شۇ چاغدا سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن، يەنى زىئوندىن يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنى، قەبىلە بەگلىرىنى ۋە ئىسرائىل جەمەتلىرىنىڭ بەگلىرىنى يېرۇسالېمغا ئۆز يېنىغا يىغىلىشقا چاقىردى. | 1 |
אז יקהל שלמה את זקני ישראל את כל ראשי המטות נשיאי האבות לבני ישראל אל המלך שלמה ירושלם להעלות את ארון ברית יהוה מעיר דוד היא ציון׃ |
بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى ئېتانىم ئېيىدا، يەنى يەتتىنچى ئايدىكى بېكىتىلگەن ھېيتتا سۇلايمان پادىشاھنىڭ قېشىغا يىغىلدى. | 2 |
ויקהלו אל המלך שלמה כל איש ישראל בירח האתנים בחג הוא החדש השביעי׃ |
ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى يېتىپ كەلگەندە لاۋىيلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ [ماڭدى]. | 3 |
ויבאו כל זקני ישראל וישאו הכהנים את הארון׃ |
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى، جامائەت چېدىرى بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقتى. كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار مۇشۇلارنى ئېلىپ چىقتى. | 4 |
ויעלו את ארון יהוה ואת אהל מועד ואת כל כלי הקדש אשר באהל ויעלו אתם הכהנים והלוים׃ |
سۇلايمان پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلغان بارلىق ئىسرائىل جامائىتى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، كۆپلىكىدىن سانىنى ئېلىپ بولمايدىغان سان-ساناقسىز قوي بىلەن كالىلارنى قۇربانلىق قىلىشاتتى. | 5 |
והמלך שלמה וכל עדת ישראל הנועדים עליו אתו לפני הארון מזבחים צאן ובקר אשר לא יספרו ולא ימנו מרב׃ |
كاھىنلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆز جايىغا، ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى «كالامخانا»سىغا، يەنى ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىپ، كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرىنىڭ ئاستىغا قويدى. | 6 |
ויבאו הכהנים את ארון ברית יהוה אל מקומו אל דביר הבית אל קדש הקדשים אל תחת כנפי הכרובים׃ |
چۈنكى كېرۇبلارنىڭ يېيىلىپ تۇرغان قانىتى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئورنى ئۈستىدە بولغاچقا، ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان بالداقلارنى يېپىپ تۇراتتى. | 7 |
כי הכרובים פרשים כנפים אל מקום הארון ויסכו הכרבים על הארון ועל בדיו מלמעלה׃ |
بۇ بالداقلار ناھايىتى ئۇزۇن بولغاچقا، كالامخانىنىڭ ئالدىدىكى مۇقەددەس جايدا تۇرۇپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىدىكى ئىككى بالداقنىڭ ئۇچلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى، بىراق ئۆينىڭ سىرتىدا ئۇلارنى كۆرگىلى بولمايتتى؛ بۇ بالداقلار تاكى بۈگۈنگە قەدەر شۇ يەردە تۇرماقتا. | 8 |
ויארכו הבדים ויראו ראשי הבדים מן הקדש על פני הדביר ולא יראו החוצה ויהיו שם עד היום הזה׃ |
ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىدە مۇسا پەيغەمبەر ھورەب تېغىدا تۇرغاندا ئىچىگە سالغان ئىككى تاش تاختىدىن باشقا ھېچنەرسە يوق ئىدى (ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىن پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن ھورەبدە ئەھدە تۈزگەنىدى). | 9 |
אין בארון רק שני לחות האבנים אשר הנח שם משה בחרב אשר כרת יהוה עם בני ישראל בצאתם מארץ מצרים׃ |
ۋە شۇنداق بولدىكى، كاھىنلار مۇقەددەس جايدىن چىقىشىغىلا، بىر بۇلۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قاپلىۋالدى. | 10 |
ויהי בצאת הכהנים מן הקדש והענן מלא את בית יהוה׃ |
كاھىنلار بۇلۇت تۈپەيلىدىن ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەشكە ئۆرە تۇرالمايتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى تولدۇرغانىدى. | 11 |
ולא יכלו הכהנים לעמד לשרת מפני הענן כי מלא כבוד יהוה את בית יהוה׃ |
بۇ پەيتتە سۇلايمان: ــ پەرۋەردىگار تۇم قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تۇرىمەن، دەپ ئېيتقانىدى؛ | 12 |
אז אמר שלמה יהוה אמר לשכן בערפל׃ |
لېكىن، [ئى پەرۋەردىگار]، مەن دەرۋەقە سېنىڭ ئۈچۈن بىر ھەيۋەتلىك ماكان بولسۇن دەپ، سەن مەڭگۈ تۇرىدىغان بىر ئۆينى ياسىدىم، دېدى. | 13 |
בנה בניתי בית זבל לך מכון לשבתך עולמים׃ |
ئاندىن پادىشاھ بۇرۇلۇپ بارلىق ئىسرائىل جامائىتىگە بەخت تىلىدى؛ ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتى ئۇنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. | 14 |
ויסב המלך את פניו ויברך את כל קהל ישראל וכל קהל ישראל עמד׃ |
ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە بولغاي! ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن ئاتام داۋۇتقا ۋەدە قىلغانىدى ۋە ئۆز قولى بىلەن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ داۋۇتقا يەنە: ــ | 15 |
ויאמר ברוך יהוה אלהי ישראל אשר דבר בפיו את דוד אבי ובידו מלא לאמר׃ |
«مەن ئۆز خەلقىم ئىسرائىلنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققان كۈندىن بۇيان نامىم ئۈچۈن بۇ يەردە بىر ئۆي سالاي دەپ ئىسرائىلنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ شەھەرلىرىدىن ھېچقايسىسىنى تاللىمىدىم؛ بىراق خەلقىم بولغان ئىسرائىلغا ھۆكۈمرانلىق قىلسۇن دەپ داۋۇتنى تاللىدىم» دېگەنىدى. | 16 |
מן היום אשר הוצאתי את עמי את ישראל ממצרים לא בחרתי בעיר מכל שבטי ישראל לבנות בית להיות שמי שם ואבחר בדוד להיות על עמי ישראל׃ |
ئەمدى ئاتام داۋۇتنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئۆي سېلىش ئارزۇ-نىيىتى بار ئىدى. | 17 |
ויהי עם לבב דוד אבי לבנות בית לשם יהוה אלהי ישראל׃ |
بىراق پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا: «كۆڭلۈڭدە مېنىڭ نامىمغا بىر ئۆي ياساشقا قىلغان نىيىتىڭ ياخشىدۇر؛ | 18 |
ויאמר יהוה אל דוד אבי יען אשר היה עם לבבך לבנות בית לשמי הטיבת כי היה עם לבבך׃ |
ئەمما شۇ ئۆينى سەن ياسىمايسەن، بەلكى سېنىڭ پۇشتۇڭدىن بولىدىغان ئوغلۇڭ، ئۇ مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ شۇ ئۆينى سالىدۇ»، دېگەنىدى. | 19 |
רק אתה לא תבנה הבית כי אם בנך היצא מחלציך הוא יבנה הבית לשמי׃ |
مانا ئەمدى پەرۋەردىگار ئۆز سۆزىگە ئەمەل قىلدى. مەن پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغىنىدەك، ئاتامنىڭ ئورنىنى بېسىپ، ئىسرائىلنىڭ تەختىگە ئولتۇردۇم؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بۇ ئۆينى سالدىم. | 20 |
ויקם יהוה את דברו אשר דבר ואקם תחת דוד אבי ואשב על כסא ישראל כאשר דבר יהוה ואבנה הבית לשם יהוה אלהי ישראל׃ |
ئۆيدە ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن بىر جاينى راستلىدىم؛ ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققاندا، ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدە [تاختىلىرى] باردۇر». | 21 |
ואשם שם מקום לארון אשר שם ברית יהוה אשר כרת עם אבתינו בהוציאו אתם מארץ מצרים׃ |
ئاندىن سۇلايمان ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتىگە يۈزلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، قوللىرىنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈرۈپ | 22 |
ויעמד שלמה לפני מזבח יהוה נגד כל קהל ישראל ויפרש כפיו השמים׃ |
مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ «ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار! نە يۇقىرىقى ئاسماندا نە تۆۋەنكى يەردە سەندەك خۇدا يوقتۇر؛ ئالدىڭدا پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭىدىغان قۇللىرىڭ ئۈچۈن ئەھدەڭدە تۇرۇپ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسەتكۈچىسەن. | 23 |
ויאמר יהוה אלהי ישראל אין כמוך אלהים בשמים ממעל ועל הארץ מתחת שמר הברית והחסד לעבדיך ההלכים לפניך בכל לבם׃ |
چۈنكى سەن ئۆز قۇلۇڭ ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىدە تۇردۇڭ؛ سەن ئۆز ئاغزىڭ بىلەن ئېيتقان سۆزۈڭگە مانا بۈگۈنكىدەك ئۆز قولۇڭ بىلەن ئەمەل قىلدىڭ. | 24 |
אשר שמרת לעבדך דוד אבי את אשר דברת לו ותדבר בפיך ובידך מלאת כיום הזה׃ |
ئەمدى ھازىر، ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، ئۆز قۇلۇڭ ئاتام داۋۇتقا: ــ «ئەگەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئۆز يوللىرىغا سەگەك بولۇپ سەن مېنىڭ ئالدىمدا ماڭغاندەك ماڭىدىغان بولسا، ساڭا ئەۋلادىڭدىن ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدىغان بىر زات كەم بولمايدۇ» دەپ بەرگەن ۋەدەڭدە تۇرغايسەن. | 25 |
ועתה יהוה אלהי ישראל שמר לעבדך דוד אבי את אשר דברת לו לאמר לא יכרת לך איש מלפני ישב על כסא ישראל רק אם ישמרו בניך את דרכם ללכת לפני כאשר הלכת לפני׃ |
ئەمدى ھازىر، ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، سەن قۇلۇڭ داۋۇتقا ئېيتقان سۆزلىرىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاي، دەپ ئۆتۈنىمەن! | 26 |
ועתה אלהי ישראל יאמן נא דבריך אשר דברת לעבדך דוד אבי׃ |
لېكىن خۇدا ئۆزى راستلا يەر يۈزىدە ماكان قىلامدۇ؟ مانا، ئاسمانلار بىلەن ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنى سېنى سىغدۇرالمىغان يەردە، مەن ياسىغان بۇ ئۆي قانداقمۇ سېنىڭ ماكانىڭ بولالىسۇن؟! | 27 |
כי האמנם ישב אלהים על הארץ הנה השמים ושמי השמים לא יכלכלוך אף כי הבית הזה אשר בניתי׃ |
لېكىن ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، قۇلۇڭنىڭ دۇئاسى بىلەن ئىلتىجاسىغا قۇلاق سېلىپ، قۇلۇڭنىڭ بۈگۈن ساڭا كۆتۈرگەن نىداسى ۋە تىلىكىنى ئاڭلىغايسەن؛ | 28 |
ופנית אל תפלת עבדך ואל תחנתו יהוה אלהי לשמע אל הרנה ואל התפלה אשר עבדך מתפלל לפניך היום׃ |
شۇنىڭ بىلەن ئۆز كۆزلىرىڭنى كېچە-كۈندۈز بۇ ئۆيگە، يەنى سەن: «مېنىڭ نامىم ئۇ يەردە ئايان بولسۇن» دەپ ئېيتقان جايغا كېچە-كۈندۈز تىككەيسەن؛ ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئۇ جايغا قاراپ قىلغان دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن. | 29 |
להיות עינך פתחות אל הבית הזה לילה ויום אל המקום אשר אמרת יהיה שמי שם לשמע אל התפלה אשר יתפלל עבדך אל המקום הזה׃ |
قۇلۇڭ ۋە خەلقىڭ ئىسرائىل بۇ جايغا قاراپ دۇئا قىلغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىلتىجىسىغا قۇلاق سېلىپ، ئۆز ماكانىڭ قىلغان ئاسمانلاردىن تۇرۇپ ئاڭلىغايسەن، ئاڭلىغىنىڭدا ئۇلارنى كەچۈرگەيسەن. | 30 |
ושמעת אל תחנת עבדך ועמך ישראל אשר יתפללו אל המקום הזה ואתה תשמע אל מקום שבתך אל השמים ושמעת וסלחת׃ |
ئەگەر بىرسى ئۆز قوشنىسىغا گۇناھ قىلسا ۋە شۇنداقلا ئىشنىڭ راست-يالغانلىقىنى بېكىتىش ئۈچۈن قەسەم ئىچكۈزۈلسە، بۇ قەسەم بۇ ئۆيدىكى قۇربانگاھىڭنىڭ ئالدىغا كەلسە، | 31 |
את אשר יחטא איש לרעהו ונשא בו אלה להאלתו ובא אלה לפני מזבחך בבית הזה׃ |
سەن قەسەمنى ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئامال قىلىپ ئۆز بەندىلىرىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقارغايسەن؛ گۇناھى بار ئادەمنى گۇناھقا تارتىپ، ئۆز يولىنى ئۆز بېشىغا ياندۇرۇپ، گۇناھسىز ئادەمنى ئاقلاپ، ئۆز ئادىللىقىغا قاراپ ئۇنىڭغا ھەققىنى بەرگەيسەن. | 32 |
ואתה תשמע השמים ועשית ושפטת את עבדיך להרשיע רשע לתת דרכו בראשו ולהצדיק צדיק לתת לו כצדקתו׃ |
ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىل سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ قىلغىنى ئۈچۈن دۈشمەندىن يېڭىلسە، ساڭا قايتىپ بۇ ئۆيدە تۇرۇپ، نامىڭنى ئېتىراپ قىلىپ، ساڭا دۇئا بىلەن ئىلتىجا قىلسا، | 33 |
בהנגף עמך ישראל לפני אויב אשר יחטאו לך ושבו אליך והודו את שמך והתפללו והתחננו אליך בבית הזה׃ |
سەن ئاسماندا ئاڭلاپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى سەن ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا قايتۇرۇپ كەلگەيسەن. | 34 |
ואתה תשמע השמים וסלחת לחטאת עמך ישראל והשבתם אל האדמה אשר נתת לאבותם׃ |
ئۇلار ساڭا گۇناھ قىلغىنى ئۈچۈن ئاسمان ئېتىلىپ يامغۇر ياغمايدىغان قىلىۋېتىلگەن بولسا، لېكىن ئۇلار بۇ جايغا قاراپ ساڭا دۇئا قىلىپ نامىڭنى ئېتىراپ قىلىپ، سېنىڭ ئۇلارنى قىيىنچىلىققا سالغىنىڭ تۈپەيلىدىن ئۆز گۇناھىدىن يېنىپ توۋا قىلسا، | 35 |
בהעצר שמים ולא יהיה מטר כי יחטאו לך והתפללו אל המקום הזה והודו את שמך ומחטאתם ישובון כי תענם׃ |
سەن ئاسماندا تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، قۇللىرىڭنىڭ ۋە خەلقىڭ ئىسرائىلنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەيسەن؛ چۈنكى سەن ئۇلارغا مېڭىش كېرەك بولغان ياخشى يولنى ئۆگىتىسەن ۋە ئۆز خەلقىڭگە مىراس قىلىپ بەرگەن زېمىننىڭ ئۈستىگە يامغۇر ياغدۇرىسەن! | 36 |
ואתה תשמע השמים וסלחת לחטאת עבדיך ועמך ישראל כי תורם את הדרך הטובה אשר ילכו בה ונתתה מטר על ארצך אשר נתתה לעמך לנחלה׃ |
ئەگەر زېمىندا ئاچارچىلىق يا ۋابا بولسا، يا زىرائەتلەر دان ئالمىسا يا ھال چۈشسە يا ئۇنى چېكەتكىلەر ياكى چېكەتكە لىچىنكىلىرى بېسىۋالسا، يا دۈشمەنلەر ئۇلارنىڭ زېمىندىكى شەھەرلىرىنىڭ قوۋۇقلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ قورشىۋالسا، يا ھەرقانداق ئاپەت يا كېسەللىك بولسا، | 37 |
רעב כי יהיה בארץ דבר כי יהיה שדפון ירקון ארבה חסיל כי יהיה כי יצר לו איבו בארץ שעריו כל נגע כל מחלה׃ |
سېنىڭ خەلقىڭ بولغان ئىسرائىلدىكى ھەرقانداق كىشى ئۆز كۆڭلىدىكى ۋابانى بىلىپ، ئۇلاردىن ھەرقايسى كىشى قوللىرىنى بۇ ئۆيگە سۇنۇپ، ھەرقانداق دۇئا ياكى ئىلتىجا قىلغان بولسا، | 38 |
כל תפלה כל תחנה אשר תהיה לכל האדם לכל עמך ישראל אשר ידעון איש נגע לבבו ופרש כפיו אל הבית הזה׃ |
ئەمدى سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، كەچۈرۈم قىلغايسەن؛ سەن ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىنى بىلگەچكە، ئامال قىلىپ ئۆزىنىڭ يوللىرىنى ئۆزىگە ياندۇرغايسەن (چۈنكى سەنلا، يالغۇز سەنلا ھەممە ئىنسان بالىلىرىنىڭ قەلبلىرىنى بىلگۈچىدۇرسەن)؛ | 39 |
ואתה תשמע השמים מכון שבתך וסלחת ועשית ונתת לאיש ככל דרכיו אשר תדע את לבבו כי אתה ידעת לבדך את לבב כל בני האדם׃ |
شۇنداق قىلىپ، ئۇلار سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا تەقدىم قىلغان زېمىندا ئولتۇرۇپ ئۆمرىنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە سەندىن قورقىدىغان بولىدۇ. | 40 |
למען יראוך כל הימים אשר הם חיים על פני האדמה אשר נתתה לאבתינו׃ |
ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلدىن بولمىغان، سېنىڭ ئۇلۇغ نامىڭ تۈپەيلىدىن يىراق-يىراقلاردىن كەلگەن مۇساپىر بولسا | 41 |
וגם אל הנכרי אשר לא מעמך ישראל הוא ובא מארץ רחוקה למען שמך׃ |
(چۈنكى ئۇلار سېنىڭ ئۇلۇغ نامىڭ، قۇدرەتلىك قولۇڭ ۋە سوزغان بىلىكىڭ توغرىسىدا ئاڭلىيلايدۇ)، ــ ئۇنداق بىرسى كېلىپ بۇ ئۆي تەرەپكە قاراپ دۇئا قىلسا، | 42 |
כי ישמעון את שמך הגדול ואת ידך החזקה וזרעך הנטויה ובא והתפלל אל הבית הזה׃ |
سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردا ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ، ئۇ مۇساپىر ساڭا نىدا قىلىپ تىلىگىنىنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق قىلغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر نامىڭنى تونۇپ يېتىپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلدەك سەندىن قورقىدىغان بولۇپ، مەن ياسىغان بۇ ئۆينىڭ سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغىنىنى بىلىدۇ. | 43 |
אתה תשמע השמים מכון שבתך ועשית ככל אשר יקרא אליך הנכרי למען ידעון כל עמי הארץ את שמך ליראה אתך כעמך ישראל ולדעת כי שמך נקרא על הבית הזה אשר בניתי׃ |
ئەگەر سېنىڭ خەلقىڭ سېنىڭ تاپشۇرۇقۇڭ بىلەن دۈشمىنى بىلەن جەڭ قىلىشقا چىققاندا، سەن تاللىغان بۇ شەھەرگە، شۇنداقلا مەن نامىڭغا ئاتاپ ياسىغان بۇ ئۆي تەرەپكە قاراپ سەن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلسا، | 44 |
כי יצא עמך למלחמה על איבו בדרך אשר תשלחם והתפללו אל יהוה דרך העיר אשר בחרת בה והבית אשר בנתי לשמך׃ |
سەن ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ئىلتىجاسىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنى نۇسرەتكە ئېرىشتۈرگەيسەن. | 45 |
ושמעת השמים את תפלתם ואת תחנתם ועשית משפטם׃ |
ئەگەر ئۇلار ساڭا گۇناھ سادىر قىلغان بولسا (چۈنكى گۇناھ قىلمايدىغان ھېچكىشى يوقتۇر) سەن ئۇلارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرغان بولساڭ، بۇلار ئۇلارنى يىراق-يېقىنغا، ئۆزلىرىنىڭ زېمىنىغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ بارغان بولسا، | 46 |
כי יחטאו לך כי אין אדם אשר לא יחטא ואנפת בם ונתתם לפני אויב ושבום שביהם אל ארץ האויב רחוקה או קרובה׃ |
لېكىن ئۇلار سۈرگۈن قىلىنغان يۇرتتا ئەس-ھوشىنى تېپىپ توۋا قىلىپ، ئۆزى سۈرگۈن بولغان يۇرتتا ساڭا: ــ بىز گۇناھ قىلىپ، قەبىھلىككە بېرىلىپ سەندىن يۈز ئۆرۈپ كەتتۇق، دەپ يېلىنسا، | 47 |
והשיבו אל לבם בארץ אשר נשבו שם ושבו והתחננו אליך בארץ שביהם לאמר חטאנו והעוינו רשענו׃ |
ــ ئەگەر ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغان دۈشمەنلىرىنىڭ زېمىنىدا پۈتۈن قەلبى ۋە پۈتۈن جېنىدىن سېنىڭ تەرىپىڭگە يېنىپ، سەن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا، سەن تاللىغان شەھەر تەرەپكە ۋە مەن نامىڭغا ئاتاپ ياسىغان بۇ ئۆي تەرەپكە يۈزىنى قىلىپ، ساڭا قاراپ دۇئا قىلسا، | 48 |
ושבו אליך בכל לבבם ובכל נפשם בארץ איביהם אשר שבו אתם והתפללו אליך דרך ארצם אשר נתתה לאבותם העיר אשר בחרת והבית אשר בנית לשמך׃ |
سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجاسىنى ئاڭلاپ ئۇلار ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىپ، | 49 |
ושמעת השמים מכון שבתך את תפלתם ואת תחנתם ועשית משפטם׃ |
ئۆز خەلقىڭنىڭ ساڭا سادىر قىلغان گۇناھىنى، ساڭا ئۆتكۈزگەن ھەممە ئىتائەتسىزلىكلىرىنى كەچۈرۈم قىلغايسەن ۋە ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغانلارنىڭ ئالدىدا ئۇلارغا رەھىم تاپقۇزغايسەنكى، شۇلار ئۇلارغا رەھىم قىلسۇن | 50 |
וסלחת לעמך אשר חטאו לך ולכל פשעיהם אשר פשעו בך ונתתם לרחמים לפני שביהם ורחמום׃ |
(چۈنكى ئۇلار ئۆزۈڭ مىسىردىن، يەنى تۆمۈر تاۋلاش پېچىدىن چىقارغان ئۆز خەلقىڭ ۋە ئۆز مىراسىڭدۇر)؛ | 51 |
כי עמך ונחלתך הם אשר הוצאת ממצרים מתוך כור הברזל׃ |
سېنىڭ كۆزلىرىڭ ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئىلتىجاسىغا ۋە ئۆز خەلقىڭنىڭ ئىلتىجاسىغا ئوچۇق بولغاي، ئۇلار ھەر ئىشتا ساڭا نىدا قىلىپ تىلىگىنىدە ئۇلارغا قۇلاق سالغايسەن؛ | 52 |
להיות עיניך פתחות אל תחנת עבדך ואל תחנת עמך ישראל לשמע אליהם בכל קראם אליך׃ |
چۈنكى سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى مىسىردىن چىقارغىنىڭدا ئۆز قۇلۇڭ مۇسا ئارقىلىق ئېيتقىنىڭدەك، سەن خەلقىڭنى ئۆزۈڭگە خاس مىراسىڭ بولسۇن دەپ، يەر يۈزىدىكى ھەممە ئەللەر ئارىسىدىن ئۇلارنى ئايرىم ئېلىپ تاللىدىڭ، ئى رەب پەرۋەردىگار!». | 53 |
כי אתה הבדלתם לך לנחלה מכל עמי הארץ כאשר דברת ביד משה עבדך בהוציאך את אבתינו ממצרים אדני יהוה׃ |
سۇلايمان پەرۋەردىگارغا شۇ بارلىق دۇئا ۋە ئىلتىجالىرىنى قىلىپ بولغاندا، قوللىرىنى ئاسمانغا قاراپ كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرغان يەردىن قوپۇپ، | 54 |
ויהי ככלות שלמה להתפלל אל יהוה את כל התפלה והתחנה הזאת קם מלפני מזבח יהוה מכרע על ברכיו וכפיו פרשות השמים׃ |
ئۆرە تۇرۇپ ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتىگە يۇقىرى ئاۋازدا بەخت تىلەپ مۇنداق دېدى: ــ | 55 |
ויעמד ויברך את כל קהל ישראל קול גדול לאמר׃ |
«ئۇنىڭ بارلىق ۋەدە قىلغىنى بويىچە ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا ئارام بەرگەن پەرۋەردىگار مۇبارەكتۇر! ئۇ ئۆز قۇلى مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن قىلغان ھەممە مېھرىبانە ۋەدىلەرنىڭ ھېچبىرى يەردە قالمىدى! | 56 |
ברוך יהוה אשר נתן מנוחה לעמו ישראל ככל אשר דבר לא נפל דבר אחד מכל דברו הטוב אשר דבר ביד משה עבדו׃ |
پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىلەن بولغاندەك بىز بىلەن بىللە بولغاي؛ ئۇ نە بىزدىن ۋاز كەچمىسۇن نە بىزنى تاشلىمىسۇن؛ | 57 |
יהי יהוה אלהינו עמנו כאשר היה עם אבתינו אל יעזבנו ואל יטשנו׃ |
بۇنىڭ بىلەن ئۇ قەلبىمىزنى ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىشقا، ئۆزى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا بۇيرۇغان ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەرنى تۇتۇشقا ئۆزىگە مايىل قىلغاي؛ | 58 |
להטות לבבנו אליו ללכת בכל דרכיו ולשמר מצותיו וחקיו ומשפטיו אשר צוה את אבתינו׃ |
مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىلتىجا قىلغان بۇ سۆزلىرىم كېچە-كۈندۈز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ يېنىدا تۇرسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆز قۇلۇڭ ئۈچۈن توغرا ھۆكۈم قىلىپ، خەلقىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن توغرا ھۆكۈم قىلىپ، ھەر كۈندىكى دەردىگە يەتكەيسەن؛ | 59 |
ויהיו דברי אלה אשר התחננתי לפני יהוה קרבים אל יהוה אלהינו יומם ולילה לעשות משפט עבדו ומשפט עמו ישראל דבר יום ביומו׃ |
شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى ھەممە ئەللەر پەرۋەردىگار ئۆزى خۇدادۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى ھېچقايسىسى يوقتۇر دەپ بىلگەي، | 60 |
למען דעת כל עמי הארץ כי יהוה הוא האלהים אין עוד׃ |
شۇنداقلا بۈگۈن قىلغىنىڭلارغا ئوخشاش ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىدە مېڭىشقا ۋە ئەمرلىرىنى تۇتۇشقا قەلبىڭلار پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا مۇكەممەل بولغاي!». | 61 |
והיה לבבכם שלם עם יהוה אלהינו ללכת בחקיו ולשמר מצותיו כיום הזה׃ |
ۋە پادىشاھ پۈتۈن ئىسرائىل بىلەن بىللە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قۇربانلىقلارنى قىلدى. | 62 |
והמלך וכל ישראל עמו זבחים זבח לפני יהוה׃ |
سۇلايمان پەرۋەردىگارغا ئىناقلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە يىگىرمە ئىككى مىڭ كالا ۋە بىر يۈز يىگىرمە مىڭ قوي قۇربانلىق قىلدى. پادىشاھ بىلەن بارلىق ئىسرائىللار شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئۇنىڭغا بېغىشلىدى. | 63 |
ויזבח שלמה את זבח השלמים אשר זבח ליהוה בקר עשרים ושנים אלף וצאן מאה ועשרים אלף ויחנכו את בית יהוה המלך וכל בני ישראל׃ |
شۇ كۈنى پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ھويلىسىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىپ مۇقەددەس قىلىپ، ئۇ يەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقىلىرىنىڭ ياغلىرىنى سۇندى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغان مىس قۇربانگاھ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقىلىرىنىڭ ياغلىرىنى قوبۇل قىلىشقا كىچىك كەلدى. | 64 |
ביום ההוא קדש המלך את תוך החצר אשר לפני בית יהוה כי עשה שם את העלה ואת המנחה ואת חלבי השלמים כי מזבח הנחשת אשר לפני יהוה קטן מהכיל את העלה ואת המנחה ואת חלבי השלמים׃ |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋاقىتتا سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان پۈتۈن ئىسرائىل، يەنى خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىدىن تارتىپ مىسىر ئېقىنىغىچە ھەممە يەرلەردىن كەلگەن زور بىر جامائەت پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا يەتتە كۈن ۋە يەنە يەتتە كۈن، جەمئىي ئون تۆت كۈنگىچىلىك ھېيت ئۆتكۈزدى. | 65 |
ויעש שלמה בעת ההיא את החג וכל ישראל עמו קהל גדול מלבוא חמת עד נחל מצרים לפני יהוה אלהינו שבעת ימים ושבעת ימים ארבעה עשר יום׃ |
سەككىزىنچى كۈنىدە ئۇ خەلقنى قايتۇردى؛ ئۇلار پادىشاھنىڭ بەختىنى تىلىدى؛ ئاندىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قۇلى داۋۇتقا ۋە خەلقى ئىسرائىلغا قىلغان ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن قەلبىدە شاد-خۇرام بولۇپ ئۆز ئۆي-چېدىرلىرىگە قايتىپ كەتتى. | 66 |
ביום השמיני שלח את העם ויברכו את המלך וילכו לאהליהם שמחים וטובי לב על כל הטובה אשר עשה יהוה לדוד עבדו ולישראל עמו׃ |