< הושע 11 >

כי נער ישראל ואהבהו וממצרים קראתי לבני 1
ئىسرائىل بالا چېغىدا، مەن ئۇنى سۆيدۈم، شۇنىڭ بىلەن ئوغلۇمنى مىسىردىن چىقىشقا چاقىردىم.
קראו להם כן הלכו מפניהם--לבעלים יזבחו ולפסלים יקטרון 2
بىراق ئۇلار [خەلقىمنى] چاقىرىۋىدى، ئۇلار دەرھال ھۇزۇرۇمدىن چىقىپ كەتتى؛ ئۇلار «بائال»لارغا قۇربانلىق قىلىشقا باشلىدى، ئويما مەبۇدلارغا ئىسرىق سالدى.
ואנכי תרגלתי לאפרים קחם על זרועתיו ולא ידעו כי רפאתים 3
ئەفرائىمغا مېڭىشنى ئۆگەتكۈچى ئۆزۈم ئىدىم، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ۋە يۆلەپ ــ بىراق ئۆزىنى ساقايتقۇچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى ئۇلار بىلمىدى.
בחבלי אדם אמשכם בעבתות אהבה ואהיה להם כמרימי על על לחיהם ואט אליו אוכיל 4
مەن ئادىمەتچىلىكنىڭ كۆيۈنۈش رىشتىلىرى بىلەن، سۆيگۈنىڭ تارلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تارتىۋالدىم؛ مەن ئۇلارغا خۇددى ئېڭىكىدىن بويۇنتۇرۇقنى ئېلىۋەتكۈچى بىرسىدەك بولغانمەن، ئېگىلىپ ئۆزۈم ئۇلارنى ئوزۇقلاندۇرغانمەن.
לא ישוב אל ארץ מצרים ואשור הוא מלכו כי מאנו לשוב 5
ئۇلار مىسىرغا قايتىدىغان بولمامدۇ؟ ئاسۇرىيەلىك دەرۋەقە ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولىدىغان ئەمەسمۇ؟ ــ چۈنكى ئۇلار يېنىمغا قايتىشنى رەت قىلدى!
וחלה חרב בעריו וכלתה בדיו ואכלה--ממעצותיהם 6
قىلىچ ئۇنىڭ شەھەرلىرىدە ھەريان ئوينىتىلىدۇ؛ [دەرۋازىسىدىكى] تۆمۈر بالداقلارنى ۋەيران قىلىپ يەپ كېتىدۇ؛ بۇ ئۆز ئەقىللىرىنىڭ كاساپىتىدۇر!
ועמי תלואים למשובתי ואל על יקראהו--יחד לא ירומם 7
بەرھەق، مېنىڭ خەلقىم مەندىن چەتلەپ كېتىشكە مەپتۇن بولدى؛ ئۇلار ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا نىدا قىلىپ چاقىرسىمۇ، لېكىن ھېچكىم ئۇلارنى كۆتۈرمەيدۇ.
איך אתנך אפרים אמגנך ישראל--איך אתנך כאדמה אשימך כצבאים נהפך עלי לבי יחד נכמרו נחומי 8
مەن قانداقمۇ سېنى تاشلاپ قويىمەن، ئى ئەفرائىم؟ مەن قانداقمۇ سېنى [دۈشمەنگە] تاپشۇرىمەن، ئى ئىسرائىل؟! قانداقمۇ سېنى ئادماھ شەھىرىدەك قىلىمەن؟! سېنى قانداقمۇ زەبوئىم شەھىرىدەك بىر تەرەپ قىلىمەن؟! قەلبىم ئىچ-باغرىمدا قايناپ كېتىۋاتىدۇ، مېنىڭ بارلىق رەھىمدىللىقىم قوزغىلىۋاتىدۇ!
לא אעשה חרון אפי לא אשוב לשחת אפרים כי אל אנכי ולא איש--בקרבך קדוש ולא אבוא בעיר 9
غەزىپىمنىڭ قەھرىنى يۈرگۈزمەيمەن، ئىككىنچى يەنە ئەفرائىمنى يوقاتمايمەن؛ چۈنكى مەن ئىنسان ئەمەس، تەڭرىدۇرمەن، ــ يەنى ئاراڭدا بولغان پاك-مۇقەددەس بولغۇچىدۇرمەن؛ مەن دەرغەزەپ بىلەن كەلمەيمەن.
אחרי יהוה ילכו כאריה ישאג כי הוא ישאג ויחרדו בנים מים 10
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ كەينىدىن ماڭىدۇ؛ ئۇ شىردەك ھۆركىرەيدۇ؛ ئۇ ھۆركىرىگەندە، ئەمدى بالىلىرى غەربتىن تىترىگەن ھالدا كېلىدۇ؛
יחרדו כצפור ממצרים וכיונה מארץ אשור והושבתים על בתיהם נאם יהוה 11
ئۇلار مىسىردىن قۇشتەك، ئاسۇرىيە زېمىنىدىن پاختەكتەك تىترىگەن ھالدا چىقىپ كېلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۆز ئۆيلىرىگە ماكانلاشتۇرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
סבבני בכחש אפרים ובמרמה בית ישראל ויהודה עד רד עם אל ועם קדושים נאמן 12

< הושע 11 >