< Esodo 30 >

1 Farai pure un altare per bruciarvi su il profumo: lo farai di legno d’acacia.
سەن يەنە خۇشبۇي ياندۇرۇش ئۈچۈن بىر خۇشبۇيگاھنى ياساتقىن؛ ئۇنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن تەييارلىغىن.
2 La sua lunghezza sarà di un cubito; e la sua larghezza, di un cubito; sarà quadro, e avrà un’altezza di due cubiti; i suoi corni saranno tutti d’un pezzo con esso.
ئۇ تۆت چاسا، ئۇزۇنلۇقى بىر گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى ئىككى گەز بولسۇن. ئۇنىڭ [تۆت بۇرجىكىدىكى] مۈڭگۈزلەر ئۇنىڭ بىلەن بىر پۈتۈن قىلىپ ياسالسۇن.
3 Lo rivestirai d’oro puro: il disopra, i suoi lati tutt’intorno, i suoi corni; e gli farai una ghirlanda d’oro che gli giri attorno.
سەن ئۇنى، يەنى ئۇنىڭ ئۈستىنى، تۆت ئەتراپىنى ھەم مۈڭگۈزلىرىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاتقىن؛ ئۇنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقارغىن.
4 E gli farai due anelli d’oro, sotto la ghirlanda, ai suoi due lati; li metterai ai suoi due lati, per passarvi le stanghe che serviranno a portarlo.
ئۇنىڭغا ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇنىڭ گىرۋىكىنىڭ ئاستىغا بېكىتكىن؛ ئۇلارنى ئىككى يېنىغا ئۇدۇلمۇئۇدۇل بېكىتكىن. خۇشبۇيگاھنى كۆتۈرىدىغان ئىككى بالداقنى سېلىش ئۈچۈن بۇلارنى خۇشبۇيگاھنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرغىن.
5 Farai le stanghe di legno d’acacia, e le rivestirai d’oro.
بالداقلىرىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن.
6 E collocherai l’altare davanti al velo ch’è dinanzi all’arca della testimonianza, di faccia al propiziatorio che sta sopra la testimonianza, dove io mi ritroverò con te.
خۇشبۇيگاھنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىدىكى پەردىنىڭ سىرتىغا، يەنى مەن سەن بىلەن كۆرىشىدىغان جاي بولغان ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى كافارەت تەختىنىڭ ئۇدۇلىغا قويغىن.
7 E Aaronne vi brucerà su del profumo fragrante; lo brucerà ogni mattina, quando acconcerà le lampade;
ھارۇن شۇنىڭ ئۈستىدە ئېسىل خۇشبۇي ئەتىرنى ياندۇرسۇن؛ ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى چىراغلارنى پەرلىگىلى كەلگەندە، خۇشبۇيلارنى ياندۇرسۇن.
8 e quando Aaronne accenderà le lampade sull’imbrunire, lo farà bruciare come un profumo perpetuo davanti all’Eterno, di generazione in generazione.
شۇنىڭدەك ھارۇن گۇگۇمدا چىراغلارنى تىزىپ ياققاندا، خۇشبۇي ياندۇرسۇن. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا نەسىلدىن-نەسىلگە خۇشبۇي ھەمىشە ئۆچۈرۈلمەي يېنىق بولىدۇ.
9 Non offrirete sovr’esso né profumo straniero, né olocausto, né oblazione; e non vi farete libazioni.
سىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدە نە ھېچقانداق غەيرىي خۇشبۇي ياندۇرماڭلار، نە كۆيدۈرمە قۇربانلىق نە ئاشلىق ھەدىيە سۇنماڭلار، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچقانداق شاراب ھەدىيەنى تۆكمەڭلار.
10 E Aaronne farà una volta all’anno l’espiazione sui corni d’esso; col sangue del sacrifizio d’espiazione per il peccato vi farà l’espiazione una volta l’anno, di generazione in generazione. Sarà cosa santissima, sacra all’Eterno.
ھەر يىلدا ھارۇن بىر قېتىم [خۇشبۇيگاھنىڭ] مۈڭگۈزلىرىگە كافارەت كەلتۈرسۇن؛ ھەر قېتىم كافارەت كەلتۈرىدىغان گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنى بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرسۇن. نەسىلدىن-نەسىلگە شۇنداق قىلىڭلار؛ بۇ [خۇشبۇيگاھ] پەرۋەردىگارغا «ئەڭ مۇقەددەس» ھېسابلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ قاتارىدىندۇر.
11 L’Eterno parlò ancora a Mosè, dicendo:
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ
12 “Quando farai il conto de’ figliuoli d’Israele, facendo il censimento, ognun d’essi darà all’Eterno il riscatto della propria persona, quando saranno contati; onde non siano colpiti da qualche piaga, allorché farai il loro censimento.
سەن ئىسرائىللارنىڭ سانىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئۇلارنى سانىغىنىڭدا، ئۇلارنىڭ سانىلىشى ۋەجىدىن ئارىسىغا بالايىئاپەت كەلمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى سانىغىنىڭدا ھەربىر ئادەم ئۆز جېنى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا كافارەت پۇلى تاپشۇرسۇن.
13 Daranno questo: chiunque sarà compreso nel censimento darà un mezzo siclo, secondo il siclo del santuario, che è di venti ghere: un mezzo siclo sarà l’offerta da fare all’Eterno.
رويخەتكە ئېلىنىپ، ساناقتىن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسى بېرىشى كېرەك بولغىنى شۇكى، ھەربىرى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە يېرىم شەكەل بەرسۇن (بىر شەكەل يىگىرمە گەراھقا باراۋەر كېلىدۇ). بۇ يېرىم شەكەل پەرۋەردىگارغا «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولىدۇ.
14 Ognuno che sarà compreso nel censimento, dai venti anni in su, darà quest’offerta all’Eterno.
رويخەتكە ئېلىنىپ، ساناقتىن ئۆتكەنلەر، يەنى يىگىرمە ياش ياكى ئۇنىڭدىن چوڭلارنىڭ ھەربىرى پەرۋەردىگارغا شۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»نى بەرسۇن.
15 Il ricco non darà di più, né il povero darà meno del mezzo siclo, quando si farà quest’offerta all’Eterno per il riscatto delle vostre persone.
ئۆز جېنىڭلارغا كافارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا كۆتۈرمە ھەدىيە بەرگىنىڭلاردا باي كىشى يېرىم شەكەلدىن ئارتۇق بەرمىسۇن، كەمبەغەل كىشىمۇ يېرىم شەكەلدىن كەم بەرمىسۇن.
16 Prenderai dunque dai figliuoli d’Israele questo danaro del riscatto e lo adoprerai per il servizio della tenda di convegno: sarà per i figliuoli d’Israele una ricordanza dinanzi all’Eterno per fare il riscatto delle vostre persone”.
سەن ئىسرائىللاردىن شۇ كافارەت پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جامائەت چېدىرىنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلاپ ئىشلەتكىن؛ ئۇ پۇل ئىسرائىللارغا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئەسلەتمە سۈپىتىدە جېنىڭلارغا كافارەت كەلتۈرىدىغان بولىدۇ.
17 L’Eterno parlò ancora a Mosè, dicendo:
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ
18 “Farai pure una conca di rame, con la sua base di rame, per le abluzioni; la porrai fra la tenda di convegno e l’altare, e ci metterai dell’acqua.
سەن يۇيۇنۇشقا ئىشلىتىشكە مىستىن [يوغان] بىر داس ۋە ئۇنىڭغا مىستىن بىر تەگلىك ياساتقىن؛ ئۇنى جامائەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىچىگە سۇ توشتۇرۇپ قويغىن.
19 E Aaronne e i suoi figliuoli vi si laveranno le mani e i piedi.
ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭدىكى سۇ بىلەن پۇت-قوللىرىنى يۇسۇن.
20 Quando entreranno nella tenda di convegno, si laveranno con acqua, onde non abbiano a morire; così pure quando si accosteranno all’altare per fare il servizio, per far fumare un’offerta fatta all’Eterno mediante il fuoco.
ئۇلار جامائەت چېدىرىغا كىرگەندە ئۆلمەسلىكى ئۈچۈن سۇ بىلەن ئۆزىنى يۇيۇشى كېرەك؛ ئۇلار خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، قۇربانگاھقا يېقىن بېرىپ پەرۋەردىگارغا ئوت ئارقىلىق ئاتىلىدىغان قۇربانلىق سۇنماقچى بولغىنىدىمۇ، شۇنداق قىلسۇن.
21 Si laveranno le mani e i piedi, onde non abbiano a morire. Questa sarà una norma perpetua per loro, per Aaronne e per la sua progenie, di generazione in generazione”.
ئۇلار ئۆلمەسلىكى ئۈچۈن پۇت-قوللىرىنى يۇسۇن؛ بۇ ئىش ئۇلارغا، يەنى ئۆزى ۋە ئۇنىڭ نەسىللىرى ئۈچۈن ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ.
22 L’Eterno parlò ancora a Mosè, dicendo:
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ
23 “Prenditi anche de’ migliori aromi: di mirra vergine, cinquecento sicli; di cinnamomo aromatico, la metà, cioè duecentocinquanta; di canna aromatica, pure duecentocinquanta;
سەن ھەممىدىن ئېسىل خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەردىن تەييارلا، يەنى مۇرمەككى سۇيۇقلۇقىدىن بەش يۈز شەكەل، دارچىندىن ئىككى يۈز ئەللىك شەكەل، ئېگىردىن ئىككى يۈز ئەللىك شەكەل،
24 di cassia, cinquecento, secondo il siclo del santuario; e un hin d’olio d’oliva.
قوۋزاقدارچىندىن بەش يۈز شەكەل ئېلىپ (بۇ ئۆلچەملەر مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بولسۇن) ۋە زەيتۇن مېيىدىنمۇ بىر ھىن تەييارلا؛
25 E ne farai un olio per l’unzione sacra, un profumo composto con arte di profumiere: sarà l’olio per l’unzione sacra.
بۇ دورا-دەرمەكلەر بىلەن مەسىھ قىلىش ئۈچۈن بىر مۇقەددەس ماي ــ ئەتىرچى چىقارغاندەك بىر خۇشبۇي ماي چىقارغۇزغىن. بۇ «مۇقەددەس مەسىھلەش مېيى» بولىدۇ.
26 E con esso ungerai la tenda di convegno e l’arca della testimonianza,
سەن ئۇنىڭ بىلەن جامائەت چېدىرىنى، ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى،
27 la tavola e tutti i suoi utensili, il candelabro e i suoi utensili, l’altare dei profumi,
شىرە ۋە ئۇنىڭ بارلىق قاچا-قۇچىلىرىنى، چىراغدان ۋە ئۇنىڭ ئەسۋابلىرىنى، خۇشبۇيگاھنى،
28 l’altare degli olocausti e tutti i suoi utensili, la conca e la sua base.
كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھى ۋە ئۇنىڭ ئەسۋابلىرىنى، يۇيۇنۇش دېسى ۋە ئۇنىڭ تەگلىكىنى مەسىھلىگىن؛
29 Consacrerai così queste cose, e saranno santissime; tutto quello che le toccherà, sarà santo.
سەن شۇ تەرزدە ئۇلارنى «ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەر» قاتارىدا مۇقەددەس قىلغىن. ئۇلارغا تەگكەن ھەرقانداق نەرسىمۇ «مۇقەددەس» ھېسابلىنىدۇ.
30 E ungerai Aaronne e i suoi figliuoli, e li consacrerai perché mi esercitino l’ufficio di sacerdoti.
ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى بولسا ماڭا كاھىنلىق خىزمەتتە بولۇشى ئۈچۈن مەسىھلەپ مۇقەددەس قىلغىن.
31 E parlerai ai figliuoli d’Israele, dicendo: Quest’olio mi sarà un olio di sacra unzione, di generazione in generazione.
ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق ئېيتقىن: ــ بۇ ماي ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ماڭا ئاتالغان مۇقەددەس مەسىھلەش مېيى بولىدۇ.
32 Non lo si spanderà su carne d’uomo, e non ne farete altro di simile, della stessa composizione; esso è cosa santa, e sarà per voi cosa santa.
ئۇنى ئادەمنىڭ بەدىنىگە قۇيسا بولمايدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ياكى تەركىبى ئوخشىشىدىغان ھېچقانداق مايلارنى ياسىماڭلار. ئۇ مۇقەددەس بولغىنى ئۈچۈن سىلەرگىمۇ مۇقەددەس بولۇشى كېرەك.
33 Chiunque ne comporrà di simile, o chiunque ne metterà sopra un estraneo, sarà sterminato di fra il suo popolo”.
كىمكى تەركىبى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ماي تەڭشىسە، ياكى ئۇنى ئېلىپ يات بىرسىگە سۈرسە، ئۇ ئۆز خەلقى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
34 L’Eterno disse ancora a Mosè: “Prenditi degli aromi, della resina, della conchiglia odorosa, del galbano, degli aromi con incenso puro, in dosi uguali;
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ سەن خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەر، يەنى خۇشبۇي يېلىم، دېڭىز قۇلۇلىسى مېيى، ئاق دېۋىرقاي ۋە ساپ مەستىكى تەييارلىغىن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش مىقداردا بولسۇن؛
35 e ne farai un profumo composto secondo l’arte del profumiere, salato, puro, santo;
خۇددى ئەتىرچى ماي چىقارغانغا ئوخشاش، ئۇلارنى تەڭشەپ خۇشبۇي ياسىغىن؛ ئۇ تۇزلانغان، ساپ ۋە مۇقەددەس پۇراقلىق ئەتىر بولىدۇ.
36 ne ridurrai una parte in minutissima polvere, e ne porrai davanti alla testimonianza nella tenda di convegno, dove io m’incontrerò con te: esso vi sarà cosa santissima.
سەن ئۇنىڭدىن ئازراق ئېلىپ، تالقاندەك ئوبدان ئېزىپ، جامائەت چېدىرىدىكى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق [ساندۇقىنىڭ] ئۇدۇلىغا، يەنى مەن سىلەر بىلەن كۆرۈشىدىغان جاينىڭ ئالدىغا قويغىن. بۇ سىلەرگە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەر» قاتارىدا ھېسابلانسۇن.
37 E del profumo che farai, non ne farete della stessa composizione per uso vostro; ti sarà cosa santa, consacrata all’Eterno.
سىلەر ياسىغان بۇ خۇشبۇينىڭ رېتسېپى بىلەن ئۆزۈڭلارغىمۇ ئوخشاش بىر خۇشبۇينى ياسىۋالساڭلار بولمايدۇ. ئۇ ساڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا پەرۋەردىگارغا خاس قىلىنغان مۇقەددەس بولىدۇ.
38 Chiunque ne farà di simile per odorarlo, sarà sterminato di fra il suo popolo”.
كىمكى ئۇنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھەرقانداق بىر خۇشبۇينى ياسىسا، ئۇ ئۆز خەلقى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلانسۇن.

< Esodo 30 >