< تارىخ-تەزكىرە 1 14 >
تۇر پادىشاھى ھىرام داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەلچىلەرنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوردا سېلىشقا كېدىر ياغىچى، تاشچى ۋە ياغاچچىلارنى ئەۋەتتى. | 1 |
[建造王宮]提洛王希蘭派使臣來見達味,給他送來香柏木,派來石匠和木工,為他建宮室。
بۇ چاغدا داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھ بولۇشقا جەزمەن تىكلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقى ئىسرائىل ئۈچۈن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى گۈللەندۈرگەنىدى. | 2 |
那時達味知道上主已確定他為以色列王,並為了自己的百姓以色列,提高了他的王位。[達味的子女]
داۋۇت يېرۇسالېمدا يەنە بىرمۇنچە خوتۇن ئالدى ھەمدە يەنە ئوغۇل-قىزلارنى كۆردى. | 3 |
達味在耶路撒冷又娶了妻室,生了許多子女。
تۆۋەندىكىلەر ئۇنىڭ يېرۇسالېمدا كۆرگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىملىرى: شاممۇيا، شوباب، ناتان، سۇلايمان، | 4 |
達味在耶路撒冷所生兒子的名字如下:沙慕亞、芍巴布、納堂、撒羅滿、
ئىبھار، ئەلىشۇيا، ئەلپەلەت، | 5 |
依貝哈爾、厄里叔亞、厄里培肋特、
ئەلىشاما، بەئەلىيادا ۋە ئەلىفەلەت. | 7 |
厄里沙瑪、貝里雅達和厄里培肋特。[擊敗培肋舍特]
داۋۇتنىڭ مەسىھ قىلىنىپ پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان فىلىستىيلەرنىڭ ھەممىسى داۋۇت بىلەن قارشىلىشىش پۇرسىتىنى ئىزلەپ كەلدى؛ داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ ئۇلارغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. | 8 |
培肋舍特人聽說達味受傅,為全以色列王,遂都上來向達味尋釁。達味聽說,便出來迎擊。
فىلىستىيلەر «رەفايىم جىلغىسى»غا بۇلاڭ-تالاڭ قىلغىلى كىردى. | 9 |
培肋舍特人上來侵入了勒法因平原。
داۋۇت خۇدادىن: «مەن فىلىستىيلەرگە قارشى جەڭگە چىقسام بولامدۇ؟ ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرامسەن؟» دەپ سورىۋىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «جەڭگە چىق، مەن ئۇلارنى سۆزسىز قولۇڭغا تاپشۇرىمەن» دېدى. | 10 |
那時,達味求問天主說:「我可以上去攻打培肋舍特人嗎﹖你將他們交在我手中嗎﹖」上主答應他說:「你上去,我必將他們交在你手中。」
فىلىستىيلەر بائال-پەرازىمغا ھۇجۇم قىلغىلى كەلگەندە، داۋۇت ئۇلارنى شۇ يەردە مەغلۇپ قىلدى ۋە: «خۇدا مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق دۈشمەنلىرىم ئۈستىگە خۇددى كەلكۈن يارنى ئېلىپ كەتكەندەك بۆسۈپ كىردى» دېدى. شۇڭا ئۇ يەر «بائال-پەرازىم» دەپ ئاتالغان. | 11 |
達味於是上到巴耳培辣親,在那裏擊敗了他們。達味因此說:「天主假我的手使我的敵人崩潰,如水破堤。」因此後人稱這地方為巴耳培辣親。
فىلىستىيلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى شۇ يەرگە تاشلاپ قاچقانلىقتىن، داۋۇت ئادەملىرىگە ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋېتىشنى تاپىلىدى. | 12 |
培肋舍特人把自己的神像都遺棄在那裏,達味命人用火燒毀。
فىلىستىيلەر يەنە ھېلىقى جىلغىغا بۇلاڭ-تالاڭ قىلغىلى كىرىۋىدى، | 13 |
培肋舍特人又侵入平原。
داۋۇت يەنە خۇدادىن يول سورىدى. خۇدا ئۇنىڭغا: «ئۇلارنى ئارقىسىدىن قوغلىماي، ئەگىپ ئۆتۈپ، ئۇلارغا ئۈجمىلىكنىڭ ئۇدۇلىدىن ھۇجۇم قىلغىن. | 14 |
達味又求問天主,天主對他說:「不要一直上去追擊他們,要繞到他們後方,曾桑林那邊抄他們的後路。
سەن ئۈجمە دەرەخلىرىنىڭ ئۈستىدىن ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلىشىڭ بىلەنلا جەڭگە ئاتلان؛ چۈنكى ئۇ چاغدا خۇدا سېنىڭ ئالدىڭدا فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنىغا ھۇجۇمغا چىققان بولىدۇ» دېدى. | 15 |
你一聽見桑樹梢上有腳步聲,要即刻出戰,因為天主在你面前出擊培肋舍特人的軍隊。」
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت خۇدانىڭ دېگىنى بويىچە ئىش تۇتۇپ، فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنىغا گىبېئوندىن گەزەرگىچە قوغلاپ زەربە بەردى. | 16 |
達味就照天主所命的行了,擊殺培肋舍特人的軍隊,由基貝紅直到革則爾。
شۇ سەۋەبتىن داۋۇتنىڭ شۆھرىتى بارلىق يۇرت-زېمىنلارغا پۇر كەتتى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قورقۇنچىنى بارلىق ئەللەرنىڭ ئۈستىگە سالدى. | 17 |
因此,達味的聲名傳遍了各地,上主使各民族都害怕他。