< ירמיה 41 >

ויהי בחדש השביעי בא ישמעאל בן נתניה בן אלישמע מזרע המלוכה ורבי המלך ועשרה אנשים אתו אל גדליהו בן אחיקם--המצפתה ויאכלו שם לחם יחדו במצפה 1
ئەمدى يەتتىنچى ئايدا شۇنداق بولدىكى، شاھزادە، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ باش ئەمەلدارلىرىدىن بىرى بولغان ئەلىشامانىڭ نەۋرىسى، نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئون ئادەم ئېلىپ مىزپاھغا، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانىڭ يېنىغا كەلدى؛ ئۇلار شۇ يەردە، يەنى مىزپاھدا نان ئوشتۇپ غىزالانغاندا،
ויקם ישמעאל בן נתניה ועשרת האנשים אשר היו אתו ויכו את גדליהו בן אחיקם בן שפן בחרב--וימת אתו אשר הפקיד מלך בבל בארץ 2
نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ھەم ئۇ ئېپكەلگەن ئون ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىياغا قىلىچ چاپتى؛ ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشى بابىل پادىشاھى يەھۇدا زېمىنى ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىققا بەلگىلىگەننى ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى.
ואת כל היהודים אשר היו אתו את גדליהו במצפה ואת הכשדים אשר נמצאו שם--את אנשי המלחמה הכה ישמעאל 3
ئىشمائىل مىزپاھدا گەدالىياغا ھەمراھ بولغان بارلىق يەھۇدىيلار ۋە شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان بارلىق كالدىي جەڭگىۋار لەشكەرلەرنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.
ויהי ביום השני להמית את גדליהו ואיש לא ידע 4
شۇنداق بولدىكى، گەدالىيانى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئىككىنچى كۈنىگىچە ھېچكىم تېخى ئۇنىڭدىن خەۋەر تاپمىغانىدى،
ויבאו אנשים משכם משלו ומשמרון שמנים איש מגלחי זקן וקרעי בגדים ומתגדדים ומנחה ולבונה בידם להביא בית יהוה 5
مانا شەقەم، شىلوھ ھەم سامارىيەدىن سەكسەن ئادەم يېتىپ كەلدى. ئۇلار ساقىلىنى چۈشۈرگەن، كىيىملىرىنى يىرتقان، ئەتلىرىنى تىلغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە سۇنۇشقا قولىدا ھەدىيەلەرنى ھەم خۇشبۇينى تۇتقان ھالدا كەلگەنىدى.
ויצא ישמעאל בן נתניה לקראתם מן המצפה הלך הלך ובכה ויהי כפגש אתם ויאמר אליהם באו אל גדליהו בן אחיקם 6
نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئۇلارنى قارشى ئېلىشقا ماڭغىنىچە يىغلىغانغا سېلىپ مىزپاھدىن چىقتى؛ ئۇلارغا: «مەرھەمەت، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيا بىلەن كۆرۈشۈشكە ئاپىرىمەن» ــ دېدى.
ויהי כבואם אל תוך העיר וישחטם ישמעאל בן נתניה אל תוך הבור--הוא והאנשים אשר אתו 7
شۇنداق بولدىكى، ئۇلار شەھەر ئوتتۇرىسىغا يەتكەندە، نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ئادەملەر ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ جەسەتلىرىنى سۇ ئازگىلىغا تاشلىۋەتتى.
ועשרה אנשים נמצאו בם ויאמרו אל ישמעאל אל תמתנו--כי יש לנו מטמנים בשדה חטים ושערים ושמן ודבש ויחדל ולא המיתם בתוך אחיהם 8
ھالبۇكى، ئۇلار ئارىسىدىن ئون ئادەم ئىشمائىلغا: «بىزنى ئۆلتۈرۈۋەتمە، چۈنكى دالادا بىزنىڭ يوشۇرۇپ قويغان بۇغداي، ئارپا، زەيتۇن مېيى ۋە ھەسەل قاتارلىق ئوزۇق-تۈلۈكىمىز بار» ــ دېدى. شۇڭا ئۇ قولىنى يىغىپ، بۇرادەرلىرى ئارىسىدىن ئۇلارنى ئۆلتۈرمىدى.
והבור אשר השליך שם ישמעאל את כל פגרי האנשים אשר הכה ביד גדליהו--הוא אשר עשה המלך אסא מפני בעשא מלך ישראל אתו מלא ישמעאל בן נתניהו--חללים 9
ئىشمائىل ئۆلتۈرگەن ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرىنى تاشلىۋەتكەن بۇ ئازگال بولسا، ئىنتايىن چوڭ ئىدى؛ ئۇنى ئەسلى پادىشاھ ئاسا ئىسرائىل پادىشاھى بائاشادىن قورقۇپ كولاپ ياسىغانىدى. نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل بۇ ئازگالنى جەسەتلەر بىلەن تولدۇردى.
וישב ישמעאל את כל שארית העם אשר במצפה את בנות המלך ואת כל העם הנשארים במצפה אשר הפקיד נבוזראדן רב טבחים את גדליהו בן אחיקם וישבם ישמעאל בן נתניה וילך לעבר אל בני עמון 10
ئىشمائىل مىزپاھتا تۇرغان خەلقنىڭ قالدىسىنىڭ ھەممىسىنى، جۈملىدىن قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىياغا تاپشۇرغان پادىشاھنىڭ قىزلىرى ۋە مىزپاھدا قالغان بارلىق كىشىلەرنى ئەسىرگە ئېلىپ كەتتى؛ نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئۇلارنى ئەسىرگە ئېلىپ ئاممونىيلارنىڭ قېشىغا ئۆتۈشكە يول ئالدى.
וישמע יוחנן בן קרח וכל שרי החילים אשר אתו את כל הרעה אשר עשה ישמעאל בן נתניה 11
كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ۋە ئۇنىڭ قېشىدىكى ھەممە لەشكەر باشلىقلىرى نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل سادىر قىلغان بارلىق رەزىللىكتىن خەۋەر تاپتى؛
ויקחו את כל האנשים וילכו להלחם עם ישמעאל בן נתניה וימצאו אתו אל מים רבים אשר בגבעון 12
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بارلىق ئادەملىرىنى ئېلىپ نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىلغا جەڭ قىلىشقا چىقتى؛ ئۇلار گىبېئوندىكى چوڭ كۆل بويىدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتى.
ויהי כראות כל העם אשר את ישמעאל את יוחנן בן קרח ואת כל שרי החילים אשר אתו--וישמחו 13
ئىشمائىلنىڭ قولىدا تۇرغان بارلىق خەلق كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ھەم ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولغان بارلىق لەشكەر باشلىقلىرىنى كۆرگەندە خۇشال بولدى.
ויסבו כל העם אשר שבה ישמעאל מן המצפה וישבו וילכו אל יוחנן בן קרח 14
ئىشمائىل مىزپاھدىن ئېلىپ كەتكەن بارلىق خەلق يولدىن يېنىپ، كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھاناننىڭ يېنىغا كەلدى.
וישמעאל בן נתניה נמלט בשמנה אנשים מפני יוחנן וילך אל בני עמון 15
لېكىن نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل سەككىز ئادىمى بىلەن يوھاناندىن قېچىپ، ئاممونىيلار تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتتى.
ויקח יוחנן בן קרח וכל שרי החילים אשר אתו את כל שארית העם אשר השיב מאת ישמעאל בן נתניה מן המצפה אחר הכה את גדליה בן אחיקם--גברים אנשי המלחמה ונשים וטף וסרסים אשר השיב מגבעון 16
ئاندىن كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ھەم ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولغان بارلىق لەشكەر باشلىقلىرى نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن مىزپاھدىن ئېلىپ كەتكەن خەلقنىڭ قالدىسىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز قېشىغا ئالدى؛ ئۇ ئۇلارنى، يەنى جەڭگىۋار لەشكەرلەر، قىز-ئاياللار، بالىلار ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرىنى گىبېئوندىن ئېلىپ كەتتى.
וילכו וישבו בגרות כמוהם (כמהם) אשר אצל בית לחם--ללכת לבוא מצרים 17
ئۇلار كالدىيىلەردىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن مىسىرغا قاراپ يول ئېلىپ بەيت-لەھەمگە يېقىن بولغان گېرۇت-قىمخامدا توختاپ تۇردى.
מפני הכשדים כי יראו מפניהם כי הכה ישמעאל בן נתניה את גדליהו בן אחיקם אשר הפקיד מלך בבל בארץ 18
سەۋەبى بولسا، ئۇلار كالدىيلەردىن قورقاتتى؛ چۈنكى بابىل پادىشاھى زېمىن ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىققا بەلگىلىگەن ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى.

< ירמיה 41 >