< Fiawo 1 16 >

1 Le ɣeyiɣi sia me la, Yehowa ƒe gbe va na Fia Baasa to Nyagblɔɖila Yehu dzi be,
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھانانىنىڭ ئوغلى يەھۇغا كېلىپ بائاشانى ئەيىبلەپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
2 “Meɖe wò tso ke me be, nàɖu fia ɖe nye dukɔ Israel dzi. Ke èto Yeroboam ƒe nu vɔ̃ wɔwɔ ƒe mɔwo dzi. Èna nye dukɔ, Israel wɔ nu vɔ̃ eye wodo dziku nam kple woƒe nu vɔ̃wo,
«مانا، مەن سېنى توپا-چاڭ ئىچىدىن چىقىرىپ، خەلقىم ئىسرائىلغا ھۆكۈمران قىلىپ قويدۇم. لېكىن سەن يەروبوئامنىڭ يولىدا يۈرۈپ خەلقىم ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇردۇڭ، ئۇلار گۇناھلىرى بىلەن غەزىپىمنى قوزغىدى.
3 eya ta azɔ la, matsrɔ̃ wò kple wò ƒometɔwo abe ale si metsrɔ̃ Yeroboam ƒe dzidzimeviwo ene.
مانا، مەن بائاشانى ئۆز جەمەتى بىلەن سۈپۈرۈپ يوقىتىپ، جەمەتىڭنى نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ جەمەتىگە ئوخشاش قىلىمەن.
4 Wò ƒometɔ siwo aku le dua me la, avuwo aɖu wo eye esiwo aku ɖe gbedzi la, akagawo aɖu wo.”
بائاشادىن بولغانلاردىن شەھەردە ئۆلگىنىنى ئىتلار يەيدۇ؛ سەھرادا ئۆلگىنىنى ئاسماندىكى قۇشلار يەيدۇ».
5 Woŋlɔ nu bubu ɖe sia ɖe si Baasa wɔ kple eƒe kalẽwɔwɔwo ɖe Israel fiawo ƒe ŋutinyagbalẽ me.
بائاشانىڭ باشقا ئىشلىرى ۋە ئۇنىڭ قىلغانلىرى بىلەن قۇدرىتى توغرىسىدا «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
6 Baasa ku woɖii ɖe Tirza eye via Ela ɖu fia ɖe eteƒe.
بائاشا ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە تىرزاھتا دەپنە قىلىندى؛ ئاندىن ئۇنىڭ ئوغلى ئېلاھ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
7 Nyagblɔɖila Yehu gblɔ nya si tso Yehowa gbɔ, tso Baasa kple eƒe ƒometɔwo ŋu le nu vɔ̃ siwo Baasa wɔ ɖe Yehowa ŋu ta. Edo dɔmedzoe na Yehowa, menye le eya ŋutɔ ƒe nu vɔ̃ ɖeɖe ko ta, abe ale si Yeroboam wɔ le eŋgɔ ene o, ke boŋ le ale si wòwu Yeroboam ƒe ƒometɔwo katã hã ta.
بائاشانىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە قىلغان بارلىق رەزىللىكى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگارنىڭ بائاشانىڭ بېشىغا ۋە ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ بېشىغا چۈشۈرگىنى توغرۇلۇق سۆزى ھانانىنىڭ ئوغلى يەھۇ پەيغەمبەر ئارقىلىق بېرىلگەنىدى. چۈنكى ئۇ يەروبوئامنىڭ جەمەتى قىلغىنىغا ئوخشاش قىلىپ ئۆز قوللىرىنىڭ ئىشلىرى (جۈملىدىن يەروبوئامنىڭ جەمەتىنى چېپىپ ئۆلتۈرگەنلىكى) بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.
8 Ela, Baasa ƒe viŋutsu dze fiaɖuɖu gɔme le Yuda fia Asa ƒe fiaɖuɖu ƒe ƒe blaeve-vɔ-adelia me. Eɖu fia ƒe eve ko.
يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە ئالتىنچى يىلىدا، بائاشانىڭ ئوغلى ئېلاھ تىرزاھتا ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى.
9 Aʋafia Zimri, ame si kpɔa fia la ƒe tasiaɖamwo ƒe afã dzi la ɖo nugbe ɖe Fia Ela ŋu. Gbe ɖeka la, esi Fia Ela mu aha afã kple afã le Arza, ame si nye fiasãdzikpɔla ƒe aƒe me le Tirza, si nye fiadu la me la,
لېكىن ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ يېرىمىغا سەردار بولغان خىزمەتكارى زىمرى ئۇنىڭغا قەست قىلدى؛ [ئېلاھ] تىرزاھتا تىرزاھتىكى ئوردىسىدىكى غوجىدار ئارزانىڭ ئۆيىدە شاراب ئىچىپ مەست بولغاندا
10 Zimri zɔ tẽe ɖatɔ nue ƒu anyi eye wòku. Nya sia dzɔ le Yuda fia Asa ƒe fiaɖuɖu ƒe ƒe blaeve-vɔ-adrelia me. Zimri tsɔ eɖokui ɖo Israel fiae ɖe eteƒe.
زىمرى كىرىپ ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈردى. بۇ ۋاقىت يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى يىلى ئىدى. زىمرى ئېلاھنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
11 Ewu Fia Baasa ƒe ƒometɔwo katã enumake eye megblẽ ŋutsu ɖeka pɛ gɔ̃ hã ɖi o. Ewu eƒe ƒometɔ siwo mete ɖe eŋu tututu o kple exɔlɔ̃wo gɔ̃ hã.
ئۇ پادىشاھ بولۇپ ئۆز تەختىدە ئولتۇرۇشى بىلەنلا ئۇ بائاشانىڭ بارلىق جەمەتىنى چېپىپ ئۆلتۈردى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىدىن بىر ئەركەكنىمۇ تىرىك قالدۇرمىدى.
12 Baasa ƒe ƒometɔ siawo wuwu na nya si Yehowa gblɔ da ɖi to Nyagblɔɖila Yehu dzi la va eme.
شۇنداق قىلىپ زىمرى پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇ پەيغەمبەر ئارقىلىق بائاشانى ئەيىبلىگەن سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بائاشانىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى يوقاتتى.
13 Dzɔgbevɔ̃enya sia dzɔ le Baasa kple via Ela ƒe nu vɔ̃wo ta elabena wokplɔ Israel de legbawo subɔsubɔ me eye Yehowa do dɔmedzoe ŋutɔŋutɔ.
بۇ ئىش بائاشانىڭ بارلىق گۇناھلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ئېلاھنىڭ گۇناھلىرى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھلىرى، ئەرزىمەس بۇتلىرى بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، شۇنداق بولدى.
14 Woŋlɔ nu mamlɛawo tso Ela ƒe fiaɖuɖu ŋu ɖe Israel fiawo ƒe ŋutinyagbalẽ me.
ئېلاھنىڭ باشقا ئىشلىرى ۋە قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
15 Le Asa, Yuda fia ƒe fiaɖuɖu ƒe ƒe blaeve-vɔ-adrelia me la, Zimri ɖu fia le Tirza ŋkeke adre. Aʋakɔ la ƒu asaɖa anyi ɖe Gibeton si nye Filistitɔwo ƒe du aɖe la xa.
يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى يىلىدا زىمرى تىرزاھتا يەتتە كۈن سەلتەنەت قىلدى. خەلق فىلىستىيلەرگە تەۋە بولغان گىببېتوننى قورشىۋېلىپ بارگاھ تىككەنىدى.
16 Esime Israelviwo se le asaɖa la me be Zimri ɖo nugbe ɖe fia la ŋu eye wòwui la, wotsɔ Omri, woƒe aʋafia la ɖo fiae gbe ma gbe ke le asaɖa la me.
بارگاھدا تۇرغان خالايىق: ــ «زىمرى قەست قىلىپ پادىشاھنى ئۆلتۈردى» دەپ ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل شۇ كۈنى بارگاھدا قوشۇننىڭ سەردارى ئومرىنى ئىسرائىلغا پادىشاھ قىلدى.
17 Ale Omri kplɔ aʋakɔ si nɔ Gibeton la eye wòɖe to ɖe Tirza si nye Israel ƒe fiadu.
ئاندىن ئومرى ئىسرائىلنىڭ ھەممىسىنى يېتەكلەپ، گىببېتوندىن چىقىپ، تىرزاھنى قورشىدى.
18 Esi Zimri kpɔ be futɔwo xɔ Tirza la, eyi fiasã la me hetɔ dzoe ɖe eɖokui dzi eye wòku ɖe dzo la me.
ۋە شۇنداق بولدىكى، زىمرى شەھەرنىڭ ئېلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، پادىشاھ ئوردىسىدىكى قورغانغا كىرىپ، ئوردىغا ئوت قويۇۋەتتى، ئۆزى كۆيۈپ ئۆلدى.
19 Esia va eme elabena eya hã wɔ nu vɔ̃ abe Yeroboam ene. Esubɔ legbawo eye wòkplɔ Israel de nu vɔ̃ me.
بۇ ئىش ئۆزىنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىللىك قىلىپ، يەروبوئامنىڭ يولىدا يۈرۈپ، ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھتا ماڭغىنى ئۈچۈن شۇنداق بولدى.
20 Woŋlɔ Zimri ƒe ŋutinya mamlɛa kple eƒe nugbeɖoɖo ɖe Israel fiawo ƒe ŋutinyagbalẽ me.
زىمرىنىڭ باشقا ئىشلىرى ۋە قەست قىلغىنى توغرىسىدا «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
21 Azɔ la, Israel fiaɖuƒe la ma ɖe akpa eve me; akpa ɖeka nɔ Aʋafia Omri dzi eye akpa evelia nɔ Tibni, Ginat ƒe vi dzi.
ئەمما ئىسرائىل خەلقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، ئۇلارنىڭ يېرىمى گىناتنىڭ ئوغلى تىبنىنى پادىشاھ قىلىشقا ئۇنىڭغا ئەگەشتى؛ باشقا يېرىمى بولسا ئومرىگە ئەگەشتى.
22 Ke Aʋafia Omri ɖu Tibni dzi. Wowu Tibni ale be ame aɖeke megaʋli fiaɖuƒe la kple Omri o.
ئەمدى ئومرىگە ئەگەشكەن خەلق گىناتنىڭ ئوغلى تىبنىگە ئەگەشكەن خەلقتىن كۈچلۈك چىقتى. تىبنى ئۆلدى؛ ئومرى پادىشاھ بولدى.
23 Yuda fia, Asa ɖu fia ƒe blaetɔ̃-vɔ̃-ɖekɛ esime Omri de asi fiaɖuɖu me le Israel. Omri ɖu fia ƒe ade le Tirza.
يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ ئوتتۇز بىرىنچى يىلىدا ئومرى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ ئون ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇ تىرزاھتا ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى.
24 Eƒle Samaria togbɛ la le Semer si hena klosalo kilogram blaadre eye wòtso du ɖe edzi. Etsɔ Semer, ame si si wòƒle togbɛ la le la ƒe ŋkɔ na du la be Samaria.
ئۇ شەمەردىن سامارىيە ئېگىزلىكىنى ئىككى تالانت كۈمۈشكە سېتىۋېلىپ، شۇ ئېگىزلىك ئۈستىگە قۇرۇلۇشلارنى سېلىپ بىر شەھەر بىنا قىلىپ، ئۇنى ئېگىزلىكنىڭ ئەسلىي ئىگىسى شەمەرنىڭ نامى بىلەن «سامارىيە» دەپ ئاتىدى.
25 Ke Omri nye nu vɔ̃ wɔla wu fia siwo katã do ŋgɔ nɛ.
ئومرى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى پادىشاھلارنىڭ ھەممىسىدىن بەتتەر بولۇپ يامانلىق قىلدى.
26 Esubɔ legbawo abe ale si Yeroboam wɔ ene eye wòkplɔ Israel de legbasubɔsubɔ me.
ئۇ نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ ھەممە يوللىرىدا، شۇنداقلا جۈملىدىن ئۇنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھى ئىچىدە ماڭدى؛ ئۇلار ئەرزىمەس بۇتلىرى بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.
27 Woŋlɔ Omri ƒe ŋutinya ɖe Israel fiawo ƒe ŋutinyagbalẽ me.
ئومرىنىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، كۆرسەتكەن قۇدرىتى توغرىسىدا «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
28 Esi Omri ku la, woɖii ɖe Samaria eye Via ŋutsu Ahab zu fia ɖe eteƒe.
ئومرى ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە سامارىيەدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئۇنىڭ ئوغلى ئاھاب ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
29 Yuda fia, Asa ɖu fia ƒe blaetɔ̃-vɔ-enyi esime Ahab zu fia ɖe Israel dzi. Ahab ɖu fia ƒe blaene-vɔ-eve.
يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز سەككىزىنچى يىلىدا ئومرىنىڭ ئوغلى ئاھاب ئىسرائىلغا پادىشاھ بولدى. ئومرىنىڭ ئوغلى ئاھاب سامارىيەدە يىگىرمە ئىككى يىل ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە سەلتەنەت قىلدى.
30 Ahab wɔ nu vɔ̃ wu fofoa Omri gɔ̃ hã; ewɔ nu vɔ̃ wu Israel fia ɖe sia ɖe!
ئەمما ئومرىنىڭ ئوغلى ئاھاب پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئاشۇرۇپ يامانلىق قىلدى.
31 Hekpe ɖe esiawo ŋu la, eɖe Yezebel, Sidon fia Etbaal ƒe vinyɔnu eye wòde asi Baal subɔsubɔ me.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدا يۈرۈش ئانچە ئېغىر گۇناھ ئەمەستەك، ئۇ زىدونىيلارنىڭ پادىشاھى ئەتبائالنىڭ قىزى يىزەبەلنى خوتۇنلۇققا ئالدى ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇ بائال دېگەن بۇتنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى.
32 Gbã la, etu gbedoxɔ kple vɔsamlekpui na Baal ɖe Samaria.
ئۇ سامارىيەدە ياسىغان بائالنىڭ بۇتخانىسى ئىچىگە بائالغا بىر قۇربانگاھ ياسىدى.
33 Emegbe la, Ahab li aƒeli bubuwo eye wòwɔ nu vɔ̃ bubu geɖe siwo gado dɔmedzoe na Yehowa, Israel ƒe Mawu la wu Israel fia bubu siwo katã do ŋgɔ nɛ.
ئاھاب ھەم بىر «ئاشەراھ بۇت»نىمۇ ياساتتى؛ ئاھاب شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە پادىشاھلىرىنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان ئىشلىرىدىن ئاشۇرۇپ يامانلىق قىلدى.
34 Le esime Ahab nɔ fia ɖum la, ŋutsu aɖe tso Betel, ame si ŋkɔe nye Hiel la gbugbɔ Yeriko tu. Esi wòɖo gɔmeɖokpea la, Via ŋutsu tsitsitɔ, Abiram, ku eye esi wòwu enu hede agbowo dua ƒe gliwo nu la, Via ŋutsu suetɔ, Segub, hã ku. Esia va eme le fiƒode si Yehowa da ɖe du la dzi abe ale si Yosua, Nun ƒe vi la gblɔ ene la nu.
ئۇنىڭ كۈنلىرىدە بەيت-ئەللىك خىئەل يېرىخو شەھىرىنى ياسىدى؛ لېكىن ئۇ ئۇنىڭ ئۇلىنى سالغاندا تۇنجى ئوغلى ئابىرام ئۆلدى؛ ۋە دەرۋازىلىرىنى سالغاندا ئۇنىڭ كەنجى ئوغلى سەگۇب ئۆلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ئارقىلىق [يېرىخو توغرۇلۇق] ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

< Fiawo 1 16 >