< Nehemia 9 >

1 Le ɣleti sia ke ƒe ŋkeke blaeve-vɔ-enelia gbe la, Israelviwo gava kpe ta. Azɔ la, wotsi nu dɔ, ta akpanya, eye wolɔ ke kɔ ɖe ta me.
شۇ ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى ئىسرائىللار روزا تۇتۇپ، بوز كىيىپ، ئۈستى-بېشىغا توپا چاچقان ھالدا يىغىلدى؛
2 Israelviwo ɖe wo ɖokui ɖe aga tso amedzrowo gbɔ. Wotsi tsitre ɖe wo nɔƒewo, eye woʋu woawo ŋutɔ ƒe nu vɔ̃ kple wo fofowo ƒe nu tovowo wɔwɔ me.
ئىسرائىل نەسلى ئۆزلىرىنى بارلىق يات تائىپىلەردىن ئايرىپ چىقتى، ئاندىن ئۆرە تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ۋە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلدى.
3 Woxlẽ Seawo tso Yehowa, woƒe Mawu, ƒe Segbalẽ la me gaƒoƒo etɔ̃, eye wowɔ gaƒoƒo etɔ̃ bubu ŋu dɔ heʋu woƒe nu vɔ̃wo me hesubɔ Yehowa, woƒe Mawu la.
ئۇلار شۇ كۈننىڭ تۆتتىن بىرىدە ئۆز يېرىدە تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇن كىتابىنى ئوقۇدى؛ كۈننىڭ يەنە تۆتتىن بىرىدە ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تونۇدى ۋە خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى.
4 Levitɔ aɖewo nɔ agba la dzi, eye wonɔ Yehowa kafum kple aseyetsohawo. Ame siawoe nye, Yesua, Bani, Kadmiel, Sebania, Buni, Serebia, Bani kple Kenani.
لاۋىيلاردىن يەشۇئا، بانى، كادمىيەل، شەبانىيا، بۇننى، شەرەبىيا، بانى ۋە كېنانىلار پەلەمپەيلەردە تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن نىدا قىلدى.
5 Levitɔwo ƒe kplɔlawo gblɔ na ameawo be, “Mitsi tsitre miakafu Yehowa, miaƒe Mawu la, elabena eli tso mavɔ me yi mavɔ me. Mikafu eƒe ŋkɔ kɔkɔe la! Elolo sãa wu nu si míate ŋu abu kple ale si míate ŋu agblɔ!” Kplɔla siawoe nye Yesua, Kadmiel, Bani, Hasabneia, Serebia, Hodia, Sebania kple Petahia.
لاۋىي يەشۇئا، كادمىيەل، بانى، ھاشابىنىيا، شەرەبىيا، خودىيا، شەبانىيا ۋە پىتاھىيالار: «ئورنۇڭلاردىن قوپۇپ خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار» ــ دېدى ۋە مۇنداق [دۇئا-ھەمدۇسانا ئۇقۇدى]: ــ «[ئى خۇدا]، ئىنسانلار سېنىڭ شانۇ-شەۋكەتلىك نامىڭنى ئۇلۇغلىسۇن! بەرھەق، بارلىق تەشەككۈر-مەدھىيىلەر نامىڭغا يېتىشمەيدۇ!
6 Ezra do gbe ɖa be, “O! Yehowa, wò ɖeka koe nye Mawu. Wòe wɔ dziƒo kple dziƒowo ƒe dziƒo, anyigba kple atsiaƒu kple nu siwo katã le wo me. Wòe kpɔa wo katã dzi, eye wòe mawudɔlawo katã subɔna.
سەن، پەقەت سەنلا پەرۋەردىگاردۇرسەن؛ ئاسمانلارنى، ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنىنى ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىنى، يەر ۋە يەر ئۈستىدىكى ھەممىنى، دېڭىزلار ۋە ئۇلار ئىچىدىكى ھەممىنى ياراتقۇچىدۇرسەن؛ سەن بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ھاياتلىق بەرگۈچىسەن، ئاسمانلارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرى ساڭا سەجدە قىلغۇچىدۇر.
7 “Wòe nye Yehowa Mawu, ame si tia Abram, eye nèkplɔe do goe tso Ur le Kaldea, eye nètrɔ ŋkɔ nɛ be Abraham.
سەن بەرھەق پەرۋەردىگار خۇدادۇرسەن، سەن ئابرامنى تاللىدىڭ، ئۇنى كالدىيەنىڭ ئۇر شەھىرىدىن ئېلىپ چىقتىڭ، ئۇنىڭغا ئىبراھىم دېگەن نامنى ئاتا قىلدىڭ.
8 Esi wòwɔ nuteƒe na wò la, èbla nu kplii tegbee be yeatsɔ Kanaantɔwo, Hititɔwo, Amoritɔwo, Perizitɔwo, Yebusitɔwo kple Girgasitɔwo ƒe anyigba anae kple eƒe dzidzimeviwo tegbetegbe. Èwɔ wò ŋugbedodo dzi, elabena ènye nuteƒewɔla.
سەن ئۇنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزۈڭگە سادىق-ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزۈپ قانائانىيلارنىڭ، ھىتتىيلارنىڭ، ئامورىيلارنىڭ، پەرىززىيلەرنىڭ، يەبۇسىيلارنىڭ ۋە گىرگاشىيلارنىڭ زېمىنىنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەقدىم قىلىپ بېرىشنى ۋەدە قىلدىڭ؛ سەن ھەققانىي بولغانلىقىڭدىن، سۆزلىرىڭنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ.
9 “Èkpɔ mía tɔgbuiwo ƒe fukpekpe kple nuxaxa le Egipte, eye nèse woƒe ɣlidodo tso Ƒu Dzĩ la to.
سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مىسىردا جەبىر-زۇلۇم چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ قىزىل دېڭىز بويىدىكى نالىسىغا قۇلاق سالدىڭ.
10 Èwɔ dzesi kple nukunu triakɔwo fia Fia Farao kple eƒe amewo, elabena ènya fu siwo Egiptetɔwo nɔ wo wɔm. Èxɔ ŋkɔ gã le nu gã siwo nèwɔ, eye womaŋlɔ wo be akpɔ o la ta.
سەن مىسىرلىقلارنىڭ ئۇلارغا قانداق يوغانچىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى بىلگىنىڭدىن كېيىن پىرەۋن، ئۇنىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىدىكى بارلىق خەلققە مۆجىزىلىك ئالامەت ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۆزۈڭ ئۈچۈن بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇلۇغ بىر نام-شۆھرەتنى تىكلىدىڭ.
11 Èma atsiaƒu la ɖe akpa eve me, ale be wò amewo nate ŋu azɔ anyigba ƒuƒui dzi atso atsiaƒu la! Gake ètsrɔ̃ woƒe futɔwo ɖe atsiaƒu la ƒe gogloƒe. Wonyrɔ abe kpe ene ɖe atsiaƒu la me.
سەن يەنە [ئاتا-بوۋىلىرىمىز] ئالدىدا دېڭىزنى بۆلۈپ، ئۇلار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قۇرۇق يەر ئۈستىدىن مېڭىپ ئۆتتى؛ ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەنلەرنى چوڭقۇر دېڭىز تېگىگە تاشلاپ غەرق قىلىۋەتتىڭ، خۇددى جۇشقۇنلۇق دېڭىزغا تاشلانغان تاشتەك غەرق قىلدىڭ.
12 Ètsɔ lilikpo dodo kplɔ mía tɔgbuiwo le ŋkeke me, eye nèkplɔ wo kple dzosɔti le zã me, ale be woate ŋu akpɔ mɔ.
سەن ئۇلارنى كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى بىلەن، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكى بىلەن يېتەكلىدىڭ، بۇلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ماڭىدىغان يولىنى يورۇتۇپ بەردىڭ.
13 “Èɖiɖi va Sinai to la dzi, èƒo nu kpli wo tso dziƒo, eye nèna Se kple ɖoɖo nyui siwo le eteƒe la wo.
سەن سىناي تېغىغا چۈشۈپ، ئاسماندا تۇرۇپ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارغا توغرا ھۆكۈم، ھەقىقىي ئىشەنچلىك قانۇنلار، ياخشى بەلگىلىمىلەر ۋە ئەمرلەرنى ئاتا قىلدىڭ.
14 Ède Se na wo tso Dzudzɔgbe kɔkɔe la ŋu, ède Seawo na wo to wò dɔla, Mose dzi be woawɔ wo katã dzi.
سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭنىڭ مۇقەددەس شابات كۈنۈڭنى تونۇتتۇڭ، قۇلۇڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئۇلارغا ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ۋە تەۋرات قانۇنىنى تاپىلىدىڭ.
15 “Esi dɔ wu wo la, èna nuɖuɖu wo tso dziƒo, eye esi tsikɔ wu wo la, èna tsi wo tso agakpe la me. Èɖe gbe na wo be woayi aɖaxɔ anyigba si nèka atam be yeana wo.
سەن ئۇلارغا ئاچ قالغاندا يېسۇن دەپ ئاسماندىن نان، ئۇسسىغاندا ئىچسۇن دەپ قورام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بەردىڭ؛ سەن ئۇلارغا بېرىشكە قولۇڭنى كۆتۈرۈپ قەسەم قىلغان ئەشۇ زېمىننى كىرىپ ئىگىلەڭلار، دېدىڭ.
16 Ke mía tɔgbuiwo nye dadalawo kple kɔlialiatɔwo, eye wogbe toɖoɖo wò Seawo.
لېكىن ئۇلار، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىمىز مەغرۇلىنىپ، بوينى قاتتىقلىق قىلىپ ئەمرلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى.
17 “Wogbe wò Seawo dzi wɔwɔ, eye womebu nukunu siwo nèwɔ le wo dome o, ke boŋ wodze aglã, eye wotia kplɔla aɖe be wòakplɔ yewo atrɔ ayi kluvinyenye me le Egipte! Ke tsɔtsɔke ƒe Mawu kple amenuvela nènye. Mèdoa dɔmedzoe kabakaba o; lɔlɔ̃ kple nublanuikpɔkpɔ sɔ gbɔ le mewò, eya ta megble wo ɖi o,
ئۇلار ئىتائەت قىلىشنى رەت قىلدى، سېنىڭ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياراتقان كارامەت مۆجىزىلىرىڭنى ياد ئەتمىدى، بەلكى بوينى قاتتىقلىق قىلدى، ئاسىيلىق قىلىپ، قۇل قىلىنغان جايغا كەتمەكچى بولۇپ، ئۆز ئالدىغا يولباشچى تىكلىدى. لېكىن سەن ئەپۇچان، مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىل، ئاسان غەزەپلەنمەيدىغان، زور مېھىر-مۇھەببەتلىك تەڭرىدۇرسەن؛ شۇڭا سەن ئۇلارنى تاشلىۋەتمىدىڭ.
18 togbɔ be wowɔ sikanyivilegba, eye wogblɔ be ‘Esiae nye míaƒe mawu! Eyae kplɔ mi tso Egipte’ hã. Wowɔ nu vɔ̃ le mɔ geɖewo nu,
ئۇلار ھەتتا تېخى ئۆزلىرىگە بىر قۇيما موزاينى ياساپ: «مانا بۇ سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھ!» دېگەن ۋاقتىدا ھەم قاتتىق كۇپۇرلۇق قىلغىنىدا،
19 ke le wò amenuveve ƒe agbɔsɔsɔ ta la, mègble wo ɖi be woaku le gbedzi o! Alilĩkpododo la kplɔa wo yia ŋgɔe gbe sia gbe, eye dzosɔti la fiaa mɔ wo le zã me.
سەن تولىمۇ رەھىمدىل بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى يەنىلا باياۋاندا تاشلاپ قويمىدىڭ؛ كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن نېرى كەتمەي، ئۇلارغا يول باشلىدى؛ كېچىسى ئوت تۈۋرۈكىمۇ ئۇلاردىن نېرى كەتمەي، ئۇلارغا نۇر بېرىپ، ماڭىدىغان يولىنى كۆرسەتتى.
20 Èɖo wò Gbɔgbɔ nyui la ɖa be wòafia nu wo. Mèdzudzɔ mananana wo tso dziƒo o, mèdzudzɔ tsinana wo be wòatsi woƒe tsikɔwuame nu o.
سەن ئۆزۈڭنىڭ مېھرىبانە روھىڭنى چۈشۈرۈپ ئۇلارغا تەلىم بەردىڭ؛ سەن ئۇلارنىڭ يېيىشى ئۈچۈن «ماننا»نى ئايىمىدىڭ، ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن سۇنى بەردىڭ.
21 Èkpɔ wo dzi ƒe blaene le gbedzi, naneke mehiã wo le ɣeyiɣi ma me o. Woƒe awuwo mevuvu o, eye woƒe afɔwo hã mete o!
سەن ئۇلارنى باياۋاندا قىرىق يىل قامداپ كەلدىڭ؛ ھېچنېمىسى كەم بولمىدى، كىيىملىرى كونىرىمىدى، پۇتلىرىمۇ ئىششىمىدى.
22 “Èkpe ɖe wo ŋu woɖu fiaɖuƒe gãwo kple dukɔ geɖewo dzi, eye nèda wò amewo ɖe anyigba la ƒe dzogoe ɖe sia ɖe dzi. Woxɔ Fia Sixɔn, Amoritɔwo ƒe fia, si nɔ Hesbon kple Ɔg, Basan fia, ƒe anyigbawo.
سەن پادىشاھلىقلار ۋە تائىپىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىغا بەردىڭ، بۇلارنى ئۇلارنىڭ زېمىنىغا چېگرالار قىلىپ بەردىڭ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىھون پادىشاھنىڭ زېمىنىنى، ھەشبوننىڭ پادىشاھىنىڭ زېمىنىنى ۋە باشان پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدى.
23 Èna Israelviwo dzi sɔ gbɔ fũu abe dziƒoɣletiviwo ene, eye nèkplɔ wo va anyigba si ŋugbe nèdo na wo tɔgbuiwo la dzi.
سەن ئۇلارنىڭ پەرزەنت-ئەۋلادلىرىنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك ئاۋۇتتۇڭ؛ سەن ئۇلارنى ئاتا-بوۋىلىرىغا: «سىلەر بۇ زېمىننى ئىگىلەشكە ئۇنىڭغا كىرىڭلار» دەپ تەقدىم قىلغان زېمىنغا باشلاپ كىردىڭ.
24 Èbɔbɔ dukɔ blibowo ɖe anyi le wo ŋgɔ, Kanaan fiawo kple woƒe amewo gɔ̃ hã zu ŋusẽmanɔŋutɔwo!
ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى كىرىپ ئۇ زېمىننى ئىگىلىدى؛ سەن ئۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقان قانائان ئاھالىسىنى ئۇلارغا بېقىندۇردۇڭ ھەم زېمىندىكى پادىشاھلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەبىلە-قوۋملىرىنى: «سىلەر ئۇلارغا خالىغانچە مۇئامىلە قىلىڭلار» دەپ ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردۇڭ.
25 Wò amewo xɔ du gã siwo woglã la kple agbledenyigba nyuiwo. Woxɔ aƒe geɖe siwo me nu nyuiwo abe vudo, waingblewo, amitivewo kple kutsetseti geɖewo ene la le. Ale woɖu nu ɖi ƒo, eye wò yayrawo sɔ gbɔ ɖe wo dzi.
ئۇلار مۇستەھكەم شەھەرلەرنى، مۇنبەت يەرلەرنى ئىشغال قىلىپ، ھەرخىل ئېسىل بۇيۇملارغا تولغان ئۆيلەرگە، كولاپ قويۇلغان قۇدۇقلارغا، ئۈزۈمزارلىقلار، زەيتۇنلۇقلار ۋە ئىنتايىن كۆپ مېۋىلىك دەرەخلەرگە ئىگە بولدى؛ يەپ-ئىچىپ سەمرىپ، سېنىڭ زور مېھرىبانلىقىڭدىن سۆيۈنۈشتى!
26 “Ke, togbɔ be nèwɔ esiawo katã na wo hã la, wosẽ to, eye wodze aglã ɖe ŋuwò. Woɖe asi le wò sewo ŋu, wowu nyagblɔɖila siwo gblɔ na wo be woatrɔ ava gbɔwò, eye wogawɔ nu vɔ̃ vɔ̃ɖi bubu geɖewo.
لېكىن ئۇلار گەدەنكەشلىك قىلىپ سېنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، تەۋرات قانۇنۇڭنى ئارقىسىغا تاشلىدى، ئۇلارنى يېنىڭغا ياندۇرماق ئۈچۈن ئاگاھ-گۇۋاھلىق يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلىرىڭنى ئۆلتۈرۈپ ئەشەددىي كۇپۇرلۇق قىلدى.
27 Ale nètsɔ wo de asi na woƒe futɔwo. Ke le woƒe xaxaɣiwo me la, wodo ɣli na wò, èse woƒe ɣlidodo tso dziƒo, eye le wò amenuveve ta la, èɖo amewo ɖa be woaɖe wo tso woƒe futɔwo ƒe
شۇڭا سەن ئۇلارنى جەبىر-زۇلۇم سالغۇچىلارنىڭ قولىغا تاپشۇردۇڭ، دەرۋەقە ئۇلار ئۇلارنى قىينىدى؛ ئۇلار قىينالغان ۋاقىتلىرىدا ساڭا يالۋۇرۇشقانىدى، سەن ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارغا قۇلاق سالدىڭ، زور رەھىمدىللىقىڭ بويىچە ئۇلارغا قۇتقۇزغۇچىلارنى ئەۋەتەتتىڭ، ئۇلار بۇلارنى ئەزگۈچىلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزاتتى.
28 “Ke esi nuwo nɔ yiyim na wo nyuie ko la, wò amewo gatrɔ ɖe nu vɔ̃ wɔwɔ ŋu, eye nègana woƒe futɔwo gaɖu wo dzi. Ke ne wò amewo trɔ va gbɔwò, ɖe kuku na wò, bia wò kpekpeɖeŋu ko la, ègaɖoa to wo tso dziƒo, eye nèɖea wo to wò amenuveve gã la me!
لېكىن ئۇلار ئاراملىققا ئېرىشكەندىن كېيىن يەنە سېنىڭ ئالدىڭدا رەزىللىك قىلىشقا باشلىۋىدى، سەن ئۇلارنى يەنە دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردۇڭ، ئۇلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلدى؛ ئۇلار يەنە سېنىڭ ئالدىڭدا نالە-پەريات قىلىشىۋىدى، سەن ئاسمانلاردا تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، رەھىمدىللىقلىرىڭ بويىچە ئۇلارنى يېنىش-يېنىشلاپ قۇتقۇزدۇڭ.
29 Èhea to na wo ale be nàtrɔ wo ɖe wò seawo ŋu. Ke, togbɔ be wò seawo dzi wɔwɔe naa agbe ame hã la, wò amewo nye dadalawo, eye womeɖo to o, ke boŋ woyi nu vɔ̃ wɔwɔ dzi.
سەن ئۇلارنى ئۆزۈڭنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭغا قايتىشقا ئاگاھلاندۇردۇڭ؛ لېكىن ئۇلار مەغرۇرلىنىپ، ئەمرلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى، ھۆكۈملىرىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلدى (ئىنسان ھۆكۈملىرىڭگە ئەمەل قىلسا، ئۇلار شۇ سەۋەبتىن ھاياتتا بولىدۇ). ئۇلار جاھىللىق بىلەن بوينىنى تولغاپ، گەدەنكەشلىك قىلىپ ساڭا قۇلاق سېلىشنى رەت قىلدى.
30 Ègbɔ dzi ɖi na wo ƒe geɖewo, eye to wò Gbɔgbɔ dzi la, èna nyagblɔɖilawo ƒo nu na wo be woadzudzɔ nu vɔ̃ wɔwɔ, ke womeɖo to wo o. Ale nègana dukɔ siwo subɔa trɔ̃wo la gaɖu wo dzi.
ئۇلارغا ئۇزۇن يىل سەۋر-تاقەت قىلدىڭ، روھىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئاگاھ-گۇۋاھلىق بەرگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا قۇلاق سالمىدى؛ شۇڭا سەن ئۇلارنى ھەرقايسى ئەل-يۇرتلاردىكى تائىپىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇردۇڭ.
31 Ke le wò amenuveve sɔ gbɔ la ta la, mètsrɔ̃ wo keŋkeŋ alo gble wo ɖi o. Mawu amenuvetɔ kple dɔmenyotɔ gãe nènye!
ھالبۇكى، سەن زور رەھىمدىللىقلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ نەسلىنى پۈتۈنلەي قۇرۇتۇۋەتمىدىڭ ھەم ئۇلارنى تاشلىۋەتمىدىڭ؛ چۈنكى سەن مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىل تەڭرىدۇرسەن.
32 “Eya ta, azɔ la, Oo, Mawu gã, si ŋu ŋɔdzi le, wò ame si wɔa wò lɔlɔ̃ kple amenuveve ƒe ŋugbedodo dzi la, mègana fukpekpe siwo katã va mía dzi la, naɖi nu tsɛ aɖeke le wò ŋkume o. Fukpekpe geɖewo va míawo ŋutɔ, míaƒe fiawo, fiaviwo, nyagblɔɖilawo kple tɔgbuiwo dzi ɣeyiɣi si Asiria fia ɖu mía dzi zi gbãtɔ va se ɖe egbe.
ئەمدى ئاھ خۇدايىمىز، ئەھدەڭدە تۇرۇپ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسىتىدىغان ئۇلۇغ، قۇدرەتلىك ۋە دەھشەتلىك تەڭرى، ئەمدى سېنىڭدىن بىزنىڭ، پادىشاھلىرىمىزنىڭ ۋە ئەمىرلىرىمىزنىڭ، كاھىنلىرىمىزنىڭ، پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇنداقلا ئۆزۈڭنىڭ بارلىق خەلقىڭنىڭ ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ زامانىدىن بۇيان بۈگۈنگىچە بېشىمىزغا چۈشكەن بارلىق ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كىچىك ئىش دەپ قارىماسلىقىڭنى ئۆتۈنىمىز.
33 Tɔwò dzɔ ɣe sia ɣi si nèhe to na mí. Míewɔ nu vɔ̃ ale gbegbe be nu si dze mí la koe nèwɔ mí.
بېشىمىزغا كەلگەن بارلىق ئىشتا سەن ئادىلسەن؛ چۈنكى سېنىڭ قىلغىنىڭ ھەقىقەت بويىچە بولدى، بىزنىڭ قىلغىنىمىز رەزىللىكتۇر.
34 Míaƒe fiawo, dumegãwo, nunɔlawo kple mía tɔgbuiwo mewɔ wò sewo dzi o, eye womeɖo to wò nuxlɔ̃amenyawo o.
پادىشاھلىرىمىز، ئەمىرلىرىمىز، كاھىنلىرىمىز بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى سېنىڭ تەۋرات قانۇنۇڭغا ئەمەل قىلماي، ئەمرلىرىڭگە ۋە سېنىڭ ئۇلارغا ئىسپاتلاپ بەرگەن ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ھېچ قۇلاق سالمىدى.
35 Togbɔ be èwɔ nukunu geɖewo na wo, eye nèkɔ wò amenuveve ɖe wo dzi fũu hã la, womesubɔ wò o. Èna anyigba gã aɖe si nyoa nu la wo, gake wogbe asiɖeɖe le woƒe mɔ vɔ̃wo ŋu.
ئۇلار سەن ئۇلارغا مۇيەسسەر قىلغان پادىشاھلىقتا تۇرۇشتىن، ئۇلارغا ئاتا قىلغان زور مەمۇرچىلىقتىن ۋە شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئالدىغا يايغان بۇ كەڭ مۇنبەت زېمىندىكى تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار سېنىڭ ئىبادەت-خىزمىتىڭدە بولمىدى ياكى ئۆزلىرىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىدىن يانمىدى.
36 “Ale míeganye kluviwo le afii, le anyigba si dzi nu nyuiwo bɔ ɖo fũu la dzi! Míeganye kluviwo le nu nyui gbogbo siawo dome!
مانا، بىز بۈگۈن قۇللارمىز! سەن مېۋىسى بىلەن نازۇ-نېمەتلىرىدىن يېيىشكە ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا تەقدىم قىلىپ بەرگەن زېمىندا تۇرساقمۇ، بىز مانا ئۇنىڭدا قۇل بولۇپ قالدۇق!
37 Anyigba sia dzi nuku nyuiwo va yi fia siwo nèna woɖu mía dzi le míaƒe nu vɔ̃wo ta la ƒe asime. Wokpɔ ŋusẽ ɖe míaƒe ŋutilã kple míaƒe lãwo dzi. Míesubɔa wo abe ale si wodi ene, eye míezu nublanuitɔ gãwo.”
[زېمىن] سەن بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن بىزنى ئىدارە قىلىشقا بېكىتكەن پادىشاھلارغا مول مەھسۇلاتلىرىنى بېرىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار بەدەنلىرىمىزنى ھەم چارۋا ماللىرىمىزنى ئۆز مەيلىچە باشقۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ؛ بىز زور دەرد-ئەلەمدە بولدۇق».
38 “Le esiawo katã ta la, míegale ŋugbe dom be míasubɔ Aƒetɔ la, eya ta mí kple míaƒe dumegãwo kple Levitɔwo kple nunɔlawo míele asi dem nubabla sia te.”
«ــ بىز مانا مۇشۇ بارلىق ئىشلار تۈپەيلى مۇقىم بىر ئەھدىنى تۈزۈپ يېزىپ چىقتۇق؛ ئەمىرلىرىمىز، لاۋىيلىرىمىز بىلەن كاھىنلىرىمىز بۇنىڭغا ئۆز مۆھۈرلىرىنى باستى».

< Nehemia 9 >