אל-תקנא באנשי רעה ואל-תתאו להיות אתם | 1 |
يامانلارغا رەشك قىلما، ئۇلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىشنى ئارزۇ قىلما؛ |
כי-שד יהגה לבם ועמל שפתיהם תדברנה | 2 |
چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلى زوراۋانلىقنىلا ئويلار؛ ئۇلارنىڭ ئاغزى ئازار يەتكۈزۈشنى سۆزلەر. |
בחכמה יבנה בית ובתבונה יתכונן | 3 |
ئائىلە بولسا دانالىق ئاساسىدا بەرپا قىلىنار؛ چۈشىنىش بىلەن مۇستەھكەملىنەر. |
ובדעת חדרים ימלאו-- כל-הון יקר ונעים | 4 |
بىلىم بىلەن ئۆينىڭ خانىلىرى ھەرخىل قىممەتلىك، ئېسىل گۆھەرلەرگە تولدۇرۇلار. |
גבר-חכם בעוז ואיש-דעת מאמץ-כח | 5 |
دانا ئادەم زور كۈچكە ئىگىدۇر؛ بىلىمى بار ئادەم قۇدرىتىنى ئاشۇرار. |
כי בתחבלות תעשה-לך מלחמה ותשועה ברב יועץ | 6 |
پۇختا نەسىھەتلەر بىلەن جەڭ قىلغىن؛ غەلىبە بولسا بىردىنبىر ئۇلۇغ مەسلىھەتچى بىلەن بولار. |
ראמות לאויל חכמות בשער לא יפתח-פיהו | 7 |
دانالىق ئەقىلسىز ئادەمگە نىسبەتەن تولىمۇ ئېگىز، چۈشىنىكسىزدۇر؛ [چوڭلار] شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا يىغىلغاندا ئۇ زۇۋان ئاچالماس. |
מחשב להרע-- לו בעל-מזמות יקראו | 8 |
ئەسكىلىكنى نىيەتلىگەن ئادەم «سۇيىقەستچى» ئاتىلار. |
זמת אולת חטאת ותועבת לאדם לץ | 9 |
ئەخمەقلىقتىن بولغان نىيەت گۇناھدۇر؛ ھاكاۋۇر كىشى ئادەملەرگە يىرگىنچلىكتۇر. |
התרפית ביום צרה-- צר כחכה | 10 |
بېشىڭغا ئېغىر كۈن چۈشكەندە جاسارەتسىز بولساڭ، كۈچسىز ھېسابلىنىسەن. |
הצל לקחים למות ומטים להרג אם-תחשוך | 11 |
[سەۋەبسىز] ئۆلۈمگە تارتىلغانلارنى قۇتقۇزغىن؛ بوغۇزلىنىش خەۋپىدە تۇرغانلاردىن ياردەم قولۇڭنى تارتما؛ |
כי-תאמר-- הן לא-ידענו-זה הלא-תכן לבות הוא-יבין ונצר נפשך הוא ידע והשיב לאדם כפעלו | 12 |
ئەگەر سەن: «بۇ ئىشتىن خەۋىرىمىز يوقتۇر» دېسەڭ، ھەر ئادەمنىڭ كۆڭلىنى تارازىغا سالغۇچى بۇنى كۆرمەسمۇ؟ جېنىڭنى ھايات ساقلىغۇچى ئۇنى بىلمەسمۇ؟ ئۇ ھەربىر ئىنسان بالسىنىڭ ئۆز قىلغانلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ياندۇرماسمۇ؟ |
אכל-בני דבש כי-טוב ונפת מתוק על-חכך | 13 |
ئى ئوغلۇم، ھەسەل [تاپساڭ] ئىستىمال قىل، ئۇ ياخشىدۇر. ھەرە كۆنىكىدىن ئالغان ھەسەل بولسا تاتلىق تېتىيدۇ؛ |
כן דעה חכמה--לנפשך אם-מצאת ויש אחרית ותקותך לא תכרת | 14 |
دانالىق بىلەن تونۇشساڭ، ئۇمۇ كۆڭلۈڭگە شۇنىڭدەك بولار؛ ئۇنى تاپقىنىڭدا جەزمەن ياخشى كۆرىدىغان كۈنۈڭ بولىدۇ، ئارزۇ-ئۈمىدىڭ بىكارغا كەتمەس. |
אל-תארב רשע לנוה צדיק אל-תשדד רבצו | 15 |
ئى رەزىل ئادەم، ھەققانىينىڭ ئۆيىگە يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلىشنى كۈتمە، ئۇنىڭ تۇرالغۇسىنى بۇلىغۇچى بولما! |
כי שבע יפול צדיק וקם ורשעים יכשלו ברעה | 16 |
چۈنكى ھەققانىي يەتتە قېتىم يىقىلىپ چۈشەر، بىراق ئاخىرى يەنە ئورنىدىن تۇرار. لېكىن رەزىل كىشى كۈلپەت ئىچىگە پۇتلىشىپ چۈشەر. |
בנפל אויביך (אויבך) אל-תשמח ובכשלו אל-יגל לבך | 17 |
رەقىبىڭ يىقىلىپ كەتسە خۇش بولۇپ كەتمە، دۈشمىنىڭ پۇتلىشىپ چۈشسە شادلانما؛ |
פן-יראה יהוה ורע בעיניו והשיב מעליו אפו | 18 |
پەرۋەردىگار بۇنى كۆرگەندە، بۇ قىلىقىڭنى ياخشى كۆرمەي، بەلكىم غەزىپىنى رەقىبىڭگە چۈشۈرمەسلىكى مۇمكىن. |
אל-תתחר במרעים אל-תקנא ברשעים | 19 |
يامانلار [راۋاج تاپسا]، بىئارام بولۇپ كەتمە؛ رەزىللەرگە رەشك قىلما. |
כי לא-תהיה אחרית לרע נר רשעים ידעך | 20 |
چۈنكى يامانلارنىڭ كېلەچىكى يوقتۇر، ئۇنىڭ چىرىغىمۇ ئۆچۈرۈلەر. |
ירא-את-יהוה בני ומלך עם-שונים אל-תתערב | 21 |
ئى ئوغلۇم، پەرۋەردىگاردىن قورققىن، پادىشاھنىمۇ ھۆرمەت قىل. قۇتراتقۇچىلار بىلەن ئارىلاشما. |
כי-פתאם יקום אידם ופיד שניהם מי יודע | 22 |
بۇنداق كىشىلەرگە كېلىدىغان بالايىئاپەت ئۇشتۇمتۇت بولار، [پەرۋەردىگار بىلەن پادىشاھنىڭ] ئۇلارنى قانداق يوقىتىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ |
גם-אלה לחכמים הכר-פנים במשפט בל-טוב | 23 |
بۇلارمۇ ئاقىلانىلەرنىڭ سۆزلىرىدۇر: ــ سوت قىلغاندا بىر تەرەپكە يان بېسىش قەتئىي بولماس. |
אמר לרשע--צדיק אתה יקבהו עמים יזעמוהו לאמים | 24 |
جىنايەتچىگە: «ئەيىبسىز سەن» دەپ ھۆكۈم چىقارغان كىشىگە، خەلقلەر لەنەت ئېيتار؛ ئەل-يۇرتلار ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنەر. |
ולמוכיחים ינעם ועליהם תבוא ברכת-טוב | 25 |
بىراق ئۇلار جىنايەتچىنىڭ گۇناھىنى ئېچىپ تاشلىغان كىشىدىن خۇرسەن بولار، ئۇلار ئۇنىڭغا بەخت-سائادەت تىلىشەر. |
שפתים ישק משיב דברים נכחים | 26 |
دۇرۇس جاۋاب بەرگۈچى، گوياكى كىشىنىڭ لەۋلىرىگە سۆيگۈچىدۇر. |
הכן בחוץ מלאכתך--ועתדה בשדה לך אחר ובנית ביתך | 27 |
ئاۋۋال سىرتتا ئىشلىرىڭنىڭ يولىنى ھازىرلاپ، ئېتىز-ئېرىقلىرىڭنى تەييارلا، ئاندىن ئۆيۈڭنى سالغىن. |
אל-תהי עד-חנם ברעך והפתית בשפתיך | 28 |
يېقىنىڭغا قارشى ئاساسسىز گۇۋاھلىق قىلما؛ ئاغزىڭدىن ھېچ يالغانچىلىق چىقارما. |
אל-תאמר--כאשר עשה-לי כן אעשה-לו אשיב לאיש כפעלו | 29 |
«ئۇ ماڭا قانداق قىلغان بولسا، مەنمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىمەن، ئۇنىڭ ماڭا قىلغىنىنى ئۆزىگە ياندۇرىمەن»، دېگۈچى بولما. |
על-שדה איש-עצל עברתי ועל-כרם אדם חסר-לב | 30 |
مەن ھۇرۇننىڭ ئېتىزلىقىدىن ئۆتتىم، ئەقىلسىزنىڭ ئۈزۈمزارلىقى يېنىدىن ماڭدىم، |
והנה עלה כלו קמשנים--כסו פניו חרלים וגדר אבניו נהרסה | 31 |
مانا، ھەر يېرىدىن تىكەنلەر ئۆسۈپ چىققان، خوخىلار يەر يۈزىنى بېسىپ كەتكەن، قورۇق تېمى ئۆرۈلۈپ كەتكەن! |
ואחזה אנכי אשית לבי ראיתי לקחתי מוסר | 32 |
ئۇلارنى كۆرگەچ، ئوبدان ئويلاندىم؛ كۆرگىنىمدىن ساۋاق ئالدىم: ــ |
מעט שנות מעט תנומות מעט חבק ידים לשכב | 33 |
سەن: «يەنە بىردەم كۆزۈمنى يۇمۇۋالاي، يەنە بىردەم ئۇخلىۋالاي، يەنە بىردەم پۇت-قولۇمنى ئالماپ يېتىۋالاي» ــ دېسەڭ، |
ובא-מתהלך רישך ומחסריך כאיש מגן | 34 |
نامراتلىق بۇلاڭچىدەك سېنى بېسىپ كېلەر، ھاجەتمەنلىك قالقانلىق ئەسكەردەك ساڭا ھۇجۇم قىلار. |