דבר יהוה אשר היה אל יואל בן פתואל | 1 |
پەرۋەردىگارنىڭ پېتۇئېلنىڭ ئوغلى يوئېلغا چۈشكەن سۆزى: ــ |
שמעו זאת הזקנים והאזינו כל יושבי הארץ ההיתה זאת בימיכם ואם בימי אבתיכם | 2 |
«ئى قېرىلار، ئاڭلاڭلار؛ زېمىندا بارلىق تۇرۇۋاتقان ھەممەيلەن، قۇلاق سېلىڭلار؛ ئۆز كۈنلىرىڭلاردا ياكى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ كۈنلىرىدىمۇ شۇنداق بىر ئىش بولۇپ باققانمۇ؟ |
עליה לבניכם ספרו ובניכם לבניהם ובניהם לדור אחר | 3 |
بالىلىرىڭلارغا شۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار، بالىلىرىڭلار ئۆز بالىلىرىغا ئېيتسۇن، ئۇلارمۇ كېلەر دەۋرگە ئېيتسۇن: ــ |
יתר הגזם אכל הארבה ויתר הארבה אכל הילק ויתר הילק אכל החסיל | 4 |
«چىشلىگۈچى قۇرت» قالدۇرغاننى چېكەتكە يەپ بولدى، چېكەتكە قالدۇرغاننى چېكەتكە لىچىنكىلىرى يەپ بولدى، چېكەتكە لىچىنكىلىرى قالدۇرغاننى «ۋەيرانچى قۇرت»لار يەپ بولدى. |
הקיצו שכורים ובכו והיללו כל שתי יין על עסיס כי נכרת מפיכם | 5 |
ئەي، ھاراقكەشلەر، ئويغىنىپ قاتتىق يىغلاڭلار، ھۇۋلىشىڭلار، ئى شاراب ئىچكۈچىلەر، يېڭى شاراب تۈپەيلىدىن ــ چۈنكى ئۇ ئاغزىڭدىن ئېلىپ تاشلاندى. |
כי גוי עלה על ארצי עצום ואין מספר שניו שני אריה ומתלעות לביא לו | 6 |
چۈنكى بىر خەلق، كۈچلۈك، سانسىزلىغان خەلق، زېمىنىم ئۈستىگە بېسىپ كەلدى؛ ئۇنىڭ چىشلىرى بولسا شىرنىڭ چىشلىرى، ئۇنىڭدا شىرنىڭ ھىڭگاڭ چىشلىرى باردۇر؛ |
שם גפני לשמה ותאנתי לקצפה חשף חשפה והשליך הלבינו שריגיה | 7 |
ئۇ مېنىڭ ئۈزۈم تاللىرىمنى ۋەيرانە قىلىۋەتتى، ئەنجۈر دەرىخىمنىڭ قوۋزاقلىرىنى سىيرىۋەتتى، ئۇلارنى يالىڭاچلاپ، تاشلىۋەتتى؛ ئۇلارنىڭ شاخلىرى ئاقلىۋېتىلدى. |
אלי כבתולה חגרת שק על בעל נעוריה | 8 |
ياشلىقىدىكى ئېرى ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ بۆز كىيىملەرگە ئورانغان نەۋجۇۋاندەك قاتتىق پىغان چېكىڭلار؛ |
הכרת מנחה ונסך מבית יהוה אבלו הכהנים משרתי יהוה | 9 |
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى «ئاشلىق ھەدىيە»دىن ھەم «شاراب ھەدىيە»لەردىن مەھرۇم قىلىندى؛ كاھىنلار، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتچىلىرى ماتەم تۇتىدۇ. |
שדד שדה אבלה אדמה כי שדד דגן הוביש תירוש אמלל יצהר | 10 |
ئېتىزلار چۆلدەرەپ كەتتى، زېمىن ماتەم تۇتىدۇ؛ چۈنكى زىرائەتلەر غازان بولدى، يېڭى شاراب قۇرۇپ كەتتى، زەيتۇن مېيى قاغجىرىدى. |
הבישו אכרים הילילו כרמים על חטה ועל שערה כי אבד קציר שדה | 11 |
ھەي دېھقانلار، ئۇيۇلۇڭلار؛ بۇغدايلار ھەم ئارپىلار ئۈچۈن يالۋۇرۇڭلار، ئى ئۈزۈمچىلەر، چۈنكى ئېتىزلارنىڭ ھوسۇللىرى قۇرۇپ كەتتى. |
הגפן הובישה והתאנה אמללה רמון גם תמר ותפוח כל עצי השדה יבשו--כי הביש ששון מן בני אדם | 12 |
ئۈزۈم تېلى قاغجىراپ كەتتى، ئەنجۈر دەرىخى سولىشىپ قالدى، ئانار دەرىخى، خورما پالمىسى ھەم ئالما دەرىخىمۇ، دالادىكى بارلىق دەرەخلەر سولىشىپ كەتتى؛ بەرھەق، شادلىقمۇ ئادەم بالىلىرىدا سولىشىپ كەتتى. |
חגרו וספדו הכהנים הילילו משרתי מזבח--באו לינו בשקים משרתי אלהי כי נמנע מבית אלהיכם מנחה ונסך | 13 |
بېلىڭلارنى باغلاڭلار، پەرياد ئوقۇڭلار، ئى كاھىنلار؛ ھۇۋلاڭلار، ئى قۇربانگاھنىڭ خىزمەتچىلىرى؛ كېچىچە بۆز كىيىملەرنى كىيىپ دۈم يېتىڭلار، ئى خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى؛ چۈنكى خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىدىن «ئاشلىق ھەدىيە» ھەم «شاراب ھەدىيە» ئۈزۈلۈپ قالدى. |
קדשו צום קראו עצרה--אספו זקנים כל ישבי הארץ בית יהוה אלהיכם וזעקו אל יהוה | 14 |
«روزا تۇتايلى» دەپ [خۇداغا] مەخسۇس بىر مەزگىلنى ئايرىڭلار، جامائەتكە مەخسۇس يىغىلىمىز، دەپ جاكارلاڭلار؛ ئاقساقاللارنى، زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىگە يىغىپ، پەرۋەردىگارغا نالە كۆتۈرۈڭلار! |
אהה ליום כי קרוב יום יהוה וכשד משדי יבוא | 15 |
«ئاھ، شۇ كۈن! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يېقىنلاشتى، ئۇ ھەممىگە قادىر تەرىپىدىن ھالاكەت بولۇپ كېلىدۇ. |
הלוא נגד עינינו אכל נכרת מבית אלהינו שמחה וגיל | 16 |
مانا، غىزا كۆز ئالدىمىزدىن ئېلىپ تاشلاندى ئەمەسمۇ؟ شادلىق، خۇشاللىق خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ تاشلاندى ئەمەسمۇ؟ |
עבשו פרדות תחת מגרפתיהם--נשמו אצרות נהרסו ממגרות כי הביש דגן | 17 |
ئۇرۇقلار توپا-چالمىلار ئاستىدا چىرىپ كەتتى، ئامبارلار خارابىلەشتى، بوغۇزخانىلار غۇلاپ چۈشتى؛ چۈنكى زىرائەتلەر غازاڭ بولدى. |
מה נאנחה בהמה נבכו עדרי בקר--כי אין מרעה להם גם עדרי הצאן נאשמו | 18 |
چارپايلار شۇنداق ھۆركىرىشىپ كەتتى! كالا پادىلىرى پاتىپاراق بولدى، ئوتلاقنى تاپالمىغاچ؛ قوي پادىلىرىمۇ ئۆزى «گۇناھىمىز بار» دېگەندەك مەيۈسلەندى؛ |
אליך יהוה אקרא כי אש אכלה נאות מדבר ולהבה להטה כל עצי השדה | 19 |
ئاھ، پەرۋەردىگار، نىدا قىلىمەن ساڭا؛ چۈنكى ئوت يالقۇنلىرى جاڭگالدىكى ئوت-چۆپلەرنى يەۋەتتى، يالقۇن دالادىكى بارلىق دەرەخلەرنى كۆيدۈرۈۋەتتى. |
גם בהמות שדה תערוג אליך כי יבשו אפיקי מים ואש אכלה נאות המדבר | 20 |
دالادىكى ھايۋانلارمۇ ساڭا نىدا قىلىدۇ، چۈنكى ئېرىق-ئۆستەڭلەر قۇرۇپ كەتتى، ئوت-يالقۇن جاڭگالدىكى ئوت-چۆپلەرنى يەۋەتتى. |