< Hiezechielis Prophetæ 13 >

1 et factus est sermo Domini ad me dicens
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
2 fili hominis vaticinare ad prophetas Israhel qui prophetant et dices prophetantibus de corde suo audite verbum Domini
«ئى ئىنسان ئوغلى، سەن ئىسرائىلنىڭ بېشارەت بەرگۈچى پەيغەمبەرلىرى، يەنى ئۆز تەسەۋۋۇرى بىلەن بېشارەت بەرگۈچىلەرنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ: «پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار!» ــ دېگىن.
3 haec dicit Dominus Deus vae prophetis insipientibus qui sequuntur spiritum suum et nihil vident
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز روھىغا ئەگىشىپ ماڭىدىغان، ھېچ ۋەھىينى كۆرمىگەن ھاماقەت پەيغەمبەرلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
4 quasi vulpes in desertis prophetae tui Israhel erant
ئى ئىسرائىل، سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭ خۇددى خارابىلەر ئارىسىدا يۈرۈۋاتقان تۈلكىلەردەك بولدى.
5 non ascendistis ex adverso neque opposuistis murum pro domo Israhel ut staretis in proelio in die Domini
سىلەر بۆسۈلگەن جايلارغا چىقمىغانسىلەر، ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىدە بولىدىغان جەڭدە پۇختا تۇرۇشى ئۈچۈن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ بۇزۇلغان تېمىنى ھېچ ياسىمىدىڭلار.
6 vident vana et divinant mendacium dicentes ait Dominus cum Dominus non miserit eos et perseveraverunt confirmare sermonem
«پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ» دېگۈچىلەر بولسا پەقەت ساختا بىر كۆرۈنۈشنى ۋە يالغان پالنى كۆرگەنلەردىن ئىبارەتتۇر؛ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئەۋەتمىگەن؛ بىراق ئۇلار ئۆز سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
7 numquid non visionem cassam vidistis et divinationem mendacem locuti estis et dicitis ait Dominus cum ego non sim locutus
سىلەر «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ» دېگىنىڭلاردا، مەن ھېچ سۆز قىلمىغان تۇرسام، سىلەر ساختا بىر «ئالامەت كۆرۈنۈش»نى كۆرگەن، يالغان پالنى ئېيتقان ئەمەسمۇ؟
8 propterea haec dicit Dominus Deus quia locuti estis vana et vidistis mendacium ideo ecce ego ad vos ait Dominus Deus
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئويدۇرما سۆزلىگىنىڭلار، يالغان «ئالامەت كۆرۈنۈش»لەرنى كۆرگىنىڭلار تۈپەيلىدىن، ئەمدى مانا، مەن سىلەرگە قارشىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار،
9 et erit manus mea super prophetas qui vident vana et divinant mendacium in concilio populi mei non erunt et in scriptura domus Israhel non scribentur nec in terra Israhel ingredientur et scietis quia ego Dominus Deus
ــ مېنىڭ قولۇم ساختا «ئالامەت كۆرۈنۈش»نى كۆرگەن ۋە يالغان پالنى ئېيتقان پەيغەمبەرلەر بىلەن قارشىلىشىدۇ؛ ئۇلار ئۆز خەلقىمنىڭ كېڭىشىدە ئولتۇرمايدۇ، ئۇلار ئىسرائىل جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىدە خاتىرىلەنمەيدۇ؛ ئۇلار ئىسرائىلنىڭ زېمىنىغا ھېچ كىرگۈزۈلمەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ رەب پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر.
10 eo quod deceperint populum meum dicentes pax et non est pax et ipse aedificabat parietem illi autem liniebant eum luto absque paleis
بەرھەق، ئۇلار تىنچ-ئامانلىق بولمىغاندىمۇ «تىنچ-ئامانلىق!» دەپ جار سېلىپ، خەلقىمنى ئېزىقتۇرغانلىقى ئۈچۈن، بىرسى نېپىز ئارا تامنى قوپۇرسا، ئۇلار كېلىپ پەقەت ئۇنى ھاك سۇۋاق بىلەن ئاقارتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ــ
11 dic ad eos qui liniunt absque temperatura quod casurus sit erit enim imber inundans et dabo lapides praegrandes desuper inruentes et ventum procellae dissipantem
تامنى ھاك سۇۋاق بىلەن ئاقارتىۋاتقانلارغا: «بۇ تام يىقىلىدۇ!» دېگىن! كەلكۈندەك بىر يامغۇر ياغىدۇ! ئى يوغان مۆلدۈرلەر، سىلەر چۈشىسىلەر! دەھشەتلىك بىر شامال چىقىدۇ؛
12 siquidem ecce cecidit paries numquid non dicetur vobis ubi est litura quam levistis
ۋە مانا، تام ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە، خەق سىلەردىن: «سىلەر بۇ تامنى سۇۋىغان ھاك سۇۋاق قېنى!» دەپ سورىمامدۇ؟
13 propterea haec dicit Dominus Deus et erumpere faciam spiritum tempestatum in indignatione mea et imber inundans in furore meo erit et lapides grandes in ira in consummationem
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز قەھرىم بىلەن دەھشەتلىك بىر شامال پارتلىتىپ چىقىرىمەن؛ مېنىڭ ئاچچىقىمدىن كەلكۈندەك بىر يامغۇر ۋە ھەممىنى ھالاك قىلىدىغان قەھرلىك مۆلدۈرلەر ياغىدۇ.
14 et destruam parietem quem levistis absque temperamento et adaequabo eum terrae et revelabitur fundamentum eius et cadet et consumetur in medio eius et scietis quia ego sum Dominus
شۇنىڭ بىلەن مەن سىلەر ھاك سۇۋاق بىلەن ئاقارتقان تامنى غۇلىتىپ، ئۇنىڭ ئۇلىنى ئاشكارە قىلىپ، ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن؛ ئۇ غۇلاپ چۈشكەندە، سىلەر ئۇنىڭ ئارىسىدا ھالاك بولىسىلەر؛ ۋە مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر.
15 et conplebo indignationem meam in parietem et in his qui linunt eum absque temperamento dicamque vobis non est paries et non sunt qui linunt eum
شۇنداق قىلىپ مەن قەھرىمنى تام ھەم ئۇنى ھاك سۇۋاق بىلەن ئاقارتقانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ پىغاندىن چىقىمەن؛ ۋە: «تام يوق بولدى، شۇنداقلا ئۇنى ھاك سۇۋاق بىلەن ئاقارتقانلار، يەنى يېرۇسالېم توغرۇلۇق بېشارەت بەرگۈچى، ھېچ تىنچ-ئامانلىق بولمىغاندىمۇ ئۇ توغرۇلۇق تىنچ-ئامانلىقنى كۆرسەتكەن «ئالامەت كۆرۈنۈش»نى كۆرگەن ئىسرائىلنىڭ پەيغەمبەرلىرىمۇ يوق بولدى» ــ دەيمەن».
16 prophetae Israhel qui prophetant ad Hierusalem et vident ei visionem pacis et non est pax ait Dominus Deus
17 et tu fili hominis pone faciem tuam contra filias populi tui quae prophetant de corde suo et vaticinare super eas
«ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئۆز تەسەۋۋۇرى بويىچە بېشارەت بەرگۈچى ئۆز خەلقىڭنىڭ قىزلىرىغا يۈزۈڭنى قارىتىپ، ئۇلارنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ
18 et dic haec ait Dominus Deus vae quae consuunt pulvillos sub omni cubito manus et faciunt cervicalia sub capite universae aetatis ad capiendas animas cum caperent animas populi mei vivificabant animas eorum
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز بېغىشلىرىنىڭ ھەربىرىگە [سېھىرلىك] بىلەزۈكلەرنى قاداپ، جانلارنى تۇزاققا ئېلىش ئۈچۈن ھەرقانداق ئېگىز-پاكار ئادەملەرنىڭ بېشىغا پەرەنچىنى ياسىغانلارغا ۋاي! ئەمدى سىلەر ئۆز خەلقىمنىڭ جانلىرىنى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، جانلىرىڭلارنى ساق قالدۇرىمىز دەۋاتامسىلەر؟
19 et violabant me ad populum meum propter pugillum hordei et fragmen panis ut interficerent animas quae non moriuntur et vivificarent animas quae non vivunt mentientes populo meo credenti mendaciis
نەچچە تۇتام ئارپا، نەچچە چىشلەم ناننى دەپ سىلەر ماڭا كۇپۇرلۇق قىلىپ، يالغان سۆزگە قۇلاق سالىدىغان مېنىڭ خەلقىمگە يالغانچىلىقىڭلار ئارقىلىق ئۆلمەسكە تېگىشلىكلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، تىرىك قالماسلىققا تېگىشلىكلىرىنى ھايات قالدۇرماقچىمۇسىلەر؟
20 propter hoc haec dicit Dominus Deus ecce ego ad pulvillos vestros quibus vos capitis animas volantes et disrumpam eos de brachiis vestris et dimittam animas quas vos capitis animas ad volandum
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن سىلەرنىڭ قۇشلارنى تۇزاققا چۈشۈرگەندەك كىشىلەرنى تۇزاققا چۈشۈرگۈچى سېھىرلىك «تېڭىق»لىرىڭلارغا قارشىمەن، مەن ئۇلارنى بىلىكىڭلاردىن يىرتىپ تاشلايمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر قۇشلارنى تۇزاققا چۈشۈرگەندەك تۇتقان كىشىلەرنى ئەركىنلىككە ئۇچۇرىۋېتىمەن.
21 et disrumpam cervicalia vestra et liberabo populum meum de manu vestra neque erunt ultra in manibus vestris ad praedandum et scietis quia ego Dominus
مەن سىلەرنىڭ پەرەنجىلىرىڭلارنىمۇ يىرتىپ تاشلىۋېتىپ، خەلقىمنى قولۇڭلاردىن قۇتقۇزىمەن؛ ئۇلار يەنە قولۇڭلاردا ئولجا بولۇپ تۇرمايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر.
22 pro eo quod maerere fecistis cor iusti mendaciter quem ego non contristavi et confortastis manus impii ut non reverteretur a via sua mala et viveret
سىلەر يالغانچىلىق بىلەن، ئۆزۈم ئازار بەرمىگەن ھەققانىي ئادەملەرنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، شۇنداقلا رەزىل ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قۇتقۇزۇشقا ئۇلارنى رەزىل يولىدىن ياندۇرماي، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ قولىنى كۈچەيتكىنىڭلار ئۈچۈن،
23 propterea vana non videbitis et divinationes non divinabitis amplius et eruam populum meum de manu vestra et scietis quoniam ego Dominus
سىلەر قۇرۇق «ئالامەت كۆزۈنۈش»لەرنى ئىككىنچى بولۇپ كۆرمەيسىلەر، ياكى يالغان پالچىلىق قىلمايسىلەر؛ مەن ئۆز خەلقىمنى قولۇڭلاردىن قۇتقۇزىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر».

< Hiezechielis Prophetæ 13 >