< 4 Мојсијева 23 >

1 И рече Валам Валаку: Начини ми овде седам олтара, и приправи ми овде седам телаца и седам овнова.
بالائام بالاققا: — سىلى مۇشۇ يەرگە ماڭا يەتتە قۇربانگاھ ياسىتىپ بەرسىلە، مۇشۇ يەرگە يەنە يەتتە بۇقا بىلەن يەتتە قوشقارمۇ ھازىرلاپ بەرسىلە، — دېدى.
2 И учини Валак како му рече Валам; и принесе Валак с Валамом на сваком олтару по једно теле и овна.
بالاق بالائامنىڭ دېگىنىدەك قىلىپ بەردى؛ بالاق بىلەن بالائام ئىككىسى ھەربىر قۇربانگاھقا قۇربانلىق قىلىشقا بىردىن بۇقا بىلەن بىردىن قوشقار سۇندى.
3 Па рече Валам Валаку: Стој код своје жртве паљенице; а ја идем еда бих се срео с Господом, па шта ми јави казаћу ти. И он отиде сам.
بالائام بالاققا: — سىلى ئۆز كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنىڭ يېنىدا تۇرسىلا، مەن ئالدىغا بارىمەن، پەرۋەردىگار مېنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە كېلەمدىكىن؟ ئۇ ماڭا نېمە دەپ كۆرسەتمە بەرسە، مەن ئۆزلىرىگە شۇنى دەپ بېرىمەن، — دېدى ۋە بىر دۆڭگە چىقتى.
4 И срете Бог Валама, а он му рече: Седам олтара спремних, и принесох по теле и овна на сваком олтару.
خۇدا بالائام بىلەن كۆرۈشتى؛ بالائام خۇداغا: — مەن يەتتە قۇربانگاھ ھازىرلاتتىم، ھەربىر قۇربانگاھقا قۇربانلىق سۈپىتىدە بىردىن بۇقا بىلەن بىردىن قوشقار سۇندۇم، — دېدى.
5 А Господ метну речи у уста Валаму, и рече врати се к Валаку и тако му реци.
پەرۋەردىگار بالائامنىڭ ئاغزىغا بىر سۆزنى سېلىپ: — بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئۇنىڭغا مۇنداق، مۇنداق دېگىن، — دېدى.
6 И врати се к њему, а он стајаше код жртве своје паљенице и сви кнезови моавски.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ باردى. مانا، ئۇ ۋە موئابنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى ئۇنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنىڭ يېنىدا تۇراتتى.
7 А он отвори причу своју, и рече: Из Арама доведе ме Валак, цар моавски с планине источне, говорећи: Ходи, прокуни ми Јакова, ходи, наружи Израиља.
بالائام كالام سۆزىنى ئاغزىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: — بالاق مېنى ئارام دېگەن يۇرتتىن، موئاب شاھى بالاق مېنى مەشرىق تاغلىرىدىن ئېلىپ كېلىپ، مۇنداق دېدى: — كەل، مېنىڭ ئۈچۈن ياقۇپنى قارغىغىن. كەل، ئىسرائىلنى راسا بىر سۆكۈپ ئەيىبلىگىن.
8 Како бих клео оног кога не куне Бог? Или како бих ружио оног кога Господ не ружи?
تەڭرى ئۆزى قارغىمىغان بىراۋنى مەن قانداق قارغاي؟ پەرۋەردىگار ئۆزى سۆكۈپ ئەيىبلىمىگەن بىراۋنى مەن قانداق سۆكۈپ ئەيىبلەي؟
9 Јер сврх стена видим га, и с хумова гледам га. Гле, овај ће народ наставати сам, и с другим народима неће се помешати.
مەن قورام تاشلارنىڭ چوققىلىرىدا تۇرۇپ ئۇنى كۆرمەكتىمەن، دۆڭلەردە تۇرۇپ ئۇنىڭغا نەزەر سالماقتىمەن؛ مانا، ئۇلار يەككە ياشايدىغان بىر قوۋم، ئۇلار باشقا قوۋملارنىڭ قاتارىدا سانالمايدۇ.
10 Ко ће избројати прах Јаковљев и број од четврти Израиља? Да бих ја умро смрћу праведничком, и крај мој да би био као њихов!
ياقۇپنىڭ توپىلىرىنى كىم ھېسابلاپ چىقالايدۇ؟ ھەتتا ئىسرائىلنىڭ تۆتتىن بىرىنىمۇ كىم ساناپ چىقالايدۇ؟ مېنىڭ جېنىم ھەققانىينىڭ ئۆلۈمىدەك ئۆلسۇن، مېنىڭ ئاخىرىم ئۇنىڭكىدەك بولغاي!
11 Тада рече Валак Валаму: Шта то радиш од мене? Ја те дозвах да прокунеш непријатеље моје, а гле, ти благосиљаш једнако.
بالاق بالائامغا قاراپ: — سەن ماڭا نېمە قىلىۋاتىسەن؟! مەن سېنى دۈشمەنلىرىمنى قارغاپ بېرىشكە چاقىرىتقان تۇرسام، مانا سەن ئەكسىچە پۈتۈنلەي ئۇلارغا ئامەت تىلىدىڭ! — دېدى.
12 А он одговори и рече: Зар нећу пазити и говорити оно што ми је Господ метнуо у уста?
— پەرۋەردىگارنىڭ ئاغزىمغا سالغىنىنى يەتكۈزۈشكە كۆڭۈل قويمىسام بولامتى؟ — دەپ جاۋاپ بەردى بالائام.
13 Тада му рече Валак: Ходи са мном на друго место, одакле ћеш га видети; само му крај видиш, а свега га не видиш; прокуни ми га оданде.
بالاق بالائامغا: — مېنىڭ بىلەن بىللە باشقا بىر يەرگە بارسىلا، ئۇلارنى شۇ يەردىن كۆرەلەيلا؛ بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمەس، ئۇلارنىڭ چېگرىدىكى بىر قىسمىنىلا كۆرەلەيلا؛ سىلى شۇ يەردە تۇرۇپ ئۇلارنى مەن ئۈچۈن قارغاپ بەرسىلە، — دېدى.
14 И доведе га у поље Зофим, наврх Фазге, и начини седам олтара, и принесе на сваком олтару по једно теле и овна.
شۇنىڭ بىلەن بالاق بالائامنى «زوفىمنىڭ دالاسى»غا، پىسگاھ تېغىنىڭ چوققىسىغا باشلاپ بېرىپ، شۇ يەردە يەتتە قۇربانگاھ سالدۇرۇپ، ھەربىر قۇربانگاھقا قۇربانلىق سۈپىتىدە بىردىن بۇقا، بىردىن قوشقار سۇندى.
15 Тада Валам рече Валаку: Стој ту код жртве своје паљенице, а ја идем онамо на сусрет Господу.
بالائام بالاققا: — سىلى مۇشۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تۇرسىلا، مەن ئاۋۇ ياققا بېرىپ كۆرۈشۈپ كېلەي، — دېدى.
16 И срете Господ Валама, и метну му реч у уста, и рече: Врати се к Валаку, и тако говори.
پەرۋەردىگار بالائام بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئاغزىغا بىر سۆزنى سېلىپ: — سەن بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ ئۇنىڭغا مۇنداق، مۇنداق دېگىن، — دېدى.
17 И дође к њему, а он стајаше код жртве своје паљенице и с њим кнезови моавски; и рече Валак: Шта вели Господ?
بالائام بالاقنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە، مانا، ئۇ ۋە موئابنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى ئۇنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. — پەرۋەردىگار نېمە دېدى؟ — دەپ سورىدى بالاق.
18 А он отвори причу своју, и рече: Устани Валаче, и послушај, чуј ме сине Сефоров!
بالائام كالام سۆزىنى ئاغزىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: — «ھەي بالاق، سەن قوپۇپ ئاڭلىغىن، ئاھ ، زىپپورنىڭ ئوغلى، ماڭا قۇلاق سالغىن.
19 Бог није човек да лаже, ни син човечји да се покаје. Шта каже неће ли учинити, и шта рече неће ли извршити?
تەڭرى ئىنسان ئەمەستۇر، ئۇ يالغان ئېيتمايدۇ، ياكى ئادەم بالىسىمۇ ئەمەستۇر، ئۇ پۇشايمان قىلمايدۇ. ئۇ دېگەنىكەن، ئىشقا ئاشۇرماي قالامدۇ؟ ئۇ سۆز قىلغانىكەن، ۋۇجۇدقا چىقارماي قالامدۇ؟
20 Гле, примих да благословим; јер је Он благословио, а ја нећу порећи.
مانا، ماڭا «بەرىكەتلە» دەپ تاپشۇرۇلدى، ئۇ بەرىكەتلىگەنىكەن، بۇنى مەن ياندۇرالمايمەن.
21 Не гледа на безакоње у Јакову ни на неваљалство у Израиљу; Господ је његов с њим, и граја у њему као цар кад надвлада.
ئۇ ياقۇپتا ھېچ گۇناھ كۆرمىگەن، ئىسرائىلدا ناھەقلىقنى ئۇچراتمىغان. خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە، پادىشاھنىڭ تەنتەنە ئاۋازى ئۇنىڭ ئارىسىدىدۇر.
22 Бог га је извео из Мисира, Он му је као снага једнорогова.
تەڭرى ئۇنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان؛ ئۇنىڭدا ياۋا كالىنىڭكىدەك كۈچ باردۇر.
23 Јер нема чини на Јакова ни врачања на Израиља; у ово доба говориће се о Јакову и о Израиљу, што је учинио Бог.
چۈنكى ياقۇپلارغا ئەپسۇن كارغا كەلمەيدۇ، ئىسرائىللارغىمۇ پال كارغا كەلمەيدۇ. ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە، ياقۇپ بىلەن ئىسرائىل توغرىسىدا: — «تەڭرى نەقەدەر كارامەت ئىش قىلىپ بەرگەن-ھە!» دەپ جاكارلانماي قالمايدۇ!
24 Ево, народ ће устати као силан лав, и као лавић скочиће; неће лећи докле не поједе лов и попије крв побијених.
مانا، بۇ قوۋم چىشى شىردەك قوپىدۇ، ئەركەك شىردەك قەددىنى رۇسلايدۇ؛ ئۆزى ئوۋلىغان ئوۋنى يېمىگۈچە، ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ قېنىنى ئىچمىگۈچە، ھەرگىز ياتمايدۇ!».
25 Тада рече Валак Валаму: Немој га ни клети ни благосиљати.
بالاق بالائامغا: — بولدى، سىلى ئۇلارنى ئازراقمۇ قارغىمىسىلا، ئۇلارغا ئامەتمۇ تىلىمىسىلە! — دېدى.
26 А Валам одговори Валаку: Нисам ли ти казао да ћу чинити шта ми год Господ каже?
بالائام بالاققا جاۋاب قىلىپ: — مەن سىلىگە: — «پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلمىسام بولمايدۇ» دېگەن ئەمەسمىدىم؟ — دېدى.
27 А Валак рече Валаму: Ходи, одвешћу те на друго место; да ако Богу буде воља да ми га оданде прокунеш.
بالاق بالائامغا: — كەلسىلە، مەن سىلىنى باشقا بىر يەرگە ئاپىراي، خۇدانىڭ نەزىرىدە سىلى شۇ يەردە تۇرۇپ ئۇلارنى قارغاشلىرى مۇۋاپىق تېپىلارمىكىن؟ — دېدى.
28 И одведе Валак Валама наврх Фегора, који гледа у пустињу.
شۇنىڭ بىلەن بالاق بالائامنى باشلاپ، چۆل-باياۋانغا قارايدىغان پېئور تېغىنىڭ چوققىسىغا كەلدى.
29 И рече Валам Валаку: Начини ми овде седам олтара, и приправи ми овде седам телаца и седам овнова.
بالائام بالاققا: — سىلى بۇ يەردە ماڭا يەتتە قۇربانگاھ سالدۇرۇپ بەرسىلە، يەتتە بۇقا بىلەن يەتتە قوشقارمۇ تەييارلاپ بەرسىلە، — دېدى.
30 И учини Валак како рече Валам и принесе жртву по теле и овна на сваком олтару.
بالاق بالائامنىڭ دېگىنىدەك قىلدى، ھەربىر قۇربانگاھقا بىردىن بۇقا بىلەن بىردىن قوچقار سۇندى.

< 4 Мојсијева 23 >