لِإِمَامِ ٱلْمُغَنِّينَ. لِيَدُوثُونَ. مَزْمُورٌ لِدَاوُدَ قُلْتُ: «أَتَحَفَّظُ لِسَبِيلِي مِنَ ٱلْخَطَإِ بِلِسَانِي. أَحْفَظُ لِفَمِي كِمَامَةً فِيمَا ٱلشِّرِّيرُ مُقَابِلِي». | ١ 1 |
نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، داۋۇت يازغان كۈي: ــ «تىلىم گۇناھ قىلمىسۇن دەپ، يوللىرىمغا دىققەت قىلىمەن؛ رەزىللەر كۆز ئالدىمدا بولسا، مەن ئاغزىمغا بىر كۆشەك سالىمەن» ــ دېگەنىدىم. |
صَمَتُّ صَمْتًا، سَكَتُّ عَنِ ٱلْخَيْرِ، فَتَحَرَّكَ وَجَعِي. | ٢ 2 |
مەن سۈكۈت قىلىپ، زۇۋان سۈرمىدىم، ھەتتا ياخشىلىق توغرىسىدىكى سۆزلەرنىمۇ ئاغزىمدىن چىقارمىدىم؛ بىراق دىل ئازابىم تېخىمۇ قوزغالدى. |
حَمِيَ قَلْبِي فِي جَوْفِي. عِنْدَ لَهَجِي ٱشْتَعَلَتِ ٱلنَّارُ. تَكَلَّمْتُ بِلِسَانِي: | ٣ 3 |
كۆڭلۈمدە زەردەم قاينىدى، ئويلانغانسېرى ئوت بولۇپ ياندى؛ ئاندىن تىلىم ئىختىيارسىز سۆزلەپ كەتتى. |
«عَرِّفْنِي يَارَبُّ نِهَايَتِي وَمِقْدَارَ أَيَّامِي كَمْ هِيَ، فَأَعْلَمَ كَيْفَ أَنَا زَائِلٌ. | ٤ 4 |
ئى پەرۋەردىگار، ئۆز ئەجىلىمنى، كۈنلىرىمنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ماڭا ئايان قىلغىن؛ ئاجىز ئىنسان بالىسى ئىكەنلىكىمنى ماڭا بىلدۈرگىن. |
هُوَذَا جَعَلْتَ أَيَّامِي أَشْبَارًا، وَعُمْرِي كَلَا شَيْءَ قُدَّامَكَ. إِنَّمَا نَفْخَةً كُلُّ إِنْسَانٍ قَدْ جُعِلَ. سِلَاهْ. | ٥ 5 |
مانا، سەن كۈنلىرىمنى پەقەت نەچچە غېرىچلا قىلدىڭ، سېنىڭ ئالدىڭدا ئۆمرۈم يوق ھېسابىدىدۇر. بەرھەق، بارلىق ئىنسانلار تىك تۇرسىمۇ، پەقەت بىر تىنىقلا، خالاس. سېلاھ. |
إِنَّمَا كَخَيَالٍ يَتَمَشَّى ٱلْإِنْسَانُ. إِنَّمَا بَاطِلًا يَضِجُّونَ. يَذْخَرُ ذَخَائِرَ وَلَا يَدْرِي مَنْ يَضُمُّهَا. | ٦ 6 |
بەرھەق، ھەربىر ئىنساننىڭ ھاياتى خۇددى بىر كۆلەڭگىدۇر، ئۇلارنىڭ ئالدىراپ-سالدىراشلىرى بىھۇدە ئاۋارىچىلىكتۇر؛ ئۇلار بايلىقلارنى توپلايدۇ، لېكىن كېيىن بۇ بايلىقلارنى كىمنىڭ قولىغا جۇغلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. |
«وَٱلْآنَ، مَاذَا ٱنْتَظَرْتُ يَارَبُّ؟ رَجَائِي فِيكَ هُوَ. | ٧ 7 |
ئى رەب، ئەمدى مەن نېمىنى كۈتىمەن؟ مېنىڭ ئۈمىدىم ساڭىلا باغلىقتۇر. |
مِنْ كُلِّ مَعَاصِيَّ نَجِّنِي. لَا تَجْعَلْنِي عَارًا عِنْدَ ٱلْجَاهِلِ. | ٨ 8 |
مېنى بارلىق ئاسىيلىقلىرىمدىن قۇتقۇزغايسەن، مېنى ھاماقەتلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالدۇرمىغايسەن. |
صَمَتُّ. لَا أَفْتَحُ فَمِي، لِأَنَّكَ أَنْتَ فَعَلْتَ. | ٩ 9 |
سۈكۈت قىلىپ زۇۋان سۈرمىدىم؛ چۈنكى مانا، مۇشۇ [جازانى] ئۆزۈڭ يۈرگۈزگەنسەن. |
ٱرْفَعْ عَنِّي ضَرْبَكَ. مِنْ مُهَاجَمَةِ يَدِكَ أَنَا قَدْ فَنِيتُ. | ١٠ 10 |
مېنى سالغان ۋابايىڭنى مەندىن نېرى قىلغايسەن؛ چۈنكى قولۇڭنىڭ زەربىسى بىلەن تۈگىشەي دەپ قالدىم. |
بِتَأْدِيبَاتٍ إِنْ أَدَّبْتَ ٱلْإِنْسَانَ مِنْ أَجْلِ إِثْمِهِ، أَفْنَيْتَ مِثْلَ ٱلْعُثِّ مُشْتَهَاهُ. إِنَّمَا كُلُّ إِنْسَانٍ نَفْخَةٌ. سِلَاهْ. | ١١ 11 |
سەن تەنبىھلىرىڭ بىلەن كىشىنى ئۆز يامانلىقى ئۈچۈن تەربىيىلىگىنىڭدە، سەن خۇددى نەرسىلەرگە كۈيە قۇرتى چۈشكەندەك، ئۇنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىنى يوق قىلىۋېتىسەن؛ بەرھەق، ھەربىر ئادەم بىر تىنىقلا، خالاس. سېلاھ. |
اِسْتَمِعْ صَلَاتِي يَارَبُّ، وَٱصْغَ إِلَى صُرَاخِي. لَا تَسْكُتْ عَنْ دُمُوعِي. لِأَنِّي أَنَا غَرِيبٌ عِنْدَكَ. نَزِيلٌ مِثْلُ جَمِيعِ آبَائِي. | ١٢ 12 |
ئى پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن، پەريادىمغا قۇلاق سالغايسەن! كۆز ياشلىرىمغا سۈكۈت قىلمىغايسەن! چۈنكى مەن پۈتكۈل ئاتا-بوۋىلىرىمدەك، سېنىڭ ئالدىڭدا ياقا يۇرتلۇق، مۇساپىرمەن، خالاس! |
ٱقْتَصِرْ عَنِّي فَأَتَبَلَّجَ قَبْلَ أَنْ أَذْهَبَ فَلَا أُوجَدَ». | ١٣ 13 |
ماڭا تىككەن كۆزۈڭنى مەندىن نېرى قىلغايسەنكى، مەن بارسا كەلمەس جايغا كەتكۈچە، مېنى بىرئاز بولسىمۇ راھەتتىن بەھرىمەن قىلغايسەن. |