הראני יהוה והנה שני דודאי תאנים מועדים לפני היכל יהוה אחרי הגלות נבוכדראצר מלך בבל את יכניהו בן יהויקים מלך יהודה ואת שרי יהודה ואת החרש ואת המסגר מירושלם ויבאם בבל | 1 |
بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىن يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى، يەھۇدا پادىشاھى يەكونىياھ، يەھۇدا ئەمىر-شاھزادىلىرى، ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەرنى ئەسىرگە ئېلىپ بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ماڭا ئۆز ئىبادەتخانىسى ئالدىدىكى ئىككى سېۋەت ئەنجۈرنى «مانا كۆر» دەپ كۆرسەتكەن. |
הדוד אחד תאנים טבות מאד כתאני הבכרות והדוד אחד תאנים רעות מאד אשר לא תאכלנה מרע | 2 |
بىر سېۋەتتە دەسلەپكى پىشقان ئەنجۈردەك ئىنتايىن ياخشى ئەنجۈرلەر بار ئىدى؛ ئىككىنچى سېۋەتتە يېگىلى بولمايدىغان، ئىنتايىن ناچار ئەنجۈرلەر بار ئىدى. |
ויאמר יהוה אלי מה אתה ראה ירמיהו ואמר תאנים התאנים הטבות טבות מאד והרעות רעות מאד אשר לא תאכלנה מרע | 3 |
ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا: «نېمە كۆردۈڭ، يەرەمىيا؟» ــ دەپ سورىدى. مەن: «ئەنجۈرلەرنى كۆردۈم؛ ياخشىلىرى بولسا ئىنتايىن ياخشىكەن؛ ناچارلىرى يېگىلى بولمايدىغان، ئىنتايىن ناچار ئىكەن» ــ دېدىم. |
ויהי דבר יהוה אלי לאמר | 4 |
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ |
כה אמר יהוה אלהי ישראל כתאנים הטבות האלה כן אכיר את גלות יהודה אשר שלחתי מן המקום הזה ארץ כשדים--לטובה | 5 |
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن يەھۇدادىن سۈرگۈن بولغانلارنى، يەنى مېنىڭ بۇ يەردىن كالدىيلەرنىڭ زېمىنىغا ئەۋەتكەنلىرىمنى بۇ ياخشى ئەنجۈرلەردەك ياخشى دەپ قارايمەن؛ |
ושמתי עיני עליהם לטובה והשבתים על הארץ הזאת ובניתים ולא אהרס ונטעתים ולא אתוש | 6 |
مەن ئۇلارغا ياخشى بولسۇن دەپ كۆزۈمنى ئۇلارغا تىكىمەن ۋە ئۇلارنى بۇ زېمىنغا قايتۇرىمەن؛ مەن ئۇلارنى غۇلىتىپ تاشلىمايمەن، بەلكى ئۇلارنى قۇرىمەن؛ ئۇلارنى يۇلۇپ تاشلىمايمەن، بەلكى تىكىپ ئۆستۈرىمەن. |
ונתתי להם לב לדעת אתי כי אני יהוה והיו לי לעם ואנכי אהיה להם לאלהים כי ישבו אלי בכל לבם | 7 |
مەن ئۇلارغا مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدىغان، مېنى تونۇيدىغان بىر قەلبنى تەقدىم قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن؛ چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن يېنىمغا قايتىدۇ. |
וכתאנים הרעות אשר לא תאכלנה מרע כי כה אמר יהוה כן אתן את צדקיהו מלך יהודה ואת שריו ואת שארית ירושלם הנשארים בארץ הזאת והישבים בארץ מצרים | 8 |
لېكىن ناچار ئەنجۈرلەر، يەنى يېگىلى بولمايدىغان، ئىنتايىن ناچار ئەنجۈرلەر قانداق بولغان بولسا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بەرھەق، مەن يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانى، ئەمىر-شاھزادىلىرىنى ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ قالغان قىسمىنى، بۇ زېمىندا قالغانلارنى ۋە مىسىردا تۇرۇۋاتقانلارنى شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىمەن؛ |
ונתתים לזועה (לזעוה) לרעה לכל ממלכות הארץ לחרפה ולמשל לשנינה ולקללה בכל המקמות אשר אדיחם שם | 9 |
مەن ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ۋەھىمە سالغۇچى بىر ئوبيېكت بولۇشقا، كۈلپەتكە چۈشۈشكە تاپشۇرىمەن؛ مەن ئۇلارنى ھەيدىۋەتكەن بارلىق جايلاردا ئۇلارنى رەسۋاچىلىقنىڭ ئوبيېكتى، سۆز-چۆچەك، تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى ۋە لەنەت سۆزلىرى بولۇشقا تاپشۇرىمەن. |
ושלחתי בם את החרב את הרעב ואת הדבר עד תמם מעל האדמה אשר נתתי להם ולאבותיהם | 10 |
مەن ئۇلارغا ھەم ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىندىن يوقىتىلغۇچە ئۇلار ئارىسىغا قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابانى ئەۋەتىمەن. |