەم بولغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: ــ قېرىنداشلار! مەن خەلقىمىزگە ياكى ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالدۇرۇلغان ئۆرپ-ئادەتلەرگە قارشى ھېچقانداق ئىش قىلمىغان بولساممۇ، يېرۇسالېمدا تۇرغىنىمدا تۇتقۇن قىلىنىپ رىملىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدۇم. 17
ⲓ̅ⲍ̅ⲁⲥϣⲱⲡⲉ ⲇⲉ ⲙⲛⲛⲥⲁ ϣⲟⲙⲛⲧ ⲛϩⲟⲟⲩ ⲁϥⲙⲟⲩⲧⲉ ⲉⲛⲁⲣⲭⲱⲛ ⲛⲛⲓⲟⲩⲇⲁⲓ ⲡⲉϫⲁϥ ⲛⲁⲩ ϫⲉ ⲛⲣⲱⲙⲉ ⲛⲁⲥⲛⲏⲩ ⲁⲛⲟⲕ ⲛⲧⲁⲓϯ ⲁⲛ ⲟⲩⲃⲉ ⲡⲗⲁⲟⲥ ⲏ ⲡⲥⲱⲛⲧ ⲛⲛⲉⲛⲉⲓⲟⲧⲉ ⲁⲩϯ ⲙⲙⲟⲓ ⲉⲓⲙⲏⲣ ⲉⲃⲟⲗ ϩⲛ ⲑⲓⲗⲏⲙ ⲉϩⲣⲁⲓ ⲉⲛϭⲓϫ ⲛⲛⲉϩⲣⲱⲙⲁⲓⲟⲥ
رىملىقلار مېنى سوراققا تارتىپ، مەندە ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلغۇدەك بىرەر جىنايەت بولمىغاچقا، مېنى قويۇۋەتمەكچى بولدى. 18
ⲓ̅ⲏ̅ⲛⲧⲟⲟⲩ ⲇⲉ ⲛⲧⲉⲣⲟⲩⲁⲛⲁⲕⲣⲓⲛⲉ ⲙⲙⲟⲓ ⲁⲩⲟⲩⲱϣ ⲉⲕⲁⲁⲧ ⲉⲃⲟⲗ ⲉⲧⲃⲉ ϫⲉ ⲙⲡⲟⲩϩⲉ ⲉⲗⲁⲁⲩ ⲛⲁⲓⲧⲓⲁ ⲙⲙⲟⲩϩⲣⲁⲓ ⲛϩⲏⲧ
لېكىن يەھۇدىيلار بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرگەچكە، قەيسەرگە مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. بۇلارنى دېگىنىم بىلەن، بۇ مېنىڭ ئۆز خەلقىم ئۈستىدىن شىكايىتىم بار دېگەنلىكىم ئەمەس. 19
ⲓ̅ⲑ̅ⲛⲧⲉⲣⲉⲛⲓⲟⲩⲇⲁⲓ ⲇⲉ ϯ ⲟⲩⲃⲏⲓ ⲁⲩⲁⲛⲁⲅⲕⲁⲍⲉ ⲙⲙⲟⲓ ⲉⲧⲣⲁⲉⲡⲓⲕⲁⲗⲉⲓ ⲙⲡⲣⲣⲟ ϩⲱⲥ ⲉⲓⲛⲁⲕⲁⲧⲏⲅⲟⲣⲓ ⲁⲛ ⲙⲡⲁϩⲉⲑⲛⲟⲥ
شۇ سەۋەبتىن مەن سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ۋە بۇ ھەقتە سىلەرگە ئېيتىش ئۈچۈن سىلەرنى بۇ يەرگە چاقىردىم. چۈنكى بۇ زەنجىر بىلەن باغلىنىشنىڭ سەۋەبى دەل ئىسرائىلنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىدۇر. 20
ⲕ̅ⲉⲧⲃⲉ ⲧⲉⲓⲉⲧⲓⲁ ϭⲉ ⲁⲓⲥⲉⲡⲥ ⲧⲏⲩⲧⲛ ⲉⲛⲁⲩ ⲉⲣⲱⲧⲛ ⲁⲩⲱ ⲉϣⲁϫⲉ ⲛⲙⲙⲏⲧⲛ ⲉⲓⲙⲏⲣ ⲅⲁⲣ ⲛⲧⲉⲓϩⲁⲗⲩⲥⲓⲥ ⲉⲧⲃⲉ ⲑⲉⲗⲡⲓⲥ ⲙⲡⲓⲏⲗ
ئۇلار پاۋلۇسقا: ــ بىز بولساق يەھۇدىيەدىن سەن توغرۇلۇق خەت ئالمىدۇق، ياكى ئۇ يەردىن كەلگەن قېرىنداشلارنىڭ ھېچقايسىسىمۇ سەن توغرۇلۇق بىرەر يامان خەۋەر ئەكەلمىدى ياكى يامان گېپىڭنى قىلمىدى. 21
ⲕ̅ⲁ̅ⲛⲧⲟⲟⲩ ϭⲉ ⲡⲉϫⲁⲩ ⲛⲁϥ ϫⲉ ⲁⲛⲟⲛ ⲟⲩⲇⲉ ⲙⲡⲛϫⲓⲥϩⲁⲓ ⲉⲧⲃⲏⲏⲧⲕ ⲉⲃⲟⲗ ϩⲛ ϯⲟⲩⲇⲁⲓⲁ ⲟⲩⲇⲉ ⲙⲡⲉⲟⲩⲁ ⲛⲛⲉⲥⲛⲏⲩ ⲉⲓ ⲛϥⲧⲁⲙⲟⲛ ⲛϥϫⲱ ⲛⲟⲩⲡⲉⲑⲟⲟⲩ ⲉⲧⲃⲏⲧⲕ
لېكىن سېنىڭ پىكىرلىرىڭنى ئاڭلىغۇمىز بار. چۈنكى ھەممە يەردە كىشىلەرنىڭ [سەن تەۋە بولغان] بۇ مەزھەپكە قارشى سۆزلەۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار! ــ دېيىشتى. 22
ⲕ̅ⲃ̅ⲧⲛⲁⲝⲓⲟⲩ ⲇⲉ ⲙⲙⲟⲕ ⲉⲧⲣⲉⲛⲥⲱⲧⲙ ⲉⲛⲉⲧⲕⲙⲉⲉⲩⲉ ⲉⲣⲟⲟⲩ ⲉⲧⲃⲉ ⲧⲉⲓϩⲁⲓⲣⲉⲥⲓⲥ ⲅⲁⲣ ⲁⲩⲧⲁⲙⲟⲛ ϫⲉ ⲥⲉⲁⲛⲧⲓⲗⲉⲅⲉ ϩⲓⲱⲱⲥ ϩⲙ ⲙⲁ ⲛⲓⲙ
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پاۋلۇس بىلەن كۆرۈشۈشكە بىر كۈننى بېكىتتى. ئۇ كۈنى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ تۇرالغۇسىغا كەلگەنىدى؛ ئۇ تاڭ ئاتقاندىن كەچكىچە ئۇلارغا [سۆز-كالامنى] شەرھلەپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە تولۇق گۇۋاھلىق بېرىپ، تەۋرات ھەم پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ئەيسا توغرۇلۇق قايىل قىلىشقا كۈچىدى. 23
ⲕ̅ⲅ̅ⲁⲩⲧⲁⲥⲥⲉ ⲇⲉ ⲛⲁϥ ⲉⲩϩⲟⲟⲩ ⲁⲩⲉⲓ ϣⲁⲣⲟϥ ⲛϭⲓ ⲟⲩⲙⲏⲏϣⲉ ⲉⲡⲙⲁ ⲉⲧϥⲛϩⲏⲧϥ ⲁⲩⲱ ⲁϥϣⲁϫⲉ ⲛⲙⲙⲁⲩ ⲉϥⲣⲙⲛⲧⲣⲉ ⲛⲧⲙⲛⲧⲉⲣⲟ ⲙⲡⲛⲟⲩⲧⲉ ⲉϥⲡⲓⲑⲉ ⲙⲙⲟⲟⲩ ⲉⲧⲃⲉ ⲓⲥ ⲉⲃⲟⲗ ϩⲙ ⲡⲛⲟⲙⲟⲥ ⲙⲙⲱⲩⲥⲏⲥ ⲙⲛ ⲛⲉⲡⲣⲟⲫⲏⲧⲏⲥ ϫⲓⲛ ϩⲧⲟⲟⲩⲉ ϣⲁⲣⲟⲩϩⲉ
ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بەزىلەر ئىشەندۈرۈلدى، بەزىلەر ئىشىنىشنى رەت قىلدى. 24
ⲕ̅ⲇ̅ϩⲟⲓⲛⲉ ⲇⲉ ⲁⲩⲡⲓⲑⲉ ⲉⲛⲉⲧϥϫⲱ ⲙⲙⲟⲟⲩ ϩⲉⲛⲕⲟⲟⲩⲉ ⲇⲉ ⲁⲩⲣⲁⲧⲛⲁϩⲧⲉ
ئۇلار پاۋلۇسنىڭ مۇنداق بىر سۆزنى قىلىشى بىلەن ئۆزئارا كېلىشەلمەي قايتىپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ــ مۇقەددەس روھ يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا مۇنۇ سۆزنى دەل جايىدا ئېيتقان: 25
ⲕ̅ⲉ̅ⲁⲩⲉⲓ ⲇⲉ ⲉⲃⲟⲗ ⲛⲥⲉⲧⲏⲧ ⲁⲛ ⲛϩⲏⲧ ⲙⲛ ⲛⲉⲩⲉⲣⲏⲩ ⲉⲁⲡⲁⲩⲗⲟⲥ ϫⲱ ⲛⲁⲩ ⲛⲟⲩϣⲁϫⲉ ⲛⲟⲩⲱⲧ ϫⲉ ⲕⲁⲗⲱⲥ ⲁⲡⲉⲡⲛⲁ ⲉⲧⲟⲩⲁⲁⲃ ϣⲁϫⲉ ⲙⲛ ⲛⲉⲧⲛⲉⲓⲟⲧⲉ ⲉⲃⲟⲗ ϩⲓⲧⲛ ⲏⲥⲁⲓⲁⲥ ⲡⲉⲡⲣⲟⲫⲏⲧⲏⲥ
ــ «بارغىن؛ مۇشۇ خەلققە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: ــ «سىلەر ئاڭلاشنى ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر؛ كۆرۈشنى كۆرۈسىلەر، بىراق بىلىپ يەتمەيسىلەر. 26
ⲕ̅ⲋ̅ⲉϥϫⲱ ⲙⲙⲟⲥ ϫⲉ ⲃⲱⲕ ⲛⲛⲁϩⲣⲙ ⲡⲉⲓⲗⲁⲟⲥ ⲛⲅϫⲟⲟⲥ ⲛⲁⲩ ϫⲉ ϩⲛ ⲟⲩⲥⲱⲧⲙ ⲧⲉⲧⲛⲁⲥⲱⲧⲙ ⲛⲧⲉⲧⲛⲧⲙⲛⲟⲓ ⲁⲩⲱ ϩⲛ ⲟⲩⲛⲁⲩ ⲧⲉⲧⲛⲁⲛⲁⲩ ⲛⲧⲉⲧⲛⲧⲙⲉⲓⲱⲣϩ
چۈنكى مۇشۇ خەلقنىڭ يۈرىكىنى ماي قاپلاپ كەتكەن، ئۇلار ئاڭلىغاندا قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلىۋالغان، ئۇلار كۆزلىرىنى يۇمۇۋالغان؛ ئۇنداق بولمىسىدى، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ، قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ، كۆڭلى بىلەن چۈشىنىپ، ئۆز يولىدىن ياندۇرۇلۇشى بىلەن، مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم»». 27
ⲕ̅ⲍ̅ⲁϥⲛϣⲟⲧ ⲅⲁⲣ ⲛϭⲓ ⲫⲏⲧ ⲙⲡⲉⲓⲗⲁⲟⲥ ⲁⲩⲱ ⲁⲩϩⲣⲟϣ ⲉⲥⲱⲧⲙ ϩⲛ ⲛⲉⲩⲙⲁⲁϫⲉ ⲁⲩⲱ ⲁⲩϣⲧⲁⲙ ⲛⲛⲉⲩⲃⲁⲗ ⲙⲏⲡⲱⲥ ⲛⲥⲉⲛⲁⲩ ϩⲛ ⲛⲉⲩⲃⲁⲗ ⲛⲥⲉⲥⲱⲧⲙ ϩⲛ ⲛⲉⲩⲙⲁⲁϫⲉ ⲛⲥⲉⲛⲟⲓ ϩⲙ ⲡⲉⲩϩⲏⲧ ⲛⲥⲉⲕⲟⲧⲟⲩ ⲧⲁⲧⲁⲗϭⲟⲟⲩ
شۇڭا بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدانىڭ بۇ نىجاتلىقى يات ئەللىكلەرگە ئەۋەتىلىۋاتىدۇ. ئۇلار بولسا ئۇنىڭغا قۇلاق سالماي قالمايدۇ! ــ دېدى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندا يەھۇدىيلار ئۆز-ئارا قاتتىق تالاش-تارتىش قىلىشىپ كەتتى. 28
ⲕ̅ⲏ̅ⲙⲁⲣⲉϥⲟⲩⲱⲛϩ ϭⲉ ⲛⲏⲧⲛ ⲉⲃⲟⲗ ϫⲉ ⲛⲧⲁⲩⲧⲛⲛⲟⲟⲩ ⲙⲡⲉⲓⲟⲩϫⲁⲓ ⲛⲧⲉ ⲡⲛⲟⲩⲧⲉ ⲛⲛϩⲉⲑⲛⲟⲥ ⲁⲩⲱ ⲛⲧⲟⲟⲩ ⲛⲉⲧⲛⲁⲥⲱⲧⲙ
29
ⲕ̅ⲑ̅omissio
[پاۋلۇس] ئۆزى ئىجارىگە ئالغان ئۆيدە تولۇق ئىككى يىل تۇردى ۋە بۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە كەلگەن ھەممە كىشىلەرنى قوبۇل قىلىپ، 30
ⲗ̅ⲁⲡⲁⲩⲗⲟⲥ ⲇⲉ ⲣⲣⲙⲡⲉ ⲥⲛⲧⲉ ⲧⲏⲣⲟⲩ ⲉϥⲟⲩⲏϩ ϩⲛ ⲟⲩⲙⲁ ⲉⲁϥⲙⲓⲥⲑⲟⲩ ⲙⲙⲟϥ ⲁⲩⲱ ⲛⲉϥϣⲱⲡⲉⲣⲟϥ ⲛⲟⲩⲟⲛ ⲛⲓⲙ ⲉⲧⲃⲏⲕ ⲛⲁϥ ⲉϩⲟⲩⲛ
تولىمۇ يۈرەكلىك بىلەن ھەم ھېچ توسالغۇغا ئۇچرىماي، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جار قىلىپ، رەب ئەيسا مەسىھكە دائىر ھەقىقەتلەرنى يەتكۈزۈپ تەلىم بەردى. 31
ⲗ̅ⲁ̅ⲉϥⲕⲏⲣⲩⲥⲥⲉ ⲛⲧⲙⲛⲧⲉⲣⲟ ⲙⲡⲛⲟⲩⲧⲉ ⲁⲩⲱ ⲉϥϯ ⲥⲃⲱ ⲉⲧⲃⲉ ⲡϫⲟⲉⲓⲥ ⲓⲥ ⲡⲉⲭⲥ ϩⲙ ⲡⲁⲣⲣⲏⲥⲓⲁ ⲛⲓⲙ ⲁϫⲛ ϯⲥⲟ ⲛⲉⲡⲣⲁⲝⲓⲥ ⲛⲁⲡⲟⲥⲧⲟⲗⲟⲥ

< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 28 >