< Proverbs 3 >

1 My son, do not forget my teaching; but let your heart keep my commandments:
ئى ئوغلۇم، تەلىمىمنى ئۇنتۇما، دېگەنلىرىمنى ھەمىشە كۆڭلۈڭدە چىڭ تۇت.
2 for length of days, and years of life, and peace, will they add to you.
چۈنكى ئۇ ساڭا بەرىكەتلىك كۈنلەر، ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە خاتىرجەملىك قوشۇپ بېرىدۇ.
3 Do not let kindness and truth forsake you. Bind them around your neck. Write them on the tablet of your heart.
مېھرىبان ۋە ھەق-سەمىمىي بولۇشتىن ۋاز كەچمە، بۇلارنى بوينۇڭغا ئېسىۋال، قەلبىڭگە پۈتىۋال.
4 So you will find favor, and good understanding in the sight of God and man.
شۇنداق قىلغاندا خۇدا ۋە بەندىلەرنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپاتقا لايىق بولىسەن، دانىشمەن ھېسابلىنىسەن.
5 Trust in YHWH with all your heart, and do not lean on your own understanding.
ئۆز ئەقلىڭگە تايانماي، پەرۋەردىگارغا چىن قەلبىڭ بىلەن تايانغىن؛
6 In all your ways remember him, and he will make your paths straight.
قانداقلا ئىش قىلساڭ، پەرۋەردىگارنى تونۇشقا ئىنتىل؛ ئۇ ساڭا توغرا يوللارنى كۆرسىتىدۇ.
7 Do not be wise in your own eyes. Fear YHWH, and depart from evil.
ئۆزۈڭنى ئەقىللىق سانىما؛ پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، يامانلىقتىن يىراق بول.
8 It will be health to your body, and nourishment to your bones.
شۇنداق قىلغىنىڭدا، بۇ ئىشلار دەردىڭگە دەرمان، ئۇستىخانلىرىڭغا يىلىك بولىدۇ.
9 Honor YHWH with your substance, with the first fruits of all your increase:
پەرۋەردىگارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ مال-دۇنيايىڭدىن ھەدىيەلەرنى سۇنغىن، ئېتىزىڭدىن تۇنجى چىققان مەھسۇلاتلىرىڭدىن ئۇنىڭغا ئاتىغىن؛
10 so your storehouses will be filled with plenty, and your vats will overflow with new wine.
شۇنداق قىلغىنىڭدا، ئامبارلىرىڭ ئاشلىققا تولۇپ تاشىدۇ، شاراب كۆلچەكلىرىڭدە يېڭى شاراب ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدۇ.
11 My son, do not despise the discipline of YHWH, nor resent his correction.
ئى ئوغلۇم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىگە بىپەرۋالىق قىلما، ئۇنىڭ تەنبىھىدىن بەزمە.
12 For whom YHWH loves he disciplines, and punishes every son he accepts.
چۈنكى، ئاتا ئەزىز كۆرگەن ئوغلىغا تەنبىھ-تەربىيە بەرگەندەك، پەرۋەردىگار كىمنى سۆيگەن بولسا ئۇنىڭغا تەنبىھ-تەربىيە بېرىدۇ.
13 Blessed is the man who finds wisdom, the man who gets understanding.
دانالىققا مۇيەسسەر بولغان كىشى، يورۇقلۇققا ئىگە بولغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە!
14 For her good profit is better than getting silver, and her return is better than fine gold.
چۈنكى دانالىقنىڭ پايدىسى كۈمۈشنىڭ پايدىسىدىن كۆپتۇر، قىممىتى ساپ ئالتۇننىڭكىدىنمۇ زىيادىدۇر.
15 She is more precious than rubies. None of the things you can desire are to be compared to her.
ئۇ لەئەل-ياقۇتلاردىن قىممەتلىكتۇر، ئىنتىزار بولغان ھەرقانداق نەرسەڭدىن ھېچبىرىمۇ ئۇنىڭغا تەڭ كەلمەستۇر.
16 Length of days is in her right hand. In her left hand are riches and honor.
دانالىقنىڭ ئوڭ قولىدا ئۇزۇن ئۆمۈر، سول قولىدا بايلىق ۋە شۆھرەت باردۇر.
17 Her ways are ways of pleasantness. All her paths are peace.
ئۇنىڭ يوللىرى ساڭا خۇش پۇراق تۇيۇلۇر، ئۇنىڭ بارلىق تەرىقىلىرى سېنى ئارام تاپقۇزۇر.
18 She is a tree of life to those who lay hold of her, and those who hold on to her are blessed
ئۇ ئۆزىنى تاپقان ئادەمگە «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر، ئۇنى چىڭ تۇتقان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك!
19 By wisdom YHWH founded the earth. By understanding, he established the heavens.
پەرۋەردىگار دانالىق بىلەن يەر-زېمىننى بەرپا قىلدى، ھېكمەت بىلەن ئاسماننى ئورناتتى.
20 By his knowledge, the depths were broken up, and the skies drop down the dew.
ئۇنىڭ بىلىمى بىلەن يەرنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرى يېرىلدى، ھەمدە بۇلۇتلاردىن شەبنەم چۈشتى.
21 My son, let them not depart from your eyes. Keep sound wisdom and discretion:
ئى ئوغلۇم! [دانالىق بىلەن بىلىمنى] كۆزۈڭدىن چىقارما، پىشقان ھېكمەت ۋە پەم-پاراسەتنى چىڭ تۇت.
22 so they will be life to your soul, and grace for your neck.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جېنىڭغا جان قوشىدۇ، بوينۇڭغا ئېسىلغان ئېسىل مارجاندەك ساڭا گۈزەللىك قوشىدۇ.
23 Then you shall walk in your way securely, and your foot won't stumble.
شۇ چاغدا يولۇڭدا ئامان-ئېسەن ماڭالايسەن، يولدا پۇتلاشمايسەن.
24 When you lie down, you will not be afraid; you will lie down, and your sleep will be sweet.
ياتقاندا ھېچ نېمىدىن قورقمايسەن، يېتىشىڭ بىلەنلا تاتلىق ئۇخلايسەن.
25 Do not be afraid of sudden fear, or of the storm of the wicked when it comes:
بېشىڭغا دەھشەتلىك ۋەھىمە چۈشكەندە قورقمىغىن، رەزىللەرنىڭ ۋەيرانچىلىقىدىن غەم قىلمىغىن!
26 for YHWH will be your confidence, and will keep your foot from being taken.
چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ تايانچىڭدۇر، ئۇ پۇتۇڭنى قاپقانلاردىن نېرى قىلىدۇ.
27 Do not withhold good from those to whom it is due, when it is in the power of your hand to do it.
پەقەت قولۇڭدىن كەلسىلا، ھاجەتمەنلەردىن ياخشىلىقنى ئايىمىغىن.
28 Do not say to your neighbor, "Go, and come again; tomorrow I will give it to you," when you have it by you.
قولۇم-قوشنىلىرىڭ سېنىڭدىن ئۆتنە سوراپ كىرسە، «قايتىپ كېتىپ، ئەتە كەلگىن، ئەتە بېرەي» ــ دېمىگىن.
29 Do not devise evil against your neighbor, seeing he dwells securely by you.
قوشناڭغا زىيانكەشلىك نىيىتىدە بولما، چۈنكى ئۇ ساڭا ئىشىنىپ يېنىڭدا خاتىرجەم ياشايدۇ.
30 Do not strive with a man without cause, if he has done you no harm.
بىرسى ساڭا زىيان يەتكۈزمىگەن بولسا، ئۇنىڭ بىلەن سەۋەبسىز ماجىرالاشما.
31 Do not envy the man of violence. Choose none of his ways.
زۇلۇمخور كىشىگە ھەسەت قىلما، ئۇنىڭ يول-تەدبىرلىرىدىن ھېچنېمىنى تاللىما.
32 For the perverse is an abomination to YHWH, but his friendship is with the upright.
چۈنكى قىڭغىر يوللارنى ماڭىدىغانلار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىكتۇر، لېكىن ئۇنىڭ سىرداش دوستلۇقى دۇرۇس ياشاۋاتقان ئادەمگە تەئەللۇقتۇر.
33 YHWH's curse is in the house of the wicked, but he blesses the habitation of the righteous.
پەرۋەردىگارنىڭ لەنىتى رەزىللىك قىلغۇچىنىڭ ئۆيىدىدۇر، لېكىن ئۇ ھەققانىي ئادەمنىڭ ئۆيىگە بەخت ئاتا قىلۇر.
34 Surely he is scornful to scoffers, but he gives grace to the humble.
بەرھەق، مەسخىرە قىلغۇچىلارنى ئۇ مەسخىرە قىلىدۇ، لېكىن كىچىك پېئىل كىشىلەرگە شەپقەت كۆرسىتىدۇ.
35 The wise will inherit glory, but shame will be the promotion of fools.
دانالار شۆھرەتكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، لېكىن ھاماقەتلەر رەسۋا قىلىنىدۇ.

< Proverbs 3 >