< 1 Corinthians 12 >

1 NOW concerning spiritual gifts, brethren, I would not have you ignorant.
ئەمما ئى قېرىنداشلار، روھىي ئىلتىپاتلارغا كەلسەك، سىلەرنىڭ ئۇلار توغرۇلۇق بىلمەي قېلىشىڭلارنى خالىمايمەن.
2 Ye know that ye were Gentiles, carried away unto these dumb idols, even as ye were led.
سىلەر تائىپىلەرنىڭ ئارىسىدا بولغان ۋاقتىڭلاردا ھەرخىل يوللارغا باشلىنىپ، گاس-گاچا بۇتلارغا [چوقۇنۇشقا] ئازدۇرۇلۇپ كەتكىنىڭلارنى بىلىسىلەر.
3 Wherefore I give you to understand, that no man speaking by the Spirit of God calleth Jesus accursed: and that no man can say that Jesus is the Lord, but by the Holy Ghost.
شۇڭا مەن سىلەرگە ئۇقتۇرىمەنكى، ھېچكىم خۇدانىڭ روھىدا تۇرۇپ: «ئەيساغا لەنەت!» دېمەيدۇ ۋە ھەرقانداق بىرى مۇقەددەس روھتا بولماي تۇرۇپ «ئەيسا رەبدۇر!» دەپ ئېيتالمايدۇ.
4 Now there are diversities of gifts, but the same Spirit.
ئەمما ئىلتىپاتلار خىلمۇخىل، لېكىن روھ بولسا بىردۇر.
5 And there are differences of administrations, but the same Lord.
خىزمەتلەر بولسا ھەرخىل، ئەمما [بىز خىزمىتىنى قىلىدىغان] رەب بىردۇر.
6 And there are diversities of operations, but it is the same God which worketh all in all.
ئىشلەش يوللىرى ھەرخىل، ئەمما ھەممەيلەندە ھەممە ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى خۇدا بىردۇر.
7 But the manifestation of the Spirit is given to every man to profit withal.
ئەمما ھەممەيلەننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەربىرىگە روھنىڭ نامايان بولۇشى بېغىشلىنىدۇ.
8 For to one is given by the Spirit the word of wisdom; to another the word of knowledge by the same Spirit;
چۈنكى روھ ئارقىلىق بىرىگە دانالىق يەتكۈزگۈچى سۆز، يەنە بىرىگە شۇ ئوخشاش روھ ئارقىلىق خەۋەر يەتكۈزگۈچى سۆز تەقسىم قىلىنىدۇ؛
9 To another faith by the same Spirit; to another the gifts of healing by the same Spirit;
يەنە ئوخشاش روھ ئارقىلىق باشقا بىرىگە ئالاھىدە ئىشەنچ، يەنە بىرىگە ئوخشاش روھ ئارقىلىق [كېسەللەرنى] ساقايتىش ئىلتىپاتلىرى،
10 To another the working of miracles; to another prophecy; to another discerning of spirits; to another divers kinds of tongues; to another the interpretation of tongues:
بىراۋغا مۆجىزىلەرنى يارىتىش تەقسىم قىلىنىدۇ؛ بىراۋغا ۋەھىي-بېشارەت بېرىش؛ بىراۋغا ھەرخىل روھلارنى پەرق ئېتىش، بىراۋغا نامەلۇم تىللاردا سۆزلەش، يەنە بىراۋغا نامەلۇم تىللارنى تەرجىمە قىلىش ئىلتىپاتى تەقسىم قىلىنىدۇ.
11 But all these worketh that one and the selfsame Spirit, dividing to every man severally as he will.
ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يۈرگۈزگۈچى ئوخشاش شۇ بىر روھتۇر، ئۇ ھەربىرىگە ئۆزى لايىق كۆرۈپ، ئايرىم-ئايرىم تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ.
12 For as the body is one, and hath many members, and all the members of that one body, being many, are one body: so also is Christ.
چۈنكى ئىنسانىي تەن بىر بولسىمۇ نۇرغۇن ئەزالىرى بولغىنىدەك، شۇنداقلا ئەزالىرى نۇرغۇن بولسىمۇ ئۆزئارا قوشۇلۇپ بىر تەن بولغاندەك، مەسىھ ئۆزىمۇ ھەم شۇنداقتۇر.
13 For by one Spirit are we all baptized into one body, whether we be Jews or Gentiles, whether we be bond or free; and have been all made to drink into one Spirit.
چۈنكى ھەممىمىز، مەيلى يەھۇدىيلار بولساقمۇ، گرېكلەر بولساقمۇ، قۇللار بولساقمۇ، ھۆرلەر بولساقمۇ، بىر روھتا بىر تەنگە كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلدۇق ۋە بىر روھتىن ئىچىشكە نېسىپ قىلىندۇق.
14 For the body is not one member, but many.
چۈنكى تەن بىرلا ئەزادىن ئەمەس، بەلكى كۆپ ئەزالاردىن تەركىب تاپىدۇ.
15 If the foot shall say, Because I am not the hand, I am not of the body; is it therefore not of the body?
ئەگەر پۇت: «مەن قول بولمىغىنىم ئۈچۈن مەن تەنگە تەۋە ئەمەسمەن» دېسىلا، ئۇنداقتا ئۇ ھەقىقەتەن تەنگە تەۋە ئەمەس بولامدۇ؟
16 And if the ear shall say, Because I am not the eye, I am not of the body; is it therefore not of the body?
قۇلاق: «مەن كۆز ئەمەس، شۇڭا مەن تەنگە تەۋە ئەمەسمەن» دېسىلا، ئۇنداقتا ئۇ ھەقىقەتەن تەنگە تەۋە ئەمەس بولامدۇ؟
17 If the whole body were an eye, where were the hearing? If the whole were hearing, where were the smelling?
پۈتۈن تەن كۆزلا بولسا، ئۇنداقتا ئاڭلاش سېزىمىمىز نەدىن بولىدۇ؟ پۈتۈن تەن قۇلاقلا بولسا، ئۇنداقتا پۇراش سېزىمىمىز نەدىن بولىدۇ؟
18 But now hath God set the members every one of them in the body, as it hath pleased him.
ھالبۇكى، خۇدا ئۆزىگە لايىق كۆرگەن تەن ئەزالىرىنىڭ ھەربىرىنى ئايرىم-ئايرىم ئۆز جايىغا ئورۇنلاشتۇرغان؛
19 And if they were all one member, where were the body?
ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئەزا بولسا، ئۇنداقتا ئۇنى قانداقمۇ تەن دېگىلى بولاتتى؟
20 But now are they many members, yet but one body.
ئەمدىلىكتە ئەزالار كۆپ، تەن بولسا بىردۇر.
21 And the eye cannot say unto the hand, I have no need of thee: nor again the head to the feet, I have no need of you.
كۆز قولغا: «مېنىڭ ساڭا ئېھتىياجىم چۈشمەيدۇ!» دېيەلمەيدۇ؛ ياكى باش بولسا پۇتلارغا: «مېنىڭ سىلەرگە ئېھتىياجىم چۈشمەيدۇ!» دېيەلمەيدۇ.
22 Nay, much more those members of the body, which seem to be more feeble, are necessary:
دەل ئەكسىچە، تەندىكى ئاجىز-ئەرزىمەس دەپ كۆرۈنگەن ئەزالار كەم بولسا بولمايدۇ؛
23 And those members of the body, which we think to be less honourable, upon these we bestow more abundant honour; and our uncomely parts have more abundant comeliness.
ۋە ھەم تەندىكى بىز ئېتىۋارسىز دەپ ھېسابلىغان ئەزالارغا بولسا، تېخىمۇ كۆپرەك ئېتىۋار قىلىمىز؛ شۇنداقلا ئىسكەتسىز دەپ قارالغان ئەزالىرىمىز تېخىمۇ ئىسكەتلىك قىلىنىدۇ؛
24 For our comely parts have no need: but God hath tempered the body together, having given more abundant honour to that part which lacked:
ئەسلىدە يارىشىملىق بولغان ئەزالىرىمىزغا بولسا شۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما خۇدا پۈتۈن تەننى شۇنداق بىرلەشتۈرگەنكى، ئۇ ئېتىۋارسىز دەپ ھېسابلانغان ئەزالارغا تېخىمۇ كۆپ ئېتىۋار بېرىدۇ.
25 That there should be no schism in the body; but that the members should have the same care one for another.
بۇنىڭدىن مەقسەت تەندە ھېچ بۆلۈنۈشلەر بولماسلىقى، بەلكى بارلىق ئەزالار ئۆزئارا ئوخشاش كۆيۈمچانلىقتا بولۇشى ئۈچۈندۇر.
26 And whether one member suffer, all the members suffer with it; or one member be honoured, all the members rejoice with it.
بىر ئەزا جاپا-دەرد تارتسا، بارلىق ئەزالار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ جاپا-دەرد تارتىدۇ؛ بىر ئەزاغا شەرەپ كەلسە، بارلىق ئەزالار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ شادلىنىدۇ.
27 Now ye are the body of Christ, and members in particular.
ئەمدى سىلەر مەسىھنىڭ تېنىدۇرسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۇنىڭ ئايرىم-ئايرىم ئەزاسىدۇرسىلەر.
28 And God hath set some in the church, first apostles, secondarily prophets, thirdly teachers, after that miracles, then gifts of healings, helps, governments, diversities of tongues.
خۇدا جامائەتتە مۇشۇنداقلارنى ئورۇنلاشتۇرغان: ــ ئاۋۋال روسۇللارنى، ئاندىن پەيغەمبەرلەرنى، ئۈچىنچى بولۇپ تەلىم بەرگۈچىلەرنى؛ ئاندىن مۆجىزە كۆرسەتكۈچىلەرنى، ئاندىن تۈرلۈك كېسەللەرنى ساقايتىش ئىلتىپاتلىرىغا ئىگە بولغانلارنى، ياردەم بەرگۈچىلەرنى، يېتەكچىلىك قىلغۇچىلارنى، ھەرخىل نامەلۇم تىللاردا سۆزلەيدىغانلارنى تەيىنلەپ ئورۇنلاشتۇرغاندۇر.
29 Are all apostles? are all prophets? are all teachers? are all workers of miracles?
ھەممەيلەن روسۇلمۇ؟ ھەممەيلەن پەيغەمبەرمۇ؟ ھەممەيلەن تەلىم بەرگۈچىمۇ؟ ھەممەيلەن مۆجىزە كۆرسەتكۈچمۇ؟
30 Have all the gifts of healing? do all speak with tongues? do all interpret?
ھەممەيلەندە ساقايتىش ئىلتىپاتلىرى بارمۇ؟ ھەممەيلەن نامەلۇم تىللاردا سۆزلەمدۇ؟ ھەممەيلەن نامەلۇم تىللارنى تەرجىمە قىلالامدۇ؟
31 But covet earnestly the best gifts: and yet shew I unto you a more excellent way.
ئەمما سىلەر چوڭراق ئىلتىپاتلارنى تەقەززا بولۇپ قوغلاڭلار؛ ھالبۇكى، مەن ھازىر سىلەرگە ھەممىدىن ئەۋزەل بىر يولنى كۆرسىتىپ بېرەي.

< 1 Corinthians 12 >